ھەرخىل قورساق ئاغىرىقى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-17 14:05:10 كۆرۈلۈش سانى : 1417
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ھەرخىل قورساق ئاغىرىقى ، ئىچ سۈرۈش ۋە قان تولغاق كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
1 ) ئانار پوستىدىن بىر سەرنى بىر قوشۇق قارا شىكەر بىلەن بىر چىنە سۇدا سىل چىنە قالغۇچە قاينىتىپ ، تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ ، سۈيىنى سۈزۈپ تەييارلاپ ، چوڭلار ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن ، كىچىك بالىلار يېرىم قوشۇقتىن ئەھۋالىغا قاراپ ئىچىشنى داۋام قىلسا ، ئاستا خارەكتىرلىك قورساق ئاغرىقىنى ۋە ئىچ سۈرۈشنى ياخشىلايدۇ . 2 ) سۇڭپىيازنىڭ پوستى بىلەن يىلتىزىنى سوقۇپ ، قېتىق سۈزمىسىگە ئارلاشتۇرۇپ ئىچىشنى داۋام قىلسا ، قان تولغاقنى توختىتىدۇ . 3 ) بىر دانە توخۇ تۇخۇمىنى چىنىگە چېقىپ ، ئۈستىگە بىر مىسقال زەمچە تالقىنىدىن سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ ، قاسقاندا پىشۇرۇپ كۈندە بىر قېتىم يېيشنى داۋام قىلسا ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ . |
|