جىنسىي پسىخىكا دېگەن نېمە؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-17 14:23:07 كۆرۈلۈش سانى : 7117
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
رېئال تۇرمۇشتا، فىزىئولوگىيىلىك ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك جىنسىي مەسىلىلەر ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ، ئەمما پسىخىكىلىق ئامىللار، ئىجتىمائىي ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك جىنسىي مەسىلىلەر خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ، مانا بۇنىڭدىن جىنسىي پسىخىكا مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنداق بولسا، جىنسىي پسىخىكا دېگەن نېمە؟ جىنسىي پسىخىكا جىنسىي ئالامەت، جىنسىي تەلەپ ۋە جىنسىي ھەرىكەتنى دەۋر قىلغان پسىخىكىلىق پائالىيەتنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ جىنسىي فىزىئولوگىيىلىك ھادىسىسى، پسىخىكىلىق ھادىسە ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جىنس فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە سۈپىتىدە بىزنىڭ ئىرادىمىز، سەزگۈمىزدىن تاشقىرى مۇستەقىل ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇ جىنسىي پسىخىكىنىڭ ئاساسلىق ئامىلى. جىنس پسىخىكىلىق ھادىسە، شەخسنىڭ ئەقىدىسى سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ جىنسىي تەلىپى ۋە جىنسىي پائالىيىتىنى تىزگىنلەش رولىنىمۇ ئوينايدۇ؛ جىنس ئىجتىمائىي ھادىسە سۈپىتىدە نورمال كىشىلەردىن جىنسىي پائالىيەتتە جەزمەن ئىجتىمائىي ئەندىزىلەرگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى نەزىرىدىن ساقىت قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، جىنسىي پسىخىكا جىنسىي ئاڭ، جىنسىي ھېسسىيات، جىنسىي بىلىم، جىنسىي تەجرىبە ۋە جىنسىي كۆز قاراشتىن ئىبارەت بەش قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ ھەمدە بۇ تەركىبلەر جىنسىي پسىخىكىغا گىرەلەشمە ھالدا تەسىر كۆرسىتىدۇ. 1. جىنسىي ئاڭ.
جىنسىي ئاڭ دېگەنلىك - ئۆزىنىڭ جىنسقا بولغان سەزگۈسى، جىنسنىڭ رولى ۋە ئورنىغا بولغان تونۇشى دېگەنلىكتۇر، ئۇ جىنسىي پسىخىكىنىڭ ئۇلى. جىنسىي ئاڭ جىنسىي پەرق ئېڭى ۋە جىنسىي تەلەپ ئېڭىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. ئىنسانلارنىڭ جىنسىي ئېڭى ئۈچ تەرەققىيات باسقۇچىغا بۆلۈنىدۇ: ياشلىق دەۋرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچى - جىنسىي ئالامەت، جىنسىي پەرقلەرنى بىلىش باسقۇچى؛ ياشلىق دەۋر باسقۇچى - ئاساسەن جىنسىي تەلەپ ئېڭى شەكىللىنىش باسقۇچى؛ ياشلىق دەۋرىدىن كېيىنكى باسقۇچتا جىنسىي پائالىيەت ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ئادەتتە بالىلار ياش ئەتراپىدىلا ئۆزىنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان جىنس ئايرىمىسىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە جىنس ئايرىمىسى ئۇقۇمى شەكىللىنىدۇ. ئائىلە تەربىيىسىنىڭ تەسىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆزەتكەنلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار بىر ئەر ياكى بىر ئايالنىڭ جەمئىيەتتە قانداق رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى تەدرىجىي چۈشىنىۋالىدۇ، مانا بۇ كىشىلەردىكى جىنسىي پەرق ئېڭى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ياشلىق دەۋرىدە كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، جىنسىي ئېڭىدا پسىخودىنامىكىلىق ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ - دە، ئۇلاردا جىنسىي تەلەپ ئېڭى شەكىللىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ جىنسىي پائالىيىتىدە جىنسىي ئاڭ قوزغاتقۇچى رول ئوينايدۇ. 2. جىنسىي ھېسسىيات.
جىنسىي ھېسسىيات جىنسىي پسىخىكىنىڭ دىنامىك تەركىبى بولۇپ، ئۇ جىنسىي پسىخىكىنى مول دىنامىكىلىققا، جىنسىي پائالىيەتنى تولۇپ تاشقان ئېستېتىك زوققا ئىگە قىلىدۇ. مېھرىبانلىق قىلىشتىن ئەسەبىيلەرچە ياخشى كۆرۈشكۈچە، ئەر - ئايال ئوتتۇرىسىدىكى جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ ئىپادىلىنىش دەرىجىسىدە پەرق ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ئەر - ئايال ئوتتۇرىسىدىكى جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن جىنسىي ھېسسىياتنىڭ سۈپىتىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ جىنسىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلىشى ۋە جىنسىي ھېسسىياتىنىڭ مەزمۇنى ئوخشاش بولمايدۇ؛ بىر ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئوبېيكتىغا قارىتا ئىپادىلەيدىغان جىنسىي ھېسسىياتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر ئاتالمىش مەنىۋى مۇھەببەت تەرەپدارلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىنسىي پائالىيەتنىڭ ئورنىغا جىنسىي ھېسسىياتنى دەسسىتىدۇ، جىنسىي پائالىيەت مەۋجۇت بولمىغان بۇنداق جىنسىي ھېسسىيات بەكمۇ غەلىتە ھېسسىياتتۇر. 3. جىنسىي بىلىم.
ھېسسىي بىلىش ۋە ئەقلىي بىلىش تەپەككۇر پائالىيىتى بىلەن ھېسسىيات پائالىيىتىنىڭ ئاساسى. شۇنداقلا، جىنسىي پسىخىكىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى، رېئاللىقلىقى جىنسىي بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللىكىگە باغلىق بولىدۇ. جىنسىي بىلىم جەھەتتىكى نامراتلىق ۋە خاتالىق جىنسىي سىرلىقلىق ۋە جىنسىي نادانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نورمال جىنسىي پسىخىكا، جىنسىي پائالىيەت ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە داۋاملىشىشىغا ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ. 4. جىنسىي تەجرىبە.
جىنسىي تەجرىبە جىنسىي بىلىمگە ئوخشىمايدۇ، ئۇ جىنسىي بىلىمنى تولۇقلايدۇ، ئىدراكىي بىلىشنى ھېسسىي بىلىشكە ئايلاندۇرىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ تەربىيىلىنىشى ۋە ياشاش مۇھىتى ئوخشاش بولسىمۇ، جىنسىي تۇرمۇش كەچۈرمىشىنىڭ بولۇش - بولماسلىقى ئۇلارنىڭ پسىخىكىسىدىكى پەرقنى چوڭايتىۋېتىدۇ. جىنسىي تەجرىبىلەردىكى مەغلۇبىيەت ۋە غەلىتىلىك نومال جىنسىي پسىخىكىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە داۋاملىشىشىغا ناھايىتى زور تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇرۇن غەلىتە، غەيرىي جىنسىي تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغان كۆپ سانلىق كىشىلەر جىنسىي پسىخىكا توسالغۇسىغا گىرىپتار بولىدۇ. 5. جىنسىي كۆز قاراش.
جىنسىي كۆز قاراش - جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ تاۋلىشى ئارقىلىق يېتىلىدىغان جىنسىي پسىخىكا. شۇڭا، ئۇ رەڭگارەڭ جەمئىيەت، مەدەنىيەت تۈسىگە ئىگە بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە ئىجتىمائىي قاتلاملارنىڭ جىنسىي كۆز قارىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ؛ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى، تەربىيىلىنىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ جىنسىي كۆز قارىشىمۇ ئوخشا بولمايدۇ. جىنسىي كۆز قاراشنىڭ شەكىللىنىشى يەنە كېلىپ كۆپىنچە جىنسىي پسىخىكىنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بىر قانچە تەركىبىي قىسمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، جىنسىي بىلىمدىكى كەمتۈكلۈك، جىنسىي ئاڭدىكى خاتالىق ۋە ناچار جىنسىي سەزگۈزەشتە، ئىلمىي كۆز قاراشنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىغا ناھايىتى زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، جىنسىي پسىخىكىغا دائىر بىلىملەرنى ئۆگىنىش، بىلىش، بىنورمال جىنسىي پائالىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جىنسىي پائالىيىتىمىزنى تېخىمۇ مەدەنىي، ساغلام ۋە ئىلمىي جىنسىي پائالىيەتكە ئايلاندۇرىدۇ. جىنسىي پسىخكىدىن مەسلىھەت دېگەن كىتابتىن ئېلىندى |
|