بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> باشقا كېسەللىكلەر >> ئاچچىقلىنىش-ئەرلەرنىڭ يىغلاش ئۇسۇلى

ئاچچىقلىنىش-ئەرلەرنىڭ يىغلاش ئۇسۇلى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-17 14:22:10    كۆرۈلۈش سانى : 3860  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
   ھازىرقى جەمئىيەتتە ، ئەرلەر ناھايىتى قالتىس ياشاۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتقان بىلەن ، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى نۇرغۇن ھارغىنلىق ئىچىدە كۈن كەچۇرۋاتىدۇ . يېقىندا <<لوس ئانجىلىس گېزىتى>>نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، ئامىرىكىدىا ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش مۇمكىنچىلىقى ئاياللارنىڭ 4 ھەسسىسى ئىكەن ، بۇلارنىڭ ئارسىدىكى پەقەت يېرىمدەك ساندىكى ئەرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلى (抑郁症) دەپ دىئاگنوز قويۇلغان .بۇنىڭدىن شۇنى بىلىۋالغىلى بولىدۇكى ، كۆپلىگەن ئەرلەر خامۇشلۇق كېسەلىكى بولسىمۇ لېكىن خامۇشلۇق كېسىلىنڭ قايغۇرۇش ، روھىي جەھەتتىن قورقۇش ، بىئارام بولۇش دەك كېسەللىك ئىپادىلىرى كۆرۈلمەيدۇ ، شۇڭلاشقا قالغان يېرىم ساندىكى كىشىلەرنىڭ كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويماق تەس توختاپ قالغان .

      ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا ، ئەرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئىپادىلرى : ھاراق ئىچىش ، قوپاللىق قىلىش ، زەھەرلىك چىكىملىك چېكىش ، قاتناش ۋاسىتلىرىنى (مەسىلەن ماشىنا ، موتوسىكىلىت ...) يۇقىرى سۈرئەتتە ھەيدەش، باشبالتاقچىلىق قىلىش ، تەڭ تۇرۇش لاردىن ئىبارەت . ئۇلار ئايال خامۇشلۇق كېسەللىكى بىمارلىرىغا ئوخشاش ئوزىدىن گۇمانلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەسىتىن ، بەلكى باشقىلارنى بوزەك قىلىش ، قورقىتىش ، خاتالىقلارنى ئەترەپتىكى كىشىلەرگە دۆڭگەپ قويۇشدەك ئىشلەرنى قىلىدۇ . كۆپلىگەن ئەرلەرنى ئېلىپ ئېيتقاندا ئاچچىقلىنىش ئىچكى روھىي دۇنياسىدىكى ئازابنى يوشۇرۇشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى  بولۇپ ، بۇ خىل ئىپادە ئارقىلىق باشقىلارنى كونتىرول قىلىشنى ، باشقىلارنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا ياشىماسلىقتەك روھىي خائىشىنى ، ئارزۇسىنى ئەتراپتىكىلەرگە بىلدۈرمەكچى بولغان . ئامېرىكا بوستون شەھىرىدىكى مەكىرىن دوختۇرخانىسىنڭ ئەرلەر بۆلۈمى مەركىزىدىكى روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخخەسىسى ۋىللىيام مۇنداق دىگەن : ئاچچىقلىنىش ----ئەرلەرنىڭ يىغلاش ئۇسۇلى .

      مەسىلەن بىر ئادەتتىكى ئىشچى ، ئۇناھايىتى تىرىشىپ ئىشلەيدىكەن ، خىزمەتنى دائىم نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملايدىكەن . لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھېس قىلىشىچە ئۇ خىزمەتتە ناھايىتى ئالدىراقسانلىق ھەم چېچىلاڭغۇ  ئىكەن . خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۆزئارا كوت -كوت قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىدىكى ئىشلىرىنى پاراڭلىشىشىدىن ناھايىتى بىزار ئىكەن . ھەر كۈنى كەچتە ، غەرق مەس بولۇپ قايتىپ كېلىدىكەن . ئۇ قىزلارنىڭ ھەم دوستلىرىنىڭ ئالدىدا غەلىتە ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىقرار ئىكەن  . ئۇنىڭ يەنە ئاشقازان ھەم تېرە تاشما كېسىلى بار ئىكەن . ئۇ مۇنداق ئويلايدىكەن : ئەگەر ئەرلەر كۆڭلى يېرىم ئىكەنلىكىنى بەكلا ئىپادىلەپ كەتسە  ، ناھايىتى ئوسال بولىدۇ ، ئۇنىڭغا  نىسبەتەن كۆڭلى ھەددىدىن زىيادە يېرىم بولۇش  غالجىرلاشقان بىلەن ئانچە پەرقى يوق . ھازىرقى جەمئىيەتتە ، كۆز يېشى بىلەن ھورۇنلۇق ئەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ پەرزى ، ئەرلەرنىڭ نەزىردە خامۇشلۇق نازۇكلۇققا ، يارامسىزلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ . بۇندا ق بولسا ئەركەكلىك سۈپىتى بولمايدۇ . ئۆزىنى يوقىتىپ قويغانلىق بولىدۇ ...ۋەھاكازالار...

      شۇڭلاشقا بەزى روھىي كېسەللىكلەر ئالىمى خامۇشلۇقنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى قايتىدىن بەلگىلەشنى تەۋسىيە قىلماقتا . ئەرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسەللىك ئالامەتلىرى: زىيادە كۆرەڭلەش ھەم چوڭ سۆزلەش ، يالغۇز قالغاندا كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلاش ، يۇقىرى سۈرئەتتە ماشىنا ھەيدەش ، بىھۇدە خەتەرگە تەۋەككۈلچىلىك قىلىش ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمگە يۈزلەنگەندە تىرناقتەك ئىشلارغا ئاچچىقلىنىش ، ...قاتارلىقلارنى قوشۇشنى ئويلاشماقتا . بەزى ئۇتۇق قازانغان ئەرلەر ، مەسىلەن:سىياسىيونلار ، تەنتەربىيە چولپانلىرى ، كارخانا خوجايىنلىرى ...ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق ئالامەتلەر بارلىقىنى ئىقرار قىلغان .

     ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ئەرلەر ئاۋۋال كۆڭۈل قويۇپ سەرچانلىق بىلەن ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك .سۆيگىنى ھەم يېقىن دوستلىرىنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاپبېقىشلازىم . چۈنكى ئۇلار بىماردىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئەڭ بۇرۇن بايقايدىغان كىشىلەردۇر. ئەگەر بۇ ماقالىنى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەر ئەتراپىدا مۇشۇنداق ئەرلەر بولسا ، ئۇلارغا ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . خامۇشلۇق ھەرقانداق ئادەمدە بولىدىغان كېسەللىك . ئېغىرلاپ كەتسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈش كېرەك .


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تۇنجى مۇھەببەت پسخ...
●  ئادەمنىڭ پىسخىكىسى...
●  پسىخىك مۇداپىئەلىن...
●  پسخىك سىناق دېگەن ن...
●  ئاتا-ئانىلارنىڭ قا...
●  پسىخىك توقۇنۇش دېگ...
●  پسىخىك مۇداپىئەلىن...
●  جىنسىي پسىخىكا دېگ...
●  ئاچچىقلىنىش-ئەرلەر...
●  ھەرخىل قورساق ئاغىرىقى...
●  ھاياتلىقنىڭ تۇنجى ئوزۇقى _ سۈت...
●  بۇرۇن قاناشنى يەرلىك ئۇسۇلدا...
●  كۇماراجىۋا ۋە ئۇيغ...
●  ھېق تۇتۇش
●  يۈرەك قېپىغا سۇ چۈش...
●  ئاچلىقتىن ئايلىنىپ...
●  بىلىۋېلىڭ
●  ھەسەل بىلەن چىڭ سەي...
●  ھەسەل بىلەن پەمىدۇ...
●  چىراينى گۈزەللەشتۈ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تۇنجى مۇھەببەت پسخىكىسى...
●  ئادەمنىڭ پىسخىكىسى دېگە...
●  پسىخىك مۇداپىئەلىنىش دې...
●  پسخىك سىناق دېگەن نېمە؟
●  ئاتا-ئانىلارنىڭ قاتتىق ...
●  پسىخىك توقۇنۇش دېگەن نې...
●  پسىخىك مۇداپىئەلىنىشنى...
●  جىنسىي پسىخىكا دېگەن نې...
●  ئاچچىقلىنىش-ئەرلەرنىڭ ي...
●  ھەرخىل قورساق ئاغىرىقى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى