بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> باشقا كېسەللىكلەر >> پسىخىك مۇداپىئەلىنىش دېگەن نېمە؟

پسىخىك مۇداپىئەلىنىش دېگەن نېمە؟

يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-17 14:28:38    كۆرۈلۈش سانى : 690  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
 ئاكتىپ كەيپىيات ئادەمنىڭ ئىنتىلىش خاراكتېرلىك ھەرىكىتىنى پەيدا قىلىدۇ. پاسسىپ كەيپىيات بولسا ئادەمنىڭ ئۆزىنى قاچۇرۇش ياكى ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن: يولۋاسنى كۆرگەندە قورقۇپ قېچىپ كېتىش؛ باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، غەزەپلىنىپ قايتۇرما زەربە بېرىش قاتارلىقلار.
        بىۋاسىتە ھەرىكەت قوللىنىپ سىرتقى تەسىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئارقىلىق بەزى پاسسىپ كەيپىياتنى تۈگەتكىلى بولىدۇ؛ بەزىدە سىرتقى تەسىردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئامال بولمىغانلىقتىن، بىر قىسىم پاسسىپ كەيپىياتتىن قۇتۇلغىلى بولماي قالىدۇ. مەسىلەن: يېقىن ئادىمىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان قايغۇ - ھەسرەت؛ بەزىدە شەخسنىڭ ئارزۇسى، كۆز قارىشى، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت، ئەخلاق ياكى ئۆز ئېڭىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان كەيپىيات قاتارلىقلار مۇشۇ خىل ئەھۋالغا كىرىدۇ. يەنە مەسىلەن، بىر ئادەمگە ئۆچمەنلىك ۋە ئۆچ ئېلىش ئىمپۇلىسى ئىزچىل ساقلىنىپ قالغاندا، ئادەمدە تىت - تىت بولۇش كەيپىياتى پەيدا قىلىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋاللاردا سىرتقى تەسىر، ئارزۇ، كۆز قاراش قاتارلىقلار ئادەمنىڭ ئېڭى تاقابىل تۇرالىغۇدەك دەرىجىدە كۈچلۈك بولۇپ كەتسە، ئادەمدە پاسسىپ كەيپىيات پەيدا بولىدۇ - دە، ئادەمنىڭ پسىخىكىسىدا ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا (فىروئىد ئېيتقان يوشۇرۇن ئاڭ ھالىتىدە) پسىخىك مۇداپىئە مېخانىزمى قوزغىتىلىدۇ. بۇ خىل مېخانىزم رېئاللىقنى بۇرمىلاش، ئۆزگەرتىش ياكى ئۆزىنى قاچۇرۇش ياكى ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شۇ ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ ئاشۇ پاسسىپ كەيپىياتىنى ۋە «بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى» دەيدىغان ئوي - خىياللىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىيلىشىشنى سەگەك ھالدا (ئاڭلىق ھالدا) ھېس قىلالمىغان ھالەتتە ئۆز پسىخىك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىشىدىن ئىبارەت پسىخىك ھادىسىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئۆز ئېڭىنى ئالدىغان بىلەن ئوخشاش. پسىخىك مۇداپىئە ئورتاق ئالاھىدىلىكى «ئۆز - ئۆزىنى ئالداش»، لېكىن «باشقىلارنى ئالداشقا ئامالسىز قېلىش»تىن ئىبارەت.
        ئەگەر پسىخىك مۇداپىئە سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كۆز قاراش، ئوي - خىيال ياكى ھەرىكەت بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە، ئەھمىيەتسىز، غەلىتە بولسا ياكى ئىجتىمائىي قائىدە دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتسە، ئۇ ھالدا ئۇنى پسىخىك كېسەللىك ئالامىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ. مەسىلەن: مەلۇم بىر ئائىلە ئايالى تۇيۇقسىز قىڭراقتىن قورقىدىغان بولۇپ قالغان، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب «ئېرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئويلاپ قېلىش»تىن ئىبارەت خىيالىنىڭ ئۇنى ئازابلاپ كەلگەنلىكىدە. شۇڭا، ئاڭسىز مۇداپىئە ئۇنىڭ «قىڭراقتىن قورقۇش» تىن ئىبارەت «نىقابلانغان» دىن كېيىن تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلىدىغان بۇ خىل ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ ھەرىكەت دەل ئۇ گىرىپتار بولغان قورقۇش كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
       پسىخىك مۇداپىئىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تۆۋەندە كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن بىرقانچە تۈرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
        1. ئىنكار قىلىش:
         بۇ رېئاللىقنى ئىنكار قىلىش (مەسىلەن: يېقىنلىرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېتراپ قىلماسلىق) ياكى ئۆز كەيپىياتىنى ئىنكار قىلش (مەسىلەن: ناھايىتى خاپا بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ، «مەن خاپا بولمىدىم» دەپ تۇرۇۋېلىش) قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان «قۇلاقنى ئېتىۋېلىپ، قوڭغۇراق ئوغرىلاش» دېگەن تەمسىل بۇنىڭ ياخشى مىسالى بولالايدۇ.
        2. جاھىللىق قىلىش:
         بۇ پسىخىك تەرەققىيات جەريانىدا (مەسىلەن: ياشلىق دەۋرىگە كىرگەندە) ناتونۇش دۇنياغا قاتابىل تۇرۇشقا كېلىپ چىققان جىددىيلىشىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەسلىدە بار بولغان تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل مۇداپىئە ئۆز ئېڭىغا قارىتا:«"مەن يەنىلا بىر بالا، مۇنداق قىلسام ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ» دېيىشتەك بىر خىل پسىخىك ھالەت بىلەن خاراكتېرلەنگەن بولىدۇ.
        3. يۆتكىلىۋېلىش:
        بۇ ھېسسىيات، ئارزۇ - ئارمان ياكى ھەرىكەتلىرىنى ئەسلىدىكى نىشاندىن باشقا شەيئىلەرگە يۆتكىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: سىرتتا تەنقىدكە ئۇچرىغاندا، ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئاچچىقىنى بالىلىرىدىن چىقىرىش.
      4. ئورۇنلۇق قىلىۋېلىش:
       ئۆزىنىڭ «ناتوغرا» غەرىزىنى ئاقلاش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن باھانە تېپىش ياكى مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان قىلىپ چۈشەندۈرۈش. «ئا  Q» نىڭ روھىي غالىبىيەتچىلىك ئۇسۇلى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
      5. قارىشىنى سىرتقا تېگىش:
       سىرتقى دۇنيا قوبۇل قىلمايدىغان كۆز - قاراش، ئارزۇ - ئارمان، ھېسسىياتىنى باشقىلارغا دۆڭلەپ قويۇش. مەسىلەن: ئاسانلا باشقىلارغا ئۆچ بولۇپ قالىدىغان ئادەمنىڭ «باشقا ئادەملەرمۇ ماڭا ئۆچ» دەپ قارىشى مۇشۇ خىل پسخىك مۇداپىئەسىگە كىرىدۇ.
      6. يوشۇرۇش:
       يەنى قوبۇل قىلالمايدىغان ئارزۇ - ئارمان، كۆز قاراش، ھېسسىياتلىرىنى ئۆزىنىڭ ئاڭ دائىرىسىدىن چىقىرىپ تاشلاش. مەسىلەن: بىر ئىشنى قىلغۇمىز كەلمىسە، ئۇنى ئاڭسىز رەۋىشتە «ئۇنتۇپ» قالىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى كېسەللىكلەرنى دائىم دېگۈدەك يوشۇرۇش مېخانىزمى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: بوغۇم ياللۇغى، زىققا، جاراھەت قاتارلىقلار غەزەپ - نەپرەتنى يوشۇرۇشتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. يوشۇرۇن ئەڭ مۇھىم، شۇنداقلا ئەڭ يوشۇرۇن بولغان مۇداپىئە ئۇسۇلى بولۇپ، ھەربىر خىل مۇداپىئە ئۇسۇلىنىڭ ھەممىسىدە يوشۇرۇش تەركىبلىرى بولغان بولىدۇ.
       يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە چېكىنىش، ئەكس يۆنىلىشتە تەسىر كۆرسىتىش، سىرتقى تەسىرنى ئۆزىگە ئېلىپ كېتىش، تولۇقلاش، ئاجرىلىش، خام خىايل قىلىش، يۈكسەلدۈرۈش قاتارلىق مۇداپىئە مېخانىزملىرى بار.

 

«پسخىكىلىق تەڭشەش» دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تۇنجى مۇھەببەت پسخ...
●  ئادەمنىڭ پىسخىكىسى...
●  پسىخىك مۇداپىئەلىن...
●  پسخىك سىناق دېگەن ن...
●  ئاتا-ئانىلارنىڭ قا...
●  پسىخىك توقۇنۇش دېگ...
●  پسىخىك مۇداپىئەلىن...
●  جىنسىي پسىخىكا دېگ...
●  ئاچچىقلىنىش-ئەرلەر...
●  ھەرخىل قورساق ئاغىرىقى...
●  ھاياتلىقنىڭ تۇنجى ئوزۇقى _ سۈت...
●  بۇرۇن قاناشنى يەرلىك ئۇسۇلدا...
●  كۇماراجىۋا ۋە ئۇيغ...
●  ھېق تۇتۇش
●  يۈرەك قېپىغا سۇ چۈش...
●  ئاچلىقتىن ئايلىنىپ...
●  بىلىۋېلىڭ
●  ھەسەل بىلەن چىڭ سەي...
●  ھەسەل بىلەن پەمىدۇ...
●  چىراينى گۈزەللەشتۈ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تۇنجى مۇھەببەت پسخىكىسى...
●  ئادەمنىڭ پىسخىكىسى دېگە...
●  پسىخىك مۇداپىئەلىنىش دې...
●  پسخىك سىناق دېگەن نېمە؟
●  ئاتا-ئانىلارنىڭ قاتتىق ...
●  پسىخىك توقۇنۇش دېگەن نې...
●  پسىخىك مۇداپىئەلىنىشنى...
●  جىنسىي پسىخىكا دېگەن نې...
●  ئاچچىقلىنىش-ئەرلەرنىڭ ي...
●  ھەرخىل قورساق ئاغىرىقى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى