سۈرە تۇرنىڭ تەرجىمىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-21 14:42:03 كۆرۈلۈش سانى : 2737
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
[align=center]ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[/align]
تۇر تېغى بىلەن قەسەمكى.1 ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان كېتاپ (يەنى قۇرئان) بىلەن قەسەمكى.2 ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان كېتاپ (يەنى قۇرئان) بىلەن قەسەمكى.3 بەيتۇلمەئمۇر بىلەن قەسەمكى.4 ئاسمان بىلەن قەسەمكى.5 (قىيامەت كۇنى) ئوت بۇلۇپ ياندۇرۇلغان دېڭىز بىلەن قەسەمكى.6 پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى چۈقۇم يۈز بەرگۈسىدۇر.7 ئۇنىڭغا ھېچ ئادەم قارشى تۇرالمايدۇ.8 ئۇ كۇندە ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ.9 تاغلار قاتتىق سەيرى قىلىدۇ (يەنى زېمىننىڭ ئۈستىدىن توزۇپ يۇقىلىپ كېتىدۇ).10 ئۇ كۈندە ( پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارغا ۋاي!11 ئۇلار (دۇنيادا) غەپلەتكە چۆمگەنلەردۇر.12 ئۇ كۈندە ئۇلار دەۋزەخكە قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ.13 (ئۇلارغا) «مانا بۇ سىلەر يالغانغا چىقارغان دەۋزەختۇر» (دېيىلىدۇ).14 (ئۇلارغا) «(كۆزلىرىڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئازاب) سېھىرمۇ ياكى سىلەر كۆرمەيۋاتامسىلەر.15 دەۋزەخكە كىرىڭلار (ئازابقا) مەيلى سەۋر قىلىڭلار مەيلى سەۋر قىلماڭلار بەرىبىر سىلەرگە ئوخشاش (چۈنكى سىلەر دەۋزەختە مەڭگۈ قالىسىلەر) سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر» (دېيىلىدۇ).16 تەقۋادرلار ھەقىقەتەن جەننەتتە ۋە نىئمەت ئىچىدە بولىدۇ.17 ئۇلار پەرۋەردىگارى بەرگەن نەرسىلەر بىلەن ھوزۇرلىنىدۇ پەرۋەردىگارى ئۇلارنى دەۋزەخ ئازاۋىدىن ساقلايدۇ.18 (ئۇلارغا) «قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ (مۇكاپاتى) ئۈچۈن كۆڭۈللۈك يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ).19 ئۇلار قاتار تىزىلغان تەخىتلەر ئۈستىدە يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرىدۇ شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىپ بېرىمىز.20 ئۆزلىرى ئىمان ئېيتقان ئەۋلادلىرىمۇ ئەگىشىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە قىلىمىز ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى قىلچىمۇ كېمەيتىۋەتمەيمىز ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا مەسئۇلدۇر.21 ئۇلار كۆرۈۋاتقان نىئمەتنىڭ ئۈستىگە يەنە (ئۇلارنى) كۆڭلى تارتقان مېۋە ۋە كۆڭلى تارتقان گۆش بىلەن تەمىنلەيمىز.22 ئۇلار جەننەتتە ئۆز- ئارا (مەي قاچىلانغان) جاملارنى تۇتىشىدۇ (مەي ئىچىش بىلەن) ئۇلاردىن (بۇ دۇنيادىكىدەك) بىھۇدە سۆز ۋە گۇناھ سادىر بولمايدۇ.23 گۇيا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەردەك (چىرايلىق) غىلمانلار ئۇلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ (ئۇلارنىڭ) خىزمىتىنى قىلىدۇ.24 ئۇلار (يەنى ئەھلى جەننەت) بىر- بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ.25 ئۇلار ئېيتىدۇ: «بىز ھەقىقەتەن (دۇنيادىكى چاغدا) ئائىلىمىزدە (اﷲنىڭ ئازاۋىدىن) قورقاتتۇق.26 اﷲ بىزگە مەرھەمەت قىلدى بىزنى زەھەرلىك ئازابتىن ساقلىدى.27 بىز ھەقىقەتەن ئىلگىرىاﷲ غا ئىبادەت قىلاتتۇقاﷲ ھەقىقەتەن ئېھسان قىلغۇچىدۇر ناھايىتى مېھرىباندۇر».28 (ئى مۇھەممەد! سەن قۇرئان بىلەن قەۋمىڭگە) ۋەز- نەسىھەت قىلغىن سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نىئمىتى بىلەن كاھىنمۇ ئەمەسسەن ۋە مەجنۇنمۇ ئەمەسسەن.29 ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئۇ شائىردۇر بىز ئۇنىڭ زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە (يۇلۇقۇشىنى) كۈتىمىز». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى «سىلەر كۈتۈڭلار ھەقىقەتەن مەن سىلەر بىلەن بىرگە كۈتكۈچىلەردىنمەن (يەنى سىلەر مېنىڭ ھالاك بولۇشۇمنى كۈتسەڭلار مەنمۇ سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى كۈتىمەن)».30 ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئۇ شائىردۇر بىز ئۇنىڭ زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە (يۇلۇقۇشىنى) كۈتىمىز». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى «سىلەر كۈتۈڭلار ھەقىقەتەن مەن سىلەر بىلەن بىرگە كۈتكۈچىلەردىنمەن (يەنى سىلەر مېنىڭ ھالاك بولۇشۇمنى كۈتسەڭلار مەنمۇ سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى كۈتىمەن)».31 ئۇلارنىڭ ئەقلى ئۇلارنى مۇشۇنداق (سۆز) قىلىشقا بۇيرۇمدۇ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس ئۇلار (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقان قەۋمدۇر.32 ياكى ئۇلار: «(مۇھەممەد قۇرئاننى) ئۆزى توقۇدى» دېيىشەمدۇ ئۇنداق ئەمەس ئۇلار (قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ.33 ئەگەر (مۇھەممەد ئۇنى توقۇدى دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولسڭلار (تۈزۈلۈشتە گۈزەللىكتە باياندا) قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىر سۆزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار.34 ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ.35 ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ بەلكى ئۇلار (اﷲنىڭ بىرلىكىگە) ئىشەنمەيدۇ.36 ئۇلارنىڭ يېنىدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ ياكى ئۇلار (شەيئىلەرنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان) (كائىناتنى) بويسۇندۇرغۇچىمۇ.37 ياكى ئۇلارنىڭ (ئاسمانغا چىقىپ) سۆز تىڭشايدىغان شوتىسى بارمۇ ئەگەر بولسا ئۇلارنىڭ سۆز ئاڭلىغۇچىسى ئېنىق بىر پاكىتنى كەلتۈرسۇن.38 ياكى اﷲنىڭ قىزلىرى سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلار بارمۇ.39 ياكى سەن ئۇلاردىن (دەۋىتىڭ ئۈچۈن) ھەق سوراپ شۇ زىياندىن (ئۇلارغا) ئېغىر يۈك ئارتىلىپ قېلىپ (ئىمان ئېيتمامدۇ).40 ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىلمى غەيىب بولۇپ (ئۇنىڭدىن غەيىب نەرسىلەرنى) يېزىۋالامدۇ.41 ياكى ئۇلار ساڭا ھىيلە- مىكىر ئىشلىتەمدۇ كافىرلارنىڭ ھىيلە- مىكىرلىرى مەغلۇپ بولىدۇ.42 ياكى ئۇلارنىڭ اﷲدىن باشقا مەبۇدى بارمۇ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن (بۇتلىرىدىن)اﷲ پاكتۇر.43 ئەگەر ئۇلار ئاسماننىڭ بىر پارچىسى چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە: «بۇ توپلاشقان بۇلۇتتۇر» دەيدۇ.44 ئۇلارنى ھالاك قىلىنىدىغان كۈنگىچە تەرك ئەتكىن.45 ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ھىيلە- مىكىرى ھېچنەرسىگە ئەسقاتمايدۇ ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ.46 ئۇلار ئۇنىڭدىن (يەنى ئاخىرەتتىكى ئازابتىن) بۇرۇن (دۇنيادىمۇ بىر تۈرلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ) لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.47 پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى تەخىر قىلىش) ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھىمايىمىزدىدۇرسەن (ئۇيقۇدىن) تۇرغان ۋاقتىڭدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن ھەمدى ئېيتقىن.48 كېچىدىمۇ يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن.49 |
|