سۈرە ساففاتنىڭ تەرجىمىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-31 13:28:40 كۆرۈلۈش سانى : 201
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
[align=center]ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[/align]
سەپ- سەپ بولۇپ تۇرغان دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان (اﷲدىن مەدەت تىلەپ) كالامۇللانى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى1 سەپ- سەپ بولۇپ تۇرغان دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان (اﷲدىن مەدەت تىلەپ) كالامۇللانى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى2 سەپ- سەپ بولۇپ تۇرغان دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان (اﷲدىن مەدەت تىلەپ) كالامۇللانى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى3 سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار شەك- شۈبھىسىز بىر ئىلاھتۇر.4 (ئۇ) ئاسمانلارنىڭ زېمىننىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ۋە مەشرىقلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر.5 بىز ھەقىقەتەن يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار (نۇرى) بىلەن زىننەتلىدۇق.6 اﷲنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى ھەر بىر شەيتاندىن ئۇنى قوغدىدۇق.7 ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ (سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئاڭلىيالمايدۇ ئۇلار قوغلىنىشى ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن ئاققۇچى يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ ئۇلار (ئاخىرەتتە) دائىملىق ئازابقا قالىدۇ.8 ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ (سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئاڭلىيالمايدۇ ئۇلار قوغلىنىشى ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن ئاققۇچى يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ ئۇلار (ئاخىرەتتە) دائىملىق ئازابقا قالىدۇ.9 لېكىن (ئاسمان خەۋەرلىرىدىن) ئوغرىلىقچە بىر نەرسە ئاڭلىغان شەيتاننى يورۇق يۇلتۇز قوغلاپ (كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ).10 ئۇلاردىن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن) سوراپ باققىن! ئۇلارنى يارىتىش قىيىنمۇ بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەسلى بولغان ئادەمنى) يېپىشقاق لايدىن ياراتتۇق.11 (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ اﷲنىڭ قۇدرىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن بەلكى ئەجەپلىنەرسەن. ئۇلار بولسا سېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.12 ئۇلارغا (قۇرئان بىلەن) ۋەز- نەسىھەت قىلىنسا (ۋەز- نەسىھەتنى) قوبۇل قىلمايدۇ.13 ئۇلار بىرەر مۆجىزىنى كۆرسە مەسخىرە قىلىشىدۇ.14 ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ» دەيدۇ.15 ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ» دەيدۇ.16 ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ» دەيدۇ.17 ئېيتقىنكى «ھەئە سىلەر خار ھالدا تىرىلىسىلەر».18 بىر ئاۋازنى (يەنى ئىسرافىلنىڭ چالغان سۈرىنى) ئاڭلاش بىلەنلا (مەشھەرگاھقا) ھازىر بولۇپ (ئۆزلىرىگە نىمە قىلىنىدىغانلىقىغا) قارىشىپ تۇرىدۇ.19 ئۇلار: «ۋاي ئېسىت! بىزگە بۇ قىيامەت كۈنىدۇر» دەيدۇ.20 بۇ سىلەر ئىنكار قىلغان (ھەق بىلەن باتىل) ئايرىلىدىغان كۈندۇر.21 (اﷲ پەرىشتىلەرگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ اﷲنى قۇيۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىنى (مەشھەرگاھقا) توپلاڭلار ئاندىن ئۇلارنى دەۋزەخنىڭ يولىغا باشلاڭلار.22 (اﷲ پەرىشتىلەرگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ اﷲنى قۇيۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىنى (مەشھەرگاھقا) توپلاڭلار ئاندىن ئۇلارنى دەۋزەخنىڭ يولىغا باشلاڭلار.23 ئۇلارنى توختۇتۇپ تۇرۇڭلار چۈنكى ئۇلار (جىمى سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدىن) سۇئال- سوراق قىلىنىدۇ.24 (ئاندىن) ئۇلارغا: «نېمىشقا (دۇنيادىكى ھالىتىڭلارغا ئوخشاش) بىر- بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايسىلەر» (دېيىلىدۇ).25 بەلكى ئۇلار بۆگۈن بويسۇنغۇچىلاردۇر.26 ئۇلار بىر- بىرىگە قاراپ مۇنازىرىلىشىدۇ.27 ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە: «سىلەر (سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا) قەسەم ئىچىپ بىزنى ئىماندىن تۇسۇيتتۇڭلار» دەيدۇ.28 (ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەرگە) ئېيتىدۇ: «سىلەر (ئۆز ئىخ@تىيارىڭلار بىلەن) مۇئمىن بولمىدىڭلار.29 بىزنىڭ سىلەرنى (بىزگە ئەگىشىشكە) زورلايدىغان كۈچىمىز يوق ئىدى بەلكى سىلەر (بىزگە ئوخشاش) ئازغان قەۋم ئىدىڭلار.30 پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزنى (جازالاش) سۆزى بىزگە تېگىشلىك بولدى بىز ھەقىقەتەن (شۇ سۆز بۇيىچە ئازابنى) چوقۇم تېتىغۇچىمىز.31 سىلەرنى بىز ئازدۇردۇق چۈنكى بىز ھەقىقەتەن ئازغان ئىدۇق».32 ئۇلار (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەر) بۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئازابتا ئورتاقتۇر.33 بىز ھەقىقەتەن گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق قىلىمىز (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئازاب قىلىمىز).34 ئۇلار ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىدىكى ئۇلارغا: «بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» (دەڭلار) دېيىلسە (كەلىمە تەۋھىدتىن) تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتتى.35 ئۇلار: «ئىلاھلىرىمىزنى ھەقىقەتەن بىر مەجنۇن شائىر ئۈچۈن (يەنى ئۇنىڭ سۆزى ئۈچۈن) تاشلىۋېتەمدۇق» دەيتتى.36 ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش ئۇلارنىڭ بوھتان قىلغىنىدەك ئەمەس) ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ھەق (دىن) نى ئېلىپ كەلدى ۋە پەيغەمبەرلەرنى تەستىق قىلدى.37 (ئى گۇناھكارلار!) سىلەر (چوقۇم) قاتتىق ئازابنى تېتىغۇچىسىلەر.38 سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر.39 پەقەت اﷲنىڭ سادىق بەندىلىرىلا جازاغاتارتىلمايدۇ.40 ئۇلار مەلۇم رىزقتىن (يەنى تۈرلۈك مېۋىلەردىن) بەھرىمەن بولىدۇ ئۇلار ھۆرمەتلىنىدۇ.41 ئۇلار مەلۇم رىزقتىن (يەنى تۈرلۈك مېۋىلەردىن) بەھرىمەن بولىدۇ ئۇلار ھۆرمەتلىنىدۇ.42 ئۇلار نازۇنىئمەتلىك باغلاردا تەختلەر ئۈستىدە بىر- بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ43 ئۇلار نازۇنىئمەتلىك باغلاردا تەختلەر ئۈستىدە بىر- بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ44 ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان ئاپئاق ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابلاردىن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ.45 ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان ئاپئاق ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابلاردىن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ.46 ئۇنىڭدا مەس قىلىدىغان نەرسە يوق ئۇلار ئۇنى ئىچىش بىلەن مەس بولمايدۇ.47 ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەرلىرىدىن غەيرىگە كۆز سالمايدىغان شەھلا كۆزلۈك (جۈپتىلەر) بولىدۇ.48 ئۇلار (ئاقلىقتا) گۇيا قول تەگمەي ساقلانغان تۆگىقۇشنىڭ تۇخۇملىرىغا ئوخشايدۇ.49 ئۇلار (يەنى ئەھلى جەننەت) بىر- بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ.50 ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ ئۇ (ماڭا) سەن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) ھەقىقى ئىشىنەمسەن.51 ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ ئۇ (ماڭا) سەن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) ھەقىقى ئىشىنەمسەن.52 بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا بىز چوقۇم (قىلمىشلىرىمىزدىن) ھېساب بېرەمدۇق دەيتتى».53 ئۇ (بۇرادەرلىرىگە): «سىلەر ئۇنى (يەنى دوستۇمنى) كۆرەمسىلەر» دەيدۇ.54 ئۇ قاراپلار ئۇنى (يەنى كافىر دوستىنى) دەۋزەخنىڭ ئوتتۇرسىدا كۆرىدۇ.55 ئۇ (يەنى مۇئمىن) ئېيتىدۇ: «اﷲ بىلەن قەسەمكى مېنى (ئازدۇرۇپ) ھالاك قىلغىلى تاس قېلىپتىكەنسەن.56 ئەگەر پەرۋەردىگارىمنىڭ (مېنى ئىمانىمدا مۇستەھكەم قىلىشتىن ئىبارەت) مەرھەمىتى بولمىغان بولسا ئەلۋەتتە مەن (سەن بىلەن بىللە دەۋزەخكە) ھازىر قىلىنغانلاردىن بولاتتىم.57 تۇنجى ئۆلگىنىمىزدىن باشقا ئۆلمەمدۇق ئازابقا دۇچار بولمامدۇق .58 تۇنجى ئۆلگىنىمىزدىن باشقا ئۆلمەمدۇق ئازابقا دۇچار بولمامدۇق .59 بۇ (يەنى ئەھلى جەننەت ئېرىشكەن نىئمەت) ھەقىقەتەن زور بەختتۇر.60 ئىشلىگۈچىلەر مۇشۇنداق زور بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىسۇن».61 بۇ (يەنى جەننەتنىڭ نىئمەتلىرى) ياخشى زىياپەتمۇ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ.62 زەققۇمنى بىز زالىملار (يەنى گۇمراھلار) ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ئازاب قىلدۇق.63 شۈبھىسىزكى ئۇ جەھەننەمنىڭ قەئرىدە ئۆسىدىغان دەرەختۇر.64 ئۇنىڭ مېۋىسى گويا شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ.65 ئۇلار شۈبھىسىز شۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ ئۇنىڭ بىلەن قورساقلىرىنى تويغۇزىدۇ.66 ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە (يىرىڭ بىلەن) قايناقسۇنىڭ ئارلاشمىسىنى ئىچىدۇ.67 ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىدىغان جايى چوقۇم دەۋزەخ بولىدۇ.68 ئۇلار ھەقىقەتەن ئاتا- بوۋىلىرىنى گۇمراھ قىلدى.69 ئۇلار ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ ئىزلىرىدىن يۈگۈردى.70 ئۇلاردىن ئىلگىرى بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) نىڭ تولىسى ھەقىقەتەن ئازدى.71 بىز ئۇلارغا ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى (يەنى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق).72 ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن.73 لېكىن اﷲنىڭ سادىق بەندىلىرى (ئازابتىن قۇتۇلدى).74 نۇھ ھەقىقەتەن بىزگە ئىلتىجا قىلدى. بىز (ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى) نېمىدېگەن ياخشى قوبۇل قىلغۇچىدۇرمىز!.75 بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوڭ غەمدىن (يەنى سۇدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن) قۇتقۇزدۇق.76 ئۇنىڭ نەسلىنى باقىي قىلدۇردۇق.77 كېيىنكىلەر (يەنى كېيىنكى ئەۋلاتلار) ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق.78 خالايىقلار نۇھقا سالام يوللايدۇ.79 بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.80 ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.81 ئاندىن بىز باشقىلارنى (يەنى نۇھ قەۋمىنىڭ كافىرلىرىنى سۇدا) غەرق قىلدۇق.82 ئىبراھىممۇ ھەقىقەتەن نۇھنىڭ دىنىغا تەۋەلەردىن ئىدى.83 ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا ساغلام (يەنى مۇشرىكلىكتىن شەكتىن پاك) دىل بىلەن كەلگەن ئىدى.84 ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسى (ئازەر) گە ۋە قەۋمىگە (ئۇلارنى ئەيىبلەپ) ئېيتتى: «سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر85 سىلەر اﷲنى قويۇپ يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر.86 ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان (اﷲغا) نېمىشقا گۇمان قىلىسىلەر»87 ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەل بولۇپ قالىمەن» دېدى.88 ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەل بولۇپ قالىمەن» دېدى.89 ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئايرىلىشتى (يەنى ئۇنى تاشلاپ كېتىشتى).90 ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر» دېدى.91 ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر» دېدى.92 ئاندىن ئۇلارغا يۈزلىنىپ ئوڭ قولى بىلەن ئۇرۇپ پاچاقلاشقا كىرىشتى.93 ئۇلار (يەنى قەۋمى) ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئالدىراپ- سالدىراپ كېلىپ: «بىز ئۇنىڭغا چوقۇنۇۋاتساق سەن ئۇلارنى چېقىپ تاشلامسەن» دېدى.94 ئىبراھىم ئېيتتى: «(ئۆزەڭلار) ئويۇپ ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنامسىلەر95 ھالبۇكى سىلەرنى ۋە ياراتقان نەرسەڭلارنى اﷲ ياراتقاندۇر».96 ئۇلار: «ئىبراھىم ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار (ئۇنى ئوتۇن بىلەن تولدۇرۇپ ئوت يېقىڭلار ئوت يانغاندا) ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار» دېدى. (ئۇلار ئىبراھىمنى ئوتقا تاشلاش بىلەن) ئۇنىڭغا سۈيىقەست قىلماقچى بولدى.97 بىز (ئىبراھىمنى ئوتتىن سالامەت قۇتقۇزۇش بىلەن) ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق.98 ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم مېنى بۇيرۇغان جايغا ھىجرەت قىلىمەن ئۇ مېنى يېتەكلەيدۇ.99 پەرۋەردىگارىم! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن».100 بىز ئىبراھىمغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق.101 ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىش- كۈشلىرىگەيارىغۇدەك بولغان چاغدا ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشقا (ئەمىر قىلىنىپ) چۈشەپتىمەن (پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ھەقىقەتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرى اﷲنىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ) ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار» دېدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ شۇنى ئىجرا قىلغىن خۇدا خالىسا (ئۇنىڭغا) مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن».102 ئىككىسى (اﷲنىڭ ئەمرىگە) بويسۇندى ئىبراھىم ئۇنى (يەنى ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنى ياتقۇزدى.103 بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.104 بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.105 بۇ ھەقىقەتەن روشەن سىناقتۇر.106 بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى (يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق.107 كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق.108 ئىبراھىمغا سالام بولسۇن!109 بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.110 ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر.111 ئۇنىڭغا بىز پەيغەمبەر بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق.112 ئىبراھىمغا ۋە ئىسھاققا (دىننىڭ ۋە دۇنيانىڭ) بەرىكەتلىرىنى ئاتا قىلدۇق ئۇلارنىڭ نەسلىدىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارمۇ (گۇناھ ۋە كۇفرى بىلەن) ئۆزىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ چىقىدۇ.113 بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا (پەيغەمبەرلىك بىلەن) ئېھسان قىلدۇق.114 ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) چوڭ غەمدىن (يەنى فىرئەۋننىڭ ئۇلارنى قۇل قىلىشىدىن) خالاس تاپقۇزدۇق.115 بىز ئۇلارغا ياردەم بەردۇق شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار غەلىبە قىلدى.116 ئۇلارغا روشەن بىر كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق.117 ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق.118 كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق.119 مۇساغا ۋە ھارۇنغا (بىزدىن) سالام بولسۇن!120 بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.121 ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر.122 ئىلياسمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر.123 ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «(اﷲدىن) قورقمامسىلەر124 سىلەر ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى (اﷲنى) تەرك ئېتىپ بەئلى (ناملىق بۇت) گە چوقۇنامسىلەر125 اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە بۇرۇنقى ئاتا- بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر».126 ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شەك- شۈبھىسىزكى ئۇلار (ئازابقا) ھازىر قىلىنىدۇ.127 پەقەت اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا.128 كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى ئىلياسقا) ياخشى نام قالدۇردۇق.129 ئىلياسقا (بىزدىن) سالام بولسۇن!130 بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.131 ھەقىقەتەن ئۇ بىزنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر.132 لۇت ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر.133 ئۆز ۋاقتىدا لۇتنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق.134 پەقەت موماي (يەنى لۇتنىڭ ئايالى) نى قالدۇۇپ ھالاك قىلدۇق.135 ئاندىن قالغانلارنى (يەنى ئۇنىڭ قەۋمىدىن بولغان كۇففارلارنى) ھالاك قىلدۇق.136 (ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن- ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر سىلەر چۈشەنمەمسىلەر.137 (ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن- ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر سىلەر چۈشەنمەمسىلەر.138 يۇنۇس ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر.139 ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (قەۋمىدىن) قېچىپ (كىشىلەر بىلەن) توشقان بىر كېمىگە چىقىۋالدى.140 (كېمىدىكىلەر چەك چىققان ئادەمنى دېڭىزغا تاشلاپ كېمىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن) چەك تاشلايتتى يۇنۇس (چەكتە) مەغلۇپ بولغانلاردىن بولۇپ (دېڭىزغا تاشلاندى).141 ئۇنى چوڭ بىر بېلىق يۇتۇۋەتتى. ئۇ (قەۋمىنى تاشلاپ پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنىسىز چىققانلىقى ئۈچۈن) ئەيبلىنىشكە تېگىشلىك ئىدى.142 ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى.143 ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى.144 ئۇنى بىز (دېڭىز ساھىلىدىكى) بىر قۇرغاق يەرگە (بېلىقنىڭ قارنىدىن) ئاتتۇق ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كېسەل ئىدى.145 ئۇنىڭ ئۈستىگە (سايە تاشلاپ تۇرۇش ئۈچۈن) بىر تۈپ كاۋىنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق.146 ئۇنى بىز يۈز مىڭ بەلكى (بۇنىڭدىنمۇ) كۆپ (بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق.147 (ئۇلار ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا) ئىمان ئېيتتى. مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر) ئۇلارنى (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلدۇق.148 (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى ئەھلى مەككە) دىن سوراپ باققىنكى قىزلار پەرۋەردىگارىڭغا ئوغۇللار ئۇلارغا مەنسۇپمۇ.149 ياكى بىز پەرىشتىلەرنى چىشى ياراتقان بولۇپ ئۇلار (بىزنىڭ ياراتقانلىقىمىزنى) كۆرۈپ تۇرغانمۇ (شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دەمدۇ)150 بىلىڭلاركى ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «اﷲنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر.151 بىلىڭلاركى ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «اﷲنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر.152 اﷲ ئوغۇللارنى تاللىماي قىزلارنى تاللىغانمۇ153 سىلەرگە نېمە بولدى قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر154 پىكىر قىلمامسىلەر155 ياكى (اﷲنىڭ بالىسى بارلىقىغا) ئېنىق پاكىتىڭلار بارمۇ156 (ئەگەر سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار كىتابىڭلار (يەنى تەۋرات) نى ئېلىپ كېلىپ (ماڭا كۆرسىتىڭلار).157 ئۇلار: «اﷲ بىلەن جىنلارنىڭ ئوتتۇرسىدا قۇدا- باجلىق بار» دەپ جۆيلۈدى. جىنلار شەك- شۈبھىسىز بىلىدۇكى ئۇلار (يەنى شۇ سۆزنى قىلغۇچىلار) (دەۋزەخكە) چوقۇم ھازىر قىلىنىپ (شۇ يەردە ئازاب چېكىدۇ).158 اﷲ ئۇلارنىڭ (اﷲنىڭ بالىسى بار دەپ) سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر.159 لېكىن اﷲنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ساﷲنى ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاك ئېتىقاد قىلىدۇ).160 (ئى كافىرلار!) شۈبھىسىزكى سىلەر (اﷲ) دەۋزەخكە كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ.161 (ئى كافىرلار!) شۈبھىسىزكى سىلەر (اﷲ) دەۋزەخكە كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ.162 (ئى كافىرلار!) شۈبھىسىزكى سىلەر (اﷲ) دەۋزەخكە كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ.163 (پەرىشتىلەر) ئېيتىدۇ: «بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنىڭ مۇئەييەن ئورنى بار.164 بىز ھەقىقەتەن (ئىبادەتتە) سەپ تارتىپ تۇرغۇچىلارمىز.165 بىز ھەقىقەتەن (اﷲغا) تەسبىھ ئېيتقۇچىلارمىز».166 ئۇلار (يەنى قۇرەيىش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە اﷲنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولغان بولاتتۇق» دېدى.167 ئۇلار (يەنى قۇرەيىش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە اﷲنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولغان بولاتتۇق» دېدى.168 ئۇلار (يەنى قۇرەيىش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە اﷲنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولغان بولاتتۇق» دېدى.169 ئۇلار ئۇنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلىشتى ئۇلار ئۇزاققا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ.170 بىزنىڭ پەيغەمبەر بەندىلىرىمىز ھەققىدىكى سۆزلىرىمىز ئالدىنئالا ئېيتىلغان.171 ئۇلار چوقۇم نۇسرەت تاپقۇچىلاردۇر.172 بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلبە قىلغۇچىلاردۇر.173 ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) دىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن.174 ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ.175 ئۇلار ئازابىمىزنىڭ بالدۇر نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلامدۇ176 ئازاب ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەن چاغدا ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ ئەتىگىنى نېمەدېگەن يامان!177 ئۇلاردىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن.178 ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ.179 قۇدرەت ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر.180 پەيغەمبەرلەرگە سالام بولسۇن!181 جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲغا خاستۇر!.182 |
|