بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئىسلام دىنى >> قۇرئان كەرىم >> سۈرە غافىرنىڭ تەرجىمىسى

سۈرە غافىرنىڭ تەرجىمىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-11 20:45:29    كۆرۈلۈش سانى : 221  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
[align=center]ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[/align]   ھامىم.1  (بۇ) كىتاب (يەنى قۇرئان) غالىب ھەممىنى بىلگۈچى اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.2  (اﷲ) گۇناھنى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر. (اﷲنىڭ) ئازابى قاتتىقتۇر (اﷲ) ئىنئام ئىگىسىدۇر ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر ئاقىۋەت قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر.3  اﷲنىڭ ئايەتلىرى (يەنى قۇرئان) توغرىسىدا پەقەت كافىرلار مۇجادىلە قىلىشىدۇ ئۇلارنىڭ شەھەرلەردە بېرىپ- كېلىپ يۈرۈشلىرىگە مەغرۇر بولۇپ كەتمىگىن.4  ئۇلار (يەنى مەككە كافىرلىرى) دىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئۇلاردىن كېيىنكى (پەيغەمبەرلىرىگە قارشى ئۇيۇشقان ئاد ۋە سەمۇدقا ئوخشاش) جامائەلەر (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى. (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتلەردىن) ھەر ئۈممەت ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھالاك قىلىشنى قەستلىدى. ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل (سۆزلەر ئارقىلىق پەيغەمبەرلىرى بىلەن) مۇنازىرە قىلىشتى شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدىم مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن5  شۇنىڭدەك (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە تېگىشلىك بولغاندەك) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى كافىرلارغا تېگىشلىك بولدى. ئۇلار دەۋزەخ ئەھلىدۇر.6  ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ ھەمدى ئېيتىدۇ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ مۇئىمىنلەرگە مەغفىرەت تىلەيدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغفىرەت قىلغىن ئۇلارنى دەۋزەخ ئازابىدىن ساقلىغىن.7  پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى ئۇلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىدىن ئاياللىرىدىن ئەۋلادلىرىدىن ياخشى بولغانلارنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك جەننەتكە كىرگۈزگىن سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن.8  پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن ساقلىغىن سەن كىمنى يامان ئىشلاردىن ساقلايدىكەنسەن شۈبھىسىزكى بۇ كۈندە سەن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىسەن بۇ چوڭ بەختتۇر».9  شۈبھىسىزكى كافىرلارغا: «اﷲنىڭ (دۇنيادا) سىلەرگە بولغان غىەزىپى سىلەرنىڭ (ئاخىرەتتە) بىر- بىرىڭلارغا بولغان غەزىپىڭلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ چۈنكى سىلەر ئىمانغا دەۋەت قىلىناتتىڭلار لېكىن ئىمان ئېيتمايتتىڭلار» دەپ نىدا قىلىنىدۇ.10  ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈرۈپ ئىككى قېتىم تىرىلدۈردۈڭ بىز گۇناھىمىزغا ئىقرار قىلدۇق ئەمدى چىقىش يولى تېپىلارمۇ» دەيدۇ.11  بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى سىلەر اﷲنى بىر دەپ بىلىشكە چاقىرىلغاندا (بۇنى) ئىنكار قىلدىڭلار ئەگەر اﷲغا شېرىك كەلتۈرۈلسە (يەنى لات ئۇززا قاتارلىق بۇتلارغا چوقۇنۇشقا چاقىرىلساڭلار) ئۇنى تەستىق قىلىسىلەر (يەنى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىقىنى ئېتىراپ قىلىسىلەر) ھۆكۈم يۈكسەك بۈيۈك اﷲغا خاستۇر.12  اﷲ سىلەرگە (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ سىلەرگە بۇلۇتتىن رىزق چۈشۈرۈپ بېرىدۇ پەقەت اﷲنىڭ تائىتىگە قايتقان كىشىلەرلا (اﷲنىڭ ئايەتلىرىدىن) ۋەز- نەسىھەت ئالىدۇ.13  دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا اﷲغا ئىبادەت قىلىڭلار كافىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ.14  اﷲنىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرىدۇر (اﷲ) ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر (خالايىق) مۇلاقات بولۇشىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن اﷲ ئۆز ھۆكۈمى بۇيىچە بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە ۋەھى چۈشۈرىدۇ.15  ئۇلار قەبرىلەردىن چىققان كۈندە اﷲغا ئۇلاردىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەمەللىرىدىن سىرلىرىدىن) ھېچنەرسە مەخپى قالمايدۇ بۈگۈن پادىشاھلىق كىمگە خاس غالىب بىر اﷲغا خاستۇر.16  بۈگۈن ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ بۈگۈن زۇلۇم يوقتۇر اﷲ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.17  ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن ئۇ چاغدا دىللار (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) بوغۇزلارغا قاپلىشىۋالىدۇ ئۇلار قايغۇ- ھەسرەتكە تولىدۇ زالىملارغا يېقىن دوست ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ.18  اﷲ كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى ۋە دىللاردىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ.19  اﷲ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ ئۇلار اﷲنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلار ھېچنەرسىگە ھۆكۈم چىقىرىشقا قادىر ئەمەس اﷲ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.20  ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ ئۇلار بولسا زېمىندا كۈچ- قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار (يەنى ئۆي- ئىمارەت قۇرۇش) جەھەتتە بۇلار (يەنى سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ كافىرلىرى) دىن ئۈستۈن ئىدى گۇناھى تۈپەيلىدىن اﷲ ئۇلارنى جازالىدى ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى اﷲنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمىدى.21  بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى ئۇلار ئىشەنمىدى شۇنىڭ بىلەن اﷲ ئۇلارنى جازالىدى. اﷲ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر (اﷲنىڭ) ئازابى قاتتىقتۇر.22  بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن فىرئەۋنگە ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى سېھىرگەر دېيىشتى.23  بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن فىرئەۋنگە ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى سېھىرگەر دېيىشتى.24  مۇسا ئۇلارغا دەرگاھىمىزدىن ھەق (يەنى پەيغەمبەرلىك) بىلەن كەلگەندە ئۇلار: «مۇسا بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى (نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن) ئۆلتۈرۈڭلار ئاياللىرىنى (خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) قالدۇرۇڭلار» دېدى. كافىرلارنىڭ ھىيلە- مىكرى پەقەت بەربات بولىدۇ.25  فىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قۇيۇۋېتىڭلار مۇسانى ئۆلتۈرىمەن مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن».26  مۇسا ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار (بولغان اﷲ) غا سېغىنىپ ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) گە ئىشەنمەيدىغان ھەر بىر مۇتەكەببىر(نىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى)دىن پاناھ تىلەيمەن».27  فىرئەۋن خاندانىغا مەنسۇپ ئىمانىنى يۇشۇرىدىغان بىر مۇئمىن ئادەم ئېيتتى: «سىلەر ’پەرۋەردىگارىم اﷲ‘ دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر ھالبۇكى ئۇ سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇ (پەيغەمبەرلىك دەۋاسىدا) يالغانچى بولسا يالغانچىلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە كېلىدۇ اﷲ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ.28  ئى قەۋمىم! بۈگۈن سەلتەنەت سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىدۇر (مىسىر) زېمىنىدا سىلەر غالىبسىلەر ئەگەر بىزگە اﷲنىڭ ئازابى كەلسە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا بىزگە كىم ياردەم بېرىدۇ» فىرئەۋن ئېيتتى: «مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى توغرا دەپ قارىسام شۇنى مەسلىھەت بېرىمەن. سىلەرنى مەن پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن».29  مۇئمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ ئاد سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن اﷲ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ.30  مۇئمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ ئاد سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن اﷲ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ.31  ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىدىن ئەنسىرەيمەن.32  ئۇ كۈندە (دەۋزەخ ئازابىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇپ) ئارقاڭلارغا چېكىنىسىلەر سىلەرگە ھېچ اﷲنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى بولمايدۇ. كىمكى اﷲ ئۇنى گۇمراھ قىلىدىكەن ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ.33  شەك- شۈبھىسىزكى ئىلگىرى سىلەرگە يۈسۈف (اﷲنىڭ دەرگاھىدىن) روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىلدىن سىلەر ھامان شەكلەندىڭلار تاكى ئۇ ۋاپات بولغاندا (دەلىل- پاكىتسىز) ھالدا ’اﷲ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ‘ دېدىڭلار اﷲ (گۇناھتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىنى (دىندا) شەكلەنگۈچىنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ».34  اﷲنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (اﷲ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلار اﷲنىڭ دەرگاھىدا ۋە مۇئمىنلەرنىڭ نەزىرىدە قاتتىق نەپرەتكە قالىدۇ بۇزغۇنچىلىق قىلىپ (ئىماندىن باش تارتقان) (بەندىلەرگە) زومىگەرلىك قىلغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ دىلىنى اﷲ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ.35  فىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا – ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. فىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى فىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى فىرئەۋننىڭ ھىيلە- مىكرى پەقەت بىكاردۇر.36  فىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا – ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. فىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى فىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى فىرئەۋننىڭ ھىيلە- مىكرى پەقەت بىكاردۇر.37  (فىرئەۋن خاندانىدىن) ئىمان ئېيتقان كىشى ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەر ماڭا ئەگىشىڭلار مەن سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن.38  ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (ۋاقىتلىق) پايدىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر ئاخىرەت ھەقىقەتەن (مەڭگۈلۈك) قارارگاھتۇر.39  كىمكى (بۇ دۇنيادا) بىرەر يامانلىقنى قىلىدىكەن ئۇنىڭغا (ئاخىرەتتە) شۇنىڭغا لايىق جازا بېرىلىدۇ مەيلى ئەر بولسۇن مەيلى ئايال بولسۇن كىمكى ئۆزى مۇئمىن تۇرۇپ بىرەر ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرىدۇ جەننەتتە ئۇلارغا ھېسابسىز رىزق بېرىلىدۇ.40  ئى قەۋمىم! ماڭا نېمىدۇركى سىلەرنى مەن (دەۋزەختىن) قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلىمەن سىلەر بولساڭلار مېنى دەۋزەخكە دەۋەت قىلىسىلەر.41  سىلەر مېنى اﷲنى ئىنكار قىلىشقا مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىسىلەر ھالبۇكى مەن سىلەرنى غالىب (بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى) ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچى (اﷲ) غا دەۋەت قىلىمەن.42  ھەقىقەتەن سىلەر مېنى ئۇنىڭغا (يەنى بۇتقا) ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىسىلەر ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە (ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا) چاقىرغىنى يوق بىزنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايىمىز اﷲنىڭ دەرگاھىدۇر (گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئەھلى دەۋزەختۇر.43  (سىلەرگە ئازاب نازىل بولغان چاغدا) سىلەرگە ئېيتقان سۆزۈمنىڭ (راستلىقىنى) ئەسلەيسىلەر مەن ئىشىمنى اﷲغا تاپشۇرىمەن اﷲ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».44  اﷲ ئۇنى فىرئەۋن جامائەسىنىڭ سۈيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. فىرئەۋن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاب نازىل بولدى.45  ئۇلار ئەتىگىنى- ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «ئى فىرئەۋن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا (دەۋزەخ ئوتىغا) كىرىڭلار!» (دېيىلىدۇ).46  ئۇ چاغدا ئۇلار دەۋزەختە ئۆئارا مۇنازىرىلىشىدۇ ئاجىز (ئەگەشكۈچىلەر) ھاكاۋۇر (ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە): «شۈبھىسىزكى بىز سىلەرگە ئەگەشكەن ئىدۇق بىزدىن دەۋزەخ ئازابىدىن بىر قىسمىنى ئېلىپ تاشلىيالامسىلەر» دەيدۇ.47  ھاكاۋۇر (ئەگەشتۈرگۈچىلىرى): «شۈبھىسىزكى بىز ھەممىمىز دەۋزەختىدۇرمىز اﷲ ھەقىقەتەن بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقاردى» دەيدۇ.48  دەۋزەختىكىلەر دەۋزەخكە مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار ئۇ بىزدىن بىر كۈنلۈك ئازابنى يېنىكلەتسە ئىكەن» دەيدۇ.49  ئۇلار (يەنى دەۋزەخكە مۇئەككەل پەرىشتىلەر): «پەيغەمبىرىڭلار سىلەرگە روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى كۇففارلار): «ھەئە ئېلىپ كەلگەن ئىدى» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر): «سىلەر دۇئا قىلىڭلار (لېكىن) كافىرلارنىڭ دۇئاسى پايدىسىزدۇر» دەيدۇ.50  شەك- شۈبھىسىزكى بىز پەيغەمبىرىمىزگە مۇئمىنلەرگە ھاياتىي دۇنيادا ۋە (پەرىشتە پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلەردىن بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھ بولىدىغان) گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز.51  ئۇ كۈندە كافىرلارنىڭ ئۆزرىلىرى پايدا بەرمەيدۇ ئۇلار لەنەتكە ئۇچرايدۇ ئۇلار ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ.52  شۈبھىسىزكى بىز مۇساغا ھىدايەت ئاتا قىلدۇق ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتاب (يەنى تەۋرات) نى مىراس قىلىپ بەردۇق.53  (ئۇ) ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە نەسىھەتتۇر.54  (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ يەتكۈزگەن ئەرزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن اﷲنىڭ (ساڭا ۋە سېنڭ تەۋەلىرىڭگە ياردەم بېرىش) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر گۇناھىڭغا ئىستىغفار ئېيتقىن ئاخشىمى- ئەتىگىنى پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن.55  سۈبھىسىزكى اﷲنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (اﷲ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلارنىڭ كۆكرەكلىرىدە پەقەت كىبرى بار ئۇلار (اﷲنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت) مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ اﷲغا سېغىنىپ (ئۇلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىگىن) ھەقىقەتەن اﷲ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.56  ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىش ئەلۋەتتە ئىنسانلارنى يارىتىشتىن كۆپ قىيىندۇر ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (بۇنى) ئۇقمايدۇ.57  ئەما بىلەن كۆزى كۆرىدىغان ئادەم (يەنى مۇئمىن بىلەن كافىر) باراۋەر بولمايدۇ ئىمان ئېيتقان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئادەملەر بىلەن يامان ئىش قىلغۇچى ئادەملەر باراۋەر بولمايدۇ. سىلەر ئاز ۋەز- نەسىھەت ئالىسىلەر.58  قىيامەت چوقۇم كېلىدۇ ئۇنىڭدا شەك يوق ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئۇنىڭغا) ئىشەنمەيدۇ (شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى قىيامەت كۈنى بېرىلىدىغان مۇكاپات بىلەن جازانى ئىنكار قىلىدۇ).59  پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن) شۈبھىسىزكى مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ».60  (كۈندۈزى ئىشلەپ يەتكەن ھارغىنلىقتىن) ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ سىلەرگە كېچىنى (قاراڭغۇ قىلىپ) ياراتتى (تىرىكچىلىك يولىدا ھەركەتلىنىشڭلار ئۈچۈن) كۈندۈزنى يورۇق ياراتتى. اﷲ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (اﷲنىڭ ئېھسانىغا شۈكرى قىلمايدۇ اﷲنىڭ مەرھەمىتى ۋە نىئمەتلىرىگە نانكورلۇق قىلىدۇ).61  ئەنە شۇ اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر قانداقمۇ (اﷲغا ئىبادەت قىلىشتىن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر62  اﷲنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار (ھىدايەتتىن ۋە ھەقىقەتتىن) شۇنداق بۇرۇلۇپ كېتىدۇ (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ اﷲنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىغا قايغۇرۇپ كەتمىگىن ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر مۇشۇنداق قىلغان).63  اﷲ سىلەرگە زېمىننى تۇرالغۇ ئاسماننى بىنا قىلدى. سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى. سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى. سىلەرگە (تۈرلۈك) پاك نەرسىلەرنى رىزق قىلىپ بەردى. ئەنە شۇ اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر.64  اﷲ ھاياتتۇر ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲغا خاستۇر!65  (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى: «پەرۋەردىگارىمدىن ماڭا روشەن دەلىللەر كەلگەن چاغدا سىلەر اﷲنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەنئى قىلىندىم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇم».66  اﷲ سىلەرنى (يەنى ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن (ئۇنىڭ ئەۋلادىنى ئالدى بىلەن) ئابىمەنىدىن ئاندىن لەختە قاندىن ياراتتى ئاندىن ئۇ سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاق ھالىتىڭلاردا چىقىرىدۇ ئاندىن (كۈچ- قۇۋۋەت ۋە ئەقىلدە كامالەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر ئاندىن قېرىيسىلەر – بەزىڭلار بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر – ئاندىن سىلەر مۇئەييەن ۋاقىتقىچە ياشايسىلەر سىلەر (اﷲنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) چۈشەنگەيسىلەر.67  اﷲ تىرىلدۈرۈشكە ۋە ئۆلتۈرۈشكە قادىر ئۇ بىرەر ئىشنى (قىلىشنى) ئىرادە قىلسا ئۇنىڭغا «ۋۇجۇتقا كەل» دەيدۇ- دە ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.68  اﷲنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە جاڭجاللىشىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ ئۇلار قانداقمۇ (ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ.69  ئۇلار كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى پەيغەمبەرلىرىمىزگە بىز نازىل قىلغان مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئىنكار قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ.70  ئۇ چاغدا (يەنى دەۋزەخكە كىرگەندە) ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار  ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ.71  ئۇ چاغدا (يەنى دەۋزەخكە كىرگەندە) ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار  ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ.72  ئاندىن ئۇلارغا: «اﷲنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلار قايەردە» دېيىلىدۇ ئۇلار: «ئۇ بۇتلار ئۆزلىرىنى بىزدىن چەتكە ئالدى بەلكى بىز ئىلگىرى ھېچ نەرسىگە ئىبادەت قىلمايتتۇق» دەيدۇ. اﷲ كافىرلارنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ.73  ئاندىن ئۇلارغا: «اﷲنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلار قايەردە» دېيىلىدۇ ئۇلار: «ئۇ بۇتلار ئۆزلىرىنى بىزدىن چەتكە ئالدى بەلكى بىز ئىلگىرى ھېچ نەرسىگە ئىبادەت قىلمايتتۇق» دەيدۇ. اﷲ كافىرلارنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ.74  بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە (گۇناھ قىلىپ پۇل- مالنى ھارام يوللارغا سەرپ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن) خۇشال بولغانلىقىڭلار ۋە ھاكاۋۇر بولۇپ كەتكىنىڭلار ئۈچۈندۇر.75  سىلەر دەۋزەخنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ ئۇ يەردە مەڭگۈ قېلىڭلار مۇتەكەببىرلەرنىڭ جايى نېمەدېگەن يامان.76  (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ سېنى ئىنكار قىلغانلىقىغا) سەۋر قىلغىن اﷲنىڭ (ئۇلارنى ئازابلاش توغرىسىدىكى) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر ساڭا بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسەتسەك (بۇ اﷲنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقىتۇر) ياكى سېنى (ئۇنى كۆرسىتىشتىن بۇرۇن) ۋاپات قىلدۇرساق ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ (قىيامەتتە ئۇلار ئازابقا دۇچار بولىدۇ).77  سەندىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ساڭا بايان قىلىپ بەرگەنلىرىمىزمۇ بايان قىلىپ بەرمىگەنلىرىمىزمۇ بار ھېچقانداق پەيغەمبەر اﷲنىڭ ئىزنىسىز بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ اﷲنىڭ ئەمرى (يەنى قىيامەت) كەلگەن چاغدا (كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا) ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ بۇ چاغدا ھەقكە قارشى تۇرغۇچىلار زىيان تارتىدۇ.78  مىنىشىڭلار ۋە گۆشلىرىنى يىيىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ سىلەرگە ھايۋانلارنى ياراتتى.79  ئۇلار سىلەرگە نۇرغۇن پايدا كەلتۈرىدۇ ئۇلارغا مىنىپ دىلىڭلارغا پۈككەن ھاجىتىڭلاردىن چىقىسىلەر (قۇرۇقلۇقتا يۈك- تاقلىرىڭلارنى) ئۇلارغا ئارتىسىلەر (دېڭىزدا) كېمىلەرگە قاچىلايسىلەر.80  اﷲ سىلەرگە (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ سىلەر اﷲنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) قايسى ئالامەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر.81  ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ بۇلاردىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپ ئىدى زېمىندا كۈچ- قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار (يەنى ئۆي- ئىمارەت) جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى.82  ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەندە ئۆزلىرىدە بار ئىلىم بىلەن پەخىرلىنىپ (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى ۋە مەسخىرە قىلدى) ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان (ۋە كەلسە دەپ ئالدىرىغان) ئازاب نازىل بولدى.83  ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا: «بىز بىر اﷲغا ئىمان ئېيتتۇق بىز بۇرۇن (اﷲغا) شېرىك قىلغان بۇتلارنى ئىنكار قىلدۇق» دېدى.84  بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىمانىنىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى بۇ (يەنى ئازابنى كۆرگەندە ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىلىق بولماسلىقى) اﷲنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا تۇتقان يولىدۇر بۇ چاغدا كافىرلار زىيان تارتقۇچى بولدى.85


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  سۈرە نەجىمنىڭ تەرج...
●  سۈرە تۇرنىڭ تەرجىم...
●  سۈرە رازىياتنىڭ تە...
●  سۈرە قافنىڭ تەرجىم...
●  سۈرە ھۇجۇراتنىڭ تە...
●  سۈرە فەتىھنىڭ تەرج...
●  سۈرە مۇھەممەدنىڭ ت...
●  سۈرە ئەھقاپنىڭ تەر...
●  سۈرە جاسىيەنىڭ تەر...
●  سۈرە دۇخاننىڭ تەرج...
●  سۈرە زۇخرۇفنىڭ تەر...
●  سۈرە شۇرانىڭ تەرجى...
●  سۈرە فۇسسىلاتنىڭ ت...
●  سۈرە غافىرنىڭ تەرج...
●  سۈرە زۇمرەتنىڭ تەر...
●  سۈرە ساففاتنىڭ تەر...
●  سۈرە سادنىڭ تەرجىم...
●  سۈرە ياسىننىڭ تەرج...
●  سۈرە فاتىرنىڭ تەرج...
●  سۈرە سابانىڭ تەرجى...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  سۈرە نەجىمنىڭ تەرجىمىسى
●  سۈرە تۇرنىڭ تەرجىمىسى
●  سۈرە رازىياتنىڭ تەرجىمى...
●  سۈرە قافنىڭ تەرجىمىسى
●  سۈرە ھۇجۇراتنىڭ تەرجىمى...
●  سۈرە فەتىھنىڭ تەرجىمىسى
●  سۈرە مۇھەممەدنىڭ تەرجىم...
●  سۈرە ئەھقاپنىڭ تەرجىمىس...
●  سۈرە جاسىيەنىڭ تەرجىمىس...
●  سۈرە دۇخاننىڭ تەرجىمىسى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى