بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئىسلام دىنى >> قۇرئان كەرىم >> سۈرە شۇرانىڭ تەرجىمىسى

سۈرە شۇرانىڭ تەرجىمىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-14 16:16:32    كۆرۈلۈش سانى : 225  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
[align=center]ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[/align]   ھا مىم1  ئەيىن سىن قاف.2  غالىب ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى اﷲ ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەرلەرگە) مۇشۇنداق ۋەھى قىلىدۇ.3  ئاسمانلاردىكى شەيئىلەر ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر اﷲنىڭدۇر (يەنى اﷲنىڭ مۈلكىدۇر اﷲنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر) اﷲ ئۈستۈندۇر كاتتىدۇر.4  (اﷲنىڭ كاتتىلىقىدىن) ئاسمانلار يۇقىرى تەرىپىدىن يېرىلىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ پەرشىتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ ھەمدى ئېيتىدۇ يەر يۈزىدىكىلەرگە مەغفىرەت تىلەيدۇ. بىلىڭلاركى اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر ناھايىتى مېھرىباندۇر.5  اﷲنى قويۇپ (بۇتلارنى) ئىگە قىلىۋالغانلارنىڭ (ئەمەللىرىنى) اﷲ كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر سەن ئۇلارغا ھامىي ئەمەسسەن.6  مەككە ئاھالىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ساڭا بىز مۇشۇنداق ئەرەبچە قۇرئاننى نازىل قىلدۇق ئۇ كۈندە ھېچ شەك يوقتۇر (ئۇ كۈندە) بىر پىرقە (كىشىلەر) جەننەتتە ۋە بىر پىرقە كىشىلەر جەھەننەمدە بولىدۇ.7  ئەگەر اﷲ خالىسا ئۇلارنى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى) ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى لېكىن اﷲ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىگە داخىل قىلىدۇ زالىملارغا ھېچقانداق ئىگە ھېچقانداق مەدەتكار بولمايدۇ.8  بەلكى ئۇلار اﷲدىن باشقىلارنى ئىگە قىلىۋالدى پەقەت اﷲ ئىگىدۇر اﷲ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ اﷲ ھەر نەرسىگە قادىر.9  سىلەر (دىن ئۈستىدە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا) ھەرقانداق نەرسە ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشماڭلار ئۇنىڭغا اﷲ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) ئەنە شۇ اﷲ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم (ھەممە ئىشتا) اﷲغا مۇراجىئەت قىلىمەن.10  اﷲ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچىدۇر اﷲ سىلەرگە ئۆز جىنسىڭلاردىن جۈپتىلەرنى (يەنى ئاياللارنى) ياراتتى. ھايۋانلارغىمۇ ئۆز تىپىدىن جۈپتىلەرنى ياراتتى. بۇ ئارقىلىق اﷲ سىلەرنى كۆپەيتىدۇ ھېچ شەيئى اﷲغا ئوخشاش ئەمەستۇر اﷲ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.11  ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى اﷲنىڭ ئىلكىدىدۇر اﷲ خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى (سىناش يۈزىسىدىن) كەڭ قىلىدۇ خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى (بالاغا مۇپتىلا قىلىپ سىناش يۈزىسىدىن) تار قىلىدۇ اﷲ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.12  اﷲ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى ساڭا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھى قىلغان نەرسىنى ئىبراھىمغا مۇساغا ۋە ئىساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە (يەنى تەۋھىد) ئېغىر كەلدى اﷲ تەۋھىدكە خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ اﷲنىڭ (تائىتىگە) قايتىدىغان ئادەمنى تەۋھىدكە باشلايدۇ.13  (يەھۇدىي ناسارا قاتارلىقلار) ئۇلارغا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن (يەنى ئۇلار رەسۇلۇللانىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنى بىلگەندىن كېيىن) ئاندىن ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ پىرقىلەرگە بۆلۈندى. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى جازالىشىنى) قىيامەتكىچە تەخىر قىلىشتىن ئىبارەت سۆزى بولمىسا ئىدى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلىپ بولغان بولاتتى (يەنى ئۇلار تېز ھالاك قىلىنغان بولاتتى). ئۇلاردىن كېيىن كىتابقا ۋارىسلىق قىلغانلارنى (يەنى رەسۇلۇللا بىلەن زامانداش بولغان ئەھلى كىتاب) (كىتاب ھەققىدە) قاتتىق دەرگۇماندىدۇر.14  شۇنىڭ ئۈچۈن (يەنى دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقى ئۈچۈن) (ئى مۇھەممەد! بارلىق ئىنسانلارنى توغرا دىن ئاساسىدا ئىتتىپاق بولۇشقا) چاقىرغىن بۇيرۇلغىنىڭ بۇيىچە توغرا يولدا چىڭ تۇرغىن ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ نەفسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن ۋە ئېيتقىن: «اﷲ نازىل قىلغان (بارلىق) كىتابلارغا ئىمان ئېيتتىم ئاراڭلاردا ئادىل بولۇشقا بۇيرۇلدۇم اﷲ بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇر سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزلىرىڭلار ئۈچۈندۇر سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا جېدەللىشىشكە (ئورۇن) يوق (چۈنكى ھەقىقەت ئاشكارىدۇر) اﷲ (قىيامەت كۈنى) بىزنى (ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) يىغىدۇ ئاخىرى قايتىدىغان جاي اﷲنىڭ دەرگاھىدۇر».15  كىشىلەر اﷲنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن (كىشىلەرنى ئىماندىن توسۇش ئۈچۈن) اﷲنىڭ دىنىدا خۇسۇمەت قىلىشقانلارنىڭ دەلىللىرى اﷲنىڭ دەرگاھىدا باتىلدۇر ئۇلار (دۇنيادا) غەزەپكە ئۇچرايدۇ (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.16  اﷲ كىتاب (يەنى قۇرئان) نى ھەق بىلەن نازىل قىلدى ۋە ئادالەتنى نازىل قىلدى. سەن نېمە بىلىسەن قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن.17  قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ئۇنىڭ بولۇشىنى ئالدىرىتىدۇ ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلار بولسا قىيامەتتىن قورقىدۇ قىيامەتنى ھەق دەپ بىلىدۇ بىلىڭلاركى قىيامەت توغرىلىق مۇجادىلە قىلىدىغانلار ئەلۋەتتە چوڭقۇر گۇمراھلىقتىدۇر.18  اﷲ بەندىلىرىگە كۆيۈنگۈچىدۇر ئۇ خالىغان ئادەمگە (كەڭ) رىزق بېرىدۇ اﷲ كۈچلۈكتۇر غالىبتۇر.19  كىمكى (ئۆزىنىڭ ئەمەلى بىلەن) ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە ئۇنىڭ ساۋابىنى زىيادە بېرىمىز كىمكى (ئەمەلى بىلەن) دۇنيانىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىسە (ئۇنىڭ تىلىگەن) مەنپەئەتنىڭ بەزىسىنى بېرىمىز ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ساۋابتىن) ھېچ نېسىۋە يوق.20  ئۇلارنىڭ اﷲ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى دىن قىلىپ بېكىتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ (اﷲنىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان ئازابىنى قىيامەتكىچە تەخىر قىلىش توغرىسىدىكى) ھۆكۈمى بولمىسا ئىدى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە (دۇنيادىلا) ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى كافىرلار) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ21  كافىرلارنىڭ (قىيامەت كۈنى دۇنيادا) قىلغان گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن قورقۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن (ئۇلار مەيلى قورقسۇن قورقمىسۇن) جازا ئۇلارغا (چوقۇم) نازىل بولغۇسىدۇر ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار جەننەتلەرنىڭ باغچىلىرىدا بولىدۇ ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدا خالىغان نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ بۇ كاتتا ئىنئامدۇر.22  اﷲ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بەندىلىرىگە ئەنە شۇ ئىنئام بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ. «(پەيغەمبەرلىكنى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن پەقەت تۇغقانچىلىق ھەققى ئۈچۈن مېنى دوست تۇتۇشۇڭلارنى (يەنى پەرۋەردىگارىمنىڭ دەۋىتىنى يەتكۈزۈشكە چېقىلماسلىقىڭلارنى) تىلەيمەن» دېگىن كىمكى بىرەر ياخشى ئىش قىلسا ئۇنىڭغا بىز ساۋابنى زىيەدە بېرىمىز اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر.23  ئۇلار (يەنى قۇرەيىش كافىرلىرى): «ئۇ (يەنى مۇھەممەد) اﷲغا يالغاننى توقۇدى» دەمدۇ ئەگەر اﷲ خالىسا (يەنى ئۇلار گۇمان قىلغاندەك اﷲغا يالغاننى توقۇغان بولساڭ) سېنىڭ قەلبىڭنى پېچەتلىۋەتكەن بولاتتى اﷲ باتىلنى يوق قىلىدۇ (پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان) سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى ھەق قىلىدۇ اﷲ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.24  اﷲ بەندىلىرىدىن تەۋبىنى قوبۇل قىلىدۇ يامان ئىشلارنى ئەپۇ قىلىدۇ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.25  ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ دۇئاسىنى اﷲ ئىجابەت قىلىدۇ (كامالى) پەزلىدىن ئۇلارغا ساۋابنى زىيادە بېرىدۇ كافىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.26  ئەگەر اﷲ بەندىلىرىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلسا ئۇلار ئەلۋەتتە زېمىندا پىتنە- پاسات تېرىيتتى. لېكىن اﷲ خالىغان نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىدۇ اﷲ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.27  ئۇلار (يامغۇرنىڭ يېغىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن) اﷲ يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ رەھمىتىنى يايىدۇ اﷲ (ھەممىنىڭ) ئىگىسىدۇر مەدھىيەگە لايىقتۇر.28  ئاسمانلارنىڭ زېمىننىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇ ئىككىسىدە جاندارلارنىڭ يېيىلىشى اﷲنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىدىندۇر اﷲ ئەگەر خالىسا ئۇلارنى جەمئى قىلىشقا قادىردۇر.29  سىلەرگە (يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا) ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ اﷲ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ (ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا بالا ۋە مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلماس ئىدىڭلار).30  (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر زېمىندا اﷲنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر سىلەرگە اﷲدىن باشقا ھېچ ئىگە ۋە مەدەتكار يوق.31  دېڭىزدا قاتنىغۇچى تاغدەك كېمىلەر اﷲنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر.32  ئەگەر اﷲ خالىسا شامالنى توختىتىۋېتىدۇ- دە كېمىلەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالىدۇ بۇنىڭدا (قاتتىقلىقتا) سەۋر قىلغۇچى (كەڭچىلىكتە) شۈكرى قىلغۇچى ھەر مۇئمىن ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.33  ياكى اﷲ خالىسا ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن كېمىلەرنى (بوران بىلەن) ھالاك قىلىدۇ اﷲ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ.34  بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۈستىدە مۇجادىلە قىلىدىغانلار ئۆزلىرىگە اﷲنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلىدىغان جاي يوق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.35  (دۇنيانىڭ نىئمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەرقانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر ئىمان ئېيتقان پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە گۇناھى كەبىرلەردىن قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قۇشالايدىغانلارغا نامازنى (تەئىدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا بىز رىزق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا اﷲنىڭ ھوزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر تېخىمۇ باقىيدۇر.36  (دۇنيانىڭ نىئمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەرقانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر ئىمان ئېيتقان پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە گۇناھى كەبىرلەردىن قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قۇشالايدىغانلارغا نامازنى (تەئىدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا بىز رىزق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا اﷲنىڭ ھوزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر تېخىمۇ باقىيدۇر.37  (دۇنيانىڭ نىئمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەرقانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر ئىمان ئېيتقان پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە گۇناھى كەبىرلەردىن قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قۇشالايدىغانلارغا نامازنى (تەئىدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا بىز رىزق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا اﷲنىڭ ھوزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر تېخىمۇ باقىيدۇر.38  (دۇنيانىڭ نىئمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەرقانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر ئىمان ئېيتقان پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە گۇناھى كەبىرلەردىن قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قۇشالايدىغانلارغا نامازنى (تەئىدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا بىز رىزق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا اﷲنىڭ ھوزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر تېخىمۇ باقىيدۇر.39  بىر يامانلىقنىڭ جازاسى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر (يەنى ساڭا بىر كىشى قانچىلىك چېقىلسا شۇنچىلىك چېقىلماي ئاشۇرۇۋەتسەڭ بولمايدۇ) كىمكى (ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئارىسىنى) تۈزىسە ئۇنىڭ ئەجرىنى اﷲ بېرىدۇ اﷲ ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ.40  زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى ئادەم ئىنتىقامىنى ئالسا ئۇنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ.41  ئەيىبلىنىدىغانلار پەقەت كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغان زېمىندا ناھەق رەۋىشتە پىتنە- پاسات تېرىيدىغان ئادەملەردۇر ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.42  كىمكى (ئەرزىيەتكە) سەۋر قىلسا (اﷲنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) ئىنتىقام ئالمىسا بۇ ئەلۋەتتە مەرغۇپ ئىشلاردىندۇر.43  اﷲ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە شۇنىڭدىن كېيىن ھېچ ئىگە يوقتۇر زالىملار ئازابنى كۆرگەن چاغدا ئۇلارنىڭ «(دۇنياغا) قايتىشقا يول بارمىدۇ» دېگەنلىكىنى كۆرىسەن.44  ئۇلارنىڭ قورققان خارلانغان ھالدا (دەۋزەخكە) كۆزىنىڭ قۇيرۇقى بىلەن قارىغان ھالدا دەۋزەخكە توغرىلىنىدىغانلىقىنى كۆرىسەن مۇئمىنلەر: «شۈبھىسىزكى زىيان تارتقۇچىلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە زىيان سالغۇچىلاردۇر» دەيدۇ بىلىڭلاركى زالىملار ھەقىقەتەن دائىملىق ئازابتىدۇر.45  ئۇلارغا اﷲدىن باشقا ياردەم بېرىدىغان دوستلار بولمايدۇ اﷲ كىمنى گۇمراھ قىلسا ئۇنىڭغا (ئۇنى دۇنيادا ھەقكە ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشتۈرگۈچى) ھېچ يول بولمايدۇ.46  اﷲ تەرىپىدىن كەلگەن قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان بىر كۈن كېلىشتىن بۇرۇن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار بۇ كۈندە سىلەرگە قاچىدىغان جاي تېپىلماي قالىدۇ. (قىلمىشىڭلار نامە- ئەمەللىرىڭلارغا يېزىقلىق بولغانلىقى ئەزايىڭلار ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغانلىقى ئۈچۈن) سىلەر (ئۇنى) ئىنكار قىلالمايسىلەر.47  ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر ئەگەر ئىنسانغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى تېتىتساق خۇش بولۇپ كېتىدۇ ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن (بېشىغا) بىرەر ھادىسە كەلسە ئىنسان تولىمۇ كۇفرانى نىئمەت قىلغۇچىدۇر.48  ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲغا خاستۇر اﷲ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ.49  ياكى ئۇلارغا ئوغۇل قىزنى ئارلاش بېرىدۇ خالىغان ئادەمنى تۇغماس قىلىدۇ اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر ھەممىگە قادىردۇر.50  اﷲ ھەرقانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھى ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھىنى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان اﷲ ھەقىقەتەن (مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن)ئۈستۈندۇر ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.51  شۇنىڭدەك (يەنى باشقا پەيغەمبەرلەرگە ۋەھى قىلغاندەك) ئەمرىمىز بۇيىچە ساڭا قۇرئاننى ۋەھى قىلدۇق سەن (ۋەھىدىن ئىلگىرى) قۇرئاننىڭ ۋە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايتتىڭ لېكىن بىز قۇرئاننى بىر نۇر قىلدۇقكى ئۇنىڭ بىلەن بىز بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىمىز. شەك- شۈبھىسىزكى سەن توغرا يولغا باشلايسەن.52  (ئۇ) ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس بولغان اﷲنىڭ يولىدۇر. بىلىڭلاركى ھەممە ئىش اﷲغا قايتىدۇ.53


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  سۈرە نەجىمنىڭ تەرج...
●  سۈرە تۇرنىڭ تەرجىم...
●  سۈرە رازىياتنىڭ تە...
●  سۈرە قافنىڭ تەرجىم...
●  سۈرە ھۇجۇراتنىڭ تە...
●  سۈرە فەتىھنىڭ تەرج...
●  سۈرە مۇھەممەدنىڭ ت...
●  سۈرە ئەھقاپنىڭ تەر...
●  سۈرە جاسىيەنىڭ تەر...
●  سۈرە دۇخاننىڭ تەرج...
●  سۈرە زۇخرۇفنىڭ تەر...
●  سۈرە شۇرانىڭ تەرجى...
●  سۈرە فۇسسىلاتنىڭ ت...
●  سۈرە غافىرنىڭ تەرج...
●  سۈرە زۇمرەتنىڭ تەر...
●  سۈرە ساففاتنىڭ تەر...
●  سۈرە سادنىڭ تەرجىم...
●  سۈرە ياسىننىڭ تەرج...
●  سۈرە فاتىرنىڭ تەرج...
●  سۈرە سابانىڭ تەرجى...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  سۈرە نەجىمنىڭ تەرجىمىسى
●  سۈرە تۇرنىڭ تەرجىمىسى
●  سۈرە رازىياتنىڭ تەرجىمى...
●  سۈرە قافنىڭ تەرجىمىسى
●  سۈرە ھۇجۇراتنىڭ تەرجىمى...
●  سۈرە فەتىھنىڭ تەرجىمىسى
●  سۈرە مۇھەممەدنىڭ تەرجىم...
●  سۈرە ئەھقاپنىڭ تەرجىمىس...
●  سۈرە جاسىيەنىڭ تەرجىمىس...
●  سۈرە دۇخاننىڭ تەرجىمىسى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى