سۈرە فاتىرنىڭ تەرجىمىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-22 12:20:37 كۆرۈلۈش سانى : 424
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
[align=center]ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[/align]
جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى پەرىشتىلەرنى ئىككى قاناتلىق ئۈچ قاناتلىق تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر قىلغۇچى اﷲغا خاستۇر! اﷲ يارىتىشتا خالىغىنىنى زىيادە قىلىدۇ اﷲ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر1 اﷲ رەھمىتىدىن كىشىلەرگە ئاچقان نەرسىنى ھەرگىزمۇ توسۇپ قالالىغۇچى بولمايدۇ اﷲ رەھمىتىدىن توسقان نەرسىنى اﷲ توسقاندىن كېيىن ئۇنى ھېچ قۇيۇپ بەرگۈچى بولمايدۇ اﷲ غالىبتۇر ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.2 ئى ئىنسانلار! اﷲنىڭ سىلەرگە بەرگەن نىئمىتىنى ياد ئېتىڭلار اﷲدىن باشقا سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزق بېرىپ تۇرىدىغان ياراتقۇچى بارمۇ اﷲدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر (اﷲنىڭ ئىبادىتىدىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر.3 (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا (قايغۇرۇپ كەتمە) ھەقىقەتەن سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ئنكار قىلىنغان ھەممە ئىش اﷲنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ.4 ئى ئىنسانلار! اﷲنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىگى مەغرۇر قىلمىسۇن شەيتاننىڭ سىلەرنى اﷲنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن مەغرۇر قىلىشقا يول قويماڭلار.5 شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار شەيتان ئۆزىنىڭ تەۋەلىرىنى ئەھلى دەۋزەختىن بولۇشقا چاقىرىدۇ.6 كافىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مەغفىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ.7 ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن شۇنىڭ بىلەن ئۇنى چىرايلىق ھېسابلىغان كىشى (ھىدايەت تاپقان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ) اﷲ ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى گۇمراھ قىلىدۇ (خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ). شۇڭا سەن ئۇلار ئۈچۈن (يەنى ئىمان ئېيتمىغانلىقلىرى ئۈچۈن) قايغۇرۇپ ئۆزەڭنى ھالاك قىلىۋالمىغىن اﷲ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلپ تۇرغۇچىدۇر.8 اﷲ شاماللارنى ئەۋەتىپ (ئۇنىڭ بىلەن) بۇلۇتنى قوزغايدۇ بىز بۇلۇتلارنى ئۆلۈك (يەنى قاغىجىراق) بىر يەرگە ھەيدەيىز (بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىمىز) شۇ يامغۇر بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىمىز. ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئەنە شۇنداقتۇر.9 كىمكى (دۇنيادا) شەرەپ ئىزدەيدىكەن شەرەپنىڭ ھەممىسى اﷲغا مەنسۇپ (ئۇنى اﷲدىن تىلىسۇن). ياخشى سۆز اﷲنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ ياخشى ئەمەل ئۇنى كۆتۈرىدۇ (پەيغەمبەرگە قارشى) ھىيلە- مىكىرلەرنى تۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ ئۇلارنىڭ ھىيلە- مىكرى ئىشقا ئاشمايدۇ.10 اﷲ سىلەرنى (يەنى ئەسلىڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن ياراتتى. ئاندىن ئابىمەنىدىن پەيدا قىلدى. ئاندىن سىلەرنى (ئەر- ئايالدىن ئىبارەت) بىر جۈپ قىلدى ھەرقانداق ئايالنىڭ ھامىلدار بولۇشى ۋە توغۇشى اﷲنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا ئەمەس ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى لەۋھۇلمەھفۇزدا يېزىلغان بۇ ھەقىقەتەن اﷲغا ئاسان.11 ئىككى دېڭىز (يەنى دېڭىز بىلەن دەريا) ئوخشاش ئەمەس. بۇنىڭ (يەنى دەريانىڭ) سۈيى تاتلىق تەملىك بولۇپ (گالدىن) سىلىق ئۆتىدۇ بۇ (يەنى دېڭىز) ناھايىتى ئاچچىق تۇزلۇق ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدىن يېڭى گۆشلەرنى (يەنى بېلىقلارنى) يەيسىلەر (دېڭىزدىن) سىلەر تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرى (يەنى ئۈنچە- مارجانلار) نى چىقىرىسىلەر اﷲنىڭ نىئمىتىنى تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن شۈكرى قىلىشىڭلار ئۈچۈن (اﷲنىڭ ئەمرى بىلەن يۈك- تاق يېمەك- ئىچمەكلەر قاچىلانغان) كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن.12 اﷲ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ (شۇنىڭ بىلەن كېچە- كۈندۈزنىڭ ئوزۇن- قىسقا بولۇشى جايلار پەسىللەر بۇيىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ) اﷲ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى. ھەر ئىككىلىسى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى قىيامەتكىچە ئۆز ئوقىدا) سەير قىلىدۇ ئەنە شۇ اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر اﷲنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگە ئىگە ئەمەس.13 ئەگەر ئۇلارنى چاقىرساڭلار سىلەرنىڭ چاقىرغىنىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ سىلەرگە جاۋاپ قايتۇرالمايدۇ قىيامەت كۈنى ئۇلار (اﷲغا ئۇلارنى) شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئىنكار قىلىدۇ (مۇشرىكلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋالىنى ھېچ ئەھەدى) ساڭا ھەممىدىن خەۋەردار زاتتەك (يەنى اﷲدەك) ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.14 ئى ئىنسانلار! سىلەر اﷲغا مۇھتاجسىلەر اﷲ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر مەدھىيىگە لايىقتۇر.15 ئەگەر اﷲ خالىسا سىلەرنى ھالاك قىلىپ (ئورنۇڭلارغا) يېڭى بىر خەلقنى پەيدا قىلىدۇ.16 بۇ اﷲغا قىيىن ئەمەس.17 ھېچبىر گۇناھكار ئادەم بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ گۇناھى ئېغىر بىر ئادەم باشقا بىراۋنى ئۆز گۇناھىنى ئۈستىگە ئېلىۋېلىشقا چاقىرسا ئۇ يېقىن تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئازراق نەرسىنى ئۈستىگە ئېلىۋالالمايدۇ سەن پەقەت پەرۋەردىگارىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارنى نامازنى ئادا قىلىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرىسەن كىمكى (گۇناھلاردىن) پاكلىنىدىكەن ئۇ ئۆزى ئۈچۈن پاكلانغان بولىدۇ. ئاخىر قايتىدىغان جاي اﷲنىڭ دەرگاھىدۇر.18 كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم (يەنى كافىر بىلەن مۇئمىن) باراۋەر بولمايدۇ.19 زۇلمەت بىلەن نۇر (يەنى باتىل بىلەن ھەق) باراۋەر بولمايدۇ.20 سايە بىلەن ئىسسىق (يەنى جەننەت بىلەن دەۋزەخ) باراۋەر بولمايدۇ.21 تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەر (يەنى مۇئمىنلەر بىلەن كافىرلار) باراۋەر بولمايدۇ شۈبھىسىزكى اﷲ (ھەق دەۋەتنى) خالىغان كىشىلەرگە ئاڭلىتىدۇ. سەن قەبرىلەردىكىلەرگە (يەنى كافىرلارغا) ئاڭلىتالمايسەن.22 سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن.23 ھەقىقەتەن بىز سېنى ھەق (دىن) بىلەن (مۇئمىنلەرگە) خۇش خەۋەر بەرگۈچى (كافىرلارغا) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. قانداقلا بىر ئۈممەت بولمىسۇن ئۇنىڭغا پەيغەمبەر كەلگەن.24 ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى (ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان سەھىپىلەرگە ئوخشاش) سەھىپىلەرنى (تەۋرات ئىنجىلدەك) نۇرلۇق كىتابلارنى ئېلىپ كەلدى.25 ئاندىن كافىرلارنى جازالىدىم (ئۇلارغا بەرگەن) ئازابىم قانداق ئىكەن (يەنى ئۇلارغا قانداق قاتتىق ئازاب قىلدىم).26 كۆرمەمسەنكى اﷲ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردى (شۇنىڭدەك اﷲ تاغلارنى ياراتتى) تاغلارنىڭ ئاق قىزىللىرى ھەر خىل رەڭدىكى يوللۇقلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار.27 شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى ھايۋانلارنى چاھارپايلارنىمۇ خىلمۇخىل رەڭلىك قىلىپ ياراتتى اﷲنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە اﷲدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر (بەندىلىرى ئىچىدە تەۋبە قىلغانلارنى) مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر.28 شۈبھىسىزكى اﷲنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار نامازنى ئادا قىلىدىغانلار كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ بىز رىزق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى (اﷲنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرىپ قىلىدىغان كىشىلەرگە29 اﷲ ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر.30 ساڭا بىز ۋەھى قىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) ھەقتۇر. ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ (راستلىقىنى) ئىسپاتلىغۇچىدۇر اﷲ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.31 ئاندىن بىز كىتاب (يەنى قۇرئان) نى بەندىلىرىمىزدىن بىز تاللىغان كىشىلەرگە مىراس قىلىپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر (يەنى قۇرئاننى تىلاۋەت قىلغان بىلەن ئەمەل قىلمايدۇ) بەزىسى ئوتتۇرا ھالدۇر (يەنى كۆپ چاغلاردا قۇرئانغا ئەمەل قىلىپ قىسمەن چاغلاردا ئەمەل قىلمايدۇ) ۋە بەزىسى اﷲنىڭ ئىزنى بويىچە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىدۇر. ئەنە شۇ كاتتا مەرھەمەتتۇر.32 ئۇلار ھەمىشە تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى مەرۋايىتلارنى تاقايدۇ ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ.33 ئۇلار ئېيتتى: «جىمى ھەمدۇسانا بىزدىن غەم- قايغۇنى كەتكۈزۈۋەتكەن اﷲغا مەنسۇپتۇر! بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر.34 اﷲ مەرھەمىتىدىن بىزنى جەننەتتە تۇرغۇزدى. جەننەتتە بىز ھەرگىز جاپا تارتمايمىز ھەرگىز چارچىمايمىز».35 كافىرلار دەۋزەخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ (ئارام تېپىپ قالماسلىقى ئۈچۈن) جانلىرى ئېلىنمايدۇ ئۇلاردىن ئازابمۇ يېبىكلىتىلمەيدۇ كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقان ھەر ئىنساننى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.36 ئۇلار دەۋزەختا: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادىكى ۋاقىتتا) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ئەمەللەرنى قىلساق» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. (اﷲ ئېيتىدۇ) «سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ ۋەز- نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلدىغۇ ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق».37 اﷲ ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىبنى بىلگۈچىدۇر. اﷲ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر.38 اﷲ سىلەرنى زېمىندا ئورۇنباسارلار قىلدى كىمكى كافىر بولىدىكەن ئۇنىڭ كۇفرىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ كافىرلارنىڭ كۇفرى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا پەقەت غەزەپنىلا زىيادە قىلىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ كۇفرى ئۇلارنى اﷲنىڭ رەھمىتىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ) كافىرلارنىڭ كۇفرى ئۇلارغا پەقەت ھالاكەتنىلا زىيادە قىلىدۇ.39 ئېيتقىنكى «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ سىلەر اﷲنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلار (نېمە بىلەن چوقۇنۇشقا لايىق بولدى) ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلاركى ئۇلار زېمىندىن نېمىلەرنى ياراتتى يا ئۇلار ئاسمانلارنى اﷲ بىلەن بىرلىكتە ياراتتىمۇ يا ئۇلارغا بىز بىر كىتاب بەرگەن بولۇپ ئۇلار شۇ كىتابتىكى روشەن دەلىللەرگە ئاساسلىنامدۇ» ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس زالىملار بىر- بىرىگە پەقەت يالغاننىلا ۋەدە قىلىشىدۇ.40 اﷲ ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى (قۇدرىتى ۋە گۈزەل ھېكمىتى بىلەن) چۈشۈپ كېتىشتىن توختىتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چۈشۈپ كەتسە ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى توختىتىپ تۇرالمايدۇ. اﷲ ھەقىقەتەن ھەلىمدۇر (يەنى كۇففارلار ئازابقا تېگىشلىك بولسىمۇ ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ) ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر.41 ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلسە ھەرقانداق ئۈممەتكە قارىغاندا ئەڭ ھىدايەت تاپقۇچى بولىدىغانلىقلىرى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشتى. ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن چاغدا (ھىدايەتتىن) تېخىمۇ يىراق بولۇشتى.42 (بۇنداق بولۇشى) ئۇلارنىڭ زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقلىرى ۋە ھىيلە- مىكىر ئىشلەتكەنلىكلىرىدىندۇر. ھىيلە- مىكىرنىڭ ۋابالى پەقەت ھىيلە- مىكىر ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ ئۇلار پەقەت ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە قوللىنىلغان (اﷲنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش ۋە جازالاشتىن ئىبارەت) يولىنىلا كۈتىدۇ اﷲنىڭ (مەخلۇقاتلار ئۈستىدە قوللانغان) يولىدا ھەرگىزمۇ ھېچقانداق ئۆزگىرىشنى كۆرمەيسەن اﷲ يولىدا ھەرگىز يۆتكىلىشنىمۇ (يەنى ئازابنىڭ ئازابقا تېگىشلىك بولغانلار ئۈستىدىن باشقىلارنىڭ ئۈستىگە يۆتكىلىشىنى) كۆرمەيسەن.43 ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەر (يەنى ھالاك بولغان ئۈممەتلەر) نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ ئۇلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) بۇلاردىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە اﷲنى ئاجىز قالدۇرالمايدۇ. اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر ھەممىگە قادىردۇر.44 ئەگەر اﷲ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالايدىغان بولسا يەر يۈزىدە ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى ۋە لېكىن اﷲ ئۇلار (دىن ھېساب ئېلىش) نىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە قاراپ جازا بېرىدۇ) اﷲ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.45 |
|