سۈرە زۇمرەتنىڭ تەرجىمىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-11-06 12:54:17 كۆرۈلۈش سانى : 269
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
[align=center]ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[/align]
بۇ كىتاب غالىب ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.1 ساڭا بىز (بۇ) كىتابنى ھەقىقەتەن ھەق بىلەن (يەنى ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا) نازىل قىلدۇق دىنىڭنى شېرىكتىن (ۋە رىيادىن) ساپ قىلغىنىڭ ھالدا اﷲغا ئىبادەت قىلغىن.2 بىلىڭلاركى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ دىن اﷲغا خاستۇر اﷲنى قويۇپ بۇتلارنى ھىمايىچى قىلىۋالغانلار: «بىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى اﷲغا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر» (دەيدۇ). اﷲ ھەقىقەتەن (قىيامەت كۈنى) ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ اﷲ ھەقىقەتەن يالغانچىنى (اﷲنىڭ نىئمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ.3 ئەگەر اﷲ بالا تۇتۇشنى خالىسا ئىدى ئەلۋەتتە مەخلۇقات ئىچىدىن خالىغاننى ئىختىيار قىلاتتى اﷲ (بالا تۇتۇشتىن) پاكتۇر ئۇ غالىب بىر اﷲدۇر.4 اﷲ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ئاساسىدا ياراتتى. اﷲ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ اﷲ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى ئۇلارنىڭ ھەربىرى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى قىيامەتكىچە ئۆز ئوقىدا) سەير قىلىدۇ بىلىڭلاركى ئۇ (يەنى اﷲ ئۆز ئىشىدا) غالىبتۇر. (بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى) تولىمۇ مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر.5 اﷲ سىلەرنى بىر ئادەمدىن ياراتتى ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتتى ۋە ھايۋانلاردىن سەككىزنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى اﷲ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققى قىلدۇرۇپ (يەنى ئابىمەنى ئاندىن لەختە قان ئاندىن پارچە گۆش باسقۇچلىرىغا بۆلۈپ) ئۈچ قاراڭغۇلۇق (يەنى بالا ھەمراھىنىڭ پەردىسى بەچچىدان ۋە ئانىنىڭ قورسىقى) ئىچىدە يارىتىدۇ ئەنە شۇ اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر پادىشاھلىق اﷲغا خاستۇر ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر قانداقمۇ (ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن ئۇنىڭدىن غەيرىيگە چوقۇنۇشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر.6 ئەگەر كافىر بولساڭلار اﷲ سىلەردىن بىھاجەتتۇر اﷲ بەندىلىرىنىڭ كافىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ ئەگەر سىلەر شۈكرى قىلساڭلار اﷲ سىلەرنىڭ قىلغان شۈكرۈڭلاردىن رازى بولىدۇ بىر گۇناھكار ئادەم باشقا بىراۋمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ (يەنى ھەر ئادەم قىلغان گۇناھىغا ئۆزى جاۋاپكار بولىدۇ) ئاندىن سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر اﷲ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ اﷲ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى تولۇق بىلگۈچىدۇر7 ئىنسانغا بىرەر زىيان- زەخمەت يەتسە پەرۋەردىگارىغا يۈزلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ ئاندىن اﷲ ئۆز تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نىئمەت ئاتا قىلغان (ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋەتكەن) چاغدا اﷲغا زىيان- زەخمەتنى كۆتۈرۈۋېتىش توغرۇلۇق ئىلگىرى قىلغان دۇئاسىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ (باشقىلارنى) اﷲنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن اﷲغا شېرىكلەرنى كەلتۈرىدۇ ئيتقىنكى «سەن كۇفرىڭ بىلەن تۇرۇپ (بۇ پانىي دۇنيادىن) ئازغىنا (ۋاقىت) بەھرىمەن بولغىن سەن چوقۇم دەۋزىخىلاردىندۇرسەن.8 (اﷲغا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ) ياكى ئاخىرەت (ئازابىدىن) قورقۇپ پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم (ياخشىمۇ)». ئېيتقىنكى «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ».9 ئېيتقىنكى «ئى (اﷲنىڭ) مۇئمىن بەندىلىرى! پەرۋەردىگارىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلار (ئاخىرەتتە) ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ. اﷲنىڭ يېرى كەڭدۇر (كۇففارلار ئارىسىدىن شۇ يەرگە ھىجرەت قىلىڭلار) پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ».10 ئېيتقىنكى «مەن دىننى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا اﷲغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم11 ھەمدە (بۇ ئۈممەتنىڭ ئىچىدە) مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم».12 ئېيتقىنكى «ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام شۈبھىسىزكى بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن (يەنى اﷲنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلسام قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ مېنى جەھەننەم ئوتى بىلەن ئازابلىشىدىن قورقىمەن)».13 ئېيتقىنكى «دىنىمنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا اﷲغا ئىبادەت قىلىمەن.14 سىلەر اﷲدىن باشقا خالىغىنىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار!» ئېيتقىنكى «قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيان تارتقۇزغۇچىلار قاتتىق زىيان تارتقۇچىلاردۇر بىلىڭلاركى ئەنە شۇ روشەن زىياندۇر.15 ئۇلارنى ئۈستىدىنمۇ قاتمۇ- قات ئوت ئاستىدىنمۇ قاتمۇ- قات ئوت ئورىۋالىدۇ شۇ (قاتتىق ئازاب) بىلەن اﷲ بەندىلىرىنى قورقۇتىدۇ». ئى بەندىلىرىم! (ئازابىمدىن) قورقۇڭلار.16 شەيتانغا (ۋە بۇتلارغا) چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا اﷲغا (ۋە ئۇنىڭ ئىبادىتىگە) قايتقانلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇش خەۋەر بەرگىن ئەنە شۇلار اﷲ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر ئەنە شۇلار (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر.17 شەيتانغا (ۋە بۇتلارغا) چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا اﷲغا (ۋە ئۇنىڭ ئىبادىتىگە) قايتقانلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇش خەۋەر بەرگىن ئەنە شۇلار اﷲ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر ئەنە شۇلار (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر.18 كىمگە ئازاب ۋەدىسى تېگىشلىك بولسا (ئۇ چوقۇم دەۋزەخكە كىرىدۇ) سەن دەۋزەختىكى ئادەمنى قۇتقۇزالامسەن19 لېكىن (دۇنيادا) پەرۋەردىگارىدىن قورققانلار (جەننەتتە) قەۋەت- قەۋەت ئالىي ئىمارەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ (بۇ) اﷲنىڭ ۋەدىسىدۇر اﷲ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ.20 سەن بىلمەمسەنكى اﷲ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنى يەرگە سىڭدۈرۈپ بۇلاقنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن اﷲ ئۇنىڭ بىلەن رەڭگى خىلمۇ- خىل زىرائەتلەرنى ئۈندۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ قۇرۇيدۇ ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئاندىن اﷲ ئۇنى شاخ- شۇمبىغا ئايلاندۇرىدۇ ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن (اﷲنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئىبرەت بار.21 اﷲ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كەڭ قىلغان پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى ئۈستىدە بولغان ئادەم (دىلى كور ئادەم بىلەن) ئوخشاشمۇ اﷲنىڭ زىكرىنى تەرك ئەتكەنلىكتىن دىللىرى قېتىپ كەتكەنلەرگە ۋاي! ئەنە شۇلار روشەن گۇمراھلىقتىدۇر22 اﷲ سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى نازىل قىلدى. (پاساھەتتە بالاغەتتە) ئۇنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ (ۋەز- نەسىھەتلەر ئەھكاملار قىسسىلەر ئۇنىڭدا) تەكرارلىنىدۇ (قۇرئاندىكى ئازاب ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا) پەرۋەردىگارىدىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرى تىترەيدۇ ئاندىن اﷲنىڭ زىكرى ئۈچۈن (يەنى اﷲنىڭ رەھمىتى مەغفىرىتىگە دائىر ئايەتلەر تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا) ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە دىللىرى يۇمشاپ (ئارام تاپىدۇ) ئەنە شۇ (يەنى قۇرئان) اﷲنىڭ ھىدايىتىدۇركى ئۇنىڭ بىلەن (اﷲ) خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ اﷲ ئازدۇرغان ئادەمگە ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ.23 قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابنى يۈزى بىلەن مۇداپىئە قىلىدىغان ئادەم (ئازابقا دۇچار بولمايدىغان ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ) زالىملارغا (يەنى كافىرلارغا): «قىلغان گۇناھلىرىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ).24 ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (ئۈممەت) لەر (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى ئويلىمىغان يەردىن ئۇلارغا ئازاب كەلدى.25 اﷲ ئۇلارغا بۇ دۇنيادا خارلىقنىڭ (تەمىنى) تېتىتتى ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ بۈيۈكتۇر ئۇلار (ئاخىرەتنىڭ ئازابىنى) بىلسە ئىدى (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلمايتتى).26 بىز كىشىلەرنى ۋەز- نەسىھەت ئالسۇن دەپ بۇ قۇرئاندا ئۇلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق.27 قۇرئان ئەرەبچىدۇر ئەگرىلىكتىن خالىيدۇر ئۈمىدكى ئۇلار (قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ كۇفرىدىن) ساقلانغاي.28 اﷲ (سىلەرگە مۇنداق) بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر قۇل بولۇپ ئۇنىڭغا (ئىشقا سېلىشنى) تالىشىدىغان نۇرغۇن خۇجايىنلار ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ (بىرسى بۇ ئىشقا بىرسى ئۇ ئىشقا بۇيرۇيدۇ ئۇ كىمنى رازى قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ) يەنە بىر قۇل بولۇپ ئۇ بىر ئادەمگىلا خاستۇر بۇ ئىككى قۇل (يەنى ئۇنىڭ ئەھۋالى) باراۋەرمۇ جىمى ھەمدۇسانا اﷲغا خاستۇر! بەلكى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.29 سەن ھەقىقەتەن ئۆلىسەن ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن ئۆلىدۇ.30 ئاندىن كېيىن سىلەر قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا بىر- بىرىڭلار بىلەن دەۋا قىلىشىسىلەر.31 اﷲغا يالغاننى چاپلىغان نازىل بولغان راست سۆزنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ جەھەننەمدە كافىرلارغا ئورۇن يوقمۇ32 راست سۆز (يەنى قۇرئان) نى ئېلىپ كەلگەن كىشى ۋە ئۇنى ئېتراپ قىلغان كىشىلەر – ئەنە شۇلار تەقۋادارلاردۇر.33 ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۆزلىرى خالىغان بەندىلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ئەنە شۇ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىدۇر.34 اﷲ ئۇلارنىڭ ئەڭ يامان ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىدۇ ئۇلارغا قىلغان ئەڭ ياخشى ئەمەللىرى بۇيىچە ساۋاب بېرىدۇ.35 اﷲ بەندىسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قوغداشقا ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە) يېتەرلىك ئەمەسمۇ ئۇلار سېنى اﷲدىن باشقا مەبۇدلار بىلەن قورقۇتىدۇ اﷲ گۇمراھ قىلغان ئادەمنى ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ.36 اﷲ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچ ئازدۇرغۇچى بولمايدۇ اﷲ غالىب (دۈشمەنلىرىنى) جازالىغۇچى ئەمەسمۇ.37 ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتقان» دەپ سورىساڭ شۈبھىسىزكى ئۇلار: «اﷲ ياراتقان» دەيدۇ. ئېيتقىنكى «ئەگەر اﷲ ماڭا بىرەر زىيان- زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا ئۇنى دەپئى قىلىشقا يا اﷲ ماڭا رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا ئۇنى توسۇۋېلىشقا اﷲدىن باشقا سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلار قادىر بولالامدۇ ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ» ئېيتقىنكى «ماڭا اﷲ كۇپايىدۇر تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلسۇن (يەنى ھەممە ئىشنى اﷲغا تاپشۇرسۇن)».38 ئېيتقىنكى «ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز ھالىڭلار بۇيىچە ئىشلەڭلار مەنمۇ ئۆز ھالىم بويىچە ئىشلەيمەن سىلەر ئۇزۇنغا قالماي خارلىغۇچى ئازابنىڭ كىمگە قالىدىغانلىقىنى مەڭگۈلۈك ئازابنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر».39 ئېيتقىنكى «ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز ھالىڭلار بۇيىچە ئىشلەڭلار مەنمۇ ئۆز ھالىم بويىچە ئىشلەيمەن سىلەر ئۇزۇنغا قالماي خارلىغۇچى ئازابنىڭ كىمگە قالىدىغانلىقىنى مەڭگۈلۈك ئازابنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر».40 سۈبھىسىزكى بىز ساڭا كىتابنى ئىنسانلار ئۈچۈن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن ئۆزى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ كىمكى ئازىدىكەن ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ سەن ئۇلارغا ھامىي ئەمەسسەن (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا زورلاشقا مۇئەككەل ئەمەسسەن).41 ئىنسانلار ئۆلىدىغان چاغلىرىدا اﷲ ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ ئۆلمىگەنلەرنىڭ جانلىرىنى ئۇخلىغان چاغلىرىدا ئالىدۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان (يەنى ئەجىلى يەتكەنلەر) نىڭ جانلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ قالغانلارنىڭ جانلىرىنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى ئەجىلى يەتكۈچە) قويۇپ بېرىدۇ بۇنىڭدا پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن (اﷲنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار.42 (ئۇلار پىكىر يۈرگۈزمىدى) بەلكى اﷲنى قويۇپ (بۇتلاردىن) شاپائەتچىلەرنى تۇتتى. ئېيتقىنكى «ئۇلار (يەنى شاپائەتچى قىلىنغان بۇتلار) ھېچ نەرسىگە قادىر بولالمايدىغان ۋە (ھېچ نەرسىنى) سەزمەيدىغان تۇرسىمۇ (ئۇلارنى شاپائەتچى تۇتامدۇ).43 شاپائەتنىڭ ھەممىسى اﷲنىڭ ئىلكىدىدۇر (ھېچ ئادەم اﷲنىڭ ئىزنىسىز شاپائەت قىلالمايدۇ) ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲغا خاستۇر. ئاندىن سىلەر اﷲنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر».44 يالغۇز اﷲ تىلغا ئېلىنسا ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى سىقىلىپ كېتىدۇ. اﷲدىن باشقا مەبۇدلار تىلغا ئېلىنسا ئۇلار خۇش بولۇپ كېتىدۇ.45 ئېيتقىنكى «ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى اﷲ! سەن بەندىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىسەن».46 ئەگەر (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كۆپ نەرسە بولىدىغان بولسا قىيامەت كۈنىدىكى قاتتىق ئازاب ئۈچۈن ئۇنى فىدىيە بەرگەن بولاتتى ئۇلارغا اﷲ تەرىپىدىن (بۇ دۇنيادىكى چاغلىرىدا) ئويلاپ باقمىغان ئازابلار ئاشكارا بولىدۇ.47 ئۇلارغا ئۇلارنىڭ (دۇنيادا) قىلغان يامان ئىشلىرى ئاشكارا بولىدۇ ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى چاغدا پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىنى) مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنى (قاتتىق) ئازاب ئورىۋالىدۇ.48 ئىنسانغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە بىزگە دۇئا قىلىپ (ئىلتىجا قىلىدۇ) ئاندىن ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ بىرەر نىئمىتىمىزنى ئاتا قىلساق ئۇ: «بۇ نىئمەت ماڭا ئۆز ئىلمىمدىن (يەنى پەزلىمدىن ئەمگىكىمدىن تىرىشچانلىقىمدىن رىزق تېپىشنىڭ يوللىرىنى بىلگەنلىكىمدىن) كەلدى» دەيدۇ. (ئىش ئۇ ئويلىغاندەك ئەمەس) بەلكى ئۇ سىناقتۇر (يەنى نىئمەت ئاتا قىلىش بىلەن ئۇنى ئىتائەت قىلامدۇ ئاسىيلىق قىلامدۇ دەپ سىنايمىز). لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.49 مۇنداق سۆزنى ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ قىلغان ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن مال- مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى.50 ئۇلار (دۇنيادا) قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغانلارمۇ قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ ئۇلار ئازابىمىزدىن قۇتۇلالمايدۇ.51 ئۇلار بىلمەمدۇكى اﷲ (سىناش يۈزىسىدىن) خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ شەك- شۈبھىسىزكى بۇنىڭدا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار.52 (ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! اﷲنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىتسىزلەنمەڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىدۇ سۈبھىسىزكى اﷲ ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر ناھايىتى مېھرىباندۇر.53 سىلەرگە ئازاب كېلىپ ياردەمگە ئېرىشەلمىگىنىڭلاردىن بۇرۇن پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە قايتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار.54 سىلەر تۇيمىغان ھالەتتە سىلەرگە ئازابنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشىدىن ئىلگىرى سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل قۇرئانغا ئەگىشىڭلار».55 ھەرقانداق ئادەم: «اﷲنىڭ تائىتىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ھەسرەت! مەن (اﷲنىڭ شەرىئىتىنى ۋە دىنىنى) مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن56 ياكى «اﷲ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا (ھىدايەت تېپىپ) ئەلۋەتتە تەقۋادارلاۋدىن بولاتتىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن57 ياكى ئازبنى كۆرگەن چاغدا: «كاشكى دۇنياغا قايتىشىمغا بولسا ئىدى (ئۇ چاغدا اﷲغا ئىتائەت قىلىپ) ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن (پەرۋەردىگارىغا بويسۇنسۇن).58 دۇرۇس ھەقىقەتەن ساڭا مېنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىم (يەنى ھىدايەتكە سەۋەپ بولىدىغان قۇرئان) كەلدى. سەن ئۇلارنى ئىنكار قىلدىڭ بويۇنتاۋلىق قىلدىڭ سەن كافىرلاردىن بولدۇڭ.59 قىيامەت كۈنى اﷲغا يالغاننى چاپلىغانلارنىڭ يۈزلىرىنى قاپقارا كۆرىسەن جەھەننەمدە مۇتەكەببىرلەرگە ئورۇن يوقمۇ.60 اﷲ (شېرىكتىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان يوللار ئارقىلىق (ئازابتىن) قۇتۇلدۇرىدۇ ئۇلارغا كۈلپەت يەتمەيدۇ ئۇلار قايغۇرمايدۇ.61 اﷲ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر (ئۇلارنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدۇ).62 ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى اﷲنىڭ ئىلكىدىدۇر اﷲنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار – ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.63 (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى «ئى نادانلار! مېنى اﷲدىن غەيرىگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇمسىلەر».64 ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە: «ئەگەر سەن اﷲغا شېرىك كەلتۈرسەڭ سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن بەلكى يالغۇز اﷲغا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكرى قىلغۇچىلاردىن بولغىن» دەپ ۋەھى قىلىندى.65 ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە: «ئەگەر سەن اﷲغا شېرىك كەلتۈرسەڭ سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن بەلكى يالغۇز اﷲغا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكرى قىلغۇچىلاردىن بولغىن» دەپ ۋەھى قىلىندى.66 ئۇلار اﷲنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى. قىيامەت كۈنى زېمىن پۈتۈنلەي اﷲنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ ئاسمانلار اﷲنىڭ ئوڭ قولىدا قاتلىنىپ تۇرىدۇ اﷲ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر.67 سۈر چېلىنغاندا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى اﷲ خالىغاندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ ئاندىن سۈر ئىككىنچى قېتىم چېلىنغاندا ناگاھان ئۇلار تۇرۇپ (نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقلىرىغا) قاراپ تۇرىدۇ.68 مەھشەرگاھ پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى بىلەن يۇرىيدۇ نامە- ئەماللار ھازىر قىلىنىدۇ پەيغەمبەرلەر ۋە گۇۋاھچىلار كەلتۈرىلىدۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.69 ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ. اﷲ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلىدۇ.70 كافىرلار جەھەننەمگە توپ- توپ بولۇپ ھەيدىلىدۇ ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ جەھەننەمنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «ئاراڭلاردىن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرىدىغان بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنىڭ بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىگەنمۇ» دەيدۇ. ئۇلار: «شۇنداق (پەيغەمبەرلەر كەلگەن بىزنى ئاگاھلاندۇرغان) لېكىن ئازابقا دۇچار بولۇش ھۆكمى (كۇفرى ۋە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن) كافىرلارغا تېگىشلىك بولدى» دەيدۇ.71 (ئۇلارغا) «جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قېلىڭلار مۇتەكەببىرلەرنىڭ جايى نېمەدېگەن يامان!» دېيىلىدۇ.72 پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغانلار جەننەتكە توپ- توپ بولغان ھالدا ماڭدۇرۇلىدۇ ھالبۇكى ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەن چاغدا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ جەننەتكە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن سىلەر (گۇناھلارنىڭ كىرلىرىدىن) پاك بولدۇڭلار جەننەتكە كىرىڭلار (ئۇنىڭدا) مەڭگۈ قېلىڭلار» دەيدۇ.73 ئۇلار (جەننەتكە كىرىپ ئورۇنلاشقان چاغدا) ئېيتىدۇ: «جىمى ھەمدۇسانا اﷲغا خاستۇركى ئۇ بىزگە قىلغان ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى جەننەتنىڭ زىمىنىغا بىزنى ۋارىس قىلدى. جەننەتتە ئۆزىمىز خالىغان جايدا تۇرىمىز ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئەجرى (يەنى جەننەت) نېمەدېگەن ياخشى!».74 پەرىشتىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتقان ھەمدى ئېيتقان ھالدا ئەرشنىڭ چۆرىسىنى ئوراپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەققانىي ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ (مۇئمىنلەر جەننەتكە كىرىدۇ كافىرلار دەۋزەخكە كىرىدۇ) «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲغا خاستۇر!» دېيىلىدۇ.75 |
|