بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئىسلام دىنى >> قۇرئان كەرىم >> سۈرە ھۇجۇراتنىڭ تەرجىمىسى

سۈرە ھۇجۇراتنىڭ تەرجىمىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-14 13:32:45    كۆرۈلۈش سانى : 1406  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
[align=center]ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[/align]   ئى مۇئمىنلەر! سىلەر اﷲنىڭ ۋە اﷲنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا (ھېچقانداق بىر ئىشنى ۋە سۆزنى) ئالدى بىلەن قىلماڭلار اﷲدىن قورقۇڭلار اﷲ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (نىيىتىڭلارنى ۋە ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.1   ئى مۇئمىنلەر! (رەسۇلۇللاغا سۆز قىلغان چېغىڭلاردا) ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى قىلماڭلار سىلەر بىر- بىرىڭلار بىلەن (توۋلاپ) يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سۆزلەشكەندەك پەيغەمبەرگە (توۋلاپ) يۇقىرى ئاۋازدا سۆز قىلماڭلار (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۆزلىرىڭلار تۇيماستىن (قىلغان ياخشى) ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ.2   شۈبھىسىزكى رەسۇلۇللانىڭ يېنىدا پەس ئاۋازدا گەپ قىلغانلارنىڭ دىللىرىنى اﷲ تەقۋا ئۈچۈن سىنىغان ئۇلار مەغفىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ.3   شۈبھىسىزكى سېنى ھۇجرىلار (يەنى پاك ئاياللىرىڭنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى) ئارقىسىدىن توۋلايدىغانلارنىڭ تولىسى ئەقىلسىز كىشىلەردۇر.4   سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققىنىڭغا قەدەر ئۇلار سەۋر قىلىپ تۇرۇشسا ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى اﷲ ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر ناھايىتى مېھرىباندۇر.5   ئى مۇئمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قۇيۇپ قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار.6   بىلىڭلاركى ئىچىڭلاردا رەسۇلۇللا (اﷲنىڭ پەيغەمبىرى) بار ئەگەر ئۇ نۇرغۇن ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىدىغان بولسا چۇقۇم قىيىن ئەھۋالدا قالاتتىڭلار لېكىن اﷲ سىلەرگە ئىماننى قىزغىن سۆيگۈزدى ۋە ئۇنى دىللىرىڭلاردا كۆركەم قىلدى سىلەرگە فىسقىنى كۇفرىنى ۋە گۇناھنى يامان كۆرسەتتى ئەنە شۇلار اﷲنىڭ پەزلى ۋە نىئمىتى بىلەن توغرا يولدا بولغۇچىلاردۇر. اﷲ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.7   بىلىڭلاركى ئىچىڭلاردا رەسۇلۇللا (اﷲنىڭ پەيغەمبىرى) بار ئەگەر ئۇ نۇرغۇن ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىدىغان بولسا چۇقۇم قىيىن ئەھۋالدا قالاتتىڭلار لېكىن اﷲ سىلەرگە ئىماننى قىزغىن سۆيگۈزدى ۋە ئۇنى دىللىرىڭلاردا كۆركەم قىلدى سىلەرگە فىسقىنى كۇفرىنى ۋە گۇناھنى يامان كۆرسەتتى ئەنە شۇلار اﷲنىڭ پەزلى ۋە نىئمىتى بىلەن توغرا يولدا بولغۇچىلاردۇر. اﷲ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.8   ئەگەر مۇئمىنلەردىن ئىككى گۇروھ  ئۇرۇشۇپ قالسا ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى اﷲنىڭ ھۆكمىگە قايتقانغا قەدەر (يەنى تاجاۋۇزنى توختاتقانغا قەدەر) ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار ئەگەر ئۇلار (اﷲنىڭ ئەمرىگە) قايتسا ئۇلارنىڭ ئارىسىنى (ھېچبىر تەرەپكە يان باسماستىن) ئادىللىق بىلەن تۈزەپ قويۇڭلار (ھەممە ئىشتا)  ئادىل بولۇڭلار اﷲ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ.9   مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر (ئۇرۇشۇپ قالسا) قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن اﷲدىن قورقۇڭلار.10   ئى مۇئمىنلەر! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى (يەنى بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى) مەسخىرە قىلمىسۇن مەسخىرە قىلىنغان قەۋم (اﷲنىڭ نەزىرىدە) مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار (اﷲنىڭ دەرگاھىدا) مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن بىر- بىرىڭلارنى ئەيىپلىمەڭلار بىر- بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرىشماڭلار ئىماندىن كېيىن فىسقى بىلەن ئاتاش (يەنى مۇئمىننى پاسىق) دەپ ئاتاش نېمىدېگەن يامان! (بۇنداق نەھيى قىلىنغان ئىشلاردىن) تەۋبە قىلمىغانلار زالىملاردۇر.11   ئى مۇئمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار (يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلارغا ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار) بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر (مۇئمىنلەرنىڭ ئەيىۋىنى) ئىزدىمەڭلار بىر- بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار سىلەردىن بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامسىلەر ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر اﷲدىن قورقۇڭلار اﷲ (تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ قىلغان) تەۋبىسىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر (ئۇلارغا) ناھايىتى مىھرىباندۇر.12   ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر بىر ئايالدىن (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار اﷲنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېساپلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر- بىرىدىن ئارتۇق بۇلۇشى نەسەپ بىلەن ئەمەس تەقۋالىق بىلەن بۇلىدۇ) اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.13   ئەئرابىلار: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى «(تېخى) ئىمان ئېيتمىدىڭلار ۋە لېكىن سىلەر بويسۇندۇق دەڭلار ئىمان تېخى دىللىرىڭلارغا كىرمىدى ئەگەر سىلەر اﷲغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار اﷲ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ  نەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ اﷲ ھەقىقەتەن (مۇئمىنلەرگە) ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر.14   شۈبھىسىزكى (ھەقىقىي ) مۇئمىنلەر اﷲغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن ئاندىن (ئىمانىدا) شەك كەلتۈرمىگەن ماللىرى  بىلەن جانلىرى بىلەن اﷲنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلاردۇر ئەنە شۇلار (ئىمان دەۋاسىدا) راستچىللاردۇر».15   (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى «اﷲغا دىنىڭلارنى (يەنى دىنىڭلارنى دىللىرىڭلارنىڭ تەستىق قىلغانلىقىنى) خەۋەر قىلامسىلەر ھالبۇكى اﷲ ئاسمانلاردىكىنى ۋە زېمىندىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ اﷲ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر».16   ئۇلار ساڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ (ئۇلارغا) «سىلەر ماڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىڭلارنى مىننەت قىلماڭلار بەلكى اﷲ سىلەرنى ئىمانغا ھىدايەت قىلغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ ئەگەر سىلەر راست (مۇئمىن) بولساڭلار» دېگىن.17   اﷲ ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى غەيىبنى بىلىپ تۇرىدۇ اﷲ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.18


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  سۈرە نەجىمنىڭ تەرج...
●  سۈرە تۇرنىڭ تەرجىم...
●  سۈرە رازىياتنىڭ تە...
●  سۈرە قافنىڭ تەرجىم...
●  سۈرە ھۇجۇراتنىڭ تە...
●  سۈرە فەتىھنىڭ تەرج...
●  سۈرە مۇھەممەدنىڭ ت...
●  سۈرە ئەھقاپنىڭ تەر...
●  سۈرە جاسىيەنىڭ تەر...
●  سۈرە دۇخاننىڭ تەرج...
●  سۈرە زۇخرۇفنىڭ تەر...
●  سۈرە شۇرانىڭ تەرجى...
●  سۈرە فۇسسىلاتنىڭ ت...
●  سۈرە غافىرنىڭ تەرج...
●  سۈرە زۇمرەتنىڭ تەر...
●  سۈرە ساففاتنىڭ تەر...
●  سۈرە سادنىڭ تەرجىم...
●  سۈرە ياسىننىڭ تەرج...
●  سۈرە فاتىرنىڭ تەرج...
●  سۈرە سابانىڭ تەرجى...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  سۈرە نەجىمنىڭ تەرجىمىسى
●  سۈرە تۇرنىڭ تەرجىمىسى
●  سۈرە رازىياتنىڭ تەرجىمى...
●  سۈرە قافنىڭ تەرجىمىسى
●  سۈرە ھۇجۇراتنىڭ تەرجىمى...
●  سۈرە فەتىھنىڭ تەرجىمىسى
●  سۈرە مۇھەممەدنىڭ تەرجىم...
●  سۈرە ئەھقاپنىڭ تەرجىمىس...
●  سۈرە جاسىيەنىڭ تەرجىمىس...
●  سۈرە دۇخاننىڭ تەرجىمىسى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى