سۈرە قافنىڭ تەرجىمىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-21 11:20:58 كۆرۈلۈش سانى : 3640
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
[align=center]ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[/align]
قاف. شەرەپلىك قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەن.1 بەلكى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئۆز ئىچىدىن ئۇلارغا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەنلىكىدىن ئەجەپلەندى كافىرلار ئېيتتى:«بۇ قىزىق ئىشتۇر.2 بىز ئۆلۈپ توپا بۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن (تېرىلىپ ئىلگىرىكى ھالىتىمىزگە قايتامدۇق) بۇنداق قايتىش (ئەقىلدىن) يىراقتۇر».3 ئۇلارنى زېمىننىڭ كېمەيتكىنىدىن (يەنى ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى يەر يەپ كەتكىنىدىن) بىز ھەقىقەتەن خەۋەردارمىز بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب (يەنى لەۋھۇلمەھفۇز) بار.4 بەلكى ئۇلار بولسا ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان ھەقىقەتنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى ئۇلار قالايمىقان ھالەتتىدۇر.5 ئۇلار ئاسماننى قانداق (تۈۋرۈكسىز) بەرپا قىلغانلىقىمىزغا ئۇنى (يۇلتۇزلار بىلەن) بېزىگەنلىكىمىزگە ئۇنىڭدا ھېچ قانداق يۇچۇق يوقلىقىغا قارىمامدۇ.6 يەر يۈزىنى (توغرىسىغا ۋە ئۇزۇنىسىغا سوزۇپ) كەڭ ياراتتۇق يەر يۈزىدە (ئۇنىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق.7 اﷲغا قايتقۇچى ھەر بىر بەندىگە (اﷲنىڭ قۇدرىتىنى) كۆرسىتىش ئۈچۈن ۋە (اﷲنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) ئەسلىتىش ئۈچۈن (شۇنداق قىلدۇق).8 كۆكتىن (بۇلۇتتىن) مۇبارەك سۇنى چۈشۈردۇق ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى ئېگىز ئۆسكەن مېۋىلىرى سانجاق- سانجاق بولۇپ كەتكەن خورمىلارنى ئۆستۈردۇق.9 كۆكتىن (بۇلۇتتىن) مۇبارەك سۇنى چۈشۈردۇق ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى ئېگىز ئۆسكەن مېۋىلىرى سانجاق- سانجاق بولۇپ كەتكەن خورمىلارنى ئۆستۈردۇق.10 (ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى) بەندىلەرنىڭ رىزقى ئۈچۈن (ئۆستۈردۇق) ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك (يەنى قاقاس) زېمىننى تىرىلدۈردۇق ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر.11 ئۇلاردىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغانلار نۇھنىڭ قەۋمى رەس ئاھالىسى سەمۇد (قەۋمى) ئاد (قەۋمى) فىرئەۋن لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى ئەيكە ئاھالىسى (يەنى شۇئەيب قەۋمى) تۈببە قەۋمى ئىدى ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازاۋىم (ئۇلارغا) تېگىشلىك بولدى.12 ئۇلاردىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغانلار نۇھنىڭ قەۋمى رەس ئاھالىسى سەمۇد (قەۋمى) ئاد (قەۋمى) فىرئەۋن لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى ئەيكە ئاھالىسى (يەنى شۇئەيب قەۋمى) تۈببە قەۋمى ئىدى ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازاۋىم (ئۇلارغا) تېگىشلىك بولدى.13 ئۇلاردىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغانلار نۇھنىڭ قەۋمى رەس ئاھالىسى سەمۇد (قەۋمى) ئاد (قەۋمى) فىرئەۋن لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى ئەيكە ئاھالىسى (يەنى شۇئەيب قەۋمى) تۈببە قەۋمى ئىدى ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازاۋىم (ئۇلارغا) تېگىشلىك بولدى.14 (ئىنسانلارنى) دەسلەپتە يارىتىشتىن ئاجىز كەلدۇقمۇ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (بىز بۇنىڭدا ئاجىزلىق قىلمىغاچقا ئۆلگەندىن قېيىن تىرىلدۈرۈشتىمۇ ئاجىزلىق قىلمايمىز) ئۇلار يېڭىدىن يارىتىلىشقا (يەنى قىيامەتتە تېرىلدۈرۈشكە) قارىتا گۇماندىدۇر.15 بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز بىز ئۇنىڭ جان تۇمۇرىدىنمۇ يېقىنمىز.16 ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار (ئىنساننىڭ سۆز- ھەرىكىتى خاتىرىلىنىۋاتقان) ۋاقىتتا ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ كۆزىتىپ تۇرىدۇ.17 ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار (ئىنساننىڭ سۆز- ھەرىكىتى خاتىرىلىنىۋاتقان) ۋاقىتتا ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ كۆزىتىپ تۇرىدۇ.18 ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى (يەنى ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچى ئاخىرەتنىڭ دەھشىتىنى ئېنىق كۆرىدۇ) سەن ئۇنىڭدىن (يەنى ئۆلۈمدىن) قاچاتتىڭ.19 سۈر چېلىنىدۇ ئەنە شۇ (كۇففارلارغا) ئازاب ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر.20 ھەر ئىنسان (مەھشەرگاھقا) كېلىدۇ ئۇنىڭ بىلەن (ئۇنى مەھشەرگاھقا) ھەيدىگۈچى ۋە (ئۇنىڭ ئەمەلىگە) گۇۋاھ بولغۇچى (ئىككى پەرىشتە) بىللە كېلىدۇ.21 ئۇنىڭغا: «ئى ئىنسان! (دۇنيادىكى چېغىڭدا) بۇ (ئېغىر كۈن)دىن غەپلەتتە ئىدىڭ ئەمدى پەردەڭنى سەندىن كۆتۈرۈۋەتتۇق بۈگۈن كۆزۈڭ ئۆتكۈردۇر» دېيىلىدۇ.22 ئۇنىڭغا مۇئەككەل پەرىشتە: «مانا بۇ (نامە- ئەمەل) ئالدىمدا تەيياردۇر» دەيدۇ.23 (اﷲتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاپ قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى ھەددىدىن ئاشقۇچى (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى اﷲغا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كافىرنى دەۋزەخكە تاشلاڭلار ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ).24 (اﷲتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاپ قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى ھەددىدىن ئاشقۇچى (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى اﷲغا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كافىرنى دەۋزەخكە تاشلاڭلار ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ).25 (اﷲتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاپ قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى ھەددىدىن ئاشقۇچى (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى اﷲغا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كافىرنى دەۋزەخكە تاشلاڭلار ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ).26 ئۇنىڭ ھەمراھى (بولغان شەيتان): «پەرۋەردىگارىمىز! مەن ئۇنى ئازدۇرمىدىم لېكىن (ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن) چوڭقۇر گۇمراھلىقتا بولدى» دەيدۇ.27 اﷲ: «مېنىڭ ئالدىمدا مۇنازىرىلەشمەڭلار (بۇ يەردە مۇنازىرە پايدا بەرمەيدۇ) سىلەرنى مەن ئالدىنئالا (ئازاۋىمدىن) ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم مېنىڭ سۆزۈم ئۆزگەرمەيدۇ مەن بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسمەن» دەيدۇ.28 اﷲ: «مېنىڭ ئالدىمدا مۇنازىرىلەشمەڭلار (بۇ يەردە مۇنازىرە پايدا بەرمەيدۇ) سىلەرنى مەن ئالدىنئالا (ئازاۋىمدىن) ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم مېنىڭ سۆزۈم ئۆزگەرمەيدۇ مەن بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسمەن» دەيدۇ.29 ئۇ كۈندە بىز جەھەننەمگە: «توشتۇڭمۇ» دەيمىز جەھەننەم: «يەنە بارمۇ» دەيدۇ.30 جەننەت تەقۋادارلارغا يىراق بولمىغان جايغا يېقىنلاشتۇرىلىدۇ.31 مانا بۇ (نىئمەتتىن) سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر اﷲنىڭ (تائىتىگە) قايتقۇچى (ئەمرىنى) ساقلىغۇچى ھەر بىر (بەندە) ئۈچۈندۇر.32 كىمكى مېھرىبان اﷲنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن قورقسا ۋە تەۋبە قىلغۇچى قەلب بىلەن كەلسە ئۇلارغا «جەننەتكە ئامانلىق بىلەن كىرىڭلار بۇ مەڭگۈ قېلىش كۈنىدۇر» (دېيىلىدۇ).33 كىمكى مېھرىبان اﷲنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن قورقسا ۋە تەۋبە قىلغۇچى قەلب بىلەن كەلسە ئۇلارغا «جەننەتكە ئامانلىق بىلەن كىرىڭلار بۇ مەڭگۈ قېلىش كۈنىدۇر» (دېيىلىدۇ).34 جەننەتتە ئۇلارغا خالىغان نەرسىلەر بار ۋە بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا (ئۇلارغا) زىيادە (نىئمەتلەر) بار.35 بىز ئۇلاردىن (يەنى قۇرەيىش كۇففارلىرىدىن)ئىلگىرى ئۇلارغا قارىغاندا كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق ئۇلار (يەنى شۇ ئۈممەتلەر) ھەر قايسى جايلارنى كەزدى(ئۇلارغا) ئۆلۈمدىن قاچىدىغان جاي تېپىلدىمۇ36 بۇنىڭدا (ھەقىقەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان) قەلىبكە ئىگە ئادەم ياكى(ۋەز- نەسىھەتكە) ھوزۇرىي قەلىب بىلەن قۇلاق سالىدىغان ئادەم ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەز- نەسىھەت بار.37 بىز ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى زىمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتۇق بىز ھېچقانداق چارچاپ قالغىنىمىز يوق.38 (ئى مۇھەممەد!) كافىرلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن ھەمدى ئېيتقىن39 كېچىدە ۋە سەجدىدىن كېيىن(يەنى پەرز نامازلارنىڭ ئارقىسىدا)تەسبىھ ئېيتقىن.40 نىدا قىلغۇچى (يەنى ئىسراپىل) يېقىن جايدىن نىدا قىلىدىغان (يەنى ئۇنىڭ ئاۋازى ھەممىگە ئوخشاش يىتىدىغان) كۈندە (نىداغا) قۇلاق سالغىن.41 ئۇلار ھەقنى ئېلىپ كېلىدىغان ئاۋازنى (يەنى ئىككىنچى قېتىملىق سۇرنى) ئاڭلىغان كۈن- ئەنە شۇ (كۈن قەبرىلەردىن) چىقىش كۈنىدۇر.42 بىز ھەقىقەتەن كىشىلەرنى ۋاپات قىلدۇرىمىز ۋە تىرىلدۈرىمىز ئاخىر بارىدىغان جاي بىزنىڭ دەرگاھىمىزدۇر.43 ئۇ كۈندە يەر يېرىلىپ ئۇلار (قەبرىللىرىدىن) تېز چىقىپ كېلىدۇ ئەنە شۇ يىغىش بىزگە ئاساندۇر.44 بىز ئۇلارنىڭ (يەنى قۇرەيىش كۇففارلىرىنىڭ) ئېيتىدىغان سۆزلىرىنى ئوبدان بىلىمىز سەن ئۇلارنى (ئىسلامغا) زورلىغۇچى ئەمەسسەن مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمدىن قورقىدىغانلارغا (قۇرئان بىلەن) ۋەز- نەسىھەت قىلغىن.45 |
|