بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئىسلام دىنى >> قۇرئان كەرىم >> سۈرە ياسىننىڭ تەرجىمىسى

سۈرە ياسىننىڭ تەرجىمىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-28 13:50:45    كۆرۈلۈش سانى : 2129  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
[align=center]ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[/align] ياسىن.1  ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى (ئى مۇھەممەد!) شەك- شۈبھىسىزكى سەن پەيغەمبەرلەردىنسەن.2  ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى (ئى مۇھەممەد!) شەك- شۈبھىسىزكى سەن پەيغەمبەرلەردىنسەن.3  توغرا يولدىسەن.4  قۇرئان ئاتا- بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغان (يەنى ئۇلارغا پەيغەمبەر كەلمىگەن) غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن غالىب ناھايىتى مېھرىبان اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر5  قۇرئان ئاتا- بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغان (يەنى ئۇلارغا پەيغەمبەر كەلمىگەن) غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن غالىب ناھايىتى مېھرىبان اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر6  ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىگە (ئازاب توغرىسىدىكى) ھۆكۈم ھەقىقەتەن تېگىشلىك بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ.7  بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئىڭەكلىرىگىچە تاقاقلارنى تاقىدۇق شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار باشلىرىنى ئېگەلمەيدۇ (يەنى ئۇلار ئىمانغا بويسۇنمايدۇ ۋە ئىمانغا باش ئەگمەيدۇ) .8  ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر توسۇق كەينىدە بىر توسۇق قىلدۇق ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلىدۇق شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار (ئىماننىڭ يوللىرى توسۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن) ھېچنەرسىنى كۆرەلمەيدۇ.9  ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرامسەم ئاگاھلاندۇرمامسەن ئۇلارغا بەرىبىر ئوخشاش ئىمان ئېيتمايدۇ.10  سەن پەقەت قۇرئانغا ئەگەشكەن مەرھەمەتلىك اﷲنى كۆرمەي تۇرۇپ قورققان كىشىنى ئاگاھلاندۇرالايسەن (يەنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭنىڭ پايدىسى بولىدۇ) ئۇنىڭغا (اﷲنىڭ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى) مەغفىرەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئېسىل ساۋاب (يەنى جەننەت ئاتا قىلىدىغانلىقى) بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.11  بىز شۈبھىسىزكى ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز ئۇلارنىڭ (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى- يامان) ئەمەللىرىنى ۋە ئىشلىرىنى خاتىرىلەپ قۇيىمىز ھەممە شەيئىنى روشەن دەپتەردە (يەنى لەۋھۇلمەھفۇزدا) تولۇق خاتىرىلەپ قويغانمىز.12  ئۇلارغا (يەنى كۇففارلارغا) شەھەر (يەنى ئەنتاكىيە) ئاھالىسىنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر كەلگەن ئىدى.13  ئەينى زاماندا ئۇلارغا ئىككى پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق ئۇلار ئۇ ئىككى پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلدى. ئۈچۈنچى پەيغەمبەرنى ئەۋەتىش بىلەن (ئۇلارغا) ياردەم قىلدۇق پەيغەمبەرلەر (ئۇلارغا): «بىز ھەقىقەتەن (اﷲنىڭ) سىلەرگە (يەنى سىلەرنى ھىدايەت قىلىشقا) ئەۋەتىلگەن ئەلچىلىرىمىز» دېدى.14  ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان مېھرىبان اﷲ ھېچ نەرسە نازىل قىلغىنى يوق سىلەر پەقەت يالغانچىسىلەر» دېدى.15  ئەلچىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز بىلىدۇكى بىز شەك- شۈبھىسىزكى سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز.16  بىزنىڭ مەسئۇليىتىمىز پەقەت (روشەن دەلىللەر بىلەن) چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ تەبلىغ قىلىشتۇر» دېدى.17  ئۇلار (ئەلچىلەرگە): «بىز سىلەردىن شۇم پال ئالدۇق. ئەگەر سىلەر (دەۋىتىڭلارنى) توختاتمىساڭلار سىلەرنى چوقۇم تاش- كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمىز ۋە بىزنىڭ قاتتىق جازايىمىزغا ئۇچرايسىلەر» دېدى.18  ئەلچىلەر: «(كۇفرىڭلار سەۋەپىدىن) شۇملۇقۇڭلار ئۆزەڭلار بىلەن بىللىدۇر سىلەرگە ۋەز- نەسىھەت قىلىنسا (شۇم پال ئالامسىلەر) ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەس) سىلەر (اﷲغا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» دېدى.19  شەھەرنىڭ يىراق جايىدىن بىر كىشى (يەنى ھەبىب نەجار) يۈگۈرۈپ كېلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم ‍ پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىڭلار.20  توغرا يولدا بولغان (ئىمانغا دەۋەت قىلغانلىقىغا) سىلەردىن ھەق سورىمايدىغان كىشىلەرگە ئەگىشىڭلار.21  مەن نېمىشقا مېنى ياراتقان ۋە سىلەر (ئۆلگەندىن كېيىن) دەرگاھىغا قايتىدىغان اﷲغا ئىبادەت قىلماي .22  مەن اﷲدىن غەيرىنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولسام ئەگەر مېھرىبان اﷲ ماڭا بىرەر زىيان- زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولسا ئۇلارنىڭ شاپائىتى مەندىن ھېچنەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ ھەمدە مېنى قۇتقۇزالمايدۇ.23  ئەگەر ئۇنداق بولسا (يەنى اﷲدىن غەيرىنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولسام) مەن ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا بولىمەن.24  مەن ھەقىقەتەن (سىلەرنى ياراتقان) پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىمان ئېيتتىم (ئىمانىمغا) قۇلاق سېلىڭلار (ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇڭلار)».25  (قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا) «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى ئۇ: «كاشكى قەۋمىم پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا مەغفىرەت قىلغانلىقىنى ۋە مېنى ھۆرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى بىلسە ئىدى» دېدى.26  (قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا) «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى ئۇ: «كاشكى قەۋمىم پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا مەغفىرەت قىلغانلىقىنى ۋە مېنى ھۆرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى بىلسە ئىدى» دېدى.27  ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قەۋمىنى (جازالاش ئۈچۈن) ئاسماندىن قوشۇن (يەنى پەرىشتىلەر) چۈشۈرمىدۇق (ھەر قەۋمنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى) چۈشۈرۈۋەرگۈچى بولمىدۇق.28  پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ناگاھان ئۇلار قېتىپ قالدى.29  (اﷲنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى) بەندىلەرگە ئەپسۇسكى ئۇلارغا بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى.30  ئۇلار (يەنى مەككە ئاھالىسى) ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى بىلمەمدۇ ئۇلار بۇلارنىڭ يېنىغا (دۇنياغا ئەبەدىي) قايتمايدۇ.31  ئۇلارنىڭ ھەممىسى (قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ھوزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ.32  ئۆلۈك (يەنى قۇرغاق) زېمىننى (يامغۇر بىلەن) تىرىلدۈرۈپ ئۇنىڭدىن ئۇلار يەيدىغان ئاشلىقنى ئۆستۈرگەنلىكىمىز ئۇلارغا (اﷲنىڭ قۇدرىتى كامىلەسىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتتۇر.33  بىز زېمىندا نۇرغۇنلىغان خورما باغلىرىنى ئۈزۈم باغلىرىنى بەرپا قىلدۇق شۇ زېمىندا بۇلاقلارنى ئېقىتتۇق.34  ئۇلار ئۇنىڭ (يەنى باغلارنىڭ) مېۋىسىنى يىسۇن (بۇ مېۋىلەرنى) ئۇلارنىڭ قوللىرى ياراتقان ئەمەس ئۇلار (اﷲنىڭ نىئمەتلىرىگە) شۈكرى قىلمامدۇ.35  اﷲ (پۈتۈن ئەيىپ- نۇقسانلاردىن) پاكتۇر ئۇ پۈتۈب شەيئىلەرنى جۈپ ياراتتى. زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر (يەنى ئاجايىپ مەخلۇقاتلار) نىڭ ھەممىسىنىڭ جۈپتى بار.36  ئۇلارغا (اﷲنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر ئالامەت كېچىدىن ئىبارەتكى ئۇنىڭدىن كۈندۈزنى ئايرىۋېتىمىز- دە (يەنى كۈندۈزنىڭ نۇرىنى يوق قىلىۋېتىمىز- دە) ئۇلار ناگاھان قاراڭغۇدا قالىدۇ.37  كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ بۇ غالىب ھەممىنى بىلگۈچى اﷲنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر.38  ئايغا سەير قىلىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق ئۇ (ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا) خورمىنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ.39  كۈننىڭ ئايغا يېتىشىۋېلىشى (يەنى ئىككىسىنىڭ جەم بولۇپ قېلىشى) كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى (يەنى ۋاقتى كەلمەستىن كۈندۈزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى) مۇمكىن ئەمەس ھەر بىرى پەلەكتە ئازاب تۇرىدۇ.40  ئۇلارغا (بىزنىڭ كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت شۇكى بىز ئۇلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىنى (نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ نەرسە- كېرەك ۋە ھايۋاناتلار بىلەن) توشقۇزۇلغان كېمىسىگە چۈشۈردۇق.41  بىز ئۇلار ئۈچۈن شۇ كېمىگە ئوخشاش ئۇلار چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ياراتتۇق.42  ئەگەر بىز خالىساق ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىمىز ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىمۇ بولمايدۇ ۋە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغۇچىمۇ بولمايدۇ.43  پەقەت بىز رەھىم قىلغانلىقىمىز ۋە ئۇلارنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن (ئۇلار قۇتۇلدۇرىلىدۇ).44  ئۇلارغا: «رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئالدىڭلاردىكىدىن (يەنى دۇنيا ئازابىدىن) ۋە ئارقىڭلاردىكىدىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) قورقۇڭلار» دېيىلسە (ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ).45  پەرۋەردىگارىنىڭ (پەيغەمبەرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان) ئايەتلەردىن بىر ئايەت كەلسىلا ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ.46  ئەگەر ئۇلارغا: «اﷲ سىلەرگە رىزق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (پېقىرلارغا) سەدىقە قىلىپ بېرىڭلار» دېيىلسە كافىرلار مۇئمىنلەرگە (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «ئەگەر اﷲ خالىسا تەمىنلەيدىغان ئادەمنى بىز تەمىنلەمدۇق سىلەر پەقەت روشەن گۇمراھلىقتىسىلەر» دەيدۇ.47  ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشىدۇ» دەيدۇ.48  ئۇلار پەقەت بىر ئاۋازنىلا (يەنى ئىسرافىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى قېتىملىق چالغان سۈرىنىلا) كۈتىدۇ. ئۇلار (دۇنيادا سودا- سېتىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئۈستىدە) جاڭجاللىشىپ تۇرغان ھالەتلىرىدە ئۇ ئاۋاز ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ.49  ئۇلار بىر- بىرىگە ۋەسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ ئائىلىسىگە قايتىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ.50  سۈر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ.51  ئۇلار: «ۋاي ئېسىت!‍‍ بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن (يەنى قەبرىلىرىمىزدىن) كىم ئويغاتتى» دەيدۇ (چۈنكى ئۇلار ئىككى سۈر ئارىسىدا ئۇيقىدا بولۇپ ئازابتىن خالىي بولىدۇ) (پەرىشتىلەر يا مۇئمىنلەر ئۇنىڭغا جاۋابەن) «مېھرىبان اﷲنىڭ ۋەدە قىلغىنى مۇشۇ (كۈن) پەيغەمبەرلەر راست ئېيتقان» دەيدۇ.52  پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلار ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھوزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ.53  ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسانغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ سىلەرگە پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ.54  شۈبھىسىزكى ئۇ كۈندە جەننەت ئەھلىلىرى نىئمەت ئىچىدىدۇر.55  ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ جۈپتىلىرى (جەننەتلەرنىڭ) سايىلىرى ئاستىدا تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا تۇرىدۇ.56  ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە (ئۇلارنىڭ) كۆڭلى تارتقان نەرسىلەر بولىدۇ.57  مېھرىبان پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (ئۇلارغا) سالام دېيىلىدۇ.58  (گۇناھكارلارغا) «ئى گۇناھكارلار! بۈگۈن (بىر تەرەپكە) ئايرىلىڭلار» (دېيىلىدۇ).59  سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ.60  سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ.61  شۈبھىسىزكى شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر.62  سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەھەننەم مانا شۇ.63  سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) كافىر بولغانلىقڭلار ئۈچۈن جەھەننەمگە كىرىڭلار.64  شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پىچەتلىۋېتىمىز ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى ھەر ئەزا ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئىشنى سۆزلەپ بېرىدۇ).65  ئەگەر بىز خالىساق ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئەلۋەتتە يوق قىلىۋېتەتتۇق ئاندىن ئۇلار يول مېڭىشقا ئالدىرايتتى لېكىن ئۇلار قانداقمۇ كۆرەلىسۇن.66  ئەگەر بىز خالىساق ئۇلارنى ئۆيلىرىدىلا سۈرىتىنى مۇبەددەل (يەنى مايمۇن چوشقا ياكى تاش) قىلىۋېتەتتۇق شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغىمۇ ماڭالمايتتى ئارقىغىمۇ قايتالمايتتى.67  بىز ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغان ئاەمنىڭ تېنىنى ئاجىزلىتىۋېتىمىز (يەنى ياشلىق قىرانلىق ۋاقتىدىكىدىن ئاجىزلايدۇ قېرىيدۇ) ئۇلار (بۇنى) چۈشەنمەمدۇ68  ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبەرلەرگە) بىز شېئىر تەلەم بەرمىدۇق ئۇنىڭغا شېئىر مۇناسىپمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش كافىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان) ۋەز- نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر.69  ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبەرلەرگە) بىز شېئىر تەلەم بەرمىدۇق ئۇنىڭغا شېئىر مۇناسىپمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش كافىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان) ۋەز- نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر.70  ئۇلار بىلمەمدۇكى ئۇلار ئۈچۈن ھايۋانلارنى (قۇدرەت) قولىمىز بىلەن خەلق ئەتتۇق ئۇلار ھايۋانلارنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچىلاردۇر.71  ھايۋانلارنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق ئۇلار ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى مىنىدۇ بەزىسىنى يەيدۇ.72  ئۇلار شۇ ھايۋانلاردىن پايدىلىنىدۇ ۋە سۈتلىرىنى ئىچىدۇ ئۇلار (پەرۋەردىگارىنىڭ بۇ نىئمەتلىرىگە)  شۈكرى قىلمامدۇ73  ئۇلار ياردەمگە ئېرىشىشنى ئۈمۈد قىلىپ اﷲنى قۇيۇپ باشقا مەبۇدلارنى ئىلاھ قىلىۋالدى.74  ئۇ مەبۇدلار ئۇلارغا ياردەم بېرەلمەيدۇ. ئۇلار شۇ مەبۇدلار ئۈچۈن (يەنى ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن) ھازىرلانغان قوشۇندۇر.75  (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ سۆزى (يەنى سېنى ئىنكار قىلغانلىقى) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ۋە ئاشكارا قىلغان (سۆز ۋە ھەركەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىمىز.76  ئىنسان بىلمەمدۇكى بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئابىمەنىدىن ياراتتۇق. ئەمدى ئۇ (پەرۋەردىگارىغا) ئاشكارا خۇسۇمەتچى بولۇپ قالدى.77  ئۇ بىزگە (ئىنساننىڭ قايتا تىرىلىشىنى يىراق ساناپ چىرىگەن سۆڭەكلەرنى) مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۆزىنىڭ يارىتىلغانلىقىنى بولسا ئۇنتۇدى ئۇ: «چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى كىم تىرىلدۈرەلەيدۇ» دېدى.78  ئېيتقىنكى «ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ ئۇ ھەر مەخلۇقنى بىلگۈچىدۇر».79  اﷲ سىلەر ئۈچۈن يېشىل دەرەختىن ئوت پەيدا قىلدى. سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئوت ياقىسىلەر.80  ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زات ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ ئۇ بۇنىڭغا قادىر اﷲ ماھىر ياراتقۇچىدۇر ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.81  اﷲ بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى) ئىرادە قىلسا ئۇنىڭغا «ۋۇجۇتقا كەل» دەيدۇ- دە ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.82  اﷲ پاكتۇركى ھەربىر نەرسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۇنىڭ قولىدىدۇر (ئۆلگەندىن كېيىن) ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.83


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  سۈرە نەجىمنىڭ تەرج...
●  سۈرە تۇرنىڭ تەرجىم...
●  سۈرە رازىياتنىڭ تە...
●  سۈرە قافنىڭ تەرجىم...
●  سۈرە ھۇجۇراتنىڭ تە...
●  سۈرە فەتىھنىڭ تەرج...
●  سۈرە مۇھەممەدنىڭ ت...
●  سۈرە ئەھقاپنىڭ تەر...
●  سۈرە جاسىيەنىڭ تەر...
●  سۈرە دۇخاننىڭ تەرج...
●  سۈرە زۇخرۇفنىڭ تەر...
●  سۈرە شۇرانىڭ تەرجى...
●  سۈرە فۇسسىلاتنىڭ ت...
●  سۈرە غافىرنىڭ تەرج...
●  سۈرە زۇمرەتنىڭ تەر...
●  سۈرە ساففاتنىڭ تەر...
●  سۈرە سادنىڭ تەرجىم...
●  سۈرە ياسىننىڭ تەرج...
●  سۈرە فاتىرنىڭ تەرج...
●  سۈرە سابانىڭ تەرجى...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  سۈرە نەجىمنىڭ تەرجىمىسى
●  سۈرە تۇرنىڭ تەرجىمىسى
●  سۈرە رازىياتنىڭ تەرجىمى...
●  سۈرە قافنىڭ تەرجىمىسى
●  سۈرە ھۇجۇراتنىڭ تەرجىمى...
●  سۈرە فەتىھنىڭ تەرجىمىسى
●  سۈرە مۇھەممەدنىڭ تەرجىم...
●  سۈرە ئەھقاپنىڭ تەرجىمىس...
●  سۈرە جاسىيەنىڭ تەرجىمىس...
●  سۈرە دۇخاننىڭ تەرجىمىسى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى