سۈرە مۇھەممەدنىڭ تەرجىمىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-01 14:56:31 كۆرۈلۈش سانى : 4477
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
[align=center]ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[/align]
كافىر بولغان ۋە (كىشىلەرنى) اﷲنىڭ يولىدىن توسقانلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى اﷲ بىكار قىلىۋېتىدۇ.1 ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مۇھەممەدكە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا – قۇرئان ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر – ئىمان ئېيتقانلارنىڭ گۇناھلىرىنى اﷲ ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلايدۇ (شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھ قىلمايدۇ).2 بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى كافىرلار باتىلغا (يەنى شەيتانغا) ئەگەشتى مۇئمىنلەر بولسا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئانغا) ئەگەشتى اﷲ ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى شۇنداق بايان قىلىدۇ.3 سىلەر كۇففارلارغا (جەڭ مەيدانىدا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار سىلەر ئۇلارنى قىرىپ (مەغلۇپ قىلىپ ئۇلاردا سىلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان كۈچ قالمىغان چاغدا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشتىن توختاپ) ئۇلارنى ئەسىر ئېلىڭلار ئاندىن ئۇلارنى ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن قۇيۇپ بېرىڭلار ياكى فىدىيە ئېلىپ قۇيۇپ بېرىڭلار تاكى ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكىنى تاشلىغانغا قەدەر (يەنى ئۇرۇش توختىغانغا قەدەر) ئىش مانا شۇنداقتۇر. ئەگەر اﷲ خالىسا ئەلۋەتتە (سىلەرنى ئۇرۇشقا تەكلىپ قىلماستىنلا) ئۇلارنى جازالىغان بولاتتى لېكىن اﷲ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىناش ئۈچۈن (يەنى ئىمانىڭلارنى سىناش ئۈچۈن جىھادقا ئەمىر قىلدى) اﷲنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ (يەنى شېھىدلەرنىڭ) ئەمەللىرىنى اﷲ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ.4 اﷲ ئۇلارنى ھىدايەت قىلىدۇ ۋە ھالىنى ياخشىلايدۇ.5 اﷲ ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ اﷲ ئۇنى ئۇلارغا تونۇتتى (يەنى جەننەتكە كىرگەن ئادەم ئۆزىنىڭ ئۇ يەردىكى جايىنى ئىلگىرى كۆرگەندەكلا بىلىدۇ).6 ئى مۇئمىنلەر! سىلەر اﷲغا (يەنى اﷲنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار اﷲ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى) ياردەم بېرىدۇ قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ.7 كافىرلارنى اﷲ ھالاك قىلىدۇ ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ.8 بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى ئۇلار اﷲ نازىل قىلغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) يامان كۆرۈش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بەربات قىلدى.9 ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئىلگىركىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ اﷲ ئۇلارنى ھالاك قىلدى. (مەككە) كافىرلىرىمۇ شۇنداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ.10 بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى اﷲ مۇئمىنلەرنىڭ مەدەتكارىدۇر كافىرلارغا مەدەتكار يوقتۇر.11 شۈبھىسىزكى اﷲ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ كافىرلار (ھاياتىي دۇنيادا ئۇنىڭ لەززەتلىرىدىن) بەھرىمەن بولىدۇ ۋە چاھارپايلاردەك يەپ- ئىچىدۇ (ئاخىرەتتە) ئۇلارنىڭ جايى دەۋزەخ بولىدۇ.12 سېنى ھەيدەپ چىقارغان شەھەرنىڭ (يەنى مەككىنىڭ) ئاھالىسىدىن كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى ھالاك قىلدۇق ئۇلارغا ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچى بولمىدى.13 پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان روشەن دەلىللەرگە ئاساسلانغان ئادەم (يەنى مۇئمىن) ئۇنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن ۋە نەفسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەمگە (يەنى كافىرغا) ئوخشامدۇ14 تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلەر تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلەر ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلەر ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلەر بولىدۇ ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغفىرەت بولىدۇ (مۇنداق تەقۋادارلار) دەۋزەختە مەڭگۈ قالىدىغان قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە- پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ15 ئۇلاردىن (يەنى مۇناپىقلاردىن) بەزى كىشىلەر سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدۇ ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققاندا ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرگە (يەنى ساھابىلەرنىڭ ئۆلىمالىرىغا مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «بايا ئۇ (يەنى مۇھەممەد) نېمە دېدى» دەيدۇ ئەنە شۇلار اﷲ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەنلەردۇر نەفسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەنلەردۇر.16 ھىدايەت تاپقانلارنى اﷲ تېخىمۇ ھىدايەت قىلىدۇ ئۇلارغا تەقۋادارلىقنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ.17 ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) پەقەت قىيامەتنىڭ ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىشىنىلا كۈتىدۇ شۈبھىسىزكى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى ئۇلارغا قىيامەت كەلگەندە ئۇلار قانداقمۇ ۋەز- نەسىھەت ئالىدۇ (يەنى بۇ چاغدا ۋەز- نەسىھەت ئالغانلىقىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ).18 بىلگىنكى اﷲدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر گۇناھىڭ ئۈچۈن ئەر- ئايال مۇئمىنلەر ئۈچۈن مەغفىرەت تىلىگىن اﷲ سىلەرنىڭ (بۇ دۇنيادىكى) ھەرىكىتىڭلارنى ۋە (ئاخىرەتتىكى) جايىڭلارنى بىلىدۇ (شۇڭا ئاخىرەتلىك ئۈچۈن تەييارلىنىڭلار).19 مۇئمىنلەر (جىھادنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن): «نېمىشقا (جىھاد ئەمرە قىلىنغان) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى» دەيدۇ جىھاد زىكرى قىلىنغان ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار) نىڭ ساڭا ئۆلۈم ئالدىدا (ئۆلۈمدىن قورقۇپ) ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن (ئى مۇھەممەد!) (ئۇلارنىڭ ساڭا) ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا ئۇلار اﷲغا سادىق بولۇشقا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى20 مۇئمىنلەر (جىھادنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن): «نېمىشقا (جىھاد ئەمرە قىلىنغان) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى» دەيدۇ جىھاد زىكرى قىلىنغان ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار) نىڭ ساڭا ئۆلۈم ئالدىدا (ئۆلۈمدىن قورقۇپ) ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن (ئى مۇھەممەد!) (ئۇلارنىڭ ساڭا) ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا ئۇلار اﷲغا سادىق بولۇشقا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى21 سىلەر (ئىسلام) دىن يۈز ئۆرۈسەڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلارسىلەرمۇ ۋە سىلە- رەھىمنى ئازاب قۇيارسىلەرمۇ22 ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى اﷲ رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ئۇلارنى (ھەقنى ئاڭلاشتىن) گاس قىلدى (ھىدايەت يولىنى كۆرۈشتىن) كور قىلدى.23 ئۇلار (ھەقنى تۇنۇش ئۈچۈن) قۇرئاننى پىكىر قىلمامدۇ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار (شۇڭا ئۇلار چۈشەنمەيدۇ).24 توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن ئارقىسىغا قايتىۋالغانلار (يەنى ئىماندىن كۇفرىغا قايتقانلار) غا (ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى) شەيتان چىرايلىق كۆرسەتتى (شەيتان ئارزۇ ۋە ئەجەلنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن) ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى.25 بۇ (يەنى شەيتاننىڭ ئۇلارنى ئازدۇرۇشى) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى ئۇلار اﷲ نازىل قىلغان نەرسىنى يامان كۆرگەن كافىرلارغا: «بىز بەزى ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىمىز» دېدى اﷲ ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى بىلىدۇ.26 (ئازاب) پەرىشتىلىرى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرغان ھالدا ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا (ئۇلارنىڭ ھالى) قانداق بولىدۇ.27 بۇ (ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى ئۇلار اﷲنىڭ دەرغەزەپ قىلىدىغان نەرسىلەرگە ئەگەشتى اﷲنىڭ رازىلىقىنى (يەنى اﷲنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى) ياقتۇرمىدى شۇنىڭ بىلەن اﷲ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى .28 دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار) اﷲ ئۆزلىرىنىڭ (ئىسلامغا بولغان) دۈشمەنلىكىنى ئاشكارىلىمايدۇ دەپ ئويلامدۇ.29 ئەگەر بىز خالىساق ئۇلارنى چوقۇم ساڭا بىلدۈرەتتۇق چوقۇم ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيتتۇڭ سەن ئەلۋەتتە سۆزىنىڭ ئۇسلۇبىدىن ئۇلارنى تونۇيسەن اﷲ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.30 بىز سىلەرنى ئەلۋەتتە (جىھادقا ئەمىر قىلىش ۋە مۇشەققەتلىك ئىشلارغا تەكلىپ قىلىش بىلەن) سىنايمىز تاكى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن (اﷲنىڭ يولىدا) جىھاد قىلغۇچىلارنى ۋە (جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە) چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى بىلگەنگە سىرلىرىڭلاردىن ۋاقىپ بولغانغا قەدەر.31 شۈبھىسىزكى كافىر بولغانلار (كىشىلەرنى) اﷲنىڭ يولىدىن توسقانلار توغرا يول (يەنى رەسۇلۇللانىڭ ھەق ئىكەنلىكى) ئېنىق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەر اﷲغا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ اﷲ ئۇلارنىڭ (سەدىقە بەرگەنگە ئوخشاش) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ (شۇنىڭ بىلەن ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلمەيدۇ).32 ئى مۇئمىنلەر! اﷲغا ئىتائەت قىلىڭلار پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار ئەمەللىرىڭلارنى (كۇفرى نىفاق ۋە رىيا بىلەن) بىكار قىلىۋەتمەڭلار.33 شۈبھىسىزكى كافىر بولغان ۋە (كىشىلەرنى) اﷲنىڭ يولىدىن توسقانلار ئاندىن كافىر پېتى ئۆلگەنلەرنى اﷲ ھەرگىز مەغفىرەت قىلمايدۇ.34 (كافىرلار بىلەن جەڭ قىلغان چېغىڭلاردا) بوشاپ قالماڭلار (كافىرلارنى) سۈلىھكە چاقىرماڭلار ھالبۇكى سىلەر غالىبتۇرسىلەر اﷲ سىلەر بىلەن بىرگىدۇر اﷲ ھەرگىز ئەمەللىرىڭلارنىڭ (ساۋابىنى) كېمەيتىۋەتمەيدۇ.35 دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن ۋە تاماشادىن ئىبارەتتۇر ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار (اﷲ) سىلەرگە ئەجرىڭلارنى بېرىدۇ مال- مۈلكۈڭلارنىڭ ھەممىسىنى (بېرىشنى) سورىمايدۇ (پەقەت زاكاتنى بېرىشىڭلارنى سورايدۇ).36 ئەگەر ئۇ سىلەردىن مال- مۈلكۈڭلارنى جىددى سورىسا بېخىللىق قىلىسىلەر بۇ بېخىللىق سىلەرنىڭ (ئىسلامغا بولغان) ئاداۋىتىڭلارنى ئاشكارىلايدۇ.37 سىلەر شۇنداق كىشىلەر سىلەركى اﷲنىڭ يولىدا (پۇل- مال) سەرپ قىلىشقا چاقىرىلساڭلار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بېخىللىق قىلىدىغانلار بار كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن بېخىللىق قىلىدۇ اﷲ (سىلەرنىڭ مال- مۈلكۈڭلاردىن) بىھاجەتتۇر سىلەر بولساڭلار (اﷲغا) مۇھتاجسىلەر ئەگەر سىلەر (اﷲنىڭ تائىتىدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار اﷲ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ (بەلكى اﷲغا ئىتائەت قىلىدۇ).38 |
|