سۈرە رازىياتنىڭ تەرجىمىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-11 09:56:01 كۆرۈلۈش سانى : 2121
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
[align=center]ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[/align]
(تۇپراقنى) سورىغۇچى شاماللار بىلەن قەسەمكى1 (يامغۇرلارنىڭ) ئېغىرلىقىنى كۆتۈرگۈچى بۇلۇتلار بىلەن قەسەمكى2 (سۇ ئۇستىدە) يېنىك ماڭغۇچى كېمىلەر بىلەن قەسەمكى3 ئىشنى (يەنى بەندىلەر ئارىسىدا رىزقلارنى يۇتلار ئارىسىدا يامغۇرلارنى) تەقسىم قىلغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى4 سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (ساۋاب ئازاب قىيامەت قاتارلىق)لار ئەلۋەتتە راستۇر.5 (ياخشى ئەمەللەرنى) مۇكاپاتلاش (يامان ئەمەللەرنى) جازالاش چۇقۇم بىلىدىغان ئىشتۇر.6 يوللىرى بار ئاسمانلار بىلەن قەسەمكى (پەيغەمبەر ھەققىدە) سىلەرنىڭ سۆزۈڭلار ھەقىقەتەن خىلمۇ- خىلدۇر.7 يوللىرى بار ئاسمانلار بىلەن قەسەمكى (پەيغەمبەر ھەققىدە) سىلەرنىڭ سۆزۈڭلار ھەقىقەتەن خىلمۇ- خىلدۇر.8 (اﷲتائالانىڭ ئىلمىي ئەزەلىسىدە ھىدايەتتىن) بۇرىۋېتىلگەن ئادەم (قۇرئانغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۇرىشتىن) بۇرىۋېتىلىدۇ.9 كاززاپلارغا لەنەت بولسۇنكى ئۇلار جاھالەتكە چۆمگەن بولۇپ(ئاخىرەت ئىشىدىن) غەپلەتتىدۇر.10 كاززاپلارغا لەنەت بولسۇنكى ئۇلار جاھالەتكە چۆمگەن بولۇپ(ئاخىرەت ئىشىدىن) غەپلەتتىدۇر.11 ئۇلار رەسۇلۇللادىن:«قىيامەت قاچان بۇلىدۇ» دەپ سورايدۇ.12 ئۇ بولسا ئۇلار دەۋزەختە ئازابلىنىدىغان كۈندۇر.13 (دەۋزەخكە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا) «سىلەرگە قىلىنىدىغان ئازابنى تېتىڭلار مانا بۇ سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئالدىراتقان نەرسىدۇر» دەيدۇ14 شۈبھىسىزكى تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە (ئېقىپ تۇرغان) بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.15 ئۇلار پەرۋەردىگارى ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى قۇبۇل قىلىدۇ ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى دۇنيادىكى چاغدا) ياخشى ئىش قىلغۇچىلار ئىدى.16 ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى.17 ئۇلار سەھەرلەردە (پەرۋەردىگارىدىن) مەغفىرەت تىلەيتتى.18 ئۇلارنىڭ پۇل- ماللىرىدا سائىللار ۋە (ئىپپەتلىكىدىن سائىللىق قىلمايدىغان) موھتاجلار ھوقۇققا ئىگە ئىدى (يەنى ئۇلار سائىللارغا ۋە موھتاجلارغا سەدىقە قىلاتتى).19 زېمىندا ۋە ئۆزەڭلاردا اﷲغا چىن ئىتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (اﷲنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار (بۇنى) كۆرمەمسىلەر.20 زېمىندا ۋە ئۆزەڭلاردا اﷲغا چىن ئىتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (اﷲنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار (بۇنى) كۆرمەمسىلەر.21 ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار بار سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ساۋاب بار.22 ئاسماننىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسە ئۆزەڭلارنىڭ سۆزلەۋاتقىنىڭلاردەك (يەنى سۆزلىشىڭلارنىڭ ئۆزەڭلارغا ئېنىق بولغىنىدەك) ھەقتۇر.23 (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى يەتتىمۇ.24 ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام دېدى ئىبراھىم سالامنى ئىلىك ئالدى. (ئىچىدە) «ناتۇنۇش ئادەملەرغۇ» دېدى.25 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ (پىشۇرۇلغان) بىر سېمىز مۇزاينى ئېلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ:«يېمەمسىلەر» دېدى.26 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ (پىشۇرۇلغان) بىر سېمىز مۇزاينى ئېلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ:«يېمەمسىلەر» دېدى.27 (ئۇلارنىڭ تاماق يېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ) دىلىدا ئۇلاردىن قورقتى ئۇلار:«قورقمىغىن (بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىللىرىمىز)» دېدى ئۇلار ئىبراھىمغا بىلىملىك بىر ئۇغۇل بىلەن خوش خەۋەر بەردى.28 ئىبراھىمنىڭ ئايالى سۈرەن سېلىپ كېلىپ (ئەجەپلەنگەنلىكىدىن ئۆزىنىڭ) يۈزىنى كاچاتلاپ:«مەن تۇغماس موماي تۇرسام (قانداق تۇغىمەن)» دېدى.29 ئۇلار:«پەرۋەردىگارىڭ شۇنداق دېدى. ئۇ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر ھەممىنى بىلگۈچىدۇر» دېدى.30 ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! سىلەر نېمە ئىش بىلەن ئەۋەتىلدىڭلار» دېدى.31 ئۇلار:«بىز ھەقىقەتەن بىر گۇناھكار قەۋىمنى (ھالاك قىلىش ئۈچۈن) ئەۋەتىلدۇق (يەنى لۇت قەۋمىنىڭ ئۇستىگە لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق).32 ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا (گۇناھى) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە قويۇلغان (يەنى ھالاك قىلىنغۇچىنىڭ ئىسمى يېزىلغان) لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرىمىز».33 ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا (گۇناھى) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە قويۇلغان (يەنى ھالاك قىلىنغۇچىنىڭ ئىسمى يېزىلغان) لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرىمىز».34 (ھالاك بولمىسۇن دەپ لۇتنىڭ) شەھرىدىكى مۇئمىنلارنى (سىرتقا) چىقىرىۋەتتۇق.35 بىز ئۇ شەھەردىكى مۇسۇلمانلاردىن پەقەت بىر ئائىلىنىلا تاپتۇق.36 ئۇ شەھەردە قاتتىق ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن نىشان قالدۇردۇق.37 مۇسانىڭ (قىسسىسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى بىز فىرئەۋنگە روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتتۇق.38 فىرئەۋن ئۆز قۇشۇنى بىلەن (ئىماندىن) يۇز ئورىدى ئۇ:«(مۇسا) سېھىرگەردۇر ياكى مەجنۇندۇر» دېدى.39 فىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قۇشۇنىنى جازالىدۇق ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىدۇق فىرئەۋن ئەيىپلەنگۈچىدۇر.40 ئادنىڭ (قىسسىسىدىمۇ) بىر تۇرلۈك ئالامەت بار ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا يامان بوراننى ئەۋەتتۇق.41 ئۇ (يەنى بوران) ھەر قانداق نەرسىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە ئۇنى چىرىگەن سۆڭەكتەك (تىتما- تالاڭ) قېلىۋېتەتتى.42 سەمۇتنىڭ (قىسسىسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا:«سىلەر ۋاقىتلىق پايدىلىنىڭلار» دېدۇق.43 ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقتى ئۇلارنى چاقماق ھالەك قىلدى ھالبۇكى ئۇلار (ئازابنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقىنى) كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇراتتى.44 ئۇلار (ئازاب چۈشكەن ۋاقىتتا) ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقىمۇ ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمىدى.45 ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلدۇق ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى.46 ئاسماننى قۇدرەت بىلەن بەرپا قىلدۇق بىز ھەقىقەتەن قۇدرەتلىكمىز.47 زېمىننى يايدۇق بىز نېمىدېگەن ياخشى يايغۇچىمىز.48 سىلەرنىڭ ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ھەر بىر نەرسىنى جۇپ ياراتتۇق.49 (ئى مۇھەممەد!) ئېتقىنكى «اﷲ تەرەپكە قېچىڭلار (يەنى اﷲغا ئىلتىجا قىلىڭلار) مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە اﷲ تەرەپتىن (كەلگەن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.50 سىلەر باشقا مەبۇدنى اﷲغا شېرىك قىلماڭلار مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن (كەلگەن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».51 ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ شۇنداق ئىدى ئۇلارغا ھەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇلار (ئۇنى):«بىر سېھىرگەر ياكى بىر مەجنۇن» دېدى.52 ئۇلار ( پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىشنى) بىر- بىرىگە تەۋسىيە قىلىشقانمۇ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار بىر- بىرىگە ئۇنداق تەۋسىيە قىلىشقان ئەمەس) ئۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمدۇر.53 ئۇلاردىن يۇز ئۆرۈگىن سەن مالامەت قىلىنغۇچى ئەمەسسەن.54 ۋەز- نەسىھەت قىلغىن ۋەز نەسىھەت مۇئمىنلارغا پايدىلىق.55 جىنلارنى ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم.56 ئۇلاردىن مەن رىزق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئۇزۇقلاندۇرۇشىنى تىلىمەيمەن.57 اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزق بەرگۈچىدۇر قۇدرەتلىكتۇر (اﷲنىڭ) قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر.58 (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلارنىڭ (ئازابتىن) ئۆتكەنكى (ھالاك بولغان) دوستلىرىنىڭ نېسىۋىسىدەك نېسىۋىسى بولىدۇ ئۇلار (ئازابىمغا) ئالدىراتمىسۇن59 كافىرلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندىن كافىرلارغا ۋاي!.60 |
|