سۈرە ئەھقاپنىڭ تەرجىمىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-30 11:56:59 كۆرۈلۈش سانى : 1374
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
[align=center]ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[/align]
ھا مىم.1 (بۇ قۇرئان) غالىب ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.2 ئاسمانلارنى زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق ئاساستا مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى قىيامەتكىچە قالىدىغان) قىلىپ ياراتتۇق. كافىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر.3 (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى «سىلەر اﷲنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلارنىڭ (ئەھۋالىنى) ئېيتىپ بېرىڭلار ئۇلار زېمىننىڭ قايسى قىسمىنى ياراتقانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىڭلار ياكى ئاسمانلارنى يارىتىشتا ئۇلارنىڭ اﷲ بىلەن ئورتاقچىلىقى بارمۇ بۇ (قۇرئان) دىن ئىلگىرى (سىلەرگە نازىل قىلىنغان) كىتاب ياكى (ئىلگىرىكىلەردىن) قالغان ئىلىم بولسا ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار».4 اﷲنى قويۇپ قىيامەتكىچە دۇئانى ئىجابەت قىلىشقا قادىر بولالمايدىغان بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئادەمدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ بۇتلار ئۇلارنىڭ دۇئاسىدىن غاپىلدۇر.5 (قىيامەت كۈنى) ئىنسانلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توپلانغان چاغدا بۇتلار ئۇلارغا (يەنى بۇتپەرەسلەرگە) دۈشمەن بولىدۇ ئۇلار تەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ.6 ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا كافىرلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەقىقەتنى (يەنى قۇرئاننى) باھالاپ: «بۇ روشەن سېھىردۇر» دەيدۇ.7 ياكى ئۇلار قۇرئاننى ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئۆزى توقۇغان دېيىشەمدۇ ئېيتقىنكى «ئەگەر ئۇنى مەن توقۇغان بولسام سىلەر مەندىن اﷲنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايسىلەر سىلەرنىڭ قۇرئان توغرىسىدىكى تۆھمەتلىرىڭلارنى اﷲ ئوبدان بىلىدۇ اﷲ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر (يەنى مېنىڭ راستچىللىقىمغا ۋە سىلەرنىڭ يالغانچىلىقىڭلارغا گۇۋاھ بولىدۇ) اﷲ (تەۋبە قىلغۇچىنى) مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر (مۇئمىن بەندىلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر».8 ئېيتقىنكى «مەن (اﷲ ئىنسانلارنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن) تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەسمەن (مەندىن ئىلگىركى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ۋەھى بىلەن كەلدىم نېمىشقا مېنى ئىنكار قىلىسىلەر) ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن (چۈنكى اﷲنىڭ تەقدىرىنى ئالدىن ئۇققىلى بولمايدۇ) مەن پەقەت ماڭا ۋەھى قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن مەن پەقەت (سىلەرنى اﷲنىڭ ئازابىدىن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».9 (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى «سىلەر ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! قۇرئان اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان تۇرسا سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىسەڭلار (ھالىڭلار قانداق بولىدۇ) ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر گۇۋاھچى (يەنى ئابدۇللا ئىبىن سالام) قۇرئاننىڭ اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئىمان كەلتۈرسە سىلەر تەكەببۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتساڭلار (ھالىڭلار قانداق بولىدۇ) شۈبھىسىزكى اﷲ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ».10 كافىرلار مۇئمىنلەرگە: «ئەگەر (قۇرئان بىلەن ئىسلام دىنى) ياخشى بولىدىغان بولسا ئىدى ئۇلار (يەنى ئاجىز مۇسۇلمانلار) ئۇنىڭغا بىزدىن بۇرۇن ئىشەنمىگەن بولاتتى» دېدى ئۇلار قۇرئان بىلەن ھىدايەت تاپمىغانلىقلىرى ئۈچۈن «بۇ قەدىمكى ئويدۇرمىدۇر» دەيدۇ.11 قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇسانىڭ كىتابى (يەنى تەۋرات) ئەھلى جاھانغا پېشىۋا ۋە رەھمەت ئىدى. بۇ ئەرەب تىلىدىكى كىتابتۇر (ئىلگىركى كىتابلارنى) تەستىق قىلغۇچىدۇر (اﷲ ئۇنى) زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغۇچى مۇئمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىش ئۈچۈن نازىل قىلدى.12 «پەرۋەردىگارىمىز اﷲدۇر» دېگەن ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا شۈبھىسىزكى (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر.13 ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ (بۇ) ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر.14 بىز ئىنساننى ئاتا- ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق.ئىنساننى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى ئوتتۇز ئايدۇر. تاكى ئۇ (بوۋاق ئۆسۈپ) كۈچ- قۇۋۋەتكە تولۇپ قىرىق ياشقا يەتكەندە (ئۇ): «پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا- ئانامغا بەرگەن نىئمىتىڭگە شۈكرى قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن مەن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى تۈزىگىن (يەنى مېنىڭ ئەۋلادىمنى ياخشى ئادەملەر قىلغىن) مەن ھەقىقەتەن ساڭا (جىمى گۇناھلاردىن) تەۋبە قىلدىم مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن» دەيدۇ.15 ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىپ يامان ئىشلىرىنى كەچۈرۈم قىلىمىز ئۇلار (اﷲ يامان ئىشلىرىنى كەچۈرگەنلەر بىلەن) جەننەتتە بولىدۇ (بۇ) ئۇلارغا قىلىنغان راست ۋەدىدۇر.16 بەزى ئادەم (يەنى ئاتا- ئانىسى ئىمانغا دەۋەت قىلغان فاجىر بالا) ئاتا- ئانىسىغا: «ۋاي- ۋۇي! سىلەر مېنى قايتا تىرىلىشتىن قورقۇتۇۋاتامسىلەر (مەندىن ئىلگىرى) نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتتى (ئۇلاردىن ھېچ ئادەم تىرىلدۈرۈلگىنى يوق)» دەيدۇ ئۇ ئىككىسى اﷲغا پەرياد قىلىپ: «ۋاي ساڭا! ئىمان ئېيتقىن اﷲنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر» دەيدۇ. ئۇ: «بۇ پەقەت ئاۋالقىلاردىن قالغان ئەپسانىلەردۇر» دەيدۇ.17 ئەنە شۇنداق كىشىلەرگە (اﷲنىڭ ئازاب قىلىش) سۆزى ھەقلىق بولدى ئۇلار بولسا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان ئۈممەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى ئۇلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچى بولدى.18 (مۇئمىنلەرنىڭ ۋە كافىرلارنىڭ) ھەممىسىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى ۋە جازاسى (كەم- زىيادە قىلىنماي) تولۇق بېرىلىدۇ ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.19 كافىرلار دەۋزەخكە توغرىلىنىدىغان كۈندە (ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن ئېيتىلىدۇ): «سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى ھاياتىي دۇنيادا بەھرىمەن بولۇپ تۈگەتتىڭلار سىلەر زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلىپ ئىماندىن باش تارتقانلىقىڭلار ۋە اﷲنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن بۈگۈن خار قىلغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر».20 (ئى مۇھەممەد!) ئادنىڭ قېرىندىشى (يەنى ھۇد ئەلەيھىسسالام) نىڭ ئۆز قەۋمى بىلەن بولغان قىسسىسىنى بايان قىلغىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئەھقاف (دېگەن يەر) دىكى قەۋمنى (اﷲنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردى ئۇنىڭدىن (يەنى ھۇدتىن) ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتتى. ئۇ (يەنى ھۇد) (قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرۇپ) ئېيتتى: «سىلەر پەقەت اﷲغىلا ئىبادەت قىلىڭلار مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ (اﷲدىن غەيرىگە ئىبادەت قىلساڭلار) بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن».21 ئۇلار: «(ئى ھۇد!) سەن بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن توسقىلى كەلدىڭمۇ ئەگەر سەن (سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ بىزگە بىرنى قورقۇتقان ئازابنى كەلتۈرگىن» دېدى.22 ئۇ: «(سىلەرگە ئازابنىڭ قاچان كېلىشىنى) پەقەت اﷲ بىلىدۇ مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن نەرسىنى تەبلىغ قىلىمەن ۋە لېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرىمەن» دېدى.23 ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋادىسىغا سۈرۈلۈۋاتقان بۇلۇتنى كۆرۈپ: «مانا بۇ بىزگە يامغۇر ياغدۇرغۇچى بۇلۇتتۇر» دېيىشتى. (ھۇد ئېيتتى) «ئۇنداق ئەمەس ئۇ سىلەر بالدۇرراق ئىشقا ئېشىشنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر ئۇ بىر بوران بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە قاتتىق ئازاب بار.24 ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ بىر ئەمرى بىلەن ھەممە نەرسىنى ھالاك قىلىدۇ» (يەنى بۇران كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلدى) شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جايلىرىنىڭ (يەنى تۇرغان ماكانلىرىنىڭ ئىزىدىن) باشقا نەرسە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى گۇناھكار قەۋمنى مۇشۇنداق جازالايمىز.25 بىز ئۇلارنى (يەنى ئاد قەۋمىنى) (پۇل- مال كۈچ- قۇۋۋەت جەھەتتە) سىلەرنى قادىر قىلمىغان نەرسىلەرگە قادىر قىلدۇق. (ئۇلارنىڭ شۇ نىئمەتلىرىگە شۈكرى قىلىپ بۇ ئارقىلىق نىئمەتلەرنى بەرگۈچى اﷲنى تونۇشى ئۈچۈن) ئۇلارغا قۇلاق كۆز قەلبلەرنى بەردۇق ئۇلار اﷲنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى كۆزلىرى دىللىرى ئۇلاردىن (اﷲنىڭ ئازابىدىن) ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلمىدى ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارغا نازىل بولدى.26 (ئى مەككە ئاھالىسى!) بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردىكى شەھەرلەرنى ھالاك قىلدۇق ئۇلارنى (كۇفرىدىن) يانسۇن دەپ ئايەتلەرنى تەكرار بايان قىلدۇق.27 (ئۇلارغا ئازاب كەلگەندە) ئۇلارنىڭ خۇداغا يېقىن قىلىدۇ دەپ اﷲدىن باشقا تۇتقان مەبۇدلىرى ئۇلارغا نېمىشقا ياردەم قىلمىدى بەلكى ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى غايىپ بولدى بۇ (يەنى بۇتلار بىزنى خۇداغا يېقىن قىلىدۇ دېگەن سۆزى) ئۇلارنىڭ ئويدۇرمىسىدۇر ۋە (اﷲغا) چاپلىغان بوھتانلىرىدۇر.28 (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى ساڭا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتتۇق ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا (بىر- بىرىگە): «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشتى.29 ئۇلار ئېيتتى: «ئى قەۋمىمىز! ھەقىقەتەن بىز مۇسادىن كېيىن نازىل بولغان ئۇنىڭدىن ئىلگىركى كىتابلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىڭشىدۇق».30 «ئى قەۋمىمىز! اﷲغا دەۋەت قىلغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە اﷲغا ئىمان ئېيتىڭلار اﷲ بەزى گۇناھلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ساقلايدۇ».31 كىمكى اﷲغا (ئىمان ئېيتىشقا) دەۋەت قىلغۇچىنىڭ (يەنى رەسۇلۇللانىڭ) دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىسا ئازابتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ اﷲدىن باشقا (ئۇنى اﷲنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى) ياردەمچىلەر بولمايدۇ ئۇلار (يەنى رەسۇلۇللانىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغۇچىلار) ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر.32 ئۇلار (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى كۇففارلار) بىلمەمدۇكى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان ۋە ئۇلارنى يارىتىشتا چارچاپ قالمىغان اﷲ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ دۇرۇس ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر.33 كافىرلار دەۋزەخكە توغرىلىنىدىغان كۈندە (ئۇلارغا): «بۇ (يەنى سىلەر تېتىۋاتقان ئازاب) راست ئەمەسمۇ» (دېيىلىدۇ) ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەمكى ئەلۋەتتە راستتۇر» دەيدۇ اﷲ (ئۇلارغا): «كافىر بولغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ.34 (ئى مۇھەممەد!) سەن (مۇشرىكلارنىڭ سالغان جاپاسىغا) ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغىن ئۇلارغا بولىدىغان ئازابقا ئالدىراپ كەتمىگىن. ئۇلار (ئاخىرەتتە) ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەندە (ئۇلار دۇنيادا) گويا كۈندۈزدە بىردەملا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ (بۇ قۇرئان سىلەرگە) تەبلىغدۇر پەقەت پاسىق قەۋملا ھالاك قىلىنىدۇ.35 |
|