سۈرە فۇسسىلاتنىڭ تەرجىمىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-13 15:43:24 كۆرۈلۈش سانى : 201
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
[align=center]ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[/align]
ھامىم.1 (بۇ) ناھايىتى شەپقەتلىك مېھرىبان اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان (ۋەھىدۇر).2 ئايەتلىرى ئوچۇق بايان قىلىنغان كىتابتۇر بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن نازىل بولغان ئەرەبچە قۇرئاندۇر.3 (مۇئمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچىدۇر (كافىرلارنى دەۋزەخ بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى (ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى پىكىر قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈدى. ئۇلار (ئۇنىڭغا) قۇلاق سالمايدۇ.4 ئۇلار (پەيغەمبەرگە): «بىزنىڭ دىللىرىمىز سەن بىزنى دەۋەت قىلغان نەرسىلەردىن پىردىلەنگەن قۇلاقلىرىمىز ئېغىر سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا پەردە (يەنى دىنىي جەھەتتە ئوخشىماسلىق) بار سەن ئۆز ئىشىڭنى قىل بىزمۇ ھەقىقەتەن ئۆز ئىشىمىزنى قىلايلى (يەنى سەنمۇ ئۆز دىنىڭ بىلەن بول بىزمۇ ئۆز دىنىمىز بىلەن بولايلى)» دەيدۇ.5 سەن (ئۇ مۇشرىكلارغا): «مەن سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمەن ماڭا ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر دەپ ۋەھى قىلىنىدۇ ئۇنىڭغا (ئىمان ۋە تائەت- ئىبادەت بىلەن) يۈزلىنىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن مەغفىرەت تىلەڭلار!» دېگىن مۇشرىكلارغا ۋاي!6 ئۇلار زاكات بەرمەيدۇ ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ.7 ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئەلۋەتتە ئۆزلۈكسىز ساۋاب بېرىلىدۇ.8 (سەن ئۇلارغا) «سىلەر زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان اﷲنى ئىنكار قىلامسىلەر ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرەمسىلەر ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن.9 ئۇ زېمىننىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن تاغلارنى ياراتتى زېمىننى بەرىكەتلىك قىلدى ئەھلى زېمىننىڭ رىزقىنى بەلگىلىدى (زېمىننى يارىتىش بىلەن ئاھالىسىنىڭ رىزقىنى بەلگىلەشنى كەم- زىيادىسىز) باراۋەر تۆت كۈندە (تاماملىدى) (زېمىننىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ يارىتىلىش مۇددىتىنى) سورىغۇچىلار ئۈچۈن (بۇ جاۋاپتۇر).10 ئاندىن ئۇ ئاسماننى (يارىتىشقا) يۈزلەندى ھالبۇكى ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى ئاسمان بىلەن زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار (يەنى ئەمرىمنى قوبۇل قىلىڭلار)» دېدى. ئىككىلىسى «ئىختىيارىي كەلدۇق» دېدى.11 اﷲ يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى. ھەر ئاسماننىڭ ئىشىنى ئۆزىگە بىلدۈردى (يەنى ھەر ئاسماننىڭ ئېھتىياجلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى). ئەڭ تۆۋەنكى ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق بۇ ئەنە شۇ غالىب ھەممىنى بىلگۈچى اﷲنىڭ تەقدىرىدۇر.12 ئەگەر ئۇلار (بۇ بايانلاردىن كېيىن ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (سەن ئۇلارغا): «سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا ئوخشاش ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن.13 ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئالدى- كەينىدىن (يەنى ھەممە تەرەپتىن) پەيغەمبەرلەر كېلىپ: «بىر اﷲدىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار!» دېسە ئۇلار: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز خالىسا چوقۇم پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن بولاتتى بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز» دېدى.14 ئاد بولسا زېمىندا (اﷲنىڭ بەندىلىرى ھۇد ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقانلارغا) ھەقسىز رەۋىشتە يوغانچىلىق قىلدى. ئۇلار: «كۈچ- قۇۋۋەتتە بىزدىن كىم ئارتۇق» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان اﷲنىڭ كۈچ- قۇۋۋەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى.15 ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا خار قىلغۇچى ئازابنى تېتىتىشىمىز ئۈچۈن شۇم كۈنلەردە قاتتىق سوغۇق شامالنى ئەۋەتتۇق ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ خار قىلغۇچىدۇر ئۇلار (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ.16 سەمۇدقا بولسا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇق (يەنى گۇمراھلىق) نى ئارتۇق بىلدى. قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى خار قىلغۇچى چاقماق ئازابى ھالاك قىلدى.17 ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە تەقۋادارلارنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق.18 ئۇ كۈندە اﷲنىڭ دۈشمەنلىرى دەۋزەخقا توپلىنىدۇ ئالدى- ئارقىسى يىغىلىپ بولغۇچە توختىتىپ قۇيۇلىدۇ.19 ئۇلار دەۋزەخكە كەلگەندە ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.20 ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تېرىلىرىگە: «نېمىشقا بىزنىڭ زىيىنىمىزغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار» دەيدۇ تېرىلىرى: «ھەر نەرسىنى سۆزلەتكەن اﷲ بىزنى سۆزلەتتى ئۇ دەسلەپتە سىلەرنى ياراتتى. ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» دەيدۇ.21 سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) قۇلىقىڭلارنىڭ كۆزۈڭلارنىڭ تېرىلىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىشىدىن ساقلانمىغان ئىدىڭلار (يەنى يامان ئىشلارنى قىلغان چېغىڭلاردا رەسۋا بولۇشتىن قورقۇپ كىشىلەردىن يوشۇرغان ئىدىڭلار ۋەھالەنكى ئەزالىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقىنى گۇمان قىلمىغان ئىدىڭلار) لېكىن سىلەر قىلمىشىڭلاردىن نۇرغۇن ئىشلارنى «اﷲ بىلمەيدۇ» دەپ گۇمان قىلدىڭلار.22 پەرۋەردىگارىڭلارغا قىلغان ئەنە شۇ (قەبىھ) گۇناھىڭلار سىلەرنى ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار.23 ئەگەر ئۇلار (ئازابقا) چىدىسا (چىداملىقنىڭ پايدىسى يوق) دەۋزەخ ئۇلارنىڭ جايىدۇر ئەگەر ئۇلار (اﷲدىن) رازىلىق تىلىسە ھەرگىز رازىلىققا ئېرىشەلمەيدۇ.24 ئۇلارغا بىز (شەيتانلاردىن) دوستلارنى مۇسەللەت قىلدۇق ئۇلار (يەنى شەيتانلار) ئۇلارغا ئالدى- كەينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى قەبىھ ئەمەللىرىنى) چىرايلىق كۆرسەتتى ئۇلارغا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان (گۇناھكار شەقى) ئۈممەتلەر قاتارىدا ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولدى چۈنكى ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار ئىدى.25 كافىرلار: «بۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار ئۇنى ئېلىشتۇرىۋېتىڭلار سىلەر غەلىبە قىلىشىڭلار مۇمكىن» دەيدۇ.26 بىز كافىرلارغا چوقۇم قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز بىز ئۇلارنىڭ يامان قىلمىشلىرىغا ئەڭ قاتتىق جازا بېرىمىز.27 اﷲنىڭ دۈشمەنلىرىگە بېرىلىدىغان جازا ئەنە شۇ دەۋزەختۇر ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرىدىغان جايى دەۋزەختۇر بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا) شۇنداق جازا بېرىلىدۇ.28 كافىرلار: «پەرۋەردىگارىمىز! ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بىزنى ئازدۇرغانلارنى بىزگە كۆرسەتكىن (ئۇلارنىڭ) ئەڭ خارلاردىن بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاياقلىرىمىزنىڭ ئاستىدا چەيلەيمىز» دېدى.29 شۈبھىسىزكى «پەرۋەردىگارىمىز اﷲدۇر» دېگەنلەر ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار غەم قىلماڭلار سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار بىز دۇنيادا ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار (ئۇلار) ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچى ناھايىتى مېھرىبان (اﷲ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ.30 شۈبھىسىزكى «پەرۋەردىگارىمىز اﷲدۇر» دېگەنلەر ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار غەم قىلماڭلار سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار بىز دۇنيادا ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار (ئۇلار) ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچى ناھايىتى مېھرىبان (اﷲ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ.31 شۈبھىسىزكى «پەرۋەردىگارىمىز اﷲدۇر» دېگەنلەر ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار غەم قىلماڭلار سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار بىز دۇنيادا ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار (ئۇلار) ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچى ناھايىتى مېھرىبان (اﷲ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ.32 اﷲغا (يەنى اﷲنىڭ تەۋھىدىگە ۋە تائىتىگە) دەۋەت قىلغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە «مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ33 ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ.34 بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ.35 ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ (يۇقۇرىقى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە كۈشكۈرتسە) اﷲغا سېغىنىپ (شەيتاننىڭ شەررىدىن) پاناھ تىلىگىن اﷲ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشلىرىنى) بىلپ تۇرغۇچىدۇر.36 كېچە بىلەن كۈندۈز كۈن بىلەن ئاي اﷲنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلەردىندۇر قۇياشقا سەجدە قىلماڭلار ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار ئۇلارنى ياراتقان اﷲغا سەجدە قىلىڭلار ئەگەر پەقەت اﷲغىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار.37 ئەگەر كۇففارلار چوڭچىلىق قىلىپ (اﷲغا سەجدە قىلىشتىن) باش تارتسا پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) كېچە- كۈندۈز اﷲغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ ئۇلار مالال بولۇپ قالمايدۇ.38 (بۇمۇ) اﷲنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلەردىندۇركى سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرغان ۋاقتىمىزدا زېمىن كۆتۈرۈلىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ شۈبھىسىزكى زېمىننى تېرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنى ئەلۋەتتە تىرىلدۈرگۈچىدۇر ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر.39 شۈبھىسىزكى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلار بىزگە مەخپىي قالمايدۇ قىيامەت كۈنى دەۋزەخكە تاشلىنىدىغان ئادەم ياخشىمۇ ياكى قىيامەت كۈنى (اﷲنىڭ ئازابىدىن) ئەمىن بولغان ھالدا كېلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار شۈبھىسىزكى اﷲ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.40 شۈبھىسىزكى قۇرئان كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغانلار (قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ) شۈبھىسىزكى قۇرئان غالىب كىتابتۇر.41 ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدۇ ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى مەدھىيىگە لايىق اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.42 ساڭا (مۇشرىكلار تەرىپىدىن) ئېيتىلىدىغان سۆزلەر پەقەت ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە (قەۋملىرى تەرىپىدىن) ئېيتىلغان سۆزلەردۇر شۈبھىسىزكى سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ مەغفىرەت ئىگىسىدۇر ۋە قاتتىق ئازاب ئىگىسىدۇر.43 مۇبادا بىز ئۇنى ئەجەم تىلىدىكى قۇرئان قىلىپ نازىل قىلغان بولساق ئۇلار ئەلۋەتتە: «نېمىشقا ئۇنىڭ ئايەتلىرى (بىز چۈشىنىدىغان تىلدا) روشەن بايان قىلىنمىدى پەيغەمبەر ئەرەب كىتاب ئەجەمچىمۇ» دەيتتى. ئۇ ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە (دىللاردىكى شەك- شۈبھەگە) شىپادۇر ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ قۇلاقلىرى (قۇرئاننى ئاڭلاشتىن) ئېغىردۇر (يەنى قۇرئاننىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ گويا قۇلاقلىرى ئېغىردۇر) قۇرئان ئۇلارنىڭ (دىللىرىغا) كورلۇقتۇر (يەنى ئۇلار ھىدايەت نۇرىنى كۆرمەيدۇ) ئەنە شۇلار يىراقتىن نىدا قىلىنغۇچىلاردۇر (يەنى ئۇلار ھەقنى قوبۇل قىلماسلىقتا ئىمانغا يىراقتىن چاقىرىلغان مۇساپىنىڭ يىراقلىقىدىن چاقىرىقنى ئاڭلىمىغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ).44 بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق ئۇ ھەقتە ئىختىلاپ بولدى. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى جازالاشنى قىيامەتكىچە كېچىكتۈرۈش) ۋەدىسى بولمىسا ئىدى ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلاتتى ئۇلار ھەقىقەتەن قۇرئاندىن زىيادە شەكتىدۇر.45 كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن پايدىسى ئۆزىگىدۇر پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر.46 قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلىش پەقەت اﷲغا خاستۇر (يەنى قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى اﷲدىن باشقا كىشى بىلمەيدۇ). مېۋىلەرنىڭ بوغۇنلىرىدىن چىقىشى ھەرقانداق چىشىنىڭ ھامىلدار بولۇشى ۋە توغۇشى اﷲنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا ئەمەستۇر ئۇ كۈندە اﷲ ئۇلارغا: «مېنىڭ شېرىكلىرىم (يەنى سىلەر ماڭا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەر) قايەردە» دەپ نىدا قىلىدۇ ئۇلار: «ساڭا مەلۇم قىلىمىزكى ئارىمىزدا ھېچ كىشى (سېنىڭ شېرىكىڭ بار دەپ) گۇۋاھلىق بېرەلمەيدۇ» دەيدۇ.47 ئۇلار ئىلگىرى (يەنى دۇنيادىكى چاغدا) چوقۇنغان بۇتلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ ئۇلار (اﷲنىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان جاي يوق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ.48 ئىنسان (ئۆزىگە) ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق يېتىپ قالسا (اﷲنىڭ رەھمىتىدىن) تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ.49 ئەگەر بىز ئۇنىڭغا كۈلپەتتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق ئۇ چوقۇم: «بۇ ئۆزەمنىڭ سەئيى- ئىجتىھاتىمدىن كەلگەن قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن مۇبادا (قىيامەت بولۇپ) مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ ئۇنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم جەننەتكە ئېرىشىمەن» دەيدۇ. ئەلۋەتتە كافىرلارنى قىلمىشلىرىنى خەۋەر قىلىمىز ۋە ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز.50 ئىنسانغا نىئمەت ئاتا قىلساق (پەرۋەردىگارىغا شۈكرى قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ (اﷲنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ) ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە (اﷲغا يۈزلىنىپ) ئۆزلۈكسىز دۇئا قىلىدۇ.51 (ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ (قۇرئان مەن ئېيتقاندەك) اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان بولسا سىلەر (ئويلىماستىنلا ئۇنى ئىنكار قىلساڭلار ھالىڭلار قانداق بولىدۇ). (ھەقتىن) يىراق ئىختىلاپتا بولغان كىشىدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ (يەنى سىلەردىنمۇ گۇمراھ ئادەم يۇق)».52 ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە (ئاسمان- زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ.53 بىلىڭلاركى ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشتىن شەكلىنىدۇ بىلىڭلاركى اﷲ ھەممە نەرسىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.54 |
|