سۈرە زۇخرۇفنىڭ تەرجىمىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-18 13:12:34 كۆرۈلۈش سانى : 239
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
[align=center]ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[/align]
ھا مىم.1 روشەن كىتاب بىلەن قەسەمكى سىلەرنى (ئۇنىڭ مەنىسىنى) چۈشەنسۇن دەپ بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئەرەبچە قۇرئان قىلدۇق.2 روشەن كىتاب بىلەن قەسەمكى سىلەرنى (ئۇنىڭ مەنىسىنى) چۈشەنسۇن دەپ بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئەرەبچە قۇرئان قىلدۇق.3 ھەقىقەتەن لەھۇلمەھفۇزدا بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا (مۇقىملاشقان) يۇقىرى مەرتىۋىلىك ھېكمەتلىك (كىتاب)دۇر.4 سىلەر (گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقان قەۋم بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ۋەز- نەسىھەت قىلىشنى تەرك قىلامدۇق5 ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق.6 ئۇلارغا قانداق بىر پەيغەمبەر كەلمىسۇن ئۇلار ئۇنى (قەۋمىڭ سېنى مەسخىرە قىلغاندەك) مەسخىرە قىلدى.7 ئۇلار (يەنى مەككە كافىرلىرى) دىن كۈچ- قۇۋۋەتتە ئۈستۈن بولغانلارنى ھالاك قىلدۇق ئىلگىرىكىلەرنىڭ قىسسىلىرى قۇرئاندا ئۆتتى.8 ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلار ۋە زېمىننى كىم ياراتتى» دەپ سورىساڭ ئۇلار: «ئەلۋەتتە ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى غالىب ھەممىنى بىلگۈچى (اﷲ) ياراتتى» دەيدۇ.9 اﷲ سىلەر ئۈچۈن زېمىننى قارارگاھ قىلدى (سەپەردە كۆزلىگەن يېرىڭلارغا) بېرىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە زېمىندا نۇرغۇن يوللارنى ياراتتى.10 اﷲ بۇلۇتتىن (سىلەرگە زىيان يەتكۈزمەي پايدا يەتكۈزىدىغان) ئۆلچەمدە يامغۇر ياغدۇردى ئۇنىڭ بىلەن بىز (گىيا ئۈنمەس قاقاس) ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈردۇق سىلەر مۇشۇنداق (يەنى ئۆلۈك يەردىن ئۆسۈملۈك چىقىرىلغاندەك) (قەبرەڭلاردىن) چىقىرىلىسىلەر.11 اﷲ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ تۈرلىرىنى ياراتتى سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نىئمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر.12 اﷲ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ تۈرلىرىنى ياراتتى سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نىئمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر.13 اﷲ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ تۈرلىرىنى ياراتتى سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نىئمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر.14 ئۇلار (پەرىشتىلەرنى اﷲنىڭ قىزلىرى دېيىش بىلەن) اﷲنىڭ بىر قىسىم بەندىلىرىنى اﷲنىڭ بىر جۈزئىييى قىلىۋالدى. (مۇنداق دېگۈچى) ئىنسان ھەقىقەتەن اﷲغا ئاشكارا ناشۈكرىلۈك قىلغۇچىدۇر.15 اﷲ مەخلۇقاتتىن ئۆزى ئۈچۈن قىزلارنى (بالا) تۇتۇپ سىلەرنى ئوغۇللارغا خاس قىلدىمۇ16 ئەگەر ئۇلارنىڭ بىزگە مەرھەمەتلىك اﷲغا مەسەل قىلغان نەرسە (يەنى قىز بالا) بىلەن بىشارەت بېرىلسە (يەنى خوتۇنىنىڭ قىز تۇغقانلىقى خەۋەر قىلىنسا) قايغۇغا چۆمگەن ھالدا ئۇنىڭ يۈزى قارىداپ كېتىدۇ.17 (ئۇلار اﷲغا) زىبۇ- زىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغان مۇنازىرىدە مەقسىتىنى ئوچۇق بايان قىلالمايدىغان (قىزلارنى مەنسۇپ قىلامدۇ).18 ئۇلار مەرھەمەتلىك اﷲنىڭ بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلەرگە قىز دەپ ئېتىقاد قىلدى اﷲ پەرىشتىلەرنى ياراتقاندا ئۇلار ئۈستىدە بارمىدى (يەنى ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى قايەردىن بىلىدۇ) ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى (ئۇلارنىڭ نامە- ئەمالىغا) يېزىلىدۇ (قىيامەت كۈنى) ئۇلار سوراققا تارتىلىدۇ.19 ئۇلار: «مەرھەمەتلىك اﷲ خالىسا بىز ئۇلارغا (يەنى پەرىشتىلەرگە) چوقۇنمايتتۇق» دېدى. بۇ توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ بىلىمى (يەنى ئاساسى) يوق ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ.20 ئۇلارغا بىز قۇرئاندىن ئىلگىرى (قانداقتۇر) بىر كىتاب بەرگەن بولۇپ ئۇلار شۇ كىتابقا مەھكەم ئېسىلامدۇ .21 ئۇنداق ئەمەس ئۇلار: «ھەقىقەتەن ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز بىز ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ھىدايەت تاپقۇچىدۇرمىز» دەيدۇ.22 شۇنىڭدەك سەندىن ئىلگىرى ھەرقاچان بىرەر شەھەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) ئەۋەتسەكلا ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «بىز ھەقىقەتەن ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز شەك- شۈبھىسىزكى بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭىمىز» دېيىشتى.23 (ھەر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىگە) «ئاتا- بوۋاڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىنغا قارىغاندا ئەڭ توغرا بىر دىننى كەلتۈرسەم يەنىلا ئاتا- بوۋاڭلارغا ئەگىشەمسىلەر» دېدى. ئۇلار: «سىلەر ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئەگەشمەيمىز» دېيىشتى.24 بىز ئۇلارنى جازالىدۇق (توغرا يولنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن.25 ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلاردىن مەن راستلا ئادا- جۇدامەن.26 پەقەت مېنى ياراتقان اﷲ مېنى (توغرا يولغا) باشلايدۇ».27 ئىبراھىم كەلىمە تەۋھىدنى ئەۋلادىدىن (شېرىك كەلتۈرگەنلەر) ئىمانغا قايتسۇن دەپ ئەۋلادى ئىچىدە قالدۇرۇپ كەتتى.28 بەلكى مەن بۇلار (يەنى مەككە ئاھالىسى) نى ۋە بۇلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىنى (ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە نىئمەتتىن) بەھرىمەن قىلدىم تاكى ئۇلارغا ھەق (يەنى قۇرئان) ۋە روشەن پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلگۈچە.29 ئۇلارغا ھەق (يەنى قۇرئان) كەلگەندە ئۇلار: «بۇ سېھىردۇر بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىمىز» دېيىشتى.30 ئۇلار: «بۇ قۇرئان نېمىشقا ئىككى شەھەر (يەنى مەككە بىلەن تائىف ئادەملىرىدىن) بىر كاتتا ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى» دېيىشتى.31 پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۇلار تەقسىم قىلىپ بېرەمدۇ بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى رىزقىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى (ھەق بېرىپ) ئىشقا سالسۇن دەپ ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتى ئۇلارنىڭ توپلىغان نەرسىلىرى (يەنى پۇل- ماللىرى) دىن ياخشىدۇر.32 ئىنسانلار (كۇففارلارنىڭ باياشات تۇرمۇشىنى كۆرۈپ كۇفرىغا قىزىقىپ ئۇلارغا قوشۇلۇپ) ھەممىسى (كۇفرىدا) بىر ئۈممەت بولۇپ قالمايدىغان بولسا ئىدى مەرھەمەتلىك اﷲنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا چىقىدىغان شوتىلىرىنى كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق.33 ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى ۋە تەختلىرىنىمۇ كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق ئۇلار تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇراتتى.34 (يۇقىرىقىلارنىڭ بەزىسىنى) ئالتۇندىن قىلىپ بېرەتتۇق ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر. پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھوزۇرىدىكى ئاخىرەت (يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭدىكى نازۇنىئمەتلەر) تەقۋادارلارغا خاستۇر.35 كىمكى مېھرىبان اﷲنى ياد ئېتىشتىن (يەنى قۇرئاندىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن بىز ئۇنىڭغا شەيتاننى مۇسەللەت قىلىمىز (شەيتان ئۇنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ) شەيتان ئۇنىڭغا ھەمىشە ھەمراھ بولىدۇ.36 شەك- شۈبھىسىزكى شەيتانلار ئۇلارنى (يەنى ئازغۇن كۇففارلارنى) توغرا يولدىن توسىدۇ ئۇلار بولسا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىدۇ.37 كافىر ئادەم (ھەمراھى بىلەن قىيامەت كۈنى) دەرگاھىمىزغا كەلگەن چاغدا (ھەمراھىغا): «كاشكى سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىسىدەك ئارىلىق بولسا ئىكەن. (سەن) نېمەدېگەن يامان ھەمراھ! (چۈنكى سەن مېنىڭ بەختسىزلىكىمگە سەۋەپچى بولدۇڭ)» دەيدۇ.38 (ئۇلارغا) «(دۇنيادىكى چاغدا) زۇلۇم قىلغانلىقىڭلار (يەنى شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار) ئۈچۈن بۈگۈن سىلەرنىڭ ئازابتا ئورتاق بولغانلىقىڭلار سىلەرگە پايدا بەرمەيدۇ» دېيىلىدۇ.39 (ئى مۇھەممەد!) سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن يا كورلارنى توغرا يولغا سالالامسەن (يەنى كۇففارلار گاسلارغا كورلارغا ئوخشايدۇ) ئاشكارا گۇمراھلىقتا بولغان كىشىنى ھىدايەت قىلالامسەن40 (ئۇلارنى جازالاشتىن ئىلگىرى) سېنى ئېلىپ كەتسەك (يەنى ۋاپات قىلدۇرساق ۋاپاتىڭدىن كېيىن) ئۇلارنى چوقۇم جازالايمىز.41 ياكى بىز ساڭا (ھاياتىڭدا) ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى كۆرسىتىمىز بىز شۈبھىسىزكى ئۇلارغا (يەنى ئۇلارغا ئازاب قىلىشقا) قادىرمىز.42 (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ۋەھى قىلىنغان قۇرئانغا چىڭ ئېسىلغىن سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇرسەن.43 قۇرئان ساڭا ۋە سېنىڭ قەۋمىڭگە ئەلۋەتتە (ئۇلۇغ) شەرەپتۇر سىلەر كەلگۈسىدە (بۇ نىئمەت ئۈستىدە ) سورىلىسىلەر.44 سەندىن بۇرۇن بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىزدىن سۇراپ باققىنكى مېھرىبان اﷲدىن باشقا ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھلارنى بەلگىلىدۇقمۇ (پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىچىدە اﷲدىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلغىنى بارمۇ) .45 بىز ھەقىقەتەن مۇسانى فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىگە (ئۇنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان شانلىق) مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق مۇسا (فىرئەۋنگە): «مەن ھەقىقەتەن جىمى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ (سېنى ۋە قەۋمىڭنى بىر اﷲغا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن) ئەلچىسىمەن» دېدى.46 مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە ئۇلار ناگاھان مۆجىزىلەرنى (مەسخىرە قىلىپ) كۈلدى.47 ئۇلارغا بىر- بىرىدىن كاتتا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق ئۇلارنى (كۇفرىدىن) قايتسۇن دەپ (تۈرلۈك) ئازابلار بىلەن جازالىدۇق.48 (ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە) «ئى سېھىرگەر! پەرۋەردىگارىڭغا ئۇنىڭ ساڭا بەرگەن (دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشتىن ئىبارەت) ئەھدى بۇيىچە بىز ئۈچۈن دۇئا قىلساڭ (ئەگەر ئۇ دۇئايىڭ بىلەن بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتسە) بىز چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز» دېدى.49 (مۇسانىڭ دۇئاسى بىلەن) ئۇلاردىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىنىمىزدە ناگاھان ئۇلار (ئەھدىنى) بۇزۇپ (كۇفرىدا) چىڭ تۇردى.50 فىرئەۋن ئۆز قەۋمى ئىچىدە (پەخىرلەنگەن ھالدا) نىدا قىلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى ئاستىمدىن ئېقىپ تۇرغان بۇ دەريالار مېنىڭ ئەمەسمۇ (مېنىڭ بۇ بۈيۈكلۈكۈمنى) كۆرمەمسىلەر بەلكى مەن ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئادەمدىن (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن) ياخشىمەن.51 فىرئەۋن ئۆز قەۋمى ئىچىدە (پەخىرلەنگەن ھالدا) نىدا قىلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى ئاستىمدىن ئېقىپ تۇرغان بۇ دەريالار مېنىڭ ئەمەسمۇ (مېنىڭ بۇ بۈيۈكلۈكۈمنى) كۆرمەمسىلەر بەلكى مەن ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئادەمدىن (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن) ياخشىمەن.52 نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا (ئاسماندىن) ئالتۇن بىلەيزۈكلەر تاشلانمىدى ياكى نېمىشقا (ئۇنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن) ئۇنىڭ بىلەن پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى»53 فىرئەۋن قەۋمىنى گوللىغانلىقتىن قەۋمى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى.54 ئۇلار بىزنى دەرغەزەپ قىلغاندا ئۇلارنى بىز (ئەڭ قاتتىق جازالار بىلەن) جازالىدۇق ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (دېڭىزدا) غەرق قىلدۇق.55 ئۇلارنى بىز (كۇففارلارنىڭ ئازابقا تېگىشلىك بولۇشىدا) كېيىنكىلەرگە نەمۇنە ۋە ئىبرەت قىلدۇق.56 (قۇرئاندا) مەريەمنىڭ ئوغلى (يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالام) مىسال كەلتۈرۈلسە ناگاھان سېنىڭ قەۋمىڭ (خۇشاللىقتىن) سۈرەن سېلىشىپ كېتىدۇ.57 ئۇلار: «بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىز ياخشىمۇ ياكى ئىسامۇ» دېدى. ئۇلار بۇ مىسالنى پەقەت خۇسۇمەت قىلىش ئۈچۈنلا كەلتۈردى بەلكى ئۇلار جىدەلخور قەۋمدۇر.58 ئۇ (يەنى ئىسا) (ناسارالار گۇمان قىلغاندەك ئىلاھ ياكى ئىلاھنىڭ ئوغلى ئەمەس) پەقەت پەيغەمبەرلىك نىئمىتىمىزگە ئېرىشكەن بىر بەندىدۇر ئۇنى بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا (اﷲنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر دەلىل قىلدۇق.59 ئەگەر بىز خالىساق ئەلۋەتتە سىلەرگە زېمىندا ئورۇنباسار بولىدىغان پەرىشتىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەتتۇق.60 ئۇ (يەنى ئىسا) ئەلۋەتتە قىيامەت (يېقىنلاشقانلىقنىڭ) ئالامىتىدۇر ئۇنىڭغا (يەنى قىيامەتكە) شەك كەلتۈرمەڭلار (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) «ماڭا ئەگىشىڭلار بۇ (مېنىڭ دەۋەت قىلغىنىم) توغرا يولدۇر.61 سىلەرنى شەيتان (توغرا يولدا) مېڭىشتىن توسمىسۇن (يەنى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئالدانماڭلار) شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر»62 ئىسا روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كېلىپ ئېيتتى: «سىلەرگە مەن ھېكمەت ئېلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئىختىلاپ قىلىۋاتقان نەرسەڭلارنىڭ (يەنى دىنىي ئىشلارنىڭ) بەزىسىنى بايان قىلىپ بېرىمەن اﷲدىن قورقۇڭلار ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.63 اﷲ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر ۋە سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار بۇ توغرا يولدۇر».64 (ناسارالار) نىڭ پىرقىلىرى (ئىسا توغرىسىدا) ئۆئارا ئىختىلاپ قىلىشتى زالىملارغا قاتتىق كۈن (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىدىن ۋاي!65 ئۇلار پەقەت قىيامەتنىڭ ئۆزلىرى تۇيمىغان ھالدا ئۇشتۇمتۇت كېلىشىنىلا كۈتىدۇ.66 بۇ كۈندە دوستلار بىر- بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ پەقەت (خۇدالىق ئۈچۈن دوستلاشقان) تەقۋادارلارلا (ئۇنداق ئەمەستۇر).67 (ئۇلارغا) «بەندىلىرىم! بۈگۈن سىلەرگە قورقۇنچ يوق غەم- قايغۇمۇ يوق» (دېيىلىدۇ).68 ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقان ۋە مۇسۇلمان بولغانلار ئىدى.69 (ئۇلارغا) «سىلەر ئاياللىرىڭلار بىلەن بىللە خۇشال- خۇرام ھالدا جەننەتكە كىرىڭلار» (دېيىلىدۇ).70 ئۇلارغا ئالتۇن لېگەنلەردە (تائام) ئالتۇن جاملاردا (شاراب) تۇتۇلىدۇ. جەننەتتە كۆڭاﷲر تارتىدىغان كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ قالىسىلەر.71 سىلەر (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى) ئەمەلىڭلار بىلەن ۋارىس بولغان جەننەت ئەنە شۇدۇر.72 جەننەتتە نۇرغۇن (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار ئۇنىڭدىن يەيسىلەر.73 گۇناھكارلار (يەنى كۇففارلار) ھەقىقەتەن دەۋزەخ ئازابىدا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.74 ئۇلاردىن ئازاب (بىردەممۇ) يېنىكلىتىلمەيدۇ ئۇلار دەۋزەختا (ھەرقانداق ياخشىلىقتىن) ئۈمىدسىزلەردۇر.75 ئۇلارغا بىز زۇلۇم قىلمىدۇق ۋە لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى.76 ئۇلار (يەنى كۇففارلار) (دەۋزەخقا مۇئەككەل پەرىشتىگە): «ئى مالىك! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلسۇن» دەپ توۋلايدۇ. مالىك: «سىلەر ئازابتا چوقۇم قالىسىلەر» دەيدۇ.77 بىز سىلەرگە ھەقىقەتەن ھەق (دىن) نى كەلتۈردۇق ۋە لېكىن سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار ھەق (دىن) نى يامان كۆرگۈچىلەردۇر.78 ئۇلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سۈيىقەست قىلىشتا) بىر ئىشنى قارار قىلغان بولسا بىز (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ياردەم بېرىشتە بىر ئىشنى قارار قىلىمىز.79 ئۇلار گۇمان قىلامدۇكى بىز ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى ۋە پىچىرلاشقانلىقلىرىنى ئاڭلىمايمىز ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (ئۇنى ئاڭلاپ تۇرىمىز) بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز (يەنى پەرىشتىلىرىمىز) ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى) يېزىپ تۇرىدۇ.80 «ئەگەر مېھرىبان اﷲنىڭ بالىسى بولىدىغان بولسا مەن (ئۇ بالىغا) ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلى بولاتتىم» دېگىن.81 ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن پاكتۇر.82 ئۇلارنى (يەنى مەككە كۇففارلىرىنى) (گۇمراھلىقلىرىدا ۋە نادانلىقلىرىدا) قۇيۇپ بەرگىن ئۇلار ۋەدە قىلىنغان كۈنگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر (باتىللارغا) چۆمسۇن دەپ (دۇنياسى بىلەن) ئوينىسۇن.83 اﷲ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر اﷲ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.84 ئاسمانلارنىڭ زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان زات كاتتىدۇر قىيامەتنىڭ (بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن (يالغۇز) اﷲنىڭ دەرگاھىدىدۇر. سىلەر اﷲنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.85 ئۇلارنىڭ اﷲنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى شاپائەت قىلالمايدۇ. پەقەت ھەق بىلەن گۇۋاھلىق بەرگەن (يەنى لائىلاھە ئىللاللاھۇ دېگەن تىلى بىلەن ئېيتقاننى دىلى بىلەن) ھەقىقى بىلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا.86 ئەگەر سەن ئۇلاردىن ئۇلارنى كىم خەلق ئەتكەنلىكلىرىنى سورىساڭ ئۇلار چوقۇم «اﷲ» دەيدۇ ئۇلار قانداقمۇ (اﷲغا ئىبادەت قىلىشتىن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ.87 (اﷲ تەئالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) «ئى پەرۋەردىگارىم! بۇلار ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمدۇر» دېگەن سۆزىنى (بىلىدۇ).88 سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن سالام دېگىن (يەنى ئۇلارغا بەتدۇئامۇ قىلمىغىن دىنغا دەۋەتمۇ قىلمىغىن) ئۇلار كەلگۈسىدە (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ.89 |
|