كۆرۈش: 2624324|ئىنكاس: 593

ئالماشقان بوۋاقلار ( پوۋېست ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6100
تۆھپە
2792
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 18:05:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالماشقان بوۋاقلار


پوۋېست


    يامغۇرلۇق كېچە ، چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ ياغقان سىم - سىم يامغۇر ھازىرغىچە توختىمىغان ئىدى . ئالىمئاخۇن ئايالىنى ھارۋىغا سالغىنىچە ئۇزۇن ۋە تار كەتكەن سەھرا يولىدا ئىشەكنىڭ دۈمبىسىگە راسا قامچىلايتتى .
    - بولە ھۇ ھارام ، يە دېسە تازا يەيسەن ، ئەمدى ماڭالمايسىنا !
    ئىشەك ئۆز دۈمبىسىگە تەگكەن قامچىنىڭ دەستىدىن تازا يۈگۈرۈشكە باشلىدى ، بىراق ئالىمئاخۇنغا بولسا ئېشەكنىڭ سۈرئىتى يەنىلا ئاستىدەك ، زادى ماڭمايۋاتقاندەك قىلاتتى ، ئايالى غۇنچەم بولسا قورسىقىنى تۇتقىنىچە تۈگۈلۈپلا قالغانىدى .
    - خوتۇن ، چىداشلىق بەرگىن ، ئاز قالدى ، ھازىرلا يېتىپ بارىمىز ، - ئالىمئاخۇن شۇنداق دېگىنىچە ئىشەكنىڭ دۈمبىسىگە يەنە بىر نەچچىنى سېلىۋەتتى ، ھارۋا يەنىلا شۇ ئۇزۇن يولدىن چىقىپ كېتەلمەي بىر خىل تېزلىكتە ئالغا ئىلگىرلەۋاتاتتى ...

***


    ئەسقەر يامغۇر ياغقاچقىمىكىن ئىشتىن بالدۇر قايتىپ كەلدى ، ئۆيگە كىرىپلا ئايالى گۈلباھارغا ئادەتتىكىچە سالام قىلىپ قويۇپلا تېلېۋىزورنى ئېچىپ پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرۈشكە باشلىدى ، گۈلباھار ھامىلدار تۇرۇپمۇ ئېرىنىڭ ئۆزىگە  بۇنداق مۇئامىلە قىلىشىغا ئۇنچە بەك ئېرەن قىلىپمۇ كەتمىدى ، ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ ، قىززىق بىر چەينەك چاي دەملىدى ۋە نان بىلەن چاينى ئەسقەرنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويۇپ ، ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كىتاب ئوقۇشقا باشلىدى . ئەسقەر ئايالىغا قاراپ ئالايدى ۋە يەنە مۇسابىقە ئىچىگە كىرىپلا كەتتى .
    تۇيۇقسىز ياتاق ئۆيدىن گۈلباھارنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .
    - ئەسقەر ، قورسىقىم ئاغرىۋاتىدۇ ، چىدىيالمايۋاتىمەن . بۇنى ئاڭلىغان ئەسقەر دەرھال گۈلباھارنىڭ يېنىغا كىردى ۋە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ چاپانلىرىنى كەيگۈزۈپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى .
    يامغۇرلۇق كېچە ، ئەسقەر ئايالىنى ماشىنىغا ئولتۇرغۇزدىدە ، ماشىنىنى ھەيدەپ ئۇچقاندەك دوختۇرخانا تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى .

***


    غىچ !!! ئەسقەر ماشىنىنىڭ تورمۇزىنى تۇيۇقسىز تۇتتى ، ئەگەر ئۇ دەل ۋاقتىدا تورمۇزنى دەسسىمىگەن بولسا قاتناش ۋەقەسى كېلىپ چىقاتتى ، ئايالى گۈلباھار بولسا ياندىكى ئورۇندۇقتا قورسىقىنى چىڭ قاماللىغىنىچە ئولتۇراتتى ، ئەسقەر قاتتىق غەزەپلەندىدە دەرھال ماشىنىدىن چۈشۈپ ۋارقىرىدى .
    - ھەي ، سەھرالىق تومپاي ، ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ سېنىڭ ، مۇشۇ ئىشەك ھارۋىسى ماڭىدىغان يولما ؟؟ ئالدىراش مېڭىپ قالدىم  ، بولمىغان بولسا ئەدىپىڭنى تازا بېرەتتىم ، ئۇ شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ ماشىنىغا چىقتى ۋە ئالدىراش يۈرۈپ كەتتى .
    ماشىنا قوزغىلىپ بولۇپ ، خېلى بىر ۋاقىتتىن كېيىن ئالىمئاخۇن ئەسلى ھوشىنى يىغدى ۋە ھارۋىدىن چۈشۈپ ئىشەكنى تازا ساۋىدى .
    - ھۇ ھارام ، يۈگۈرەيدىغان چاغدا يۈگۈرمەيسەن ، تازا ماشىنا كەلگەندە يۈگۈرەۋاتىسىنا ، مېنى ئۆلسۇن دېگەنمىتىڭ ؟ ھېلىمۇ خۇداغا شۈكرى ، يەيدىغان رىزقىم بار ئىكەن ، - ئۇ شۇلارنى دەپ بولۇپ ھارۋا ئىچىدە ياتقان غۇنچەمگە قاراپ :
    - خوتۇن ، بىرەر ئىش بولمىغانسەن ، دوختۇرخانىغا ئاز قالدۇق ، سەل چىدىغىن ، دېدىدە لىككىدە سەكرەپ ھارۋىغا چىقتى ۋە ئىشەكنىڭ بېشىنى دوختۇرخانا تەرەپكە بۇراپ ، ئىشەككە يەنە قامچا سالدى .
    ئەسقەر ئايالىنى تۇغۇت بۆلۈمىگە ئېلىپ كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ، سىرتقا چىقىپ  تاماكا چەككەچ ئويغا چۆكتى . بۇ قېتىم يەنە قىز تۇغۇلارمۇ ؟ ئالدىنقى بالاممۇ قىز تۇغۇلدى ، ئەگەر بۇ قېتىم قىز تۇغۇلسا ، ئاھ ! مېنىڭ جەمەتىمنىڭ نەسلى شۇنىڭ بىلەن قۇرۇپ كېتەرمۇ ؟؟
    ئەسقەر ئۆيدە بىر بالا بولۇپ ، باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىندى ، ئالىي مەكتەپتىمۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ئۆگىنىش ئاساسىغا تايىنىپ ، مەكتەپ بويىچە بىرىنچى بولۇپ ئوقىدى ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ئەۋزەل خىزمەت شارائىتىدىن ۋاز كېچىپ ، جەنۇبتىكى يىراق بىر يېزىغا بېرىپ ئىشلەشنى ، شۇ يەردە چېنىقىپ ئۆزىنى تاۋلاشنى قارار قىلدى ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ ئۈرۈمچىنى پەقەت ياقتۇرمايتتى ، گۈزەل سەھرا ، مۇنبەت ئېتىزلارنى ، قويلار ، كالىلار ئوتلاۋاتقان كەڭ يايلاقلارنى ، سەھرانىڭ ساپ ھاۋاسىنى ياخشى كۆرەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ سەھراغا قايتتى . ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلدى ، ئارقىدىن ئۇزاق ئۆتمەي شۇ يەرلىك ئوقۇتقۇچى قىز گۈلباھار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىپ مۇرادىغا يەتتى . ئەسقەر خىزمىتى جاپالىق بولسىمۇ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولغانلىقى شۇنداقلا نۇرغۇن ئىشلاردىن مۇستەسنا بولغانلىقى ، كۆڭۈلدىكىدەك ئائىلە قۇرغانلىقى ئۈچۈن خۇشال بولۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادىسىنىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قالغانلىق خەۋىرى كەلدى ، ئەسقەر دەرھال تەييارلىق قىلىپ يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقتى ، يۇرتىغا بېرىپلا دادىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى بىلىپ قەلبى چەكسىز ئازابلاندى . شۇ كۈنلەرنىڭ بىرى ئەسقەرنىڭ دادىسى ئەسقەرنى يېنىغا چاقىرىپ پاراڭلاشتى :
    - ئوغلۇم ، قارىغاندا مەن ئۇزاق ياشىيالمايدىغان ئوخشايمەن ، مەن ساڭا دەپ قوياي ، سەن ئۆزۈڭ يالغۇز بىرلا پەرزەنت ، شۇڭا ئائىلىمىزنىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرۈپ قويمىغىن ...
    ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئەسقەرنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتتى ، ئەسقەر ناھايىتى ئازابلاندى ، بىراق شۇنىڭدىن باشلاپ ئەسقەرنىڭ قەلبىگە دادىسىنىڭ ھېلىقى گەپلىرى ئورناپ كەتتى .
    بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەسقەرنىڭ ئايالى گۈلباھار يەڭگىدى ، بىراق بالا ئەسقەرنىڭ ئويلىغىنىدەك ئوغۇل بولماستىن بەلكى قىز ئىدى ، ئامال قانچە ؟ شۇنىڭ بىلەن ئەسقەرنىڭ ئايالى گۈلباھارغا بولغان پوزىتسىيەسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىدى ، ئائىلە بىلەن كارى بولماي پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى ، قىزىنى ئازدىن ئاز ئەركىلىتەتتى ، بىرەر يەرلەرگە ئاپېرىپ ئوينىتىدىغان ئىشلار بولسىمۇ گۈلباھار ئۆزى ئاپىراتتى ، ئەسقەر بولسا خىزمىتىم ئالدىراش دېگەننى باھانە قىلىپ ئۇنداق جايلارغا بارمايتتى ...
    دەل شۇلارنى خىيال قىلىپ تۇرغىنىدا بايا تىللىغان ئالىمئاخۇن دوختۇرخانا ھويلىسىغا يىتىپ كىردى دە دەرھال ئايالىنى يۆلەپ ھارۋىدىن چۈشۈردى ۋە دوختۇرخانا ئىچىگە كىرىپ كەتتى . ئەسقەر ئۇلارنى كۆرۈپ :
    - ئەسلىدە بۇ تومپاينىڭ ئايالىمۇ ئېغىر ئاياغكەندە دېگەنلەرنى ئويلىدى .  
    ۋاقىت ئاستا - ئاستا ئۆتمەكتە ، ئىككى دادا تىت - تىت بولغىنىچە ئاياللىرىنىڭ ساق - سالامەت يەڭگىشىنى كۈتمەكتە ئىدى ، تۇيۇقسىز ئوپېراتسىيە بۆلۈمىدىن بىر سېستىرا چىقىپ :
    - گۈلباھارنىڭ يولدىشى قايسىڭلار ؟ - دېدى .
    - مەن ، - دەپ جاۋاب بەردى ئەسقەر .
    - باش دوختۇر سىزنى چاقىرۋاتىدۇ ، - ئارقامدىن مېڭىڭ . ئەسقەر زادى نېمىش بولغىنىنى ئاڭقىرالمايلا قالدى ۋە سېستىرانىڭ كەينىدىن ئەگەشتى . سېستىرا قىز ئەسقەرنى باش دوختۇرنىڭ يېنىغا باشلاپ كىردى ، باش دوختۇر ئەسقەرنى كۆرۈپ ۋارقىرىۋەتتى :
   - ئەسقەر !
    ئەسقەر دەماللىققا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى ، ھېلىقى دوختۇر يۈزىدىكى ماسكىسىنى ئېلىۋېتىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ :
    - ئەمدىغۇ مېنى تونىغانسەن ؟ - دېدى .
    ئەسقەر سىنچىلاپ قارىغاندىن كېيىن :
    - سانىيە ؟  بۇ سەنمۇ ؟ - دەپ ۋارقىرىۋەتتى .
    - ھەئە مەن ، قانداق ئەھۋالىڭ ، شۇنچە يىللار بوپتۇ ئالاقىلاشمىغىلى ، - دېدى سانىيە .
    - شۇنداق سانىيە ، - دەپ سۆز باشلىدى ئەسقەر ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن زادى ئالاقىلىشپ باقماپتۇق ، قانداقلارچە بۇ يەرگە كېلىپ قالدىڭ ؟
    - ھازىر بۇ گەپلەرنى دېيىشىدىغان ۋاقىت ئەمەس ، ئايالىڭ ۋە بالاڭنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ، بالاڭ ئوغۇلكەن بىراق ئايالىڭ بالدۇر يەڭگىپ قويغاچقا تولۇق يىتىلىپ بولالماپتۇ ، شۇڭا بالاڭ تۇغۇلغاندىن كېيىن پروبىركا ئىچىدە باقمىساق بولمايدۇ ، شۇڭا باشقا پىكرىڭ بولمىسا بۇ يەرگە ئىمزا قويۇۋەتكىن ،- دېدى سانىيە .
    - سانىيە ، - ئەسقەر ناھايىتى جىددىيلەشكەن ھالدا ، ئوغلۇمنى چوقۇم قۇتقۇزۇۋالغىن ، سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي ...
    - بىز چوقۇم بارلىق تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز ، سەن خاتىرجەم بول .
    ئەسقەر سانىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ سەل خاتىرجەم بولدى ، ۋە ئىمزاسىنى قويۇۋەتتى .
    - ھە ، ئەمدى چىقىپ بىزنىڭ خۇش خەۋىرىمىزنى ساقلا ، ھازىر يەنە بىر تۇغۇت بار ، شۇڭا دەرھال ئوپېراتسىيە ئۆيىگە قايتمىسام بولمايدۇ ، چىقىپ ساقلاپ تۇرغىن .
    سانىيە شۇنداق دېگىنىچە كىرىپ كەتتى ، ئەسقەر يەنە ئوپېراتسىيە بۆلۈمى سىرتىدا ساقلاشقا باشلىدى ، ئەسقەر ئۆزىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ھېلىقى سەھرالىق تومپاينىڭ ئۆزىدىن بەكرەك جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەم بايىقى بولغان ئىشلارنى ئەسلەپ ئۇنىڭغا غەزەبلەندى ، ۋە سىرتقا چىقىپ تاماكا چىكىشكە باشلىدى .
    ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ، سېستىرا قىز ئەسقەرنى يەنە بىر قېتىم چاقىردى . ئەسقەر سانىيەنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىشىگە سانىيە جىددىي ھالدا :
    - ئەسقەر ، مېنى كەچۈر ، ئوغلۇڭ ۋە ئايالىڭنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالدۇق ، بىراق ئوغلۇڭ تولۇق يىتىلمەيلا تۇغۇلغان بولغاچقا ، مېيىپ بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بەكمۇ چوڭ ، شۇڭا ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىق قىلىپ قويغىن .
    ئەسقەرنىڭ كېيىنكى گەپلەرنى ئاڭلىغۇسى كەلمىدى ۋە كەينىگە بۇرۇلۇپ سىرتقا قاراپ ماڭدى . سانىيە ئۇنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىنى چۈشەنگەچكە ، ئۇنىڭغا قايتا نەسىھەت قىلىشنى خالىمىدى ۋە ئالىمئاخۇننىڭ ئايالىنىڭ تۇغۇت ئوپېراتسىيەسىگە كىرىپ كەتتى .
    ئەسقەر قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى ، ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشىنىمۇ بىلەلمىدى ، ئەمدى بارلىق ئۈمىد يوق بولغانىدى ، دادىسىنىڭ ۋەسىيىتىمۇ كۆپۈككە ئايلانغانىدى ، ئۇ ھازىر بىر ناھىيەنىڭ باشلىقى ، پىلانلىق تۇغۇتتا باشقىلارغا ئۈلگە بولمىسا بولمايدۇ ، ئەسلى تۇنجى بالىسى ئوغۇل تۇغۇلغان بولسا ، ئىككىنچى بالىنى ئالمايتتى ، مانا ئەمدى ئىككىنچى بالىسى گەرچە ئوغۇل تۇغۇلسىمۇ ئەمما مېيىپ بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىدى ، ئەمدى زادى قانداق قىلىش كېرەك ؟؟
    ئۇ بىر نەچچە باش تاماكىنى يېنىش - يېنىشلاپ چېكىۋەتتى ، ئامال قانچە ؟ رېئاللىققا تەن بەرمەي بولمايدۇ دە ، ئارقىدىن دوختۇرخانىغا قايتىپ كىرىپ ھېلىقى سەھرالىق تومپاينىڭ يېنىدا ئولتۇردى .
    - ئادەم مۇشۇنداق چاغدا بەك جىددىيلىشىپ كېتىدۇ ھە ، دەپ سۆز باشلىدى ئالىمئاخۇن .
    - ھەئە ، - ئەسقەرنىڭ ھېچقانداق سوئالغا جاۋاب بەرگۈسى يوق ئىدى .
    - بۇ مېنىڭ ئايالىمنىڭ تۇنجى تۇغۇتى ، مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئايالىڭ ئوغۇل تۇغىدۇ دېيىشكەنىدى ، بىلمىدىم ، ئوغۇل تۇغامدۇ ياكى قىزمۇ ؟ بىراق ھەممىسى ئاللانىڭ بىزگە بەرگەن نېمىتى ئەمەسمۇ ؟- ھې ھې ھې ...
    ئالىمئاخۇن مۇشۇ گەپلەرنى قىلىپ تۇرىشىغا تۇيۇقسىز ئەسقەرنىڭ كۆڭلى ۋاللىدە يورۇپ كەتتى ۋە ئۇدۇل سانىيەنىڭ ئىشخانىسى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى .
    - ئەسقەر ، مېنىڭ ئوپېراتسىيەدە ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ چاقىرىپسەن ، زادى نېمە ئىشتى ؟ - دېدى سانىيە .
    ئەسقەر ھاياجانلانغان ھالدا :
    - ھېلىقى يەنە بىر تۇغۇت بوشاندىمۇ ؟
    - ھازىر بوشاندى ، شۇڭا سېنىڭ يېنىڭغا چىقتىم .
    - ئۇ ئايالنىڭ بالىسى ئوغۇلمىكەن ؟ قىزمىكەن ؟
    - ئوغۇل .
    - سانىيە ماڭا بىر ياردەم قىلغىن .
    - قېنى ئېيتقىنە ، قولۇمدىن كەلسىلا سېنىڭدىن ئايىمايمەن .
    - ئۇنداق بولسا ياخشى ، بولسا ئىككى بوۋاقنى ئالماشتۇرىۋەتسەك ، سېنىڭچە قانداق بولار ؟ مۇشۇ ئىشقا بىر ياردەم قىلساڭ بولاتتى ...

    قالغىنىنى داۋاملىق يازىمەن ، بۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تەغدىرى قانداق بولىدۇ ؟ ئەسقەر بىلەن ئالىمئاخۇننىڭ بالىلىرى ئالماشتۇرىۋېتىلەمدۇ ؟؟؟ بۇ تېمىغا داۋاملىق دىققەت قىلىپ تۇرغايسىز . قىززىقى تېخى كەينىدە ...

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1299
تۆھپە
910
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 21:42:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسقەر ھۇ قارا كۆڭۈل ئۆزىنىڭ پۇشتىنىمۇ تاشلاش قارارىغا كەلگىنىنى  ................توۋا مۇشۇنداقمۇ باغرى تاش كىشىلەر باركەن دېسە . تېمىڭىزنىڭ داۋامنى  تىزراق يىزىڭ  .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 4

ئىسىمى
قەمبەرنىسا
تىللا
477
تۆھپە
73
UID
426
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 23:15:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا قىزىقىۋاتىمەن!


Rank: 4

ئىسىمى
قەمبەرنىسا
تىللا
477
تۆھپە
73
UID
426
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 23:24:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنىڭ تىلىغا سەل ئىشلەڭ ! تېخىمۇ تەسىرلىك ،ئادەمنى يىغلىتالايدىغان ،كۇلدۇرەلەيدىغان  بولسۇن!،بولۇپمۇ تۇلغاق يەۋاتقان ئايالنىڭ ئاغرىق ئازابى ،پەرزەنتىنىڭ تۇغۇلىشىنى كۈتۈۋاتقان دادىنىڭ سىرتتا تۇرۇپ تىپىرلىشى ئوقۇرمەننى جىددىيلەشتۇرسۇن ! سەلبىي ئوبرازنىڭ ھەركىتى تېخىمۇ يارقىن ئىپادىلەنسۇن!
پوۋېسىتنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك چىقىشىنى تىلەيمەن!


Rank: 6Rank: 6

تىللا
840
تۆھپە
458
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 23:37:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساباھەت يوللىغان ۋاقتى  2011-11-23 23:24
ئەسەرنىڭ تىلىغا سەل ئىشلەڭ ! تېخىمۇ تەسىرلىك ،ئادەمنى  ...

قىزچاق بۇ دىگەن يىزىقچە ئەسەر شۇڭاھىسىيات ، تەسىر ،سەزگۈ تەرەپلەردە كىنو تېلۋىزۇرلردەك بولمايدۇ!.. يا مىليون گۈلدەك كىنو قىلىپ،يا بولمىسا ئاۋازلىق قىلىپ بەرسۇنمۇ يە!


نەغمە ناۋاسى كۆپ مىللەتنىڭ يىغىسىمۇ كۆپ بولىدۇ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6100
تۆھپە
2792
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 11:51:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى ...
    - ئۇنداق بولسا ياخشى ، بولسا ئىككى بوۋاقنى ئالماشتۇرىۋەتسەك ، سېنىڭچە قانداق بولار ؟ مۇشۇ ئىشقا بىر ياردەم قىلساڭ بولاتتى .
    - نېمە ؟! - سانىيە چۆچۈپ كەتتى ، ئەسقەر سەن زادى نېمە دەۋاتىسەن ؟ ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان بالىنى ئىنكار قىلىۋاتامسەن ؟ مەن تونۇيدىغان ، مەن ياخشى بىلىدىغان ، مەن ھۆرمەتلەيدىغان ئەسقەر سەن شۇمۇ ئەمەسمۇ ؟
    - سانىيە ، مېنى توغرا چۈشەن ، - ئەسقەر سانىيەنىڭ بىلىكىنى چىڭ قاماللىغىنىچە ، مەن ئامالسىزمەن ، ھەقىقەتەن ئامالسىزمەن ، بالا مېنىڭ ، لېكىن بالام مېيىپ تۇغۇلدى ، بەلكىم مېنىڭ ئوغلۇم كەلگۈسىدە توي قىلالماسلىقى ھەتتاكى توي قىلغان تەغدىردىمۇ بالىلىق بولالماسلىقى مۇمكىن ، بۇنى سەن توغرا چۈشىنىسەن ، بىراق مەن بىر ئوغۇلغا مۇھتاج ، بىر ساغلام ئوغۇلغا ، مېنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىمغا ۋارىسلىق قىلالايدىغان ، مېنىڭ چىرىقىمنى ئۆچۈرۈپ قويمايدىغان ئوغۇلغا مۇھتاج ... ئۇ شۇلارنى ئېيتىۋېتىپ يىغلاپ كەتتى .
    - ئەسقەر ، - دېدى سانىيە ، كۆڭلۈڭنى چۈشىنىمەن ، بىراق يەنە بىر بوۋاق بەرىبىر سېنىڭ پۇشتۇڭدىن بولمىسا ، سەن ئالماشتۇرۇۋالغان تەغدىردىمۇ سېنىڭ بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلماي ئامالىڭ يوق .
   - ھەممىنى ئوبدان بىلىمەن سانىيە ، ئەمسە سەن دېگىنە ، مەن زادى قانداق قىلىمەن ؟ مەن نېمىدىگەن شور پېشانە ھە ؟
   - بۇ نىيىتىڭدىن يانغىن ئەسقەر ، بۇ ئىشتا مەن ساڭا ياردەم قىلالمايمەن . بولدى چىقىپ كەتكىن .
   - سانىيە ! - ئەسقەر شۇ ھامان سانىيەنىڭ ئالدىدا تىزلاندى ، ئۇنداق قىلماي ماڭا بىر ياردەم قىل ، مېنىڭ كۆڭلۈمنى بىر چۈشىنىپ قوي ، مېنىڭ پەقەتلا باشقا ئامالىم يوق ، - ئەسقەر تىزلانغىنىچە ھۈڭرەپ يىغلاشقا باشلىدى .
    - ئەسقەر بىلەمسەن ، مەن سېنىڭ ھازىرقى ھېسىياتىڭنى چۈشىنىمەن ، بىراق بۇنداق قىلىش دوختۇرلۇق ئەخلاقىغا ياد ، ھەم مەن ئۆزۈمنىڭ ۋىجدانىمۇ يول قويمايدۇ ، سەن ئەڭ ياخشىسى بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلغىن ، باشقا ئىش بولمىسا ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرغىن .
    - سانىيە گېپىنى تۈگىتىپ ، ئوپېراتسىيە بۆلۈمىگە كىرىپ كەتتى ، ئەسقەر يەردە تىزلىنىپ ، بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە ھاڭۋېقىپ ئولتۇراتتى ، ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشىنى ، نەگە بېرىشىنى بىلمەيتتى ، ئۇنىڭ بۇ رېئاللىقنى ئەسلا قوبۇل قىلغۇسى كەلمەيتتى . بىراق ئامال قانچە ؟ مانا ھازىر ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدمۇ يوققا چىققانىدى ، ئەسقەرنىڭ كۆز ئالدىغا بىر تەرەپتىن سەكرات ئالدىدىكى دادىسىنىڭ سىماسى كەلسە يەنە بىر تەرەپتىن مېيىپ ئوغلىنىڭ سىماسى كېلەتتى ، ئىككىسى بىر بولۇپ ئەسقەرنى تېخىمۇ ئازابلاشقا ، ئۇنىڭ يۈرىكىنى قوۋچۇشقا باشلىدى .
    سانىيە ئوپېراتسىيە بۆلۈمىگە كىرگەندىن كېيىن ، قولى ئىشقىمۇ بارمىدى ، ئۇنىڭ كاللىسىدا ئەسقەرنىڭ بايىقى بىچارە سىماسى پەيدا بولدى . كاللىسىغا نۇرغۇن خىياللار كېلىۋېلىپ ، ئۇنى بىئارام قىلىشقا باشلىدى .
    - سانىيە دوختۇر ، - سېستىرا قىزنىڭ سانىيەنى چاقىرغان ئاۋازى بىلەن سانىيە چۆچۈپ ئەسلىگە كەلدى .
    - ھەئە ، - سانىيە جاۋاب قايتۇردى .
    - ئالىمجاننىڭ ئايالى ئوڭۇشلۇق يەڭگىدى ، ئالىمجانغا خەۋەر قىلامدۇق ؟
    -ھەئە ، سىز چىقىپ ئالىمجانغا خەۋەر قىلىڭ .
    - ماقۇل ، سېستىرا قىز چىقىپ كەتتى ، سانىيە ئوپېراتسىيە بۆلۈمىدىكى يەنە بىر سېستىرا قىز گۈلزارنى ئىشخانىغا چىقىپ ئوپىراتسىيە نەتىجە جەدۋىلىنى تولدۇرىدىغان جەدۋەلنى ئېلىپ چىقىشقا بۇيرىدى ، ھازىر ئوپېراتسىيە بۆلۈمىدە سانىيەدىن باشقا ئادەم قالمىغانىدى ، ئىككى بوۋاق بىر - بىرىگە يېقىن قىلىپ ياتقۇزۇلغانىدى ، ئىككى بوۋاقنىڭ چىرايىمۇ ئوخشاش دېگۈدەك بولۇپ ، سانىيە بۇ ئىككى بوۋاققا سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى ، ئارقىدىن ئۇ بۇ ئىككى بوۋاقنى ئىككى قولىدا كۆتۈردى ، بوۋاقلار قاتتىق يىغلىماقتا ئىدى ، شۇ پەيتتە سانىيەنىڭ كۆز ئالدىدا ئەسقەر ئەر - ئايال ۋە ئالىمجان ئەر ئاياللارنىڭ سىماسى غۇۋا پەيدا بولدى ، ئۇنىڭ يۈرەكلىرى تېخىمۇ تېز سوقۇۋاتاتتى ، قەلبىنى بىر خىل ئازاب چىرمىۋالغان بولۇپ ، ئۆزىنى خاتا بىر ئىش قىلىپ قويغان ئادەمدەك ئەيىبلەيتتى ، بوۋاقلارنىڭ يىغىسى بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى ، سانىيە تۇيۇقسىز ئەقلىنى تاپقاندەك قىلىپ ئىككى بوۋاقنى يەنە ئۆز ئورنىغا قويۇپ قويدى ، بىراق ئۇنىڭ ئىككى بوۋاقنى كۆتۈرگەن قوللىرى خۇددى توك سوقۇۋەتكەندەك جان قالمىغانىدى ، ئۇ نەچچە يىللاردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان تۇغۇت ئوپېراتسىيەلىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن ، نۇرغۇن تۇغۇتى قىيىن بولغان ئاياللارنى قۇتقۇزغاندىمۇ بۇنچىلىك ھودۇقمىغان ، يۈرىكى سالمىغان ئىدى ، بۈگۈن زادى نېمە بولدى ؟ ئەسقەرنىڭ بوۋاقلارنى ئالماشتۇرىۋېتىش پىكرىگە ئۇ قوشۇلمىدى ، لېكىن نېمىشقا يەنە ئىككىلىنىدۇ ، نېمىشقا ئۆزى ئۆزىدىن خۇدۇكسىرەيدۇ ؟
    ئوپېراتسىيە بۆلۈمىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى ، دەل شۇ چاغدا سانىيەگە نەدىندۇر بىر غەيرەت كەلدىدە دەرھال ئىككى بوۋاقنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرىۋەتتى .
    - سانىيە دوختۇر ، ئالىمجانغا خەۋەر قىلدىم ، ئۇ بەك خۇشال بولۇپ كەتتى .
    شۇ تاپتا سانىيەنىڭ قۇلىقىغا گەپ كىرمەيتتى ، پۇتلىرى توختىماي تىترەپ ، نېمە قىلىشىنى بىلەلمەيلا قالدى .
    - سانىيە دوختۇر ، - سېستىرا قىز ئۇنى يەنە بىر قېتىم چاقىردى ، - سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟
    سانىيە شۇ ھامان قايتىدىن ئەسلىگە كەلدى .
    - ماڭا ھېچ ئىش يوق ، بايا ئالىمجاننىڭ بالىسىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تەكشۈرگەن ئىدىم ، سەل نورمالسىزلىق كۆرۈنۈۋاتىدۇ ، بالىنى دەرھال مىكروبسىزاندۇرايلى ، بالا ئوكسىگىن سۈمۈرسۇن ، قېنى تېز بولۇڭ .   
   - ھە ماقۇل ، سېستىرا قىزنىڭ بايىقى خۇشال چىراي ئىپادىسىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى ، ئۇ دەرھال تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى .
    ئەمەلىيەتتە ، ئەھۋال سانىيە ئېيتقاندەك ئۇنچە بەك ئېغىرمۇ ئەمەس ئىدى ، ئۇ شۇ تاپتا بۇ ئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ بىراق قانداق قىلىپ ، قانداق كۈچنىڭ تەسىرىدە بۇ ئىككى بوۋاقنى ئالماشتۇرىۋەتكەنلىكىگە ئەقلى يەتمەيتتى ...

    ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي ، داۋامىنى يەنە يوللايمەن ...                  



مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 4

ئىسىمى
قەمبەرنىسا
تىللا
477
تۆھپە
73
UID
426
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 11:52:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىنۇ ئەمەس ،بىراق بۇ  خەۋەرمۇ ئەمەس !
دۇت ئەپەندى ! بەلكىم مەن سۆزدە سەل ئاشۇرىۋەتكەندىمەن !
بىراق مەن بۇ سۆزلىرىمنى ئەسەر ئاپتۇرىغا ياخشى بولسۇن دەپ يازغان .
تەڭرىتاغ ئەپەندى قۇبۇل قىلمىسا سۇزۇمنى قايتۇرىۋالدىم بولدى .....
ئەسەر ۋەقەلىكى ئادەمنى بەكمۇ قىزىقتۇرىدىكەن ،بۇ پۇۋىسىت بولغاندىكىن تېخىمۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك چىقىشىنى ئۇمىد قىلغانتىم!
تۇلىمۇ ئەپسۇس! ......


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6100
تۆھپە
2792
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 11:54:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساباھەت يوللىغان ۋاقتى  2011-11-24 11:52
بۇ كىنۇ ئەمەس ،بىراق بۇ  خەۋەرمۇ ئەمەس !
دۇت ئەپەندى ! بە ...

تەكلىپىڭىزنى قوبۇل قىلدىم ، قولۇمغا قەلەم ئالمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن ، نۇرغۇن جايلارنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيۋاتىمەن ، ئەسەرگە نىسبەتەن تەنقىدىي تەكلىپ - پىكىر بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 4

ئىسىمى
قەمبەرنىسا
تىللا
477
تۆھپە
73
UID
426
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 12:04:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ !سە مىمى تەكلىپىمنى قۇبۇل قىلغىنىڭىزغا رەھمەت!
سىزنىڭ باشقىلارغا باشلامچى بولۇپ ۋاقىت -ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىزنى مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە قايىل بولماي تۇرالمايمەن ،شۇنداقلا ئىجادىيىتىڭىزگە مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ساباھەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-24 12:09  



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1299
تۆھپە
910
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 12:19:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تازا بەلەن يىرىگە ئەكىلىپلا تۈگىتىپ قويۇپسىز يانا  . بىچارە بوۋاقلارنىڭ كىيىنكى تەقدىرىگە قىزقىپ قالدىم .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 05:11, Processed in 0.089311 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991