داۋامى ... ئەمەلىيەتتە ، ئەھۋال سانىيە ئېيتقاندەك ئۇنچە بەك ئېغىرمۇ ئەمەس ئىدى ، ئۇ شۇ تاپتا بۇ ئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ بىراق قانداق قىلىپ ، قانداق كۈچنىڭ تەسىرىدە بۇ ئىككى بوۋاقنى ئالماشتۇرىۋەتكەنلىكىگە ئەقلى يەتمەيتتى . سانىيە سېستىرالارنىڭ ياردىمىدە بوۋاقلارنى قايتىدىن تەكشۈردى ۋە دەرھال كەسكىن قىياپەتتە تۇرۇپ سېستىرا قىزغا :
- ئالىمجان ئىشخانىغا كىرسۇن ، بوۋاق ئوڭۇشلۇق تۇغۇلغان بىلەن مېيىپ بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن ، - دېدى .
سېستىرا قىز ھاڭ - تاڭ بولۇپ تۇرۇپلا قالدى .
- بايا ئەھۋالى نورمالدەك تۇراتتىغۇ ؟
- ھەئە ، بىراق قايتا تەكشۈرسەم سەل نورمالسىز بىلىندى .
ئەمسە مەن چىقىپ ، ئالىمجاننى ئىشخانىغا باشلاپ كىرەي .
سېستىرا قىز چىقىپ كەتتى ، سانىيە ئۆزىنىڭ نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقىنى ، نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى ، كاللىسى قۇپقۇرۇق بولۇپ ، تۇرغان يېرىدە داڭ قېتىپلا قالغانىدى .
ئالىمجان چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەن ھالدا دوختۇرخانىغا كىرىپ كەلدى .
-رەھمەت سىزگە دوختۇر ، سىزگە كۆپ رەھمەت .
- سانىيە ئالىمجاننى ئولتۇرۇشقا دەۋەت قىلدى .
- ئالىمجان سىز بولىسىزغۇ دەيمەن ؟
-ھەئە ، مەن شۇ .
- ئالىمجان سىزنىڭ ھازىرقى ھېسىياتىڭىزنى مەن چۈشىنىمەن ، بىراق سىزگە دېمىسەم بولمايدىغان بىر گەپ بار ، چوقۇم ئىدىيىڭىزدە تەييارلىق بولسۇن .
- ئالىمجاننىڭ چىرايىدا بىر خىل جىددىيلىك ئەكس ئەتتى .
- دوختۇر ، ئوغلۇمغا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟
سانىيە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئىشخانا ئىچىدە ماڭغاچ سۆز باشلىدى .
-ئالىمجان ، بەلكىم بۇ سىز ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ زەربە بولۇشى مۇمكىن ، ئوغلىڭىز ئوڭۇشلۇق تۇغۇلغان بولسىمۇ بىراق مېيىپ بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ ، بىز چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق ، لېكىن بىزگىمۇ ئامال بولمىدى ، بىزنى كەچۈرۈڭ .
-ئالىمجان گەپنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن بېشىنى چىڭ قاماللىغىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى . دەل شۇ چاغدا سانىيە نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى ، يەنە نېمىمۇ دىيەلىسۇن ؟ ئۇ ئاستا مېڭىپ ئورۇندۇقىغا بېرىپ ئولتۇردىدە ئالىمجاننىڭ تۇرقىغا دىققەت قىلدى ، چاچلىرى ئازراق ئۆسكەن ۋە قالايمىقان ، ئۇچىسىغا كۆك رەڭلىك رېڭى ئۆچۈپ ئاقىرىپ كەتكەن چاپان كەيگەن ، ئاستىغا ئىككى - ئۈچ يەردە ياماق سېلىنغان ئىشتان ، پۇتىغا چۇخەي كىيىۋالغان بۇ دادا ھازىر شۇنچىلىك دەرىجىدە ئازابلىنىۋاتاتتى . نۇرغۇنلىغانلار ئالىمجاننى ئوغلىنىڭ مېيىپ تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن ئازابلىنىۋاتىدۇ دەپ ئويلىشى مۇمكىن . بىراق ئالىمجان شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ يارىماسلىقىغا ، ئايالى غۇنچەمنىڭ ئېغىر ئاياغلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئېتىز ئىشىغا سالغانلىقىغا ، ئايالىنى ياخشى كۈتمىگەنلىكىگە ، ئائىلىدە ياخشى بىر ئەرنىڭ رولىنى ئېلىپ بولالمىغىنىغا ئىچ - ئىچىدىن ئۆكۈنەتتى ، ئۇ بالىسىنىڭ بۇنداق تۇغۇلۇپ قېلىشىدىكى ھەممە سەۋەبنى ئۆزىگە يۈكلەيتتى ، قەلبى ئىچ - ئىچىدىن ئۆرتىنەتتى ...
ئالاھەزەل 5 مېنۇتتىن كېيىن ئالىمجان بېشىنى كۆتۈردى ، شۇ تاپتا ئۇ تەغدىرنىڭ بۇ رەھىمسىز چاقچىقىنى قوبۇل قىلغانىدى ، بۇنىمۇ خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن نىممىتى دەپ بىلدى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئايالى ۋە مېيىپ ئوغلىغا تېخىمۇ ياخشى قاراش ، ئۇلارغا كۆيۈنۈش ، جان پىدالىق بىلەن ئىشلەپ ئۇلارغا كەلتۈرگەن ئازابلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش قارارىغا كەلگەنىدى .
- رەھمەت دوختۇر ، بالا گەرچە مېيىپ تۇغۇلغان بولسىمۇ ، بىراق سىزگە يەنىلا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ، - ئالىمجاننىڭ كۆز چاناقلىرى ياشقا تولغانىدى ، ئۇنىڭ قەلبىدە دوختۇرلارغا بولغان ھۆرمەت ئەكس ئېتەتتى ، سىلەرمۇ كۆپ تىرىشتىڭلار ، لېكىن بۇ ئىشقا ھېچكىم ئامال قىلالمايدۇ ھەم ئالدىن پەرەزمۇ قىلالمايدۇ ، مەن بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىمەن ، سىزگە يەنە بىر رەھمەت ، ئەمسە مەن چىقىپ ئايالىمغا بۇ ئىشنى ئېيتاي ، - ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ئۇنىڭغا بويسۇنمايۋاتاتتى ، گەرچە ئالىمئاخۇن بىر ئايالنىڭ ئالدىدا خوتۇن كىشىدەك يۇمۇلداپ يىغلاشنى ياقتۇرمىسىمۇ بىراق بۈگۈن ئۆز يىغىسىنى توختىتالماي قالغانىدى .
ئالىمئاخۇن شۇنداق دېگىنىچە چىقىپ كەتتى ، سانىيە ئالىمجاننىڭ بايىقى ھالىتىنى كۆرۈپ يۈرىكى مۇجۇلىنىپ كەتكەنىدى ، ئورۇندۇقىغا ئۆزىنى تاشلاپ ، كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ ، خىيالغا كەتتى .
***
سانىيە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتېتىغا ئەلا نەتىجە بىلەن قوبۇل قىلىندى . ئۇنىڭ نەتىجىسىدىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر شۇنداقلا پۈتۈن ئۇرۇق - تۇغقان ، خولۇم - قوشنىلار شادلاندى . سانىيە ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ بىر ئاي بولا - بولمايلا مەكتەپتە خىلمۇ - خىل ئىنگىلىز تىلى كۇرسلىرىغا قاتنىشىش ئېلانلىرى مەكتەپنى بىر ئالدى ، سانىيە ھازىر دەرسلىرىنىڭ ئۇنچە بەك كۆپ ئەمەسلىكىنى ئويلاپ ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش قارارىغا كەلدى ۋە تاللاپ تۇرۇپ بىر كۇرسقا تىزىملاتتى ، بىراق كۇرسنىڭ ئورنى يەنئەن يولىغا جايلاشقان بولۇپ ، تىببىي ئۇنۋېرسىتېتتىن خېلىلا يىراق ئىدى ، بىلىمگە بولغان ئىنتىلىش ، تەشنالىقنىڭ تۈرتكىسىدە سانىيە شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي قاتناپ تۇرۇپ ئىنگىلىز تىلى ئۆگەندى ، ئۆگەنگەنسېرى تېخىمۇ كىرىشىپ كەتتى ، كۇرس ئادەتتە ھەر شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى چۈشتىن كېيىن ئۆتۈلىدىغان بولۇپ ، دەرس ئاخىرلاشقاندا سانىيە ئۆتۈلگەن دەرسنى ۋاقتىدا پىششىقلىۋېلىش ئۈچۈن ، شۇ سىنىپتىلا بىرەر - ئىككى سائەت دەرسلەرنى تەكرارلاپ ئاندىن مەكتىپىگە قايتاتتى . شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە سانىيەنىڭ تۇرمۇشىدا يەنە بىر ئۆزگۈرۈش ھاسىل بولدى . بىر شەنبە كۈنى سانىيە كۇرستىن چۈشۈپ ، ئۆز ئادىتى بويىچە سىنىپتا دەرس تەييارلاپ ئولتۇراتتى ، ئۇ كىتابقا شۇنچىلىك بېرىلىپ كەتكەچكىمىكىن ، سىنىپتا ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق كىشىنىڭ قالمىغانلىقىنى سەزمەيلا قالدى ، بۇ ۋاقىت خېلى كەچ كىرىپ قالغان چاغ بولۇپ ، سىنىپ ئىچىدىكى چىراق ياندۇرۇلغانىدى ، توساتتىن چىراق ئۆچۈپ ، بىر قارا گەۋدە قولى بىلەن سانىيەنىڭ ئاغزىنى چىڭ قاماللىدى ... بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە يازاي ، داۋامىنى يەنە يازىمەن ، تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلار ھۇزۇرۇڭلاردا بولغۇسى !!!