كۆرۈش: 1411799|ئىنكاس: 137

رادىل ئابلا ‹‹ تەڭرىتاغدا سۆھبەت ›› پىروگراممىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6103
تۆھپە
2792
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 18:57:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىيىنچىلىقنى ئات قىلىپ مىنگەن كارخانىچى


ياكى بولمىسا بۇنى بېسىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ .



    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ياخشىمۇسىلەر ؟ ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك بىز تەڭرىتاغ مۇنبىرىمىزدە ‹‹ سىزنىڭ كىم بىلەن سۆھبەتلەشكۈڭىز بار ؟ ›› سەھىپىسىنى يولغا قويدۇق ، تورداشلارمۇ بۇ سەھىپىگە ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇپ ، ئۆزىنىڭ سۆھبەت نامزاتلىرىنى بىزگە كۆرسەتتى . ئارقىدىن بىز مۇنبەردە يەنە ئەزالار ئۆزلىرى تاللاپ چىققان نامزاتلاردىن 20 نى تاللاپ ، بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ‹‹ تەڭرىتاغدا سۆھبەت ›› پروگراممىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق مېھمىنىنى سايلاپ چىقتۇق ، نەتىجىدە شىنجاڭ ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى رادىل ئابلا ئەپەندى بىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق سۆھبىتىمىزگە ئەزىز مېھمان بولۇپ تاللاندى .
    2011 - يىل 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى رادىل ئابلا ئەپەندى بىزنىڭ سۆھبەتخانىمىزغا كېلىپ بىز بىلەن ناھايىتى قىزغىن سۆھبەت ئېلىپ باردى ھەمدە ئۆزىنى قوللىغان ، ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگەن ، بېلەت تاشلىغان ، سوئال سورىغان كەڭ تورداشلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمىتىنى بىلدۈردى . سۆھبەت جەريانىدا مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىسى نىدائىي ۋە مۇنبىرىمىز تەكلىپلىك باشقۇرغۇچىسى بىلىگئەر رادىل ئابلا ئەپەندىدىن تورداشلار مۇنبەردە ئوتتۇرىغا قويغان ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە سوئاللارنى سوراپ ، رادىل ئابلا ئەپەندى ، ئارمان گۇرۇھى ، شىنجاڭ مىللىي كارخانىلار سودا ئۇيۇشمىسى شۇنداقلا شىنجاڭدا پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن چوڭقۇر چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدى . مۇنبىرىمىز ئەزاسى ئەجىر سۆھبەتكە ياندىن قاتناشتى .
    گەرچە بۇ قېتىمقى سۆھبىتىمىز ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ ، بىراق بەزىبىر يىتەرسىزلىك ۋە كەمچىلىكلەردىن خالىي بولۇپ بولالمىدۇق ، تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
   مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزنى ئالاھىدە قوللىغان شىنجاڭ ئۇلىنىش تورىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز. <<تەڭرىتاغدا سۆھبەت>> پىروگراممىمىزنىڭ بۇ سانىنى يەنە ئۇلىنىش تورىدىنمۇ كۆرەلەيسىلەر!
   مەزكۇر سۆھبەتنى ئىشلەشكە قاتناشقۇچىلار:
   باش پىلانلىغۇچى: قەيسەر قېييۇم
   پىلانلىغۇچى: نىجات نىياز ئېھسان
   سىنارىيە ئاپتورى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
   ئوپېراتورلار: ئارسلان كامىل، نىجات نىياز ئېھسان
   رىياسەتچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
   كىرىشتۈرگۈچىلەر: ئارسلان كامىل، نىجات نىياز ئېھسان
   تېخنىك: ئەكرەم ئەركىن
   نازارەتچى: قەيسەر قېييۇم
   ئالاھىدە قوللىغان ئورۇن: شىنجاڭ ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گۇرۇھى كەسپىي چەكلىك شىركىتى
                                     شىنجاڭ ئۇلىنىش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى




سۆھبەت خاتىرىلىرى :


照片 009.jpg


رادىل ئەپەندى تورىمىزغا بېغىشلىما يېزىپ بەرمەكتە


照片 011.jpg


رادىل ئەپەندى تورىمىزغا بېغىشلىما يېزىپ بەرمەكتە


照片 003.jpg


مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىسى نىدائىي رادىل ئابلا ئەپەندى بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى


照片 004.jpg



مۇنبىرىمىز تەكلىپلىك باشقۇرغۇچىسى بىلىگئەر رادىل ئابلا ئەپەندى بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى


照片 001.jpg


مۇنبىرىمىز ئەزاسى ئەجىر رادىل ئابلا ئەپەندى بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى


نورمال كۆرەلمىگەن دوسلار ئۈچۈن :

بۇ ئادىرىس بويىچە چۈشۈرۈپ ئاندىن كۆرۈڭ

  1. /vidio/radil.flv
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
tursun007 + 5 + 5ياخشى باشلىنىش
admin + 30 + 30ئالامەت

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 35 تىللا + 35  باھا خاتىرىسى

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1226
تۆھپە
977
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 19:00:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تالانىت ئىگىسىگە يەنىمۇ زۇر ئۇتۇق تىلەيمەن..


سەكرا

Rank: 6Rank: 6

تىللا
866
تۆھپە
410
UID
1140

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 19:11:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۆھبەت شۇنداق ياخشى ئېلىپ بېرىلىپتۇ، بىز كەڭ تورداشلارمۇ نۇرغۇنلىغان كۆڭلىمىزدىكى مۇجىمەل بولغان سۇئاللارنى بۇ سۆھبەت ئارقىلىق يېشىۋالدۇق.
تەڭرىتاغ سۆھبىتىنىڭ كېيىنكى سانلىرىنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
admin + 1تۇنجى ئىنكاس

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 1  باھا خاتىرىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
گۈلمىھرە ئەنۋەر
تىللا
356
تۆھپە
314
UID
123

تەڭرىتاغ گۈزىلىمۇڭلۇق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 19:19:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپسۇس ، بىلەتكە ئىرشەلمەپتۇق ... مۇكاپات يوق بولدى
مۇكاپاتقا ئىرىشكەن تەلەيلىك دوسلار : تاشقىن ، نادىر ، مىرشاپ
  


بىرەر سىنىڭ سىزنى يۆلەپ قويىشىدىن ئۈمىد قىلماڭ ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ۋە ئىش باشلاڭ . جەمىئەتنى كۈزۈتۈڭ ، چوقۇم سىز قىلالايدىغان خىزمەت سىزنى ساقلاۋاتىدۇ . ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ . ئەگەر سىز ئۆزگىرىش ھاسىل قىلماقى بولسىڭىز ھازىردىن باشلاڭ

Rank: 6Rank: 6

تىللا
843
تۆھپە
413
UID
1011
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 19:21:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى قويۇلدى ، بەك تەققازا بولغان ئىدىم . مىنىڭ سۇئالىنىپ تاللىنىپ ھەم جاۋابىنى ئاڭلاپ بەك مەمنۇم بولدۇم . رادىل ئاكىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلەش يولىدا تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى قازىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، مۇمكىن بولسا بۇ گىرمانىيە بازارلىرىغىمۇ ھۇجۇم قىلىپ قويۇڭلار ، بۇ يەردە ئۈلكەر ۋە باشقا مۇسۇلمانچە يىمەكلىكەر بار لىكىن ئارمان شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى يوق دىيەرلىك ( بىرلىن ) شۇڭا مۇمكىن بولسا بۇ بازارنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىسا دەيمەن ، بۇ يەردە يشىل مەھسۇلات ، مۇسۇلمانچە مەھسۇلات يەنىلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ .       ئاخىرىدا مۇسۇلمانچە يىمەك - ئېچمەك جەمئىيتىنىڭ رەئىيسى بوپسىز ، خىزمىتىڭىزگە ئوڭشۇق تىلەيمەن ، ھازىرقى مەھسۇلاتلاردىكى 清真 دىگەن ھەرگىزمۇ بىز ئىتىراب قىلىدىغان مۇسۇلمانچە ئۇقۇمى بىلەن زىت ، ھازىر مۇسۇلمانچە چوشقا گوشى دىگەن پاراڭلارمۇ بار ، شۇڭا بۇ خىزمەتتە ھەققىي مۇسۇلمانچە يىمەك - ئېچمەك مەدىنىيتىنى بارلىققا كەلتۈرشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .

  56 ياكى يوۇكۇ غا ئۇلىماي ئۆزەڭلەر قويغۇچ ياسساپ شۇنىڭغا قويۇپسىلەردە ؟ باشقا تور بەتلەر كۆپى يوۇكۇ ياكى 56 دىگەندەك تورلارغا قويىدىغان ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musapirbala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-28 19:35  



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
admin + 4 + 456 چاقچاقمۇ يا ؟

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 4 تىللا + 4  باھا خاتىرىسى

مۇساپىر بالا : گىرمانىيە
گىرمانىيدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىمۇ شۇنداق قىزىدى ... يۇرتىكى بارلىق دوسلارغا مۇساپىر بالىدىن نورۇزلۇق سالام

Rank: 8Rank: 8

تىللا
6016
تۆھپە
554
UID
62

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 19:23:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئويلاپ باقسام رادىل ئابلانى ئالى مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇن تونۇغان ئىكەنمەن . چۇنكى مەرھۇم ساۋاقدىشىم ئادىل ئابلانىڭ ئىنىسى ئىدى . رادىل ئابلا دەسلەپ ئىگىلىك تىكلەش يولىغا كىرگەندىن باشلاپ تا بۇگۇنكى كۇنگىچە مەن ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدىم . ئۇ ئاخىرى ئارماندىن ئىبارەت بۇ ماركىنى دۇنياغا تونۇتتى . داڭلىق ئۇيغۇر كارخانىچىغا ئايلىنىپ ، يەنە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتىدۇ . مەن ئۇنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، قالغان ئارزۇ ئارمالىرىغا يېتىش ئۈچۇن بۇندىن كېيىكى ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن .

            


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
musapirbala + 3 + 3

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 3 تىللا + 3  باھا خاتىرىسى

مورى ناھىيەسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىدىن ھوزۇرلىنىۋاتىمەن .

Rank: 4

تىللا
263
تۆھپە
274
UID
941

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 19:35:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ھاياجانلاندىم ، مەن ئەسلى بۇ تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ ئەزالارنىڭ كۆڭلىنى ياساپ قويۇۋاتقان ئويۇنى دەپ ئويلاپتىكەنمەن ، شۇڭا رادىل ئەپەندىگە بېلەت تاشلاش ، سوئال سوراشقا پىسەنت قىلماپتىمەن ، ئەكسىچە رادىل ئابلا ئەپەندىنىڭ مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ سوئال سورىمىغانلىقىمدىن ناھايىتى ئەپسۇسلاندىم . كېيىنكى قېتىملىق سۆھبەتتە كىم چىقىدۇ ؟ مانا مەن بىرىنچى بولۇپ سوئال سورايمەن ، مۇنبەرنىڭ بىز ئەزالارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلىغانلىقى مېنى بەك سۆيۈندۈردى ، تېخىمۇ غەيرەت قىل تەڭرىتاغ مۇنبىرى ، سېنىڭدە بىزنىڭ رادىل ئابلادەك كارخانىچىلىرىمىز ، خەلقىمىز ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقانلار تونۇلسۇن ! مۇنبەرنىڭ رولى سەندە تولۇق جارى بولسۇن !


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
admin + 3 + 3

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 3 تىللا + 3  باھا خاتىرىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
2127
تۆھپە
562
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 20:20:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھازىر كۆرۈۋاتىمەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2255
تۆھپە
765
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 20:29:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۆھبەتنىڭ سىنغا ئېلىنغان خاتىرىسى يوقما


ئانا- يۇرتۇڭ ئامان بولسا رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2477
تۆھپە
893
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 21:07:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى تۇنجى قېتىملىق ‹‹ تەڭرىتاغدا سۆھبەت ›› نى باشلىۋالدۇق. كۆپ تەرەپلەردىن يېتەرسىزلىكلەر بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ دوستلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئىشلىگەن ئاددى خىزمەتلىرىمىزدىن رازى بولۇشۇڭلارنى سورايمىز. كېيىنكى سۆھبىتىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ياخشى - تەكلىپ پىكىر بولسا ئايىماي بەرسەڭلار.  كۆپچىلىكنىڭ يېقىندىن قوللاپ بەرگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت.

كۆپچىلىكنىڭ بۇ سۆھبەتتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.


نادىر ، تاشقىن، مىرشاھ ئۈچ تەلەيلىك ئەزا بىرىنچى قېتىملىق ‹‹ تەڭرىتاغدا سۆھبەت ››  پائالىيىتىنىڭ تەلەيلىك مۇنبەر ئەزاسى بولۇپ تاللاندى. سىلەرنىڭ تەلەيلىك مۇنبەر ئەزاسى بولۇپ تاللانغانلىقىڭلارنى تەبرىكلەيمىز. بۇ ئەزالارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ئالاقىلىشىش تېلېفۇن ۋە ئادېرىسىڭلارنى ماڭا يوللاپ بەرسەڭلار.
QQ : 64960400  بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئېسىل ۋە قىممەتلىك مۇكاپات سىزلەرنى ساقلاپ تۇرماقتا، مۇكاپات بويۇمى خاتىرە قىلىپ ساقلايدىغان بويۇم. بۇ ئۈچ كىشىدىن باشقىلىرىمىز ئارماندا قالىدىغان بولدۇق. كېلەر قېتىملىق پائالىيەتتە ھەممىمىزگە پۇرسەت بار.  

فىلىمنى كۆرەلمىدىم، قويۇلمىدى دېگۈچىلەرگە:
1.قويۇش كۆزنىكى "قىيىنچىلىقنى ئات قىلىپ مىنگەن كارخانىچى" دېگەن تېمىنىڭ ئاستىغىلا چىقىدۇ. ئەگەر نورمال چىقمىسا، بەتنى يېڭىلاڭ. ئوتتۇردىكى قويۇشنى باسسىڭىز بىردەمدىن كېيىن نورمال قويۇلۇشقا باشلايدۇ. ئالدىراپ كەتمەڭ.
2. يۇقارقىدەك بەتنى يېڭىلاپ يەنىلا قويۇش كۆزنىكى چىقمىسا. باشقا تور كۆرگۈچلەردىن  پايدىلىنىپ سىناپ بىقىڭ. يەنىلا نورمال بولمىسا، باشقۇرغۇچىنى ئىزدەڭ، باشقۇرغۇچىغا سۆز قالدۇرۇڭ.
3. تور مەسىلىسى ، تور سۈرئىتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلى نورمال كۆرەلمىگەنلەر تۆۋەندىكى ئادېرىستىن چۈشۈرۈپ كۆرۈڭلار
بۇ يەرنى بېسىڭ [url]/vidio/radil.flv
[/url]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگئەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-29 15:44  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 06:38, Processed in 0.096657 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991