سېتىۋېتىلگەن قىز ،سەرگەردان يىگىت
«ھېكايە»
ئىنسان دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن باشلاپ ،تەقدىرنىڭ ھەرخىل ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى بويىچە ياشايدۇ،تەقدىر بەزىلەرنى بەخىت -خۇشاللىق ،بايلىققا ئېرىشتۈرسە،بەزىلەرنى چەكسىز ئازاپ -ئوقۇبەت ۋە مۇشەققەتلەر بىلەن سىنايدۇ،يەنە بەزىلەرنى بولسا گاھىدا ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يەتكۈزۈپ،گاھىدا ھىجران ئازابىدا قىينايدۇ. مانا،بۇ-تەقدىر،ھەر بىر ئىنسان ئۆزتەقدىرىنىڭ كۆرەشگارىدۇر.
رەزىل پىلان
رەڭگارەڭ چىراقلار،مەسىتلەرنىڭ قالايمىقان ۋارقىراشلىرى،يۇقىرى ئاۋازدىكى مۇزىكىلار،ئەرلەرنىڭ ھەمراھ خېنىملارغا ھاياسىزلارچە ئېسىلىشلىرى،مۇزىكىغا ئەگىشىپ ،قالايمىقان توۋلاشلىرى-مانابۇ،ئاتالمىش مەدەنىي شەھەرلىكلەر ۋۇجۇدقا چىقارغان، ھاياسىزلار توپلىنىدىغان، ئەڭ مەدەنىيەتسىز كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى(ك ت ۋ).
-ئۇ راستىنلا سەن ئېيىتقاندەك چىرايلىقمۇ؟-ئاۋازى توم چىقىدىغان،رەشىدە ئىسىملىك بۇ ئايالنىڭ قولىدىن ھەر بالالار كېلەتتى ،قانچىلىغان نازۇك، بىغۇبار قىزلار مۇشۇ ئايالنىڭ قولى ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ك ت ۋ لارغاسېتىلىپ، ياشلىق باھارى ۋە گۈزەل كەلگۈسى نابۇت بولغان ئىدى .
-گەپ كەتمەيدۇ ئاچا، ئۇ مەندىن نەچچە ھەسسە چىرايلىق، ھەقىقىي ساھىبجامال دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ-گۈلناز ئىسىملىك بۇ قىز مۇشۇ شەھەردىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ بۈگۈن ئۆزى بىلەن بىر ياتاقتا ياتىدىغان بىر قىزنىڭ كەلگۈسىنى نابۇت قىلىدىغان بىر پىلان تۈزۈۋاتاتتى.
-ئۇنى قاچان ئېلىپ كېلىسەن -دېدى رەشىدە.
-ئەتىلا باشلاپ كېلىمەن-دېدى گۈلناز -مەن پەقەت ئايرىمخانىڭىزغا ئەكىرىپلا بېرىمەن ،قالغان ئىشلار ئۆزىڭىزگە باغلىق جۇمۇ.
-خاتىرجەم بول،مەن دېگەن رەشىدە -رەشىدە شۇنداق دەپ بولۇپ قاقاقلاپ كۈلدى-ئۇنىڭدا بىرەر ئۆچۈڭ بارمىدى سېنىڭ.
-ئۇ مەن ياخشى كۆرىدىغان يىگىتنى تارتىۋالدى-گۈلنازنىڭ كۆزلىرىدە غەزەپ ۋە ئۆچمەنلىك ئۇچقۇنلىرى چاقنىدى-شۇڭا ئۇنى ،بۇيەردە ئېلىپ قالسىڭىز قەتئىي بولمايدۇ.
-خاتىرجەم بول،ئۇنى ئۆزۈممۇ تاپالمايدىغان بىر يەرگە ئاپىرىۋېتىمەن-دېدى رەشىدە مۇغەمبەرلىك بىلەن-سەن يىگىتىڭ بىلەن قايتا تېپىشىۋالىسەن،خوشە.
قەدەھلەرنىڭ سوقۇشقان ئاۋازىغا ئەگىشىپ ئۇلار تەڭلا قاقاقلاپ كۈلۈشتى.
* * *
دېڭىزغا ئامراق قىز
ياتاق ئىچى جىمجىت بولۇپ،بىر قىز ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگىنىش قىلىۋاتاتتى .
قوي كۆزلۈك،قاراچاچلىق ،ئاپئاق يۈزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان بۇقىزنىڭ ئىسمى رەنا بولۇپ ،ئۇ مۇشۇ مەكتەپتىكى بارلىق ئوغۇللار ئېرىشىشنى ئويلايدىغان مەكتەپ گۈزىلى ئىدى،ئۇ كىچىكىدىنلا دېڭىزنى ياخشى كۆرەتتى،تېلېۋىزورلاردا دېڭىزنى كۆرۈپ قالسا دادىسىغا-مېنى دېڭىزنىڭ يېنىغا ئاپىرىسەن دەپ جىدەل قىلاتتى.دادىسى بولسا -چوڭ بولغاندا سىزنى دېڭىز بويىغا چوقۇم ئېلىپ بارىمەن-دەپ ئالداپ يۈرۈپ ئۇنى مىڭ تەسلىكتە پەس قىلاتتى.
-رەنا قىز تولىمۇ تىرىشچان جۇمۇ، سەن-تۇيۇقسىز ئىشىك ئېچىلىپ گۈلناز كىرىپ كەلدى.
-تىرىشچان بولمىساق ھازىرقى رىقابەتتە شاللىنىپ قالىمىز-دېدى رەنا بېشىنى كۆتۈرۈپ گۈلنازغا قاراپ-سەنمۇ كېلە بىللە تەكرار قىلايلى.
-بولدى قىلە-گۈلناز شۇنداق دېگەچ رەنانىڭ كىتابىنى يېپىۋەتتى-كەچكىچە ئۆگۈنۈش قىلىپ زېرىكمەمسەن،بۈگۈن ئولتۇرۇش بار بىللە بېرىپ كېلەيلى.
-مەن بارمايمەن ،ئۆزۈڭ بېرىۋەر،سەل تۇرۇپ ئەركىن كېلىدۇ.
-ۋاي ئاداش،ئەركىن دېسە جېنىڭدىنمۇ كېچىسەنغۇ ؟سەن-گۈلنازنىڭ چىرايى ھەسەتتىن قىزىرىپ كەتتى-ئەركىنمۇ بار شۇ سورۇندا،بايا ئۇنى كۆردۈم،ئۇ ئوغۇللار بىلەن بارىدىكەن،شۇڭا ماڭا سېنى بىللە ئېلىپ كېلىشمنى ئېيتتى،تۇرە ئورنىڭدىن.
-راستما ،-رەنا تېڭىرقاپ قالدى-بىراق ئەركىن ماڭا بۇنداق دېمىگەن ئىدىغۇ.
-ۋىيەي،سېنى ئالداپ نېمە ئىش قىلامەن-گۈلناز رەنانى ئىشەندۈرۈشكە كىرىشتى-نېمانچە گۇمان قىلىسەن مەندىن، مەن دېگەن سېنىڭ ياتاقدىشىڭ ھەم دوستۇڭ جۇمۇ،ئاپىرىپ سېتىۋىتەمەنمۇ سېنى بىرىگە.
-بولدى خاپا بولمىغىنە ئاداش بارساملا بولدىغۇ،ساڭا ئىشەنمىگىنىم ئەمەس-رەنا شۇنداق دپ گۈلنازنى بەزلىدى.
-ماۋۇ گېپىڭ بولدى ئاداش ،يۈرە ئەمىسە-گۈلناز رەنانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ پەرەڭدەك ئېچىلىپ كەتتى
ئۇلارمەكتەپنىڭ ئالدىدىنلا تاكسىدىن بىرنى توسۇپ چىققاندىن كېيىن،رەنا شوپۇرغا-راھەت دۇنيا ك ت ۋ خانىسىغا ھەيدەڭ دېگەندىن كېيىن،ئۇلار راھەت دۇنياغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
ئەركىن بىلەن رەنانىڭ ھېكايىسى
ئەركىن بىلەن رەنا بىر مەھەللىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئاشۇق -مەشۇقلاردىن بولۇپ ،ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ تاملىرىمۇ تۇتاش ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى بالا ۋاقىتلىرىدىلا باشلانغان بولۇپ ،كىچىكىدىن بىللە ئوينايتتى،مېھماندارچىلىق ئويۇنلىرىدا ئەر-خوتۇننىڭ رولىنى ئېلىشاتتى. ئۇلار بەش ياشقا كىرگەن مەزگىللىرىدە تولىمۇ قىززىق بىرئىش يۈزبەرگەن ئىدى. شۇ چاغدا ئەركىن بىلەن رەنا ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئالدىغا كىرىپ-بىز توي قىلىمىز -دەپ چىڭ تۇرۇۋالغان ئىدى.شۇ چاغدا چوڭلار ئۇلارغا-چوڭ بولغاندا ئاندىن تويۇڭلارنى قىلىپ قويايلى- دەپ كۈلۈشۈپ كەتكەن ئىدى.
ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بالىلارچە ھېسىياتتىن چىن مۇھەببەتكە ئايلاندى،ئۇلار باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى بىر مەكتەپتە ئوقۇدى،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىمۇ ،ئوخشاش بىر مەكتەپنى ئارزۇغا يازدى.خۇددى ئۇلارنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك،ئۇلارغا شۇ مەكتەپتىن چاقىرىق كېلىپ،ئالىي مەكتەپتىمۇ بىللە ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولدى.
ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ،نۇرغۇن يىگىتلەر رەنانىڭ كويىدا بولغان بولسىمۇ ،ئۇنىڭ قاتتىق رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى،ئۇ ھەرقانداق ئىشنى ئەركىندىن مەسلىھەت سوراپ قىلدى،ئەركىنمۇ كېلىشكەن يىگىت بولغاچقا ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالغان قىزلارمۇ ئازبولمىدى. گۈلنازمۇ شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئەركىن تۇنجى قېتىم ياتاققا رەنانى ئىزدەپ كەلگەندە ، بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالغان ئىدى. شۇ كۈندىن كېيىن ،ئەركىننىڭ كېلىشكەن قەددى قامىتى،قاپقارا قاشلىرى، ئۆتكۈر كۆزلىرى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمىدى.
گۈلناز رەنانىڭ ياتاقدىشى ھەم يېقىن دوستى بولسىمۇ،ئەركىننى تارتىۋېلىش ئۈچۈن خىلمۇ-خىل ھېيلە- مىكىرلەرنى ئىشلەتتى. ھەتتا ،ئەركىن بىلەن كۆرۈشۈپ يۈزتۇرانە تەلەپ قويدى،لېكىن يەنىلا مەقسىدىگە يېتەلمىدى. ھەسەتخورلۇق ئۇنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىپ ،ئاخىرى يۇقارىقى رەزىل پىلاننى تۈزۈپ چىقتى.
ھەسەتخورلۇق ئىنتايىن يامان ئىللەت،ئۇ ھەرقانداق بىر ئىنساندا كۆرۈلىدىكەن ،ئۇ -يىرتقۇچ ھايۋاندىنمۇ بەتتەر رەزىللىشىپ كېتىدۇ.
سېتىۋېتىلگەن قىز
-ئاداش ئەجەپ كېلىپ بولالمايمىزغۇ؟بەك يىراق ئوخشىمامدۇ-دېدى رەنا ماشىنا خېلى ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن،سەل ئەنسىرەپ.
-ئاز قالدۇق ،بىزنىڭ مەكتەپتىن قەيەرگە بارساڭ يېقىن ئىدى،بىرچۆلغۇ ئۇ يەر-گۈلناز شۇنداق دەپ رەنانىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلدى.
ئۇلار بىرئاز ماڭغاندى كېيىن ماشىنا توختىدى.رەنا پۇلنى بەرگەندىن كېيىن ،شوپۇر-بۇ كەمنىڭ قىزلىرىغا ھەيرانمەن ،توۋا-دەپ قويۇپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى.
-ئاداش مەن كىرمەيمىكىن،بۇ تازا ياخشى يەر ئەمەس ئوخشايدۇ-دېدى رەنا شوپۇرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ گۇمانسىراپ-ئاڭلىمىدىڭمۇ شوپۇرنىڭ سۆزلىرىنى.
ۋاي ئاداش ھېچقانداق يەر ئەمەس بۇ شوپۇر دەۋېرىدۇ ،ئۇ بىزنىڭ كىيىملىرىمىزگە قاراپ شۇنداق دېدى-گۈلناز بارسۆزلىرى بىلەن رەنانى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشتى-ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇيەردە ئەركىنمۇ بار تۇرسا ،نېمىدىن قورقىسەن يەنە.
گۈلنازنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن ،رەنا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاستاغىنە،بىر مەدەنىيەتسىز دۇنياغا قەدەملىرىنى باستى.
گۈلناز رەنانى باشلاپ بىر ئايرىمخانىغا ئېلىپ كىردى.ئايرىمخانىدا رەشىدە بىلەن ئۇستىخانلىق كەلگەن سېمىز، ئوتتۇرا ياش ئىككى ئەر ئولتۇراتتى.
-گۈلناز، ئۇلار كىملەر ئەمدى،ئەركىن يوققۇ -ئۇلارنى كۆرۈپ بىر ئىشنى سەزگەن رەنا ئەندىكىپ كەينىگە بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى.
-نەگە باراتتىڭ ،چىرايلىق خېنىم،بۇ دېگەنچۇ ،كۆڭلۈڭنى ئاچىدىغان يەر،ئاتايىتەن كەلگەندىن كېيىن، كۆڭلۈڭنى ئېچىۋېلىپ كېتەرسەن-گۈلناز شۇنداق دېگىنىچە-ئىشىكنى گۈپپىدە قىلىپ يېپىۋەتتى-بۇيەرگە كىرىشكە بولىدۇ،چىقىشقا بولمايدۇ،ئەمدى ئەركىننى كۆرىمەن دەپ خام خىيال قىلما،ئۇ دېگەن مېنىڭ.
-سەن نېمانداق رەزىل،نېرى تۇر مەن چىقىپ كېتىمەن-رەنا شۇنداق دېگىنىچە گۈلنازنى ئىتىرىپ ئىشىكنى ئاچماقچى بولدى.
-نېمىگە قاراپ تۇرۇشسەن،قوپاشمامسەن لامزەللىلە-دېدى رەشىدە يېنىدىكى ئىككى ئەرنى غەزەپ بىلەن ئىتتىرىپ،
رەشىدەنىڭ سۆزىدىن كېيىن ،ئۇلار يۈگىرەپ كەلگىنىچە رەنانى تۇتۇپ كېلىپ،كىرىسلوغا باستى.رەنا قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۆزىنى ھەريانغا ئۇرغان بولسىمۇ پەقەت بوشىنالمىدى.
-تېزراق ئوكۇلنى ئەكەل، ئۇ پەقەت جىم تۇرمايدىكەن-ئۇلارنىڭ بىرى رەشىدەگە قارپ ۋارقىرىدى.
رەشىدە سومكىسىدىن بىرخىل ئوكۇلنى چىقىرىپ رەنانىڭ بېلىكىگە كۈچەپ سانچىدى.
-مېنى قويىۋېتىڭلار،ئۆتۈنۈپ قالاي-رەنا ئاستا تىپىرلىغىنىچە جىمىپ قالدى.
-مانا بۇ بەشمىڭ سېنىڭ ھەققىڭ-رەشىدە سومكىسىدىن يۈز يۈەنلىك بىر بولاق پۇلنى ئېلىپ رەناغا بەردى.
-بۇنداق گۈزەللەرنى ئەسلى ئونمىڭدىن ئېشىپ ئالسىڭىزمۇ ئەرزان توختايتتى، بىراق مېنىڭ مەقسىتىم پۇلدا ئەمەس بولغاچقا بوپتۇ دەي-گۈلناز شۇنداق دەپ بولۇپ ،پۇلنى يانچۇقىغا سالدى،ئاندىن رەنانىڭ قېشىغا بېرىپ،ئۇنىڭغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن چىقىپ كەتتى.
ۋاقىت زىچ بولغاچقا بۈگۈن مۇشۇنچىلىك يازدىم .داۋمىغا قىزىقسىڭىز،دىققىتىڭىز مۇنبەردە بولسۇن،ھەركۈنى ئىنكاس شەكلىدە داۋامى يوللىنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 我爱你 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-17 11:42