ئىگىسى: 我爱你

سېتىۋېتىلگەن قىز ،سەرگەردان يىگىت«ھېكايە» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
60
تۆھپە
11
UID
25057
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 16:19:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاران مۇشۇنچىلىكما؟


Rank: 3Rank: 3

تىللا
226
تۆھپە
92
UID
5621
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 17:44:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى كۈتىمەن


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 18:24:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turknaz يوللىغان ۋاقتى  2012-9-25 17:44
داۋامىنى كۈتىمەن

داۋامى ئەتە يوللىنىدۇ


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1018
تۆھپە
679
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 22:18:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەقەلىكنىڭ راۋاجلىنىشى ياخشى كىتىپ بارىدۇ. داۋامىنى كۇتىمىز.


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىغەمزات
تىللا
513
تۆھپە
257
UID
388
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 01:08:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچ كۈن ئىنىمنىڭ توي ئىشى بىلەن بولۇپ، بۇ ھىكايىنى كۆرۈشكە ۋاقىت چىمىغان ئىدى. بۇگۇن ئىككى بۆلەكنى بىرلا ئوقۇپ خىلى پۇخادىن چىققاندەك بولدۇم. بولسا كۈندە ئىككى بۆلەك يوللانغان بولسا ياخشى بولاتتى.


باشقىلار سىنى چوڭ كۆرگەندە، ئۆزەڭنى كەمتەر تۇتۇشنى بىل!
باشقىلار سىنى پەس كۆرگەندە، ئۆزۈڭنىڭ قەدرىنى قىلىشنى بىل!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 11:59:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
BiGhemZat يوللىغان ۋاقتى  2012-9-26 01:08
ئۈچ كۈن ئىنىمنىڭ توي ئىشى بىلەن بولۇپ، بۇ ھىكايىنى كۆر ...

ۋاقىت قىس بولغاچقا،ئاران شۇنچىلىك يوللىنىۋاتىدۇ.بۈگۈن كۆپرەك يوللاشقا تىرىشىمەن.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
يۈسۈپجان
تىللا
264
تۆھپە
57
UID
27180
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 12:52:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز ،ئەركىن ئۇنى ئىزدەپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى ئاختۇرۇپ چىقارمۇ ئەمدى


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 12:56:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
banker625 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-26 12:52
ياخشى يىزىپسىز ،ئەركىن ئۇنى ئىزدەپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى ...

بۇنى بۇندىن كېيىنكى مەزمۇنلاردىن بىلگەيسىز ،قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 14:54:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى؛

قېچىش

-بىز سىرىتقا چىقىپ خېرىدار ئۇقۇشۇپ كېلەيلى،سەن قىزلارغا ياخشىراق قاراپ تۇر-دېدى رەشىدە بىردەم ئولتۇرۇپ،غالچىللىرى بېلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن تۇرسۇنغا-مالنى ۋاقتىدا قولدىن چىقىرىۋەتمىسەك بولمايدۇ،ساڭا دەپ قوياي نەپسىڭنى يىغىپراق تۇراسەن،يەنە ئۆتكەنكىدەك قىلىدىغان بولساڭ،سېنى ئاياپ ئولتۇرمايمەن.


-ماقۇل ئاچا،چوقۇم ياخشى قارايمەن،ھېلىقى نەرسىدىن ئازراق بەرسىڭىز بوپتىكەن-دېدى تۇرسۇن ھېجىيىپ تۇرۇپ.
-ئالە مانا-دېدى رەشىدە كىچىككىنە بولاقنى تۇرسۇننىڭ قولىغا بېرىپ-مەندە مۇشىنچىلىكلا قاپتۇ.
رەشىدە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن،تۇرسۇن رەنانىڭ يېنىغا كىردى.
-ھەي قىز بۇنىڭغا قارا-دېدى تۇرسۇن قولىدىكى بولاقنى رەناغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ-بۇ نەرسە ساڭا لازىم بولسا بۇياققا چىق.
باياتىندىن بېرى پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان رەنا،قېچىش ئۈچۈن تۇرسۇندىن پايدىلىنىش قارارىغا كېلىپ ،ئۇنىڭ بىلەن سىرىتقا چىقتى.تۇرسۇن قىزلار بار ئۆينى قۇلۇپلىۋەتكەندىن كېيىن،رەناغا قولىدىكى بولاقنى تۇتقۇزۇپ-تېزراق بول قايسى كۈنى چالا قالغان ئىشنى بۈگۈن قىلىمىز،مەن ياندىكى ياتاقتا سېنى ساقلاپ تۇرىمەن.
تۇرسۇن شۇنداق دەپ قويۇپ،ياندىكى ياتاققا كىرىپ كەتتى.رەنا پۇرسەت كەلگەنلىكىنى بىلىپ،تۇرسۇن ياتاقنىىڭ ئىشىكىنى ياپقان ھامان ،ئوقتەك يۈگۈرگىنىچە چىقىپ كەتتى.تۇرسۇن بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك بولۇپ،رەنانىڭ كەينىدىن قوغلىدى.
-توختا بۇزۇق قاچساڭمۇ ھېچنىمە قىلالمايسەن بەرىبىر ،تۇتىۋالىدىغان بولسام تۇغۇلغىنىڭغا تويغۇزىۋېتىمەن بىكار.
تۇرسۇننىڭ سۆزلىرى رەنانى توختىتالمىدى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئەس-يادىدا  ئاشۇ قاراڭغۇ ئۆيگە سولانغان،ئۆزلىرى خالىمىغان ئاساستا ھاياتى نابۇت بولۇش ئاستىدا تۇرغان  سەبى غۇنچىلارنى قۇتقۇزۇشتىن باشقا ھېچ قانداق ئىش يوق ئىدى.
تۇرسۇن رەنانى خېلى ئۇزۇن قوغلىغاندىن كېيىن،ئۇ ئادەملەر ئارىسىغا كىرىپ غايىپ بولدى.ئادەم كۆپ جايغا كېلىپ قالغاچقا تۇرسۇن رەنانى قوغلاۋەرسە باشقىلارنىڭ گۇمانى قوزغىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ،ئۇنى قوغلاشتىن ۋاز كېچىپ،قايتىپ كەتتى.
رەنا تۇرسۇندىن قۇتۇلغاندىن كېيىن،ساقچىخانا تېپىپ،دېلو مەلۇم قىلىپ قىزلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن،ساقچىخانا ئىزدىمەكچى بولۇپ ،باشقىلاردىن يېقىن ئەتراپتىلا بىر ساقچىخانا بارلىقىنى بىلىپ شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى.بىراق ،تۇيۇقسىزلا  خۇمارى تۇتۇپ قېلىپ، قولىدىكى بولاقنى ئېسىگە ئالدى،شۇنىڭ بېلەن،ئادەم يوقراق بىر جاينى تېپىپ خۇمارىنى بېسىۋالماقچى بولدى.
رەنا ئەتراپنى خېلى ئۇزاق ئاختۇرغاندىن كېيىن،قۇرۇلۇش توختىتىلىپ قويۇلغان بىر بىنانى تاپتى-دە،شۇ يەرگە كېلىپ قولىدىكى بولاقنى يېشىپ،خۇمارىنى باستى،بىر ئازدىن كېيىن ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇپ،خىيالى دۇنياغا ئۇيقۇسى بىلەن قېتىلىپ كەتتى.

سەرگەردان يېگىت

رەشىدەلەر شۇكۈنى لىنپىڭ شەھرىدىكى پويىز ئىستانسسى،مىترۇ بېكىتى،ئاپتۇبۇس بېكىتى،باغچا قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىنى ئاختۇرغان بولسىمۇ رەنانى تاپالمىدى.ئۇلار،رەنانىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەپ،قالغان ئۈچ قىزنى سېتىۋىتپ ،باشقا شەھەرگە قېچىپ كەتمەكچى بولۇپ سودىلىشىۋاتقاندا،ئىزىغا چۈشكەن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.


قارا بۇلۇتلار ۋاقتىنچە قۇياشنى توسىۋالسىمۇ،ھامان كۈپكۈك ئاسمان ئۆزىنى نامايان قىلىپ،بۇلۇتلار تارقاپ،قۇياش پارلايدۇ،شۇنىڭدەك،رەزىللىك ھامان بەرپات بولىدىغان كۈچتۇر.


*         *        *        *           *          *             *

رەشىدە تۇتۇلغاندىن كېيىن،گۈلنازمۇ قولغا ئېلىنىپ،ئىشلار ئايدىڭلاشتى،ئەمما رەنا يەنىلا تېپىلمىدى.نەچچە ۋاقىتتىنى بېرى،ھىجران ئازابىدا يەتكۈچە قىينالغان ئەركىن رەنانىڭ خەۋىرىنى ئالغاندىن كېيىن،ئۇنى نەدىن بولمىسۇن ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن،ئاتا-ئانىسىنىڭ ياردىمى بېلەن،لىنپىڭغا قاراپ يولغا چىقتى.







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   我爱你 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-26 15:01  



Rank: 2

ئىسىمى
$$TupRak$$
تىللا
116
تۆھپە
33
UID
25890
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 15:53:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىڭىز بەك ياخشى داۋاملىشۋاتىدۇ.........  مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرنى يازغان قوللىرىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن.....داۋامىنى تىزراق يازارسىز


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-27 16:40, Processed in 0.067479 second(s), 15 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991