ئىگىسى: 我爱你

سېتىۋېتىلگەن قىز ،سەرگەردان يىگىت«ھېكايە» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 16:25:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
$$TupRak$$ يوللىغان ۋاقتى  2012-9-26 15:53
ئەسىرىڭىز بەك ياخشى داۋاملىشۋاتىدۇ.........  مۇشۇنداق ياخ ...

قوللاپ تۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت


Rank: 3Rank: 3

تىللا
226
تۆھپە
92
UID
5621
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 17:13:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز قېرىدىشىم،تىرىشىڭ ،ئەسەر بەك ياخشى يېزىلۋاتىدۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 17:45:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turknaz يوللىغان ۋاقتى  2012-9-26 17:13
ھارمىغايسىز قېرىدىشىم،تىرىشىڭ ،ئەسەر بەك ياخشى يېزىل ...

دىگىنىڭىزدەك بولغاي ،قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت


Rank: 1

تىللا
37
تۆھپە
4
UID
5817
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 20:23:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
我爱你 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-26 17:45
دىگىنىڭىزدەك بولغاي ،قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

قولىڭىزغا دەرت بەرمىگەي ،  ئەسىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ، گۇلناز ئارقىلق ھازىرقى ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى خۇددى بىلىم ئېلىش ئۈچۇن ئوقىماي يىگىت تېپىش ئۇچۈن ئۇقۇيدىغان بىر قىسىم قىزلارنىڭ خارەكتىرى ئېچىپ بېرىلىپتۇ ، رەنانىڭ ئاخىرقى تەقدىرى ياخشى بولسىكەن ئىلاھىم «ئورىنى كىم كۆلىسا ئۆزى چۇشەر 'دىگەندەك گۇلنازنىڭ تەقدىرىنى بەكمۇ بىلگىم بار ، ئەسىرىڭىزگە مۇۋەپىقىيەت تىلەيمەن ، ئەسىرىڭىزنى تېزراق يېزىش بىلەن بىرگە سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ ، ئۆزىڭىزنى ئالدۇرۇپ قويماڭ ، ئۇنتۇپ قالماڭكى سز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە مەنسۈپ!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەخپىي
تىللا
828
تۆھپە
239
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 00:19:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ساقلاۋاتىمەن.


راستتىلا زامانىۋىي ئۈسكۈنىلەر بىلەن دەرس ئۆتۈدىغان بولدۇق!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 11:36:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kvmvx يوللىغان ۋاقتى  2012-9-27 00:19
مەنمۇ ساقلاۋاتىمەن.

ئاخىرى بۈگۈن چىقىدۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 11:58:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
温柔的心 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-26 20:23
قولىڭىزغا دەرت بەرمىگەي ،  ئەسىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپت ...

مىنى قوللىغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر،سىزگە بەخىت ئامەت ،خۇشاللىق تىلەيمەن.


Rank: 1

تىللا
32
تۆھپە
6
UID
27084
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 13:03:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورنىڭ قەلىمىگە تەشەككۈر .بولسا داۋامى ئۈزۈلۈپ قالمىغاي،گەرچە يېڭى ئەزا بولساممۇ كىچىككىنە پىكىر بېرىپ قوياي -بولسا ئەسەرگە ئانچە-مۇنچە مەنزىرە تەسۋىرى قوشۇپ ئەسەرنى مەنىۋى جەھەتتىن تېخىمۇ بېيىتسىڭىز،ئاتىكاچىلىقىمنى كەچۈرۈڭ.  (مۇنبەرگە ئىنكاس يازسام داۋاملىق چىقمايدۇ،سەۋەبىنى بىلمەيمەن،بۇقېتىم بولسىمۇ چىقسا بولاتتى!)


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 13:35:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى؛

*            *            *           *           *         *           *

ئاخىرى چىقمايدىغان ئويۇن بولمىغىنىدەك،بىرمەزگىل ھەسەتتىن ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي قالغان گۈلناز تۈرمىگە سولانغاندىن كېيىنلا،ئۆزىنىڭ نەقەدەر قورقۇنۇچلۇق بىر جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى.ئۇ رەنا يوقاپ كەتكەن جەرياندا،ئەركىننىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرقانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ،ئايرىلىش ئەركىننىڭ رەناغا بولغان مۇھەببىتىنى سۇسلاشتۇرماقتا يوق،تېخىمۇ كۈچەيتىپ،گۈلناز ئۈچۈن ئازراقمۇ ئىمكان تۇغۇلمىدى.
گۈلناز قوللىرىغا تۆمۈر كىشەن سېلىنغان ئەشۇ چاغدا،باشقىلارنىڭ بەختىگە كۈز قىزارتىپ،مۇھەببەتكە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ،يېقىن دوستى رەناغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.ئەركىن بېلەن رەناغا بەخىت تىلىمەكتە يوق،ھەسەت قىلغانلىقىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلدى.

*     *        *         *         *            *           *            *

ئەركىن پويىز بىلەن خاڭجۇغا كېلىپ ،بىركۈنمۇ ئارام ئالماستىن يەنە لىنپىڭغا قاراپ يولغا چىقتى.ئۇ لىنپىڭغا كېلىپلا رەنانى ئىزدەشكە باشلىدى.لېكىن ،ھەرقانچە ئىزدىگەن بولسىمۇ ئۇنى بۇ شەھەردىن تاپالمىدى.شۇ تاپتا ئۇ،بىر تەرەپتىن رەنانى تاپالمىغانلىقىدىن تىت-تىت بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن،ئۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىپ،بىئارام بولماقتا ئېدى.


بۇ دۇنيا مىھرى-مۇھەببەت بىلەن تولغان

-كۆزىڭىزنى ئېچىڭ،قىزىم،سىز ئۇيغۇر ئوخشىمامسىز؟


رەنا كۆزلىرىنى ئېچىپ،بېشىغا ئۇيغۇرلارنىڭ بەلگىسى ھەم قىممەتلىك مىراسى بولغان بادام دوپپا كىيۋالغان،كالتە  ساقال قويىۋالغان،چىرايىدىن مىھرىبانلىق چىقىپ تۇرىدىغان ئەللىك بەش ياشلار چامىسىدىكى بىر ئۇيغۇر بوۋاينى كۆردى.
سىلى كىم؟ بۇ  قەيەر-رەنا ھەيرانلىق ئىچىدە بوۋايغا قارىدى.
-ئىسمىم ئابدۇۋايىت ،بۇ مېنىڭ ياتىقىم-دېدى بوۋاي مىھرىبانلىق بېلەن رەناغا قاراپ.

-ۋۇ پەسكەش ،ساقىلىڭغا  لايىق ئىش قىلساڭ بولمامدۇ-دېدى رەنا بوۋاينى  رەشىدەنىڭ خېرىدارى دەپ ئويلاپ قېلىپ-مېنى سەن تۇتۇپ بەردىڭما؟


-قىزىم ،قارىغاندا مېنى خاتا چۈشىنىپ قالغان ئوخشايسىز،تۆنۈگۈن كەچتە،يولدا كېتىۋاتسام،بىريەرگە بىرمۇنچە ئادەملەر توپلىشىۋاپتىكەن،بېرىپ قارىسام ،سىز ھوشىڭىزنى بىلمەي يېتىپسىز،چىرايىڭىز ئۇيغۇرغا بەك ئوخشايدىكەن ،ئۇيغۇر بولسا كېرەك،بېشىغا بىرەر كۈن بولمىسا،بۇ يەرلەرگە كېلىپ قالماس بولغىيتى دەپ ئۇيلاپ،سىزنى ياتىقىمغا ئېلىپ كەلدىم-دېدى بوۋاي رەناغا چۈشەندۈرۈپ.

-بۇ؟-دېدى رەنا ئۇچىسىغا بىر قاراپ كېيىملىرىنىڭ  جايىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ-كەچۈرسىلە تاغا،مەن سىلىنى خاتا چۈشىنىپ قاپتىمەن.


رەنا ئاقكۆڭۈل بوۋايغا ئۇچرىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى ھەمدە ئۇنىڭغا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنى كۆز ياشلىرى بېلەن قوشۇپ، بىر-بىرلە پ سۆزلەپ بەردى.بوۋاي رەنانىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاپ ،ئۇنىڭ ھاياتىغا ئېچىندى.ھەمدە ئۆزىنىڭ خاڭجۇ شەھرىدە خاڭدەن -تەتىللا ساتىدىغان بىر دۇكىنى بارلىقىنى ،مالنى مۇشۇ يەردىكى زاۋۇتلاردىن كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپ رەنانىڭ ئاتا-ئانىسىنى تېپىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.
-رەھمەت سىلىگە،مېنىڭ ئاتا-ئانامغا قارىغۇدەك يۈزۈممۇ يوق،مەن ھاياتىمنى ئىپپتىم يوقالغاندىلا تۈگىدى دەپ ئويلىغان-دېدى رەنا بوۋاينىڭ مېھرىبانلىقىدىن تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلىپ-رەشىدەنىڭ قولىدا يەنە ئۈچ قىز بار ،ئۇلار مەندىنمۇ كىچىك،مەن ھازىرشۇلارنى قۇتقۇزىۋېلىشنىلا ئويلايمەن.سىلى مېنىڭ ئۇلارنى قۇتقۇزىۋېلىشىمغا ياردەم قىلغان بولسىلا ياخشى بولاتتى.
-خاتىرجەم بولۇڭ قىزىم،ئۇلارنىمۇ قۇتقۇزىۋالىمىز،لېكىن سىزمۇ ئاتا-ئانىڭىزنى ئويلاپ قويمىسىڭىز بولمايدۇ.ئۇلار شۇتاپتا سىزدىن قانچىلىك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟سىز بولمىسىڭىز،ئۇلار ياشاپ نېمە قىلىدۇ؟بۇ ئىشلار تەقدىرىڭىزگە پۈتۈلۈپتىكەن،يە سىز قەستەن قىلمىسىڭىز،ئاتا-ئانىنىڭ قەلبىنى ئاتا-ئانا بولغۇچى ياخشى چۈشىنىدۇ قىزىم،شۇدەملەردە،ئاتا-ئانىڭىز سىزنىڭ خەۋىرىڭىزنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتىدۇ.ئۇلار ھازىر قەيەرلەردە سەرسان بولۇپ،سىزنى ئىزدەۋاتىدۇ،بۇ پەقەت ئېگىسىگە ئايان.
ئابدۇۋايىت بوۋاينىڭ سۆزلىرى رەنانىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ،ھاياتىغا نىسبەتەن ئازراق بولسىمۇ ئىشەنچ پەيدا قىلدى.

رەنا ئابدۇۋايت بوۋاي بېلەن ساقچىخانىغا بارغاندىن كېيىن،رەشىدەنىڭ تۇتۇلۇپ،قىزلارنى قۇتۇلغانلىقىنى بىلدى.رەنانىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن،يەنىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ،ئەركىننىڭ يېنىغا قايتىشنى خالىمىغاچقا ۋاقتىنچە،ئابدۇۋايىت بوۋاي بىلەن بىرگە تۇرماقچى بولۇپ،ئۇنىڭ بېلەن خاڭجۇغا قاراپ يولغا چىقتى.


*        *          *         *          *             *             *

رەنا ئابدۇۋايىت بوۋاينى خاڭجۇدىكى ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن،ئۇنىڭ ئەللىك ياشلار چامىسىدىكى ئايالى  مۇكەررەم ئانا ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋالدى.مۇكەررەم ئانا رەنانى بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالدى.رەنادىن ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاپ،ياش تۆكۈپ تۇرۇپ چاچلىرىنى سىلاپ يۈزلىرىگە سۆيدى ھەمدە ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭمۇ بىر قىزىنىڭ بارلىقىنى ئون ئىككى ياشقا كىرگەندە يوقاپ كېتىپ،ئۇنى ئىزدەش جەريانىدا مۇشۇ يەرگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ قالغانلىقىنى،ئاللاھنىڭ قىزى يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلارغا قايتا پەرزەنت ئاتا قىلمىغانلىقىنى ئېچىنىشلىق قىلىپ سۆزلەپ بەردى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   我爱你 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-28 13:01  



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 13:56:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولۇچى يوللىغان ۋاقتى  2012-9-27 13:03
ئاپتورنىڭ قەلىمىگە تەشەككۈر .بولسا داۋامى ئۈزۈلۈپ قال ...

ئىنكاسىڭىز ماڭا كەلدى،تەنقىدىڭىزنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىمەن.پىكىر تەكلىپلىرىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-27 16:44, Processed in 0.067916 second(s), 15 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991