ئېشەك ھەققىدىكى ماقالىگە ماۋزۇ قوبۇل قىلىنىدۇ
قەدىرلىك دوستلار، مەن ئەتىگەندە ئۆندەرەپ ئويغىنىپلا مۇشۇ ئېشەك ھەققىدە مەخسۇس بىر پارچە تەتقىقات ماقالىسى يېزىش خىيالىغا كېلىپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ بېشىمدا چېچىم تولا، قىلىدىغان ئىشلىرى چېچىمدىنمۇ تولا ئادەممەن. بەزىدە ئىشنىڭ جىقلىقىدىن مەن كىم، سەن كىم، ئۇ كىم، بۇ كىم دېگەنلەر ھەققىدە، جۈملىدىن ئىنسانلارغا پايدىسى كۆپ تېگىدىغان يۇۋاش-يۇمشاق ھايۋان ئېشەك ھەققىدە بىر تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقىمۇ زادى ۋاقىت چىقىرالماي كەلگەنىدىم. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئىلھامىم دېڭىز تاشقىنىدەك تېشىپ، ئىچىمگە پاتمايۋاتىدۇ.
مەن ئېشەك ھەققىدە ماقالەمنى يېزىشنىڭ ئالتۇن پەيتى كەلدى، دەپ ئويلىدىم. بىراق مېنىڭ بىر ئېسىل خۇيۇم باركى، ئۇ بولسىمۇ ماقالە-ئەسەر يازسام، ئاۋۋال ماۋزۇ قويۇۋالمىسام يازالمايمەن. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۆزەم قاپ يۈرەكلىك بىلەن بىر نەچچە ماۋزۇنى قويۇپ باقتىم. قالغان تورداشلارنىڭمۇ ماڭا ياردەملىشىپ بۇ كاتتا ماقالەمگە ماۋزۇ قويۇشۇپ بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.


مەن تاللىغان ماۋزۇلار:1. ئىنسانلارنىڭ ئېشەك مىنىش تارىخى قانچىلىك؟
2. ئېشەككە كۈچى يەتمىسە توقۇمنى ئۇرۇش توغرىمۇ؟
3. ئەپەندىم ئېشەكنى قانچە يىل مىنگەن؟
4. ئېشەك خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ، ئىشلىتىلىشكە باشىلىغانمۇ؟
5. ئېشەك مۇھىممۇ، كالىمۇ ياكى ئاتمۇ؟
6. ئېشەككە سامان بەرگەن ياخشىمۇ ياكى قوناقمۇ؟
7. دۇتارىم جاراڭلايدۇ، ئېشەكلىرىم ھاڭرايدۇ
8. ئېشەك ئالدىغا ئۆتۈۋالسا، ئاتنىڭ مېڭىشى راستتىنلا بۇزۇلامدۇ؟
9. كۈندە ئېشەك مىنىپ بەرسە كاسسىغا پايدىسى بار
10. ئېشەك بىلەن ئۆتكەن ھايات
11. يۇلتۇزسىز تۈنلەر، ئېشەكسىز كۈنلەر
12. يوپۇرغىنىڭ ئېشىكى داڭلىقمۇ ياكى قاغىلىقنىڭمۇ؟
13. يېزىدىكىلەرنىڭ بازارغا ئېشەك ھارۋىسى بىلەن كىرىشى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
14. ئېشەكچىلىك ئىلمى ھەققىدە قىسقىچە بايان
15. پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، ئېشىكى بارنىڭ گېپى چوڭ.
16. جاڭگالدا مىڭ ئېشەك، قوتاندا بىر
17. ئەپەندىم ئېشەك مىنمىسە لەتىپە ئېيتالامدۇ؟
18. ئېشەكنىڭ ھاڭرىشىدىن ماشىنىنىڭ سىگىنالىغىچە
19. ئېشەكنىڭ تېزىكىنىڭ قەۋزىيەتنى داۋالاشتىكى رولى
20. ئات مىنگەنلەر ئېشەكلىكلەرنىڭ دەردىنى بىلەمدۇ؟
21. ھاڭرىمىغان ئېشەك، ياخشى ئېشەك ئەمەس
22. ئېشىكى يوق موللامنىڭ راستتىنلا قۇلىقى تىنچمۇ؟
23. ئېشەك، ئېشەك، ئېشەك!!!
24. ئېشەكسىز ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟
25. سىز ئات تاپقۇچە ئېشەك مىنىشكە ئۇنامسىز؟
26. ئېشەكنىڭ ئۈستىدىن دۆڭكۆۋرۈككە نەزەر
27. ئېشەكنىڭ تېرىسىدە نوركا كەيسە ئاياللار تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتەمدۇ؟
28. ئەپەندىمنىڭ ئېشىكى شىمالغا قاراپ تۇرغان بولسا، قۇيرۇقى قايسى تەرەپكە قارايدۇ؟
29. ئېشەك كەلدى
30. ئېشەكنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا كۆرسەتكەن مىسىلسىز تەسىرى
31. تام تۈۋىدىكى تاش، ئېشەك ئىچمىگەن ئاش
32. قانداق ئېشەكنىڭ تېزىكى بەك پۇرايدۇ؟
33. سايراملىقلار راستتىنلا ئېشەكنىڭ قېتىقىنى ئىچكەنمۇ؟
34. ئېشەكنىڭ قۇلىقىنى دىڭ قىلىۋېلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ.
35. دىڭ قۇلاق ئېشەك ياخشىمۇ ياكى سالپاڭ قۇلاق ئېشەك ياخشىمۇ؟
36. بىز زادى قانداق ئېشەك مىنىمىز؟
37. بىز شەرقنىڭ ئېشىكىنى مىنىمىزمۇ ياكى غەربنىكنىمۇ؟
38. ئېشەكنىڭ ھاڭرىشىنىڭ چاستوتىسى قانچە دېتسىبىلغا يېتىدۇ؟
39. ئېشەكنى قامچا بىلەن ئۇرغان ياخشىمۇ ياكى كالتەك بىلەنمۇ؟
40. ئېشەكنىڭ شۆلگىيىنى شىلىم ئورنىدا ئىشلىتىش ھەققىدە دەسلەپكى تەتقىقات
41. ئېشەكنىڭ تېزىكى پۇراپ كەتسە ئېغىزنى ئېتىۋېلىش ئەڭ ئاقىلانىلىكتۇر
ماڭا بۇ ماۋزۇلارمۇ پەقەت يارىمايۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن باشقا تورداشلارنىڭ ماڭا ياردەم قىلىپ، ماۋزۇ يوللاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.