نىدائىي يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 10:20 
ھۆرمەتلىك بىلگەبەگ ئەپەندىم، ئەركان ئەپەندىمنىڭ بۇ تې ...
مەن بۇ تېما توغرۇلۇق پەقەت ئۆزۈمنىڭ شەخسى كۆرز قارىشىمنى بايان قىلدىم. ئەلۋەتتە ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ئۆزى كۆرگەن تېما توغرۇلۇق ئۆزى چىقارغان يەكۈنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقى بار، ( مەيلى ئۇ قوللاش بولسۇن ياكى قارشى تۇرۇش بولسۇن ) لېكىن مەن ھېچقانداق ئەزانىڭ شەخسىيىتىگە ياكى سىز ئېيتقان ۋەتەنپەرۋەرلىكىگە باھا بەرمىدىم ياكى بۇ توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارمىدىم. سىزنىڭ ئۆزىڭىز تونۇمايدىغان ھەم قىلچىمۇ چۈشەنمەيدىغان بىر ئادەمنى ھېچنېمىدىن ھېچنىمە يوق «يالغان ۋەتەنپەرۋەر» دەپ ھاقارەت قىلىشىڭىزنى نېمە دېسەك بولار؟ پەزىلەتلىك ئادەم باشقىلارنىڭ شەخسىيىتى توغرۇلۇق ئاساسسىز ھۆكۈم چىقىرىپ خالىغانچە ھاقارەت قىلمايدۇ. ئەگەر سىز يۇقارقى تېمىنى باشقىلارنىڭ نېرۋىسىنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن يوللانغان دەپ قارىسىڭىز
ئۆز قارىشىڭىزنى نورمال يوسۇندا بايان قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۆزىڭىز قىلچىمۇ چۈشەنمەيدىغان ھەم تونۇمايدىغان بىر ئادەمنىڭ شەخسىيىتى توغرۇلۇق ئاساسسىز ھالدا ھاقارەت خارەكتىلىك ھۆكۈم چىقىرىشىڭىز سىزنىڭچە توغرىمۇ؟ ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم.