كۆرۈش: 252773|ئىنكاس: 56

مەشھۇر ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى ــــ لى ليەنجيې [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1556
تۆھپە
790
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 12:10:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جۇڭگونىڭ ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى ـــ لى ليەنجيې



ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي





5.jpg


    لى ليەنجيې جۇڭگونىڭ خەلقئاراغا داڭلىق كىنو ئارتىسى، ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى، چامباشچىلىق ئۇستازى، خەير–ساخاۋەتچى، ‹‹بىر يۈەن فوندى››نىڭ باشلامچىسى، خەلقئارا چامباشچىلار بىرلەشمىسى جۇڭگو چامباشچىلىق جەمئىيىتىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى. ئۇ 1963–يىلى 4–ئاينىڭ 26–كۈنى بېيجىڭدا بىر ئادەتتىكى ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئىككى ياشقا كىرگەندە دادىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئانىسى ئۆزى بەش بالىنى ۋە ياشانغان ئاتا–ئانىسىنى بېقىپ، تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكىنى زىممىسىگە مەجبۇر بولىدۇ.
    ئاتاقلىق گۇمپا ئۇستازى، خەلقئارالىق كاتتا چولپان لى ليەنجيې باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2–يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان تەتىل مەزگىلىدە، ئۆزىدىكى تەبىئىي تالانتىغا تايىنىپ، مەكتەپنىڭ چامباشچىلىق تەربىيەلەش سىنىپىدا تەربىيەلەنگەن. 1971–يىلى ئۇ بېيجىڭ چامباشچىلىق ئەترىتىنىڭ مەشقاۋۇلى ۋۇ ۋۇنىڭ يېتەكلىشى بىلەن چامباشچىلىق ھاياتىنى باشلايدۇ.
    بىر مەزگىللىك جاپالىق مەشىقتىن كېيىن، مەشىق بارغانچە جاپالىق تۇيۇلۇشقا باشلىغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن بىر قىسىم بالىلار مەشىقتىن چېكىنىپ، 20 بالىنىڭ ئىچىدە تۆتەيلەنلا مەشىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىغان. بىر يىلدىن كېيىن ئەمدىلا توققۇز ياشقا كىرگەن لى ليەنجيې ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق چامباشچىلىق مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلغان. ئەمەلىيەتتە بۇ ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››دىن بۇيانقى ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق مەملىكەت دەرىجىلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسى ئىدى. بۇ مۇسابىقىنى ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇيۇشتۇرمىغاننىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق مۇكاپات بۇيۇمىمۇ يوق ئىدى.  بىردىنبىر مۇكاپات پەقەت ‹‹غەلىبە قىلغۇچى›› دېگەن قۇرۇق نامدىنلا نامدىنلا ئىبارەت ئىدى. ئەمما بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن چامباشچىلىق ماھىرلىرى ئىدى. مۇسابىقە شەندوڭنىڭ جىنەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ لى ليەنجيېنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆيىدىن ئايرىلىشى، شۇنداقلا ھاياتىدا تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن ئايرىلىشى ئىدى. شەندوڭغا ماڭىدىغان كۈنى ئەتىگەندە ئۇنىڭ ئاپىسى يىغلاپ تۇرۇپ بارماسلىقنى ئۆتۈنىدۇ. لېكىن ئۇ يەنىلا جىنەنگە بېرىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ چېمپيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرىدۇ. شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا توققۇز ياشتا ئىدى.
    ئۇ بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تۇيۇقسىز بىر پارچە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا ئۇنىڭ ھازىردىن باشلاپ يېرىم كۈن ئوقۇپ، يېرىم كۈن چامباشىچلىق مەشىق قىلىشى تەكىتلەنگەنىدى. چۈنكى جۇڭگو ئەينى ۋاقىتتا بىر قېتىملىق تاشقى ئىشلار مۇسابىقىسى ـــ ئاسىيا–ياۋروپا–لاتىن ئامېرىكىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان تىكتاك توپ مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتاتتى. بۇ مۇسابىقنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا جۇڭگونىڭ بىر تۈركۈم نادىر نومۇرلىرى ئورۇنلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا جىڭجۈ تىياتىرى، ئۇسسۇل، شۇنداقلا چامباشىچلىق نومۇرلىرىمۇ بار ئىدى. چامباشچىلىق بويىچە بەش نومۇر بولۇپ، لى ليەنجيې بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ نومۇردا ماھارەت كۆرسىتىدۇ. تاماشىبىنلار ئۇنىڭ ماھارىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، چامباشچىلىقتا خېلى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ.
   مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتىكى گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى جۇۋ ئېنلەي ئۇلارنى قوبۇل قىلغان. لى ليەنجيې بۇ چاغدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: بىر دۆلەتنىڭ زۇڭلىسىنىڭ بىر كىچىك بالىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ماھارىتىنى ماختاپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ئىنتايىن كاتتا شەرەپ ھېسابلىنىدۇ. مەندەك ئەمدىلا توققۇز ياشقا كىرگەن بالىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇنتۇلغۇسىز ئىش بولدى.
    1974–يىلىدىن 1979–يىلىغىچە لى ليەنجيې ئۇدا بەش قېتىم مەملىكەتلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدە چېمپيۇن بولۇپ، تەڭتۇشلىرى تەرىپىدىن ‹‹جاھاندا تەڭدېشى يوق چامباشچىلىق پىرى›› دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ. بېيجىڭ شەھەرلىك تەنتەربىيە كومىتېتىمۇ ئۇنىڭغا ئالاھىدە مۇكاپات بېرىدۇ.
   لى ليەنجيې 17 يېشىدىن بۇرۇن، شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا، ئافرىقا، ياۋروپا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيالاردا چامباشچىلىقتىن ماھارەت كۆرسىتىدۇ. ئۇ چامباشچىلىق ساھەسىدىن چېكىنىشتىن بۇرۇن دۆلەتكە ۋاكالىتەن 40 نەچچە قېتىم زىيارەتكە چىقىدۇ. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ماھارىتىگە مەپتۇن بولۇپ قالغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى نىكسون ئۇنى ئۆزىنىڭ مەخسۇس قوغدىغۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىدۇ، لېكىن ئۇ رەت قىلىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنىدى.
   ئۇ يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن، بېيجىڭ تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ چامباشچىلىق سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. 1974–يىلى مەملىكەتلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدە ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرىدۇ. 1975–يىلىدىن 1979–يىلىغىچە مەملىكەتلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدە ئۇدا بەش قېتىم چېمپيون بولىدۇ ھەمدە بېيجىڭ شەھەرلىك تەنتەربىيە كومىتېتى تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۇ بۇنىڭ بىلەن 70–يىللاردىكى چامباشچىلىق ساھەسىدىكىلەرنىڭ غالىب سەركىسىگە ئايلىنىدۇ، شۇنداقلا جۇڭخۇا چامباشچىلىقىدىكى ‹‹بىرىنچى ئۇستاز›› بولۇپ قالىدۇ.  لى ليەنجيې ھازىر سىنگاپور دۆلەت تەۋەلىكىدە بولۇپ، ئىلگىرى شياڭگاڭ، ئامېرىكا، سىنگاپورلاردا تۇرغان.
    ئۇ 1982–يىلى ئىشلەنگەن ‹‹شاۋلىن ئىبادەتخانىسى›› ناملىق فىلىمدە باش رول ئېلىپ ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىك فىلىمدە رول ئېلىش ھاياتىنى باشلايدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ھازىرغىچە ‹‹جەنۇبىي، شىمالىي شاۋلىن››، ‹‹جۇڭخۇا قەھرىمانى››، ‹‹خۇاڭ فېيخۇڭ›› يۈرۈشلۈك فىلىملەر، ‹‹فاڭ شىيۈ›› يۈرۈشلۈك فىلىملەر، ‹‹قەھرىمان››، ‹‹جىڭۋۇ قەھرىمانى››، ‹‹جۇڭنەنخەيلىك مۇھاپىزەتچى››، ‹‹دادىغا يېزىلغان خەت››، ‹‹قاتىللار شاھى››، ‹‹تەيجى جاڭ سەنفېڭ››، ‹‹قۇتقۇزغۇچى››، ‹‹خو يۇەنجيا››، ‹‹گۇمپا شاھى››، ‹‹مۇمىيا››، ‹‹ئەزىمەتلەر ئەترىتى››، ‹‹ئاق يىلان رىۋايىتى›› قاتارلىق جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە ئىشلەنگەن كۆپلىگەن ھەرىكەتلىك فىلىملەردە باش رول ئالغان. رول ئالغان فىلىملىرى بېلەت كىرىمى جەھەتتە يۇقىرى سەۋىيە يارىتىپ، نۇرغۇن ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقان بولۇپ، بەزى فىلىملىرىنىڭ بېلەت كىرىمى 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.


10.jpg
11.jpg
12.jpg
13.jpg
6.jpg
7.jpg
8.jpg
9.jpg
3.jpg
01.jpg
2.jpg
4.jpg
14.jpg


    ئەسكەرتىش: مەزكۇر تەرجىمىنى ئاپتورنىڭ ياكى تەڭرىتاغ تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي ھەمدە ئاپتورنى، مەنبەنى ئەسكەرتمەي تۇرۇپ ئىشلەتكەن ھەرقانداق مەتبۇئات، تور بېكەت ۋە شەخس جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ ھەمدە توردا ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىنىدۇ. قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلماي، ئوبرازىمغا دەخلى يەتمىسۇن دېسىڭىز، بۇ تەلەپكە دىققەت قىلغايسىز.  



توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1841
تۆھپە
1555
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 12:23:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي  ۋۇي  خېلى  ئىزدىنىپتۇ ھە،،


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 2

ئىسىمى
ئاتىللا
تىللا
139
تۆھپە
51
UID
8673
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 14:52:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ! بۇ توغرىدا خېلى چۈشەنچىگە ئىگە بوپقالدىم.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
518
تۆھپە
203
UID
6455
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 15:41:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
2324
تۆھپە
1218
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 16:44:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كوپ رەخمەت


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 4

تىللا
326
تۆھپە
200
UID
9313
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 17:46:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ فىلىملەردە رول ئالغاندىكى  ماھارىتى ھەقىقەتەن ھەممىسىلا ساختا كۈرۈنۈش ئەمەسكەن ، قابىليىتىمۇ باركەندە ، مەنمۇ ئامراق ئۇ رول ئالغان فىلىملەرگە . كۆپ ئىزدىنىپسىز ،ئەجرىڭىزگە رەھمەت .


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1379
تۆھپە
886
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 18:18:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇنىڭ بارلىق فىلىملىرى ئىچىدە «جۇڭنەنخەيلىك قوغدىغۇچى» ، «قاتىللار شاھى» دېگەن ئىككى فىلىمىگە ئەڭ ئەمراق .


Rank: 6Rank: 6

تىللا
866
تۆھپە
410
UID
1140

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 18:29:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىڭىزنى ئوقۇپ تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلدۇق. ھېشقاللا!


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئالىمجان
تىللا
155
تۆھپە
90
UID
3936
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 22:55:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لى ليەنجيېدىن   چېڭلوڭ   قابىليەتلىك


Rank: 4

ئىسىمى
نۇر ئەلى
تىللا
410
تۆھپە
188
UID
5237
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 00:42:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھورمەتلىك باشقۇرغۇچى نىدائى ئەپەندىم ياخشىمۇ سېز ؟
مەنمۇ لى لىيەنجىنىڭ چوقۇنغۇچىسى ، ئۇ شاگىرىت قوبۇل قىلامدىغاندۇ؟
مىنىڭ شۇنداق گۇمپا ئۇگەنگۇم بار، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلشىش ئۇچۇن سىنگاپۇرغا بىرىش توغرا كىلەمدۇ ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KIZILYOPURMAK تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-6 00:42  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 10:14, Processed in 0.093118 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991