كۆرۈش: 2261|ئىنكاس: 3

تەنھا كۇبلىتلار(دېھقانى)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
144
تۆھپە
79
UID
22680
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 12:49:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەنھا كۇبلىتلار




شەيتان ۋە ئادەم


شەيتان ھەمراھ ساڭا ئەبەدىي
قەلبىڭنى گەر قاپلىسا شۇملۇق.
قۇل بولسىەن ئاڭا بىر ئۆمۈر
ۋۇجۇدۇڭنى ئوراپ مەھكۇملۇق...



خاتالىق


خاتالىقمۇ بىرخىل نەتىجە
چۈنكى ئاڭا سىڭگەن  كۆپ ئەجىر.
ئېتىراپ قىل ئۇنى سەن دېسە
ساڭا بەكمۇ كېلىدۇ ئېغىر...



ئاقكۈڭۈللۈك


  
ئاقكۈڭۈللۈك يار بولسا ساڭا
ئادەملىككە شۇلا كۇپايە
قوشۇپ ياشا ئاڭا ئەخلاقنى
بولدى، ئېيتما باشقا ھېكايە...



ئىمتىھان


ھايات ئالار ئىمتىھان سەندىن
ھوقۇق، بايلىق، شۆھرەتلەر بېرىپ...
قۇرۇق كەلدىڭ ،قۇرۇق قايتىسەن
كېتەر ھەممە ،تۇپراققا سىڭىپ...



شائىر يۈرىكى


شائىر يازار شېئىرنى دائىم
يۈرىكىگە مىلەپ قەلەمنى.
شۇڭا بالدۇر قېرىپ يۈرەكتىن
كېتەر ئاخىر تارتىپ ئەلەمنى...



پەلەك چاقى



پەلەك چاقى دائىم چۆرگىلەر
توختىماستىن كۈن تۈن نېمىشقا؟
بۇ ھەقىقەت ، ئىنسانغا  پۇرسەت
خاتالىققا تۆۋبە قىلىشقا!


  
شۈكۈر ھەققىدە


  
شۈكۈر قىلىش ئۇدۇم ئەمەس- ئۇ
قانائەتنىڭ ئۇلى-ئاساسى.

يۈكسىلىشكە ئەشەددىي دۈشمەن،

ئادەملەرنىڭ بولسا ساپاسى...


مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەمەتجان زۇنۇن
تىللا
654
تۆھپە
147
UID
4528
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 00:17:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنھا كوپلىتلاردىن ئادىمىيلىك ھەقىقىتى  ، ئىنسان كامالىتى يورۇتۇلۇپتۇ .


Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
273
تۆھپە
180
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 13:57:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۈكۈر قىلىش دىگەن،شۈكۈر قىلىپ ،جىم يىتىڭ ئىلگىرلىمەڭ قانائەت ھاسىل قىلىڭ دىگەن مەنىدە ئەمەس .
شۈكۈر قىلىش  دىگەن قولغا كەلگەنگە تەشەككۇر ئەيتىش ،باشقىلارنىڭ نەسىبىسىگە كۆز قىزارتماسلىق،بولۇپ
قولغا كەلگەن نەتىجىگە تەشەككۇر ئەيتىش بىلەن يەنە كۆپلەپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىخىمۇ
تىرىشىش،تىخىمۇ ئىلگىرلەش دىگەنلىك بولىدۇ.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
144
تۆھپە
79
UID
22680
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 21:47:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xipayi يوللىغان ۋاقتى  2012-10-4 13:57
شۈكۈر قىلىش دىگەن،شۈكۈر قىلىپ ،جىم يىتىڭ ئىلگىرلىمەڭ  ...

بۇ ھەرگىزمۇ ئىگىمىزنىڭ بەرگەن نېئمەتلىرىگە شۇكرى قىلىشنى كورسەتمەيدۇ....

بەلكى بەزىبىر ئادەملەردىكى ھورۇنلۇق، تايىنىۋېلىش ئىدىيىسىنى قامچىلايدۇ....

مۇلاھىزە يۈرگۈزگىنىڭىزگە رەھمەت...


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-19 16:22, Processed in 0.070803 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991