كۆرۈش: 13855|ئىنكاس: 23

ھۆرمەتلىك تورداشلار،ماڭا سەمىمىي مەسلىھەت بەرسەڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

ئىسىمى
ئەلشىر
تىللا
28
تۆھپە
5
UID
29536
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 02:00:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھۆرمەتلىك تورداشلار،ماڭا سەمىمىي مەسلىھەت بەرسەڭلار


    مەن قىز دوستۇم بىلەن تونۇشۇپ يۈرگىلى 3 ئاي بولدى.مۇشۇ جەرياندا بىر بىرىمىزنى خېلى چۈشەندۇق.ئۇ مەندىن 2 ياش چوڭ، شۇ سەۋەبلىك ئۆيدىكىلەر دەسلەپتە قوشۇلمىغان، كېيىن مەن چىڭ تۇرۇپ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزدۈم،ھەم قوشۇلدى، مەن قىز دوستۇمنى شۇنداق ياخشى كۆرىمەن ھەم بەك ھۆرمەتلەپ ئەزىزلەپ ئۆتىمەن، بىراق قىز دوستۇم دائىم مېنى < سىزبەك كىچىك ،ئادەمگە قانداق كۆيۈنۈشنى بىلمەيسىز،دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ.
    ھۆرمەتلىك تورداشلار، سىلەرچە قىزلارغا بولۇپمۇ قىز دوستىغا قانداق مۇئامىلە قىلسا كۆيۈنگەن بولىدۇ؟


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
61
تۆھپە
8
UID
12982
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 13:38:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز راستىنلا بەك كىچىك ئىكەنسىز.........

Rank: 4

تىللا
300
تۆھپە
162
UID
21793
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 16:27:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ كۇندىلىك كەيپىياتىنى ياخشى كۈزۈتۈڭ،كەيپىياتى ناچار چاغلىرىدا ئامال قىلىپ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا تىرىشىڭ. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتەيكى ھەرگىزمۇ شەكىل ۋازلىق قىلماڭ .   سەمىمىي قەلىپ ھامان بىركۈنى ئۇنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ، مەرتلىكنى  ئۆزى سۆيگەن مۇھەببىتىگە بېغىشلاش كېرەك. < سىزبەك كىچىك ،ئادەمگە قانداق كۆيۈنۈشنى بىلمەيسىز›› دېگىنىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ھەرگىمۇ خۇيلۇنۇپ ،ئۇنىڭدىن ئاغرىنىپ يۇرمەڭ ،دېمىسىمۇ يىگىت قىزدىن چوڭ بولغاندا ئاندىن مۇۋاپىق بولدۇ ،ئەممە بۇنىڭدىن ئەندىش قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ،ئەمىلى ھەركىتىڭىز دىن كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ ئەمەسمۇ ،ئەراس قىزلار  يىگىتىنىڭ  دادىسىدەك كۇيۇنىشىنى ئىشقىپ  دادىسىدەك  بۇلىشىنى  ئۈمۈت قىلدۇ .شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن دادىسى توغۇرلۇق كۆپرەك پاراڭلىشىپ بىرىڭ .دادىسىنىڭ خۇلۇق مىجەزلىرىىنى ئۆزىڭىزگە مۇجەسسەملەشتۈرۈڭ.  گەپلىرىم سەل باغلاشماي قالدى . خېخې

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1456
تۆھپە
1133
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 20:13:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرچە بەكلا ئالدىراپ كەتمەڭ بولسا يەنە ئويلوشوپ كۇرۇڭ،ئاتا ئانىڭىز ئامالسىز قوشولغاندەك قىلدۇ،ئەڭ ياخشىسى شۇلارنىڭ ھەقىقى رازلىغىنى ئىلىڭ.

Rank: 2

تىللا
81
تۆھپە
18
UID
10992
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 20:58:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆيدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىشىڭىزغا قوشۇلغىنى باشقا گەپ ، سىز ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى ئويلاشقان بولىسىڭىز بۇ باشقا گەپ ، ئۇنىڭدىن باشقا قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر سىلەرنىڭ ھازىرىڭلار ۋە كىيىنىڭلەرگە قانداق قارايدۇ بۇ يەنە باشقا گەپ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، سىز ئەستايىدىل بولۇڭ . قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ پوزىتسىيىسىنى بىلىپراق بىر ئىش قىلىڭ ، ئوشۇق ئاۋارە بولۇپ قالماڭ .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەيسا بەگ
تىللا
657
تۆھپە
240
UID
4779
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 22:40:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
..............؟.(    )
دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنىڭدەك ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز-ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان!.    ‹‹داغ››دىن

......ھايۋاننى چۈشىنىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقت كەتمەيدۇ ، ئادەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ .....

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1651
تۆھپە
788
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 23:34:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىز دوستۇم دىمەي،بىر قىز بىلەن تونۇشقان ئىدىم دەڭ،قىزنىڭ قىز دوستى،ئوغۇلىنىبڭ ئوغۇل دوستى بولىدۇ .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1269
تۆھپە
698
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 00:00:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىز كاللىسىغا سىزنىڭ ئۆزىدىن ئىككى ياش كىچىكلىكىنى كىرگۈزۋېلىپ، سىزنى ئۆزىگە كۆيۈنمەيۋاتقاندەك ھىس قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئادەتتە يىگىت قىزدىن چوڭ بولسا قانداق كۆيۈنۈشنى بىلىدۇ دەيدىغان ئىدىيە بار، مۇشۇ ئامىللارنىڭ تەسىرىمۇ باردەك قىلامدۇ قانداق؟

Rank: 1

ئىسىمى
ئەلشىر
تىللا
28
تۆھپە
5
UID
29536
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 00:39:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ماڭا ۋاقىت چىرىقىرىپ تەكلىپ قالدۇرغىنىڭىزغا رەخمەت،قىزلار دېمىسىمۇ ئوغۇللارغا قارىغاندا قىزلارنى بەكمۇ چۈشىنىدۇ دەپ قارايمەن.مەنمۇ ئۇ قىزنىڭ ئالدىدا قەتئىي ياسالمىلىق قىلمايمەن،ئۇنى ھەم بەك ھۆرمەتلەپ كىلىمەن،بەلكىم شۇ سەۋەبلىك مەن بىرەر ئىش قىلماقچى بولسام ئالدى بىلەن ئۇ قىزدىن مەسلىخەت سورايمەن،پىكىر ئالىمەن،ئىشقىلىپ بىرەر ئىش قىلماقچى بولسام ئۇ قىزنىڭ مەسلىخەتى بويىچە ئىش كۆرۈپ كەلدىم،شۇ سەۋەبلىك ئۇ مېنى ‹ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشى يوق،ئۆزىڭىز ئاكتىپ ئىش قىىلالمايسىز،›دېگەندەك گەپلەنى قىلىدۇ،مەن زادى ئۇنىڭدىن پىكىر ئېلىشىم كېرەكمۇ ياكى ئۆز ئالدىمغا نىمە ئىش قىلىشىم كېرەكمۇ؟


مېنىڭمۇ شۇنداق ئوماق تاتلىق سىڭلىم بار،شۇ سەۋەبلىك كىچىكىمدىم ئانام ماڭا،‹قىزلارنى بوزەك قىلما،ئۇلارغا كۆيۈن،سەن قىزلارغا قانداق مۇئامىلە باشقىلارمۇ سىڭلىڭغا شۇنداى مۇئامىلە قىلىدۇ › دەپ تەربىيە قىلىپ كەلگەن ، شۇ سەۋەبلىك مەن ئۇ قىزنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىشنى قەتئىي خالىمايمەن،چۈنكى بۇ دۇنيا ھەقىقەتەن ئۆتنە جاھان ئەمەسمۇم،ئامال بار ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلىپ ،ئۇ قىزنى خۇشال قىلىشقا تىرىشىپ كەلدىم،...گەپنىڭ ئوچۇقى ئۇ قىزنى بەكمۇ ۋاي دەيتىم،



Rank: 1

ئىسىمى
ئەلشىر
تىللا
28
تۆھپە
5
UID
29536
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 00:49:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayberchin يوللىغان ۋاقتى  2012-10-4 00:00
قىز كاللىسىغا سىزنىڭ ئۆزىدىن ئىككى ياش كىچىكلىكىنى كى ...

دېگەنلىرىڭىزنىڭمۇ ئاساسى بار ، دېمىسىمۇ ھازىر ئۇ قىز خۇددى ماڭا كۆيۈنىۋاتقاندەق ھېس قىلىمەن``مەنمۇ ئامال بار خىزمىتىم ئالدىراش بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ ئۇ قىز بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىمەن،ئۇ قىزنىڭ ئۆيى ئايدىروم ئىستانسىسى ئەتراپتا بولغانلىقتىن پەقەت ئۇ قىز ئىشتىن چۈشكەندە ئۆيىگىلام ئاپىرىش جەريانىدا پاراڭلىشىپ قىلالايتۇق،...مەن ئىلگىركى قىز بالىغا كۆيۈنگەندىن بەك كۆيۈنۈپ كەلدىم`لېكىن شۇنداقتىمۇ يەنە ئاشۇنداق گەپلەرنى قىلىدۇ،شۇنداقتىمۇ مەن يەنە بەكرەك كۆيۈنۈشنى ئويلاپ كەلدىم`لېكىن ئويلىسام سەل ياسالمىلىق قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن،ئۇنداق قىلىشقا ئۇنىمىدى،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-19 16:16, Processed in 0.080061 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991