كونا كىتاپ ئىزدەيمەن
مەن ئادەتتە نەشىر قىلىنغىنىغا 20 يىلدىن ئاشقان كىتاپ- ژورناللارنى يىغىپ ساقلاشنى ياخشى كۆرىمەن(ئۇ چاغدىكى كىتاپلارمۇ ساقلاشقا ئەرزىگۈدەك كىتاپلار ئىدى)."ئىز"،"ئۆچمەس ئىزلار"،"رامىزاننىڭ ئون يەتتىسى"،"مېھراپتىن چايان"، "چالىقۇشى"،"ئۆتكەن كۈنلەر" قاتارلىق نۇرغۇن كىتاپلارنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولساممۇ، لېكىن بىر قىسىم كىتاپلارنى زادىلا تاپالمىدىم. نەدىن تاپقىلى بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. ماڭا ياردەم قىلساڭلار.
ئايشەم ئەخمەتنىڭ "باغداش چېچەكلىرى"، ھىندىستان يازغۇچىسى گورشىن ناندانىڭ "مۇھەببەت ئۇچقۇنى" ۋە "يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك". ئەسلى بۇ كىتاپلار ئۆزۈمدىمۇ بار ئىدى، ئېھتىياتسىزلىقتىن يۈتتۈرۈپ قويدۇم. بۇ ئۈچ پارچە كىتاپنى ئىزدىگىلى بەك ئۇزۇن بولدى، يەنە 90_ يىللىدىن بۇرۇن نەشىر قىلىنغان "دۇنيا ئەدەبىياتى" ژورنىلىنىڭ توپلاملىرىنىمۇ ئىزدەيتتىم.
بىلىدىغان يولداشلارنىڭ مەن ئىسمىنى ئاتىغان كىتاپلارنى قەيەردىن تاپالايدىغانلىقىمنى ئېيتىپ بېرىشىنى ياكى پايدىلىق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. (مېنىڭ ئورنۇم قەشقەردە )