كۆرۈش: 389674|ئىنكاس: 84

ئەرلەرنىڭ قەدىرلىشىگە ئەرزىيدىغان ئاياللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5554
تۆھپە
2452
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 16:15:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

82.jpg


ئابلېكىم ئەمەت فوتوسى ( ماتېرىيال سۈرەت )


    ئادەمنىڭ قەلبىنى چۈشىنىشكە ماھىر ئايال . بۇنداق ئايال ئىنتايىن ئېھتىياتچان ،تۈزىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ ،ئۇششاق –چۈششەك ئويلىغانلىرىڭىزنى سېزىۋالالايدۇ.
    ئاق كۆڭۈل ئايال . بۇنداق ئايال سىزگە ئىشەنچ ئاتا قىلالايدۇ،سىزنى ھاياتىدىكى ئەڭ قەدىردان ئادىمى دەپ قارايدۇ. ئۇ، سىزگىلا ياخشى مۇئامىلە قىلىپلا قالماستىن، يەنەئاتا-ئانا ،ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىزغا، قوشنا –قۇلۇملىرىڭىزغا ، خىزمەتداشلىرىڭىزغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ .ئۇلارنىڭ ئايالىڭىزنى ماختىغانلىقىدىن سىزنىمۇ ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
     تەبىئىي گۈزەل ئايال . بۇنداق ئاياللار گۈلدەك ياسىنىپ ،كېپىنەكتەك ئۇچۇپ يۈرىدىغانلاردىن ئەمەس ،كەيپ-ساپالىق تۇرمۇشقا ئىنتىلمەيدۇ .قۇرۇق ئابرۇي ۋە بايلىق قوغلاشمايدۇ. بىراق، ئۆزىنى ياساپ كۆزىڭىزگە يېقىشلىق كۆرۈنۈشنى بىلىدۇ. چاكىنا ئەمەس، ئۇ سىزنى تەبىئىي مىجەز –خۇلقى ، ساددىلىقى بىلەن خۇشال قىلسا ، ئورۇنلۇق گەپ-سۆزلىرى بىلەن ئازادىلىك ھېس قىلدۇرىدۇ.
    ئەقىل –پاراسەتلىك ، نازاكەتلىك ئايال . ئۇ، ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ ،تۇرمۇشتا ئېگىز- پەسنى ، ئاچچىق –چۈچۈكنى ، بار –يوقنى ، ئائىلە شارائىتىنى ، ئىمكانىيەتلەرنى پەملەيدۇ. ئەقىل-ھۇشى بىلەن ئىش تۇتۇپ ،كەم-كۈتە تەرەپلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئۇ، يەنە قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققىنىڭىزدا ئالدىڭىزدا پەيدا بولىدۇ. بۇنداق ئايال پىكرىڭىزنىڭ ئاچقۇچى ، ئىزچىل تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلىشىڭىزگە ياردەم بەرگۈچى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ.
    ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئۈمىدۋار ئايال . بۇنداق ئايال كەڭ قورساق بولىدۇ .سىزنى سۆيگەنلىكىگە يۈرىكىدىن رازى بولىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىڭىزغا ، جاسارەتلىك، پارەسەتلىك ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىدۇ. ئوڭۇشسىزلىقىڭىز بىلەن ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ. قىيىنچىلىقنى تەڭ كۆتۈرۈپ ، ئالغا ئىلگىرلىشىڭىزگە تۈرتكەبولىدۇ.
   قەدىر–قىممىتىنى ساقلىيالايدىغان ئايال . بۇنداق ئايال ئۆز ئوبرازىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدۇ. بىراق ، سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا قىلچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.        
    ئىقتىسادنى باشقۇرالايدىغان ئايال . بۇنداق ئايال سىزنى غەمدىن خالاس قىلىدۇ.قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
   سۆزگە ئىتىبار بېرىدىغان ئايال . ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئلاھىدىلىكىگە قاراپ مۇڭدىشىپ ئولتۇرالايدۇ. سىز ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇھىتى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. باشقىلارنى رەنجىتىپ قويمايدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
26
تۆھپە
12
UID
159
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 17:56:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق  ئاياللارمۇ بامىدۇ جاھان دا


Rank: 2

تىللا
60
تۆھپە
40
UID
255
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 22:58:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ تەكرار ئىنكاسلارنى يوقىتىڭلارچۇ.
جاۋاپ: بار


Rank: 2

ئىسىمى
مەردان
تىللا
104
تۆھپە
18
UID
263
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 23:14:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەكورمگەن ئىشلا تولا


Rank: 2

ئىسىمى
مەردان
تىللا
104
تۆھپە
18
UID
263
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 23:16:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوسلا ھەيران بولمايلى بەش قول تەڭ ئەمەس


Rank: 1

تىللا
18
تۆھپە
6
UID
275
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 00:33:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ھەمىسى مۇكەممەللەشكىنى يوق


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1804
تۆھپە
1101
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 01:47:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئاياللار بەكلا ئاز جۇما ،،،،،،،  مەن بىرنى تاپقان بولدۇم~!


Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
1
UID
316
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 12:24:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        مىنىڭچە ئۆز ئايالىمىزنى ئۇنداق ياكى مۇنداق دىگەندىن كۆرە كۆپرەك ئۆز ئايالىمىزنى ئويلاپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلگىنىمىز ياخشىراق.
        گەرچە ئايالىم ماڭا ئانچە بەك كۆيۈنىپ كىتەلمىگەن بولسىمۇ مەن ئۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى. چۈنكى دوختۇر ئۇنىڭغا بالا تۇغماسلىقىنى، ئەگەر بالا تۇغسا ھاياتىغا خەۋىپ يىتىدىغانلىقىنى دىگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا جاننى ئالقانغا ئەپ قويۇپ، ماڭا ئىككى پەرزەنت تۇغۇپ بەردى. شۇڭا مىنىڭ ئۇنى ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق دىيىشكە ھەققىم يوق....................


Rank: 8Rank: 8

تىللا
501
تۆھپە
223
UID
50

تەڭرىتاغ گۈزىلىمېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 12:44:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tuman يوللىغان ۋاقتى  2011-9-28 01:47
بۇنداق ئاياللار بەكلا ئاز جۇما ،،،،،،،  مەن بىرنى تاپق ...

بىر بولسا بولا...نەچچىنى تاپاي  دېگەن؟!


قەلبلەر مۇھەببەتكە  تولسۇن!

Rank: 1

تىللا
12
تۆھپە
2
UID
347
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 18:25:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋادا ئايالىڭىز ياخشىلىق ياراشمايدىغان ،مۇنداقچە ئېيتقاندا ياخشىلىق سوغۇق كېلىدىغان خوتۇن بولسىچۇ؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 12:07, Processed in 0.080812 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991