تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 33201|ئىنكاس: 35

شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىدىكى ماھىرلاردىن سورايدىغان نېمە سوئالل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5591
تۆھپە
2464
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 19:33:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىدىكى ماھىرلاردىن سورايدىغان نېمە سوئاللىرىڭىز بار؟


   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ياخشىمۇسىلەر، بۇ تېمىنى ناھايىتى جىددىي يېزىپ قالدىم، چۈنكى بىز ئەتە ، يەنى 31-ماي چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلىرىمىزنى زىيارەت قىلىپ فىلىم ئىشلىمەكچى بولىۋاتىمىز. شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىمۇ تەڭرىتاغ تورىمىزنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق مۇسابىقىنى تولۇق سۈرەتكە ئېلىپ، ۋاقتىدا خەۋىرىنى بېرىپ، ئۆزلىرىنى يېقىندىن قوللىغانلىقىغا كۆپ تەشەككۈرلەر ئېيتتى ھەمدە بىزنىڭ ئەتىكى سۆھبىتىمىزگە يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . شۇڭا تورداشلىرىمىزنىڭ پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىزدىن سورايدىغان قانداق سوئاللىرى بولسا مۇنبەردە ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز تورداشلىرىمىز سورىغان سوئاللاردىن ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگىلىرىنى تاللاپ، پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىزدىن سوراش ئارقىلىق تورداشلارنىڭ پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىزگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى، بۇ ئارقىلىق شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى قوللايدىغان پۇتبول سۆيەر كىشىلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
    قېنى ئەمسە قانداق سوئالىڭىز ياكى يۈرەك سۆزلىرىڭىز بولسا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇڭ، بىز ئەتە سىزنىڭ سوئالىڭىز ياكى يۈرەك سۆزىڭىزنى ئەشۇ پۇتبولچىلىرىمىزغا يەتكۈزىمىز.


كامالىي ئېھتىرام بىلەن:


تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

ئىسىمى
تۇرغۇنجان
تىللا
60
تۆھپە
18
UID
16645
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 20:08:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجاننىڭ يۇرتى قەيەردۇ؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
569
تۆھپە
292
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 20:27:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ سۇئالىم شۇكى- سىلەرنىڭ شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويماي ئۇلارغا ياخشى جاۋاپ بېرىشىڭلارغا ئىشەنچىڭلار بارمۇ؟
مەن سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ كىيىنكى ئەۋلاتلار ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن... ئاللا خالىسا 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېرگۇڭ يىشىل مەيدانىدا كۆرۈشەيلى!!


Rank: 4

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
358
تۆھپە
165
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 20:43:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ تاشئالما كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ئىسمى، يېشى قاتارلىقلارنى بىلگۇم بار.


Rank: 4

تىللا
362
تۆھپە
73
UID
489
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 21:57:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ئالدىنقى قىتىملىق مۇسابىقىدىكى غەيرەت - شىجائىتىگە ئاپىرىن ئوقۇش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى مۇسابىقىلەردە تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇشنى شۇنداقلا ئا دەرىجىلىكلەر قاتارىغا كىرىشنى چىن قەلبىمدىن تىلەيمەن.
1- كوماندىنىڭ ‹ تاشئالما › دىگەن ئىسىمى نىمە سەۋەپتىن قويۇلغان؟ پوتبولغا نىسبەتەن بۇنىڭ قانداق مەناسى بار؟( بۇ ئىسىمنى مەن باشتا كۆرۇپلا شۇنداق ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم، شۇنداق يىقىشلىق )
2- مەيداندىكى 30 - 40 مىڭغا يىقىن پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھۇررا سادالىرى ئىچىدە، توپ تەپكەندە قانداق ھېسياتتا بولدىكەنسلەر، بولۇپمۇ تەڭدىن تولىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى كۆرۇپ تۇرۋاتقان ۋاقتىڭلاردا؟
3- سىلەر ھازىر پۈتكۈل ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقنى مەملىكەت ئىچى - سىرتىغا تونۇتۇش ۋە ھۈكۈمەت ئورگانلىرى ۋە مۇشۇ تۈرگە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقنى تەرەققىي قىلىدۇرۇشتىن ئىبارەت شارائىت ۋە مەبلەغ ھازىرلاپ بىرىش ئۈچۈن يول ئاچىدىغان بىر پۇرسىتىڭلار، سىلەر مۇشۇنداق زور ھەم ئېغىر بولغان ۋەزىپىنى زىممەڭلارغا ئىلىپ، ئا دەرىجىلىكلەر قاتارىغا كىرىشىڭلار ئۈچۈن قانچىلىك تەييارلىق قىلىدىڭلار؟ ھەم بۇندىن كىيىن مۇسابىقلىشىدىغان كومانداڭلارنى قانچىلىك چۇشۇنىسلەر؟ سىلەر تاقابىل تۇرالايمىز دىيەلەيدىغان كوماندا قانچە؟ سىلەردىن كۈچلۈك بولغان كوماندا قانچىلىك؟
4- شىنجاڭدىكى بارلىق پۇتبول ھەۋەسكارلىرىغا دەيدىغان قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىلار بار؟
بولدى مەن مۇشۇنچىلىك سوراپ تۇراي يەنە نۇرغۇن سوئاللىرىم بار ئىدى بىراق بەزى سوئاللارنىڭ خاراكتىرى ئۆزگىرىپ كىتىدىغاندەك قىلىدۇ.يەنىي ھۆكۈمەتنىڭ سىياستىگە تاقىلىپ قالدىغاندەك قىلىدۇ.شۇڭا مۇشۇنچىلىك بولسۇن.


Rank: 1

تىللا
21
تۆھپە
3
UID
16993
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 23:22:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
پۇتبول كەسپى ئاتالغۇسىدا ئالۋاستى مەيدان دەيدىغان بىر ئاتالغۇ بار ئىكەن ،مۇشۇ ئاتالغۇنى شەرھلەپ بەرگەن بولسىڭىز ؟  بىزنىڭ مۇشۇ ئالۋاستى مەيدانىمىزدا توپ تەپمەك سىلەر ئۇچۇن قانداق پايدىلىق شارائىتلارنى ۋە پايدىسىز ئامىللارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ؟
ھازىرغا قەدەر سىلەر پۈتۈن كوماندىلار ئىچىدە ئەڭ ئاز توپ كەتكۈزگەن كوماندا ھېسابلىنىسىلەر ، بۇنىڭدىن سىلەرنىڭ مۇداپىيەچىلىرىڭلارنىڭ سەرخىل ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ . لېكىن ھۇجۇم جەھەتتە ئورغان توپلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئورۇنى بەلگىلەنگەن توپلار ، ئوتتۇرا مەيداندىن پاسلىشىپ ئەكىرىپ ئورغان توپلىرىڭلار يوق دىيەرلىك ، مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا  ، مەسىلە  ھۇجۇمچىلاردىمۇ ياكى ئوتتۇرا مەيداندا توپ كونترول قىلىپ بىردىغان توپچىلاردىمۇ ؟


Rank: 2

تىللا
145
تۆھپە
16
UID
7532
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 23:57:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەر بەلكىم پۇتكۇل مۇسابىقە جەريانىدا ئۇتۇپ چىقىشنى ،چېمپىيون بۇلۇشنى  ئارزۇ قىلۋاتىسىلەر بىزمۇ  ئەلۋەتتە شۇنداق بولىشىنى ئارزۇ قىلىمىز ،ھېچقايسىمىز سىلەرنىڭ ۇتتۇرۋېتىشىڭلارنى خالىمايمىز.ئەمما مۇسابىقىدە ئۇتۇش ئۇتتۇرۇش بۇلۇپ تۇردۇ ، پەۋقۇلاددە ئۇتتۇرۋېتىپ قالساڭلار قانداق قىلىسىلەر ؟سىلەردە مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا بەرداشلىق بىرىشكە ئىدىيىدە تەييارلىق بارمۇ؟شىنجاڭ خەلقىگە قانداق جاۋاپ بېرىش تەييارلىقى بارمۇ؟ھازىر سىلەردە روھى بېسىم بارمۇ؟
مىنىڭ ئۇمۇت قىلىدىغىنىم ھەرگىز غەم ئەدىشىگە چۇشىپ قالماي ئوزەڭلەرنى ئەركىن قويىۋېتىپ ،ئۇز ئىتىدارىڭلىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ نەتىجە يارىتىشقا تىرىشىڭلار ،ئاداققىچە بوشاشماي تىرىشچانلىقلا كورسىتىدىكەنسىلەر  خەلقىمىز سىلەرنى قوللايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەپرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-30 23:59  



Rank: 1

تىللا
35
تۆھپە
12
UID
15442
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 00:02:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىككى قېتىملىق مۇسابىقىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. ھەر ئىككى قېتىم شۇنداق ھاياجان ئىچىدە كۆردۈم. بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن ئوينىغان ۋاقىتتا ئىككىنچى قېتىم توپ كىرگەندىن كىيىن ۋاقىت ئىتتىك  ئۆتۈپ مۇشۇ غەلبە بىلەن تۈگىسە بولاتتى دىگەن ئويدا سائەتكىلا قاراپ ئولتۇردۇم. مىنىڭ سىلەرگە دەيدىغان گىپىم :  «غەيرەت قىلىڭلار!بىز سىلەرنى قوللايمىز ،سىلەرگە ئىشىنىمىز !پۇتۇن دۇنياغا بىزنىڭمۇ مەۋجۇتلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ قويۇڭلار.»
«سىلەر بىزنىڭ ھۇررا سادايىمىزنى ئاڭلىغاندا ھاياجانلىنامسىلەر؟بىزنىڭ شۇ ھۇررا سادايىمىزغا نۇرغۇن مەنا يوشۇرۇنغانلىقىنى ھىس قىلالامسىلەر؟ »


Rank: 6Rank: 6

تىللا
934
تۆھپە
152
UID
4871
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 00:57:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقىمىز سىلەرنى قوللايدۇ.


Rank: 4

تىللا
286
تۆھپە
76
UID
5302
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 01:42:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق ئۇيغۇر خەلقى سىلەرنى قۇلايدۇ ،سىلەرنىڭ غەلبە قىلشىڭلارنى  چىن يۇرىگىدىن ئۇلۇق ئالادىن تىلەيدۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-11 03:15, Processed in 0.095657 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991