ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى جۇۋازدا ياغ تارتىش ھۈنىرى
(مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر)
جۇۋازچىلىق-پۈتۈنلەي ياغاچتىن پايدىلىنىپ ياسىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئۇزۇن،ئۆزگىچە مىللى يەرلىك ئالاھدىلىكىگە ئىگە تەۋەرۈك غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسى بايلىقى.ئەنئەنىۋى ياغ تارتىش كەسپى .
توك يوق، سانائەت تەرەققى قىلمىغان ۋاقىتلاردا ئەمگەكچان،ئەقىل پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقىمىز سۇنىڭ قانۇنيەتلىك ئېقىش ھەركەت كۈچىدىن پايدىلىنىپ،سۇ تۈگمىنىنى ئايلاندۇرۇپ، بوغداي،قۇناق قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنى تالقان قىلىپ،ئۇن تارتىپ ئسىتىمال قىلىپ كەلگەن بۇلسا،ھايۋانلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ،جۇۋازدىن ئىبارەت بۇ ئاددى ياغاچ قۇرۇلمىلىق،مىخانىكىلىق ئۈسكىنىنى ھەركەتلەندۈرۈپ،زېغىر،زاغۇن،زاراڭزا،ياڭاق قاتارلىق مايلق زىرائەتلەردىن ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ياغ تارتىپ،ئىستىمال قىلىپلا قالماستىن بەلكى،چىراغ يۇرۇتۇش،كىسەل داۋالاشتا كەڭ ئىشلەتكەن.
بۈگۈنكى كۈندە بۇلسا: ئىلىكتىر سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى،ئىقتىزادى تۇرمۇشنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرلىشى بىلەن ئۇن تارتىش تۈگمىنىدىن ئۇن زاۋۇتىغا،جۇۋازچىلىقتىن ياغ تارتىش زاۋۇتلىرغا تەرەققىي قىلىپ،كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجىنىڭ سۇسلىشى بىلەن ئىستىمالدىن چۈشۈپ قالدى.
ھازىر ئەنئەنىۋى جۇۋازچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار يوق دىيەرلىك،بۇلسىمۇ ساناقلىقلا. شۇنداقلا يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى.
جۇۋازچىلىق ئادەتتە تۈۋەندىكى سايمانلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.
ئادەتتىكى بىر ئېغىز ئۆي،(جۇۋاز قاتىدىغان كالا ئەركىن ھالەتتە ئايلانغۇدەك بۇلسا بۇلىدۇ) گۇندا،باچكا،قايچا،ئوق،لەنگەر. بوڭ،چۈلۈك،پوتلا،بويۇنتۇرۇق، ياغ قاپىقى( ياغ ئېلىش قاچىسى)،تېڭىق ئۈچۈن ئارقان،ياغاچ كۆتۈكىگە ئېلىپ قويىدىغان تاش،تۇلۇمچىلاپ سويۇلغان تېرە(تۇلۇم)،قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.ئاساسى ماتىريالى بۇلسا ياغچتىن ياسىلىدۇ.
جۇۋازنىڭ قۇراشتۇرلىشى:
بىر مىتىر ئىگىز قۇچاق يەتمەيدىغان كۆتەك ئۆي ئوتتۇرسىغا بىكىتىلىدۇ.كۆتەكنىڭ ئۈسىتى كەڭ،ئاسىتى تار قىلىنىپ،ئويۇق ئويۇلۇپ،ئاستىغا ئامۇت ياكى ئالما ياغىچىدىن ئاغىزى كىچىك قورسىقى يوغان ئويۇلغان باچكا قويۇلىدۇ.كۆتەنىڭ ئاستىنقى بىر تەرپى ئويۇلغا بۇلۇپ،بۇ ماي قاپىقى (ماي قاچىسى) قويۇلىدىغان ئۇرۇن بۇلىدۇ.
مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان كۆتەك گۇندا دەپ ئاتىلىدۇ.
ئاچا شەكىلدە ئۆسكەن قارغاي ياغىچىدىن قايچا ياساپ گۇندىغا ئاچىنى تىرەپ قويىدۇ.ئاچىنىڭ كۆتىكى تەرپىنى ياپىلاق قىلىپ،ئوتتۇرسىغا بىر ئويۇق ئويۇپ،ئويۇققا قىلچاڭ دەپ ئاتايدىغان ياغاچنى تىك بىكىتىپ،ئۇنىڭ ئۇچچىغا ئېچىلغان تۈشۈككە چۈلۈك ياغاچ ئويمىنى يىپ ئارقىلىق بىلەن تېڭىپ تۇرغۇزىلىدۇ.ئاندىن ئوق ياغاچنىڭ بىر ئۇچچىنى گۇندىدىكى باچكىغا،يۇقۇرقى ئۇچنى پوتلا ياغاچقا تېڭىپ قويۇلغان ياغاچ ئويما بۈلەك ئىچىگە كىرگۈزۈپ قويۇلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن تىك تۇرغان ئوق ياغاچ قايچا(ئاچا)ياغاچنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.گۇنىدىنى ئارغا ئېلىپ تۇرغان قايچا ئاچىسىنىڭ تاشقى تەرپىگە بويۇنتۇرۇق بىكىتىلگەن بۇلۇپ،بۇنىڭغا كالا قوشۇلىدۇ
جۇۋازنىڭ ئىشلەش،ماي چىقرىش پىرىنسىپى:
جۇۋازدا ياغ تارتىش مەشخۇلاتى قىلىشتىن بۇرۇن،جۇۋازغا قاتىدىغان كالنىڭ كۆزىنى يۆگەپ،ئۇراپ قويىدۇ.بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت،كالىنىڭ توختاپ قالماسلىقى ۋە بېشى قېيىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر.
ماي چىقىرىش ئۇسۇلى:
ماي چۈشۈدىغان باچكا ئىچىگە مايلىق دان چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن،ھەيدەشتىن بۇرۇن قايچا ياغاچنىڭ كۆتەك تەرپىگە تاش ئىلىپ قويىدۇ.تاش ئېغىرلىقى بىلەن تىك تۇرغان ئوق بەش گىرادۇستلۇق يانتۇلۇق ھاسىل قىلىدۇ.كالا ھەيدەلگەندە جۇۋازچى چىگىنى ئوق ئاستىغا ئىتتىرىدۇ،ئاق تاشىنىڭ ئېغىرلىقى بېسىم بىلەن چىگىتنى يانجىيدۇ.چىگىت كۈنجۈرگە ئايلانغاندا مايلىق دان سېلىنىدۇ.جۇۋاز ئۆز ئۇقىدا ئايلىنىدۇ.ئوق ئاستىدا دان يانجىلىنىدۇ.دان يانجىلىپ بۇلغاندا چىغ بېسىلىدۇ. چىغنىڭ يانجىلىش بېسىمى ئارقىلىق ياغ قاچىسىغا داندىن ماي تامىدۇ.
جۇۋازنىڭ
رەسمى مەشغۇلات باشلانغاندا جۇۋاز ئوقىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇررۇش ئۈچۈن،جۇۋاز تارتقۇسى بىكىتىلگەن ئۇرۇنغا 200 كىلوگىرام ئېغىرلىقتا قۇم تاغار ياكى تاش بېسىپ قويۇلىدۇ.
جۇۋاز ھەيدەلگەندە گۇندا قىسمىدىن باشقا بۆلەكلىرى ھەممىسى تەڭ ھەركەتلىنىدۇ.جۇۋازچى پاكىز ئادالىنىپ،ئىلمان سۇ بىلەن نەمدەلگەن ئاپتاپپەرەس،قىچا ،زاغۇن،زېغىر،كەندىر قاتارلىق مايلىق زىرائەتلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا باچكىغا تۆكۈپ،ئۇنى قولى بىلەن جۇۋاز ئوقىنىڭ ئەتىراپىغا ئىتتىرپ،ئايلىنىپ ماڭىدۇ.ياغلىق دانلار باچكا ئىچىگە ئىزىلىپ،ئاجىرلىپ چىققان ماي باچكىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى تۈشۈك ئارقىلىق گۇندىنىڭ قورساق قىسمىدىكى قاپقان ئىچىگە قويۇلغان ماي قاپىقى (ماي قاچىسى)غا توختىماي تېمىپ چۈشۈشكە باشلايدۇ.
جۇۋازچىلىقنىڭ ئالاھىدىلىگى:
جۇۋازچىلىق ئۆزگىچە مىللى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بۇلۇپ،شەكلى ئاددى،ئۇنىڭدىن تارتىلغان ماي سۈپەتلىك ھەم قۇۋەتلىك،تەننەرخى ئەرزان.
لوپ ناھىيلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە،رادىيئو-كىنو تېلىۋىزىيە ئىدارسىدىن : مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر(سەرتۇغ)
جۇۋازدا ياغ تارتىش جەريانى

جۇۋاز قانۇنيەتلىك ھالدا كالنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئوڭدىن سولغا ئايلىنىدۇ.
جۇۋاغا قاتقان كالىنىڭ بېشىنى ئوراپ قويىدۇ.(بېشى قېيىپ قالماسلىق،توختاپ قالماسلىق ئۈچۈن)
جۇۋاز ھەيدىگۈچى بىرتەرەپتىن كالنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئايلىنىپ،مايلىق زىرائەتنى باچكىنىڭ ئىچىدىكى ئوققا ئىتىتىرىپ ماڭىدۇ.ئوق مايلىق زىرائەتنى يانجىيدۇ.
ئوقنىڭ مايلىق زىرائەتنى ئىزىش بېسىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن،جۇۋازنىڭ ئالدى تەرپىگە 200 كىلوگىرام تاش ياكى قۇم قويۇلىدۇ.