تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 15062|ئىنكاس: 14

ساغلاملىققا پايدىلىق 8 خىل يېمەكلىك(2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
254
تۆھپە
37
UID
4006
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 15:36:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ساغلاملىققا پايدىلىق 8 خىل يېمەكلىك(2)


6417DA43A25A0661DD421946DD25EF31.jpg


   بەشىنچى. موگۇ
   1. ئوزۇقلۇق مول: موگۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل مىقدارى %30 تىن يۇقىرى، ئادەتتىكى كۆكتاتلار ۋە مېۋىلەردىن خېلىلا يۇقىرى تۇرىدۇ، يەنە كۆپ خىل ۋېتامىن ۋە مول مىقداردىكى كالتىسىي، تۆمۈر قاتارلىق مېنىرال ماددىلار بار. ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئۆزى سېنتىزلىيەلمەيدىغان، بىراق يەنىلا زۆرۈر بولغا 8 خىل ئامىنو كىسلاتاسى بار.
   2. ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ: قىشلاق موگۇ قۇياشنىڭ يورۇتۇشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، تەركىبىدىكى ئالاھىدە ماددىلار ۋېتامىن D غا ئايلىنىدۇ. ئۇ ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن، قاشلىق كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولىدۇ. قىشلاق موگۇ يەنە ئادەم بەدىنىنى غىدىقلاپ تېخىمۇ كۆپ بولغان ئىنتېرفېرون ھاسىل قىلىپ، بەدەن ئىچىدىكى زەھەرلىك ۋىرۇسلارنى يوقىتىدۇ، شۇڭا موگۇنىڭ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك رولى بار.
   3. ئورۇقلاش: موگۇنىڭ تەركىبىدە زور مىقداردا ئانئورگانىك تەركىبلەر، ۋېتامىن، ئاقسىل قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمنىتلار بولسىمۇ، بىراق ئىسسىقلىق مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن، دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسىمۇ كىشىنى سەمىرىتمەيدۇ. شۇنداقلا موگۇ تەركىبىدىكى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئۆسۈملۈك سېللۇلوزا بولۇپ، قاندىكى خولىستىرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ. موگۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C ئادەتتىكى مېۋىلەرنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى مېتابولىزىم ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

9486BF4796380C78AA687B30B3134676.jpg


   ئالتىنچى. چوڭ پۇرچاق:
   1. ئۆسمىنى تىزگىنلەيدۇ: پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنىڭ تەركىبىدىكى ئىزوفلاۋون بىلەن گېنىستىن بولسا كۈچلۈك بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رېئاكتىۋى بولۇپ، ئاياللاردىكى سۈت بېزى راكى ۋە بالياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولۇشنى تۆۋەنلىتىشىتە ياردىمى بار.
   2. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ: چوڭ پۇرچاق تەركىبىدە تۇيۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى كۆپرەك بولۇپ، تاجىسىمان يۈرەك كېسلى، يۇقىرى قان بېسىمى، ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ياخشى يېمەكلىك.
   3. قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ: قارا پۇرچاق بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئارتېرىيە قېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش رولى بولۇپلا قالماستىن، تەن ئىچىدىكى ئەركىن رادىكاللارنى يوقىتىپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.

CF5841FD7964B21B0CF4251E28D7EF37.jpg


   يەتتىنچى. تۇخۇم
   1. ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ: تۇخۇم تەركىبىدىكى لېتسىتېن، تىرى گلىتسىرىد، خولېستىرىن، تۇخۇم سېرىق ماددىسى قاتارلىقلار بولۇپ، نېرۋا سىستېمىسى ۋە بەدەننىڭ يېتىلىشدە ناھايىتى چوڭ رولى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەستە ساقلاش ئىقتىدار چېكىنىشنى بەلگىلىك دەرىجىدە توساش رولى بار.
   2. ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش: يېڭى پىشۇرۇلغان قىزىق تۇخۇمنى يۈزدە بىر نەچچە مىنۇت دومىلاتسا، يۈز تېرىسىدىكى قان نەيچىلىرىنىڭ كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان ئايلىنىشىنى كۈچەيتىپ، تېرە تۇخۇمدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرىدۇ، قايتا يۈزنى سوغۇق سۇدا يۇسا تۈك تۈشۈكچىلىرى ۋە قان تۇمۇرلىرى تارىيىدۇ، بۇ بىر خىل ھەم ئىقتىسادچىل ۋە ئاددىي بولغان ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ئۇسۇلىدۇر.
   3. روھسىز بولۇشتىن ساقلايدۇ: ئەگەر ئادەم بەدىنىدە ۋېتامىن B2 كەمچىل بولسا، ئادەمنىڭ كەيپىياتى سۇسلىشىپ كۈنبويى ئېزىلەڭگۈ، پۈتۈن بەدىنى كۈچسىز بولۇپ قالىدۇ. ھەر كۈنلۈكى 2-1 تال تۇخۇم يەپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرسا، روھىڭىز كۆتۈرەڭگۈ بولغۇسى.
   4. تۇخۇم سېرىقىنى تاشلىۋەتمەڭ: تۇخۇمنىڭ ئېقىنى يېيىشنىڭ ئۆزى ناھايىتىمۇ ئىلمىي ئاساسسىز بىر خىل ئۇسۇل. تۇخۇم ئېقى تەركىبىدە ئادەم بەدىنىدىكى ۋېتامىن H نى خورىتىدىغان ماددا بولۇپ، ھەمىشە تۇخۇم ئېقىنىلا يىگەندە تېرە ناچارلىشىدۇ. لېكىن تۇخۇم سېرىقى ۋېتامىن H نى خوراتمايلا قالماستىن،  يەنە ۋېتامىن H نىڭ سىنتىزلىنىشىگە ياردىمى بار.

1EAF0DBA2ADB39F761FCCA9739B3BBCE.jpg


   سەككىزىنچى. ياڭاق
   1. مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ: 500 گرام ياڭاقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى 2.5 كىلوگرام تۇخۇم ياكى 4.5 كىلوگرام سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىگە باراۋەر. ياڭاقتىكى ئاقسىل ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان لىسىن كىسلاتاسى بولۇپ، چوڭ مېڭە ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق. شۇڭلاشقا، خىزمەت بېسىمى زور بولۇش تۈپەيلىدىن بېشى قايىدىغان، ئۇنۇتقاق، قورقۇنچاق كىشىلەر، ياڭاقنى كۆپرەك يەپ سىناپ بېقىشى كېرەك.
   2. يۈزنى سىلىقلاشتۈرىدۇ: ھەر كۈنلىكى بىر نەچچە تال ياڭاق يەپ بەرسە، ياكى ياڭاق قوشۇلغان ئوماچ ئىچىپ بەرسە، بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، يۈز تېرىسى سىلىق، پارقىراق بولىدۇ.


ئالىمجان نەسىردىن تەرجىمىسى



شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
268
تۆھپە
135
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 16:25:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز رەخمەت سىزگە


Rank: 2

ئىسىمى
ئادىل
تىللا
54
تۆھپە
17
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 16:30:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موگۇنى گۇمبەردە دەيمىزغۇ دەيمەن، ياخشى ساۋات يوللاپسىز ، رەھمەت


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
630
تۆھپە
362
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 18:08:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن گۇمبەردە گە ئامىراق بولۇپمۇ شىياڭگوغا .


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1083
تۆھپە
687
UID
990

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 19:01:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك تۇرمۇش ساۋاتلىرى ئىكەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
995
تۆھپە
372
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 19:41:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پۇرچاققا بەك ئامراق


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1147
تۆھپە
925
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 00:06:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
MAN QANGSA XAKRIDA  TURUP,BU TUR BATNI AMAL BAR KURUP TURIWATIMAN,YAHXI SAWATKAN TAXAKKUR


سەكرا

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇنەۋەر
تىللا
512
تۆھپە
296
UID
12654
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 00:42:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدىم.تىما ئىگىسىگە رەخمەت.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
950
تۆھپە
636
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 02:09:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك تۇرمۇش ساۋاتلىرى ئىكەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
چالقۇشى
تىللا
474
تۆھپە
283
UID
13725
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 04:25:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۇخۇم يىمەيمەن ...........................................


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-26 00:29, Processed in 0.084983 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991