تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 69054|ئىنكاس: 34

كورلىدىكى ‹‹شۇم ئېغىز›› مۇئەللىم مىكروبىلوگ ئارقىلىق تورداشلاردى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5647
تۆھپە
2494
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 12:36:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كورلىدىكى ‹‹شۇم ئېغىز›› مۇئەللىم مىكروبىلوگ ئارقىلىق تورداشلاردىن كەچۈرۈم سورىدى



未标题-1.jpg


    7-ئىيۇن سائەت 14 ئەتراپىدا، كورلا شەھەرلىك پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى ئۆزىنىڭ شىنلاڭ مىكروبىلوگىدا كورلا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ، مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شۈجىڭنى خىزمەتتىن توختۇتۇپ تەكشۈرۈش، خىزمەتتىن توختىتىلغان ۋاقىتتا، مائاشى ۋە تولۇقلىما پۇللىرىنى توختىتىش شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەكشۈرۈشنامە يېزىش، يىغىندا ئىسمىنى ئاتاپ تەنقىد قىلىش، شۇ ئايلىق تولۇقلىما پۇلىنى بەرمەسلىك ۋە يىللىق باھالاشتا لاياقەتسىز ھېساپلاشتەك بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى ئېلان قىلغان. ئارقىدىن شۈجىڭ تېڭشۈن مىكروبىلوگىدا سەككىز مىكروبىلوگ يوللاپ ئۆزىنىڭ چوڭقۇر تەكشۈرگەن ۋە تورداشلاردىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    4-ئىيۇن كورلا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شۈجىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ مەكتەپكە مېڭىش جەريانىدا يولدا قاتناشنىڭ قىستاڭ بولۇشى سەۋەبىدىن توسۇلۇش يۈز بەرگەن. لېكىن بىر نەچچە ئېلېكتىر ۋەلىسپىتلىك كىشىلەر ۋەلىسپىتنىڭ ماشىنىغا قارىغاندا كىچىك ۋە قولاي بولۇشىدىن پايدىلىنىپ شۈجىڭ بىلەن يول تالاشقان ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىۋالغان ھەتتا ئۇلارنىڭ ۋەلىسپىتلىرى شۈجىڭنىڭ ماشىنىسىغا يەڭگىل ئۇرۇلغان. بۇ ئىشلارنى كۆرگەن شۈجىڭ شۇ كۈنى ئۆزىنىڭ QQ بوشلۇقىغا << ئېلېكتىر ۋەلىسپىتى مىنگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلسۇن... ھۇ گادايلار >> دېگەندەك گەپلەرنى يېزىپ، ئەتىگەنكى ئىشقا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرگەن. ئارقىدىن ئۇنىڭ بۇ يازغانلىرى تورداشلار تەرىپىدىن مىكروبىلوگقا يوللىنىپ، كەڭ جامائەت پىكرى ھاسىل قىلغان.
    بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، تورداشلار ئىزدەش ئارقىلىق شۈجىڭنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى، خىزمەت ئورنى، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تېپىپ، بۇنى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ئېلان قىلغان. مەكتەپ رەھبەرلىرى بۇ ئىشنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ چىققان.
    تەكشۈرۈشتىن كېيىن، شۈجىڭنىڭ راستىنلا كورلا شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان. گەرچە بۇ شۈجىڭنىڭ شەخسىي بىلوگىدا ئېلان قىلغان يازما بولسىمۇ بىراق توردا تارقالغاندىن كېيىن مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئىناۋىتىگە ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈلدى دەپ قارالغان ھەمدە مەكتەپ رەھبەرلىرى شۇجىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئىدىيىۋىي تەربىيە خىزمىتى ئىشلىگەن. ئارقىدىن شۈجىڭ ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى بىلگەن ھەمدە تەكشۈرۈشنامە يېزىپ كەچۈرۈم سورىغان.  


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
316
تۆھپە
130
UID
7655
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 12:54:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھازىر ھېچقانداق مەخپىيەتلىق قالمىدى، خەق كۆرمىدى، بىلمەيدۇ دەپ ئەخلاقسىزلىق قىلساق بولمايدۇ. بۇ بىر ئەمىلى ئىش بوپتۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
630
تۆھپە
362
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 13:42:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ساپاسىز ، مەدەنىيەتسىز ماشىنىسى بار بايۋەتتچە مۇئەللىمنى قاتتىق جازالاش كىرەك !!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
630
تۆھپە
362
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 13:44:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق كىشىگە ئىددىۋى خىزمەت ئىشلەش كىتەمدىكەن تىخى !!! ئىددىۋى خىزمەتنى ھورۇن ، بىر كۇن ئىشلسە 2 كۇن ئىشقا چىقمايدىغان كىشىلەرگە ئىشلەيمىز !! ئىسىت ----------!!!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قاراقاش
تىللا
1021
تۆھپە
436
UID
312
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 16:44:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى قىپتۇ ھازىر قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بېرۋاتىدۇشۇنداقلا مۇھىت ئېغىر بۇلغىنىۋاتىدۇ  مۇشۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەن ئاساستا  ئامالنىڭ بېرىچە  يېقىن ئارلىق بولسا ۋېلىسپىت ياكى پىيادە بارسىمۇ بولدىغان ئىش .شۇنداق ساپاسىز بىر؟؟كەن .


مەن ئاپامنىڭ ئاپپاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.

Rank: 4

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
368
تۆھپە
169
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 17:05:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي نادان، تۇكسىكىلىت يۇلى بىلەن ماشىنا يۇلىنى ئايرىمىغانلارنى تىللىسا بولمامدۇ؟ شۇ مېڭىۋاتقانلارمۇ ئىشقا ئالدىرايدۇ دە.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
136
تۆھپە
110
UID
16228
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 18:50:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارا-بارا يولنىڭ تارلىقى ھەر نىمىلەرنى دىگىزىدۇ جۇمۇ.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ت. غۇجائەھمەد
تىللا
187
تۆھپە
84
UID
15838
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 19:33:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  توكسىكىلىت بىلەن موتسىكىلىت ھەيدۇگۈچىلەرنىڭ ئۆلۇش نىسبىتى بەك يۇقۇرى - دەپ ئاڭلىغان ، بىر قىسىم توكسىكىلىت ھەيدىگۈچىلەرگە قىزىل چىراق ، يول ئايرىش سىزىقى - دەيدىغان ئىش جاھاندا مەۋجۇت ئەمەس، داغدام يولدا ئۆزىلا ماڭىدىغاندەك ، شۇنچىلىك تېز ھەيدەپ يۈرىۋېرىدىكەن ، ھۆكۈمەت يول ئايرىپ بەرگەندىكىن ، ھەممە ئادەم ئۆز يولىدا قائىدىگە رائىيا قىلىپ ماڭسا ، ھېچقانداق ۋەقە سادىر بولمايدۇ،مېنىڭچە  شەھەر كوچىلىرىدا قاتناش ۋەقەلىرنىڭ %90 تى شۇ توكسىكىلىت ، موتسىكىلىت مۇنگۈچىلەركەلتۇرۇپ چىقىرىۋاتىدۇ . كونا بازا تەرەپتە مەن داۋاملىق قانتاش ۋەقەسى يۇز بەرگەنلىگىنى كۆرىمەن ، بىرسى ماشنا بىلەن ماشنا سوقۇشۇش بولسا ، 9 توكسىكىلت،موتسىكىلىت ۋەقەسى ، شۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكىن بىر توردا بىر ئىككى ئادەمنىڭ ‹ ئۆلەسەن › دىگىنىگە سىز توكسىكىلىت مىنگۈچى ئۆلۈپ قالمايسيزى ، پەقەت ئۆز يولىڭىزدا ، قائىدىلىك ماڭسىڭىزلا ھېچ ئىش بولمايدۇ  ،


Rank: 4

تىللا
315
تۆھپە
75
UID
5302
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 19:33:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇن ئادىل قانۇن قىلنى قىرىق يارىدۇ ،ھەرقانداق  بىر ئادەم  دۇلىتىمىز پۇخرالىرىنى كەم سىتمەسلىگى كېرەك


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
950
تۆھپە
636
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 02:12:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساراڭكەن بۇ.بايۋەتچە ئەمەس بىر گادايكەنغۇ .ئەسكى داسقا  ئېرىشىپ جيۈلۈپتۇغۇ .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-26 00:27, Processed in 0.080120 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991