قېرىندىشىم
ئازادجان ئىبراھىم
ئىجازەتسىز ئۆزگىدىن نەرسە ئالماڭ قېرىندىشىم. ئەل ئالدىدا ئۇياتقا يەنە قالماڭ قېرىندىشم. ئۆزگىلەرگە ئالدىراپ چاپان سالماڭ قېرىندىشىم. باشقىلارنىڭ دېپىنى زادى چالماڭ قېرىندىشىم.
ياخشى ئويلاپ ئىش قىلىڭ چېچىۋالماي زىھنىڭىزنى، قېرىنداشقا تۇققانغا بىرىڭ ئىللىق مىھرىڭىزنى، كۆرسۇن بارلىق تۇققانلار سىزنىڭ ئىللىق چىھرىڭىزنى، مەڭگۈ ئالغا ئىنتىلىڭ ھەرگىزيانماڭ قېرىندىشىم.
يىراق تۇرۇڭ ھەرقاچان كۆڭۈل ئاغرىق ئاداۋەتتىن، ياخشىلىق يوق ئادەمگە تىل-ئاھانەت ھاقارەتتىن، كۆڭۈل يايرار پەقەتلا ،ۋاپادارلىق ،ساداقەتتىن، شۇ مىھرىبان تۇققاندىن ھەرگىزتانماڭ قېرىندىشىم.
تۇققانلارنى قەدىرلەپ تۇققۇنۇم دەپ ئىزدىشڭلار، يول قويۇشۇپ ئۆزئارا ئېناق ئۆتۈپ بىرلىشىڭلار، ئاڭلىغاندا شىكايەتنى قانداق ئىش دەپ يۈزلشىڭلار، دۈشمەنلەرنىڭ كەينىدىن يەنە ماڭماڭ قېرىندىشىم.
كىچىكچاغدا ئانىنىڭ قۇچاغىدا يېتىۋېلىڭ، مەڭزىڭىزنى مەڭزىگە بولسا كۆپلەپ يېقىۋېلىڭ، ئاتا-ئانا بولغاندا بالىڭىزنى بېقىۋېلىڭ، بېقىپ بەردەپ ئۆزگىگە يەنە تاڭماڭ قېرىندىشىم.
كىلەر ئەلگە ياخشىلىق ئىش يولىنى ئۇققانلاردىن، ئاۋام رازى بولىدۇ ئەل كۆڭلىنى ئۇتقانلاردىن، دۈشمەن دېگەن ئايرىيدۇ ئامال قىلىپ تۇققانلاردىن، دۈشمەن ئۆيىگە چىللىسا زادى بارماڭ قېرىندىشىم.
يامان دېسەڭ تۇققاننى ياخشىسىنى بەرمەيدىكەن، ياتلار كېلىپ ئۆيۈڭگە ئوتۇنىڭنى يارمايدىكەن، تۇققان دېگەن تۇققانغا ئۆمۈر ۋايەت قانمايدىكەن، تۇققان ئۈچۈن ئىش قىلىڭ زادى ھارماڭ قېرىندىشىم.
كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن تۇققانلارنى داتلىماڭلار، تەتۇر قاراپ قېيىدىشىپ بىربىڭنى تاشلىماڭلار، تۇققانلارنى رەنجىتىپ كۆزلىرىنى ياشلىماڭلار، يامان دېمەي تۇققاننى بولسا داڭلاڭ قېرىندىشىم. |