ئىگىسى: 我爱你

سېتىۋېتىلگەن قىز ،سەرگەردان يىگىت«ھېكايە» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 18:26:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
$$TupRak$$ يوللىغان ۋاقتى  2012-9-28 18:23
ئەسىرىڭىز بەك ياخشى داۋاملىشۋاتىدۇ ...ھارم ...

قوللاپ تۇرغىنىڭىزغا تەشەككۈر


Rank: 1

تىللا
37
تۆھپە
4
UID
5817
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 20:24:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: سېتىۋېتىلگەن قىز ،سەرگەردان يىگىت«ھېكايە»

我爱你 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-28 18:26
قوللاپ تۇرغىنىڭىزغا تەشەككۈر

قولقڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ، ئەسىرىڭىزنىڭ تەرەققىياتى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىۋاتىدۇ ، ئەركىن بىرەر پالاكەتكە ئۇچىرمىسا بولاتتى ، ئەسەر يازماق ئاسان ئەمەس ، كىشلەر قەلبىگە ياققىدەك ئەسەر يازماق تېخمۇ ئاسان ئەمەس ، ئەسىرىگىزگە مۇۋەپىقىيەت تىلەيمەن ، ئۆزەم گەرچە ئەسەر يېزىشقا بەك قىزىقساممۇ پەقەت يازالمىدىم .شۇڭا ئەسەر يازالايدىغانلارغا بەك ھەۋەس قىلىمەن . تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن !


Rank: 1

تىللا
44
تۆھپە
4
UID
3281
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 21:59:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان ئەسەر بوپتۇ، ھارمىغايسىز.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىغەمزات
تىللا
513
تۆھپە
257
UID
388
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 00:17:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي.....يەنە ئاخىرىنى ئوقۇغۇم بار ئىدى.....
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، ئىلھامىڭىزنىڭ ئۈزۇلۈپ قالماسلىقىنى تىلەيمەن دوستۇم!~


باشقىلار سىنى چوڭ كۆرگەندە، ئۆزەڭنى كەمتەر تۇتۇشنى بىل!
باشقىلار سىنى پەس كۆرگەندە، ئۆزۈڭنىڭ قەدرىنى قىلىشنى بىل!

Rank: 2

ئىسىمى
$$TupRak$$
تىللا
116
تۆھپە
33
UID
25890
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 10:40:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى كۇتۇۋاتىمىز  .....ئەمدى يوللىغاندا ئامال بار ئۇزۇنراق يازارسىز  .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 11:28:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
温柔的心 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-28 20:24
قولقڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ، ئەسىرىڭىزنىڭ تەرەققىياتى ھ ...

سىزگە رەھمەت


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 11:28:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
$$TupRak$$ يوللىغان ۋاقتى  2012-9-29 10:40
داۋامىنى كۇتۇۋاتىمىز  .....ئەمدى يوللىغاندا ئامال بار ئۇ ...

بولىدۇ


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 11:28:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
BiGhemZat يوللىغان ۋاقتى  2012-9-29 00:17
ھەي.....يەنە ئاخىرىنى ئوقۇغۇم بار ئىدى.....
قولىڭىزغا دەرت ...

سىزگە رەھمەت


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 11:29:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nazida يوللىغان ۋاقتى  2012-9-28 21:59
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان ئەسەر بوپتۇ، ھارمىغايسىز.

رەھمەت


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 14:34:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى؛
بىر كۈن تىركەشكەندىن كېيىن ،رەنانىڭ خۇمارى ئاستا-ئاستا پەسىيىشكە باشلىدى.
-مۇكەررەم ئانا-دەپ توۋلىدى ئۇ، ئەسلىگە كەلگىنىدە،باغلاقلىق تۇرغىنىنى كۆرۈپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي بەك قورقۇپ كەتكەچكە.
-قىزىم ،بىزنى كەچۈرۈڭ،ئامالنىڭ يوقلىقىدىن مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدۇق-دېدى مۇكەررەم ئانا ئىشىكنى ئېچىۋىتىپ رەنانىڭ يېنىغا كىرگەندىن كېيىن ئۇنى يەشكەچ-سىز زەھەرگە خۇمار بولۇپ قاپسىز،خۇمارىڭىز تۇتۇپ قالغاچقا مۇشۇنداق قىلدۇق،نالىلىرىڭىزنى ئاڭلاپ،يۈرەك باغرىم ئېزىلىپ كەتتى ،جېنىم قىزىم.ئۇ پەسكەشلەر بۇ نەرسىگە سىزنى قانداق قىلىپ خۇمار قىلىپ قويغان بولغىيدى.
-مەنمۇ بىلمەيمەن-دېدى رەنا يىغلاپ تۇرۇپ-ئۇلار ماڭا دورا دەپ بىرنەرسىنى يىگۈزىۋەتكەن ئىدى،شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈممۇ بىلمەي مۇشۇنداق بولۇپ قالدىم،شۇ نەرسىنىڭ سەۋەبىدىن ئىپپىتىممۇ يوق بولدى.
مۇكەررەم ئانا رەنانىڭ چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ تەسەللى بەردى،ئۇنىڭ بەخىتسىز ھاياتىغا ئېچىنىپ ،ھۆڭ-ھۆڭ يىغلىدى.ئۇلارنىڭ،يىغا -زارىلىرىنىڭ ئۈستىگە ئابدۇۋايىت بوۋاي كىرىپ كەلدى.
-قىزىم ،ئەگەر سىز خالىسىڭىزلا بۇ نەرسىنى تاشلاپ ،يېڭى ھاياتىڭىزنى باشلىيالايسىز -دېدى ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن رەناغا تەسەللى بەرگەچ-بۇنىڭ ئۈچۈن سىز چوقۇم بىزگە ماسلىشىپ بېرىشىڭىز كېرەك.
-جېنىم ئاتا،مەن بۇ نەرسىدىن قۇتۇلالايدىغانلا بولسام ،ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا مەن تەييار-دېدى رەنا ئىشەنچ بىلەن .
-سىزدە مۇشۇنداق زور ئېرادىلا بولىدىكەن،ئۇزاققا قالمايلا ئۇنى تاشلىيالايسىز قىزىم-دېدى  ئابدۇۋايىت بوۋاي رەنانىڭ چىرايىدىكى ئىشەنچ نۇرلىرىنى كۆرۈپ-ئۇنىڭ ئۈسـتىگە سىز تېخى يېڭىدىن خۇمار بوپسىز ،تاشلايمەن دېسىڭىزلا،چوقۇم تاشلاپ كېتەلەيسىز.
ئابدۇۋايىت بوۋاينىڭ رىغبەتلەندۈرىشى بېلەن،رەنانىڭ ۋۇجۇدىدا مۇستەھكەم ئېرادە قەد كۆتۈرۈپ،چوقۇم زەھەر تاشلاشقا بەل باغلىدى.
ئىنسانلار ئېرادە بېلەن كۈچلىنىدۇ،ئۇلار ئۆز ئېرادىسى بېلەن،چۆللەردە بوستانلارنى بارپا قىلالايدۇ،پەقەت مۇستەھكەم ئېرادىلا بولىدىكەن،ئۇلار قىلالمايدىغان ئىش مەۋجۇت بولمايدۇ،ئەلۋەتتە.

ئېرادە غەلبە دېمەكتۇر


بىر ئايغا يېقىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە،رەنا ئاخىرى زەھەردىن ئېبارەت،بۇ ئىپلاستىن قۇتۇلۇپ ،ھاياتىغا بولغان ئىشەنچىسى قايتىدىن ئۇرغۇدى،بۇ جەرياندا،ئابدۇۋايىت بوۋاي بېلەن مۇكەررەم ئانا ،ئۇنىڭغا يېقىندىن ياردەمچى بولۇپ ،كۆپ كۈچ چىقاردى.بىر قېتىم رەنا خۇمارى تۇتۇپ زادىلا چىدىيالمىغان ۋاقتىدا،ئابدۇۋايىت بوۋاي دۇكاندىن كەلگۈچە،مۇكەررەم ئانا رەناغا قولىنى چىشلەتكۈزۈپ،ئۇنىڭ خۇمارىنى بېسىشىغا ياردەم قىلدى.ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئىنسانىي مىھرى-مۇھەببەتتىن ھالقىپ كەتكەن بۇ خىل ئۇلۇغ مۇھەببىتىنى كۆرۈپ،رەنانىڭ زەھەر تاشلاشقا بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى.
-سىلەرنىڭ ماڭا قىلغان ياخشىلىقلىرىڭلار ئۈچۈن بىر ئۆمۈر قۇل بولساممۇ،سىلەرگە يەنە جاۋاب قايتۇرالماسلىقىم مۇمكىن-دېدى رەنا بىركۈنى مۇكەررەم ئانىنىڭ قۇچقىغا بېشىنى قۇيۇپ يېتىپ.
-بۇنداق دېمەڭ قىزىم،بىز پەقەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىلا قىلدۇق،ئەگەر راستىنلا شۇنداق قىلىشنى ئويلىسىڭىز،بىزگە تۇتۇق قىز بولۇڭ-دېدى مۇكەررەم ئانا رەنانىڭ چاچلىرىنى يىنىككىنە سىلاپ-لېكىن ،چوقۇم ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يېنىغا قايتىپ ،ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلمىسڭىز بولمايدۇ.شۇنداق قىلسىڭىزلا مەن ئەڭ ياخشى جاۋابقا ئېرىشكەن بولىمەن.
مۇكەررەم ئانىنىڭ قايتا-قايتا قىلغان نەسىھەتلىرى ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىشى ئاستىدا رەنامۇ ئاخىرى ئۆيگە قايتىشقا ماقۇل بولدى.دېمىسىمۇ ،ئۇنىڭ بۇرۇنلا شۇنداق قىلغۇسى بار ئىدى،پەقەت نومۇس،خىجىل بۇلۇش تۇيغۇسىلا ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ،ئۇنداق قىلىشىغا پەقەتلا يول قويمايۋاتاتتى،ئۇ قانچە كېچىلەرنى،كۆيۈمچان دادىسىنى ،مېھرىبان ئانىسىنى ،چىن يۈركىدىن سۆيىدىغان ئاشىقى ئەركىننى ئويلاپ ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن ئىدى.شۇتاپتا ئۇنىڭ دادىسىنىڭ قۇچىقىغا چىقىپ ساقاللىرىنى سىلاپ ئەركىلىگۈسى،ئانىسىنىڭ ئىللىق قوينىدىن ئۆزىنىڭ يۈرەك يارىسىغا تەسەللى تاپقۇسى،ئەركىننى چىڭ قۇچاقلاپ قانغۇچە يىغلاپ دەرتلىرىنى تۆككىسى تولىمۇ كەلگەن ئېدى.
شۇنداق قىلىپ رەنا بىرنەچچە كۈندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كېتىدىغان ،ئابدۇۋايىت بوۋاي بىلەن مۇكەررەم ئانا ئۇنى ئۆز قولى بىلەن ئاتا-ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغان بولدى.
-بۈگۈن سىرىتقا چىقىپ تاماق يەپ كېلەيلى،يېقىن ئەتراپتا بىر ئۇيغۇرلار ئاشخانىسى بار كاۋېپى خېلى ئوخشايدۇ -دېدى ئابدۇۋايىت بوۋاي بىر كۈنى رەنانىڭ ساقايغانلىقىنى تەبرىكلەش مەقسىدىدە.
دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ئىشلار تاساددىپىيلا يۈز بېرىدۇ،گاھىدا سىز بولىشىنى خىيالىڭىزغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىشلار ئىنتايىن تاساددىبىيلا يۈز بېرىپ،ھاياتىڭىزنى،كەلگۈسىڭىزنى سىز ئويلاپمۇ باقمىغان يېڭىچە شەكىلگە باشلاپ كىرىشى مۇمكىن.مانا بۇ-تاساددىبىيلىق.

ئۇچىرىشىش


ئابدۇۋايىت بوۋاينىڭ پىكرى مۇكەررەم ئانىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشتى.كەچتە ئۇلار مەسلىھەت بويىچە،خاڭجۇدىكى ساناقلىقلا ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلار كاۋاپخانىسىغا قاراپ يولغا چىقتى.
-رەنا
ئىنتايىن تونۇش بىر ئاۋازدىن كېيىن رەنانىڭ يۈرەك باغرى تىترەپ كەتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   我爱你 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-29 14:41  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-27 16:42, Processed in 0.068070 second(s), 15 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991