ئىگىسى: 我爱你

سېتىۋېتىلگەن قىز ،سەرگەردان يىگىت«ھېكايە» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
$$TupRak$$
تىللا
116
تۆھپە
33
UID
25890
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 12:25:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىزراق يىزىڭە ...  داۋامىنى...................


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ۋېناس
تىللا
341
تۆھپە
42
UID
6112
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 12:29:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇنداق ئادەم بېدىكلىرىنى تازا قيناپ ئۆلتۈرۈۋەتسە دەيمەنئاخىرىغا قاراپ ساقلاپ قالدۇق.قوللىرىڭىز ھېرىپ قالمغاي!!!!!!!!!!!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 12:55:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wenas يوللىغان ۋاقتى  2012-9-28 12:29
ئاشۇنداق ئادەم بېدىكلىرىنى تازا قيناپ ئۆلتۈرۈۋەتسە دە ...

چۈشتىن كېيىن يوللايمەن ،قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 12:56:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
$$TupRak$$ يوللىغان ۋاقتى  2012-9-28 12:25
تىزراق يىزىڭە ...  داۋامىنى...................

يېزىۋاتىمەن بىر ئاز ساقلاڭ.


Rank: 1

تىللا
40
تۆھپە
7
UID
20048
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 13:00:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىڭىز  تۇرمۇش  چىنلىقىغا باي ياخشى يېزىلىپتۇ . ئەسەرنىڭ  ئاخىرىنى كۆرۈشكە ئىنتىزار مىز . تەشەككۈر .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 14:53:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى؛

مۇكەررەم ئانىنىڭ تەسەللىلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن رەنانىڭ كۆڭلى خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى.ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ياقا يۇرتتىمۇ ئۇلاردەك مىھرىبان كىشىلەرگە ئۇچرىغانلىقىدىن ئېنتايىن سۆيۈندى.چىرايىدىن ئانىلارغا خاس مىھرىبانلىق يېنىپ تۇرىدىغان مۇكەررەم ئانا ئۆز كۆيۈمچانلىقى بېلەن رەنانى خۇددى ئۆز ئانىسىنىڭ سىماسىنى كۆرىۋاتقاندەك تۇيغۇغا ئەكىلىپ قويدى.


-ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يېنىغا قايتقىڭىز بولمىسا ۋاقتىنچە بىز بېلەن تۇرسىڭىز بولىدۇ قىزىم-دېدى مۇكەرەم ئانا رەنانىڭ ئۆيىگە قايتقۇسى يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن-سىز خۇددى ئۆز قىزىمغا ئوخشاشلا،سىزنى كۆرۈپ ،ئۆز قىزىمغا قايتا ئېرىشكەندەك بولدۇم.لېكىن،چوقۇم ئۆيىڭىزگە قايتىپ كېتىشىڭىز كېرەك، شۇنىمۇ ئويلاپ قويۇڭكى،ئاتا-ئانا دېگەننىڭ باغرى دېڭىزغا ئوخشايدۇ،سىز ھەرقانچە ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسىڭىزمۇ ،ئۇلار يەنىلا سىزنى كەچۈرىۋېتىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشلار سىزنىڭ ئىخىتيارىڭىز بويىچە بولمىغان،سىزمۇ بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەنسىز ،شۇتاپتا ،ئۇلار سىزنىڭ بېشىڭىزغا كەلگەن كۈنلەرنى بىلسە،سىزنى باغرىغا بېسىپ،مىھرى -مۇھەببىتى بىلەن كۆڭۈل يارىڭىزنى ساقايتىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل،سۆيگۈنىڭىز ئەركىنگە كەلسەك،مۇھەببەتنىڭ پاكلىقى  ۋىجدان بېلەن بىرگە بولىدۇ،ئەگەر ئۇراستىنلا سىزنى ياخشى كۆرىدىغان بولسا ،سىزنىڭ بېشىڭىزغا كەلگەن كۈنلەر ،سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلەرگە قىلچىلىك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ،ئەكىسچە بۇ ئىشتىن كېيىن،ئۇنىڭ سىزگە بولغان سۆيگۈسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.بۇ ئىشلار سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنى سىنايدىغان بىر ھەقىقى سىناق بوپتۇقىزىم،مۇھەببەت دېگەن مۇشۇنداق سىناقلار ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
-شۇنداقتىمۇ مېنىڭ ھازىرچە ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتقۇم يوق،مۇكەررم ئانا-دېدى رەنا مۇكەررەم ئانىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن-ماڭا ئازراق ۋاقىت بەرگەن بولسىڭىز ،ياخشىراق ئويلىنىپ،ئىدىيەمدە تەييارلىق بولغاندىن كېيىن ئاندىن قايتقان بولسام.
مۇكەررەم ئانا رەنانىڭ پىكرىنى خۇشاللىق بېلەن قوبۇل قىلدى.شۇ كۈنى كېچە،ئۇلار تاڭ ئاتقۇچە بىر-بىرى بېلەن ئۇزۇن ۋاقىت كۆرۈشەلمىگەن ئانا بالىلاردەك ئىنتايىن قىزغىن پاراڭلاشتى،مۇكەررەم ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تولۇپ تاشقان ئانىلىق مېھرى رەنانىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

*            *               *               *            *              *               *


ئەركىن لىنپىڭ شەھرىدە تۆت كۈندەك تۇرۇپ رەنانى ئىزدىگەن بولسىمۇ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى،شۇنىڭ بېلەن ئۇنى خاڭجۇدىن ئىزدەپ بېقىش ئۈچۈن يەنە خاڭجۇغا قايتىپ كەلدى.ئۇ خاڭجۇغا كەلگەندىن كېيىن ،ھەرتەرەپتىن رەنانى ئىزدىدى ،لېكىن يەنىلا ھېچقانداق خەۋەرگە ئېرىشەلمەي يەنە لىنپىڭغا بېرىپ ئىزدىدى.مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ،بىر ئايدىن كۆپرەك ئاۋارە بولغان بولسىمۇ يەنىلا رەنانى تاپالمىدى.ئەمدى ئۇنىڭ ئېلىپ چىققان پۇللىرى تۈگەپ يانچۇقى قۇرۇقدىلىپ قالدى.ئۇ رەنانى تاپالماي تۇرۇپ قايتىشنى خالىمىغاچقا،خاڭجۇ شەھرىدىكى ئۇيغۇرلار ئاچقان بىر ئاشخانىدا كاۋاپچى بولۇپ ئىشلەپ،بىر تەرەپتىن پۇل تاپسا ،يەنە بىر تەرەپتىن ،رەنانى ئىزدەشنى داۋام قىلدى.

مۇھەببەت ھەقىقى ھەم چىن بولسا،ئۇنىڭ يولىنى تاغلارمۇ توسۇپ قالالمايدۇ،بوران-چاپقۇن،قار -يامغۇرلارمۇ ئۇنى ،ۋەيران قىلالمايدۇ.


ئەركىننىڭ مۇھەببىتىمۇ خۇددى شۇنداق چىن ۋە ھەقىقى بولغاچقا،ئۇنىڭ رەنانى تېپىش ئېرادىسى قىلچىمۇ سۇسلىشىپ قالمىدى.ئۇ رەنانى ئويلىسىلا كۆزلىرى ياشقا تولۇپ،ئىچى ئاچچىق بولاتتى.ئۇنىڭ شۇ تاپتا قانداق ئېغىر كۈنلەرنى كۆرىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ،ئۇنى قوغدىيالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئەيىپلەيتتى.قانچىلىغان كېچىلەرنى رەنانى ئويلاپ ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزەتتى،قىسقىسى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا رەناغا بولغان مۇھەببەت ھەرۋاقىت مەۋىج ئۇرۇپ ،ئۇنى بالدۇرراق تېپىشقا ئۈندەپ تۇراتتى.

*          *           *            *            *            *         *


رەنا ئابدۇۋايىت بوۋاينىڭ ئۆيىگە كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى ئەتىگەندىلا خۇمارى تۇتۇشقا باشلىدى.باشتا ئۆزىنى تۇتىۋېلىش ئۈچۈن ھەرقانچە تىرىشقان بولسىمۇ كېيىنچە زادىلا بولالماي چاندۇرۇپ قويدى.ئۇنىڭ ۋارقىراپ ئازاپلىنىشلىرى ،دات-پەريادلىرىغا قاراپ،مۇكەررم ئانىنىڭ يۈرەك باغرى ئېزىلىپ كەتتى.
-جېنىم ،ئانا مېنى قۇتقۇزىۋالغان بولسىڭىز-رەنا مۇكەررەم ئانىنىڭ پەشلىرىگە ئېسىلىپ يالۋۇراتتى-پەقەت بىر چېكىملا بولسا ،مەن ساقىياتتىم،بولمىسا ئۆلۈپ قالىدىغان ئوخشايمەن.
بىردەمنىڭ ئىچىدە رەنا چاچلىرىنى يۇلۇپ ،يۈزىنى قانغا بويىدى.بۇ ھالغا قاراپ،چىدىيالمىغان مۇكەررەم ئانا تېخى ھېلىلا دۇكانغا ماڭغان ئابدۇۋايىت بوۋاينى چاقىردى.ئاقكۆڭۈل،كۆپنى كۆرگەن ئابدۇۋايىت بوۋاي رەنانىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپلا نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشەندى.
-بۇ قىز ،ھېلىقى ئاق دېگەن نەرسىگە خۇمار بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ ،خوتۇن-دېدى ئۇ مۇكەررەم ئانىغا-ئۇنى ئاغامچە بىلەن باغلاپ قويۇپ ،ئۆيگە سولاپ قويايلى،بولمىسا ئۇ سەل تۇرۇپ ئۆزىنى بىرنېمە قىلىۋېلىشى مۇمكىن،بىچارە قىزنى مۇشۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان ئەشۇنداق ئىپلاسلارنى ئۆز قولۇم بېلەن ئۆلتۈرۋەتسەم دەيمەن.

ئابدۇۋايىت بوۋاي ئاغامچە بىلەن رەنانى كارۋاتقا چىڭ باغلىۋەتتى،ئاندىن ياتاق ئۆينى قۇلۇپلاپ،ئاچقۇچنى مۇكەررەم ئانىغا تۇتقۇزۇپ،ئىشىكنى ئاچماسلىقىنى تاپىلاپ،دۇكانغا كەتتى.


رەنانىڭ نالىسى مۇكەررەم ئانىنىڭ يۈرەك باغرىنى قان قىلىۋەتتى،ئۇنىڭ ئەمدى زادىلا چىدىغۇچىلىكى قالماي،ئابدۇۋايىت بوۋاينىڭ يېنىغا باردى.ئۇ بارغاندا ئابدۇۋايىت بوۋاي،پاكىستانلىق بىرنەچچە خېرىدارغا خاڭدەن سېتىۋاتقان ئېدى.
-مېنىڭ زادىلا چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى ،بېچارە قىزغا قاراپ،ئۇ نەرسىنى زادى نەدە ساتىدۇ دادىسى-دېدى مۇكەررەم ئانا خېرىدارلارنىڭ ئۇزاپ كېتىشىنى ساقلىماستىنلا-مەن بىلگەن بولسام ھازىرلا ئەكىلىپ بېرەتتىم،بىر ئامال قىلىپ تېپىپ بەرسەك بولاتتى.
-ساراڭ بولدىڭمۇ-دېدى ئابدۇۋايىت بوۋاي غەزەپ بېلەن-سەن ئۇ نەرسىنى تېپىپ قىزغا بەرسەڭ،ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكىسچە ،زىيانكەشلىك قىلغان بولىسەن ،بىلەمسەن شۇنى.مېنىڭ ئۇنى باغلاپ قويۇشىمدىكى سەۋەپ،ئۇنىڭ زەھەر تاشلىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن،ئۇنىڭ ئازاپلىنىشىغا مېنى چىدايدۇ دەمسەن.
ئابدۇۋايىت بوۋاينىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،ھەممىنى چۈشەنگەن مۇكەررەم ئانا ئۆيىگە قايتىپ،رەنانىڭ دات-پەريادىغا ئامالسىز قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   我爱你 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-28 15:02  



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 14:54:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
天使爱美 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-28 13:00
ئەسىرىڭىز  تۇرمۇش  چىنلىقىغا باي ياخشى يېزىلىپتۇ . ئەسە ...

باھايىڭىزغا رەھمەت


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ۋېناس
تىللا
341
تۆھپە
42
UID
6112
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 18:16:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
我爱你 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-28 12:55
چۈشتىن كېيىن يوللايمەن ،قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.

ھارمىغايسىز!!!


Rank: 2

ئىسىمى
$$TupRak$$
تىللا
116
تۆھپە
33
UID
25890
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 18:23:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسىرىڭىز بەك ياخشى داۋاملىشۋاتىدۇ ...ھارمىغايسڭز....


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 18:26:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wenas يوللىغان ۋاقتى  2012-9-28 18:16
ھارمىغايسىز!!!

قوللىغىنىڭزغا تەشەككۈر


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-27 16:41, Processed in 0.067998 second(s), 15 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991