ئىگىسى: 我爱你

سېتىۋېتىلگەن قىز ،سەرگەردان يىگىت«ھېكايە» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 12:15:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
APJ007 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-18 01:52
ساقلاۋاتىمىز

رەھمەت


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 12:29:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى يېڭى تېما قىلىپ يوللىسام بولامۇ .ياكى ئاخىرىغا يوللاپ قويسام بولامۇ؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2181
تۆھپە
1044
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 14:35:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىرجان ، ئىجادىيىتىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ، مېنىڭچە ، سىزنىڭ تېخىمۇ ئېسىل يازمىلىرىڭىزدىن بەھرلىنىدىغان ۋاقىتلار ھامان كېلىدۇ ، شۇنداقمۇ ؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 14:55:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى؛
ئېچىنىشلىق قىسمەت

مىھرى-مۇھەببەت ئىنسانىيەت جەمىيتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنىڭ ئاساسى ،ۋە بەخىت-سائادەت،ئىناقلىقنىڭ ياراتقۇچىسى،ئۇ جىسمىدا بولغان ئادەملەر خۇشپۇراق گۈلگە ئوخشاش ،ئۆز ھىدلىرىنى ئەتراپىدىكىلەرنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن ئايىماي چاچىدۇ،ئەكىسىچە،مىھرى-مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قالغان ئادەملەر بولسا،زەھەرلىك قۇرۇتقا ئوخشاش،گۈللەرنىڭ بەرگىگە يامىشىپ،نۇرغۇنلىغان خۇشپۇراق گۈللەرنى نابۇت قىلىش بەدىلىگە ئۆز نەپىسىنى تويغىزىدۇ.
تۇر ئورنىڭدىن،ۋۇي بۇزۇق قاچانغىچە ياتىسەن-رەشىدەنىڭ سىلكىپ ئېيىتقان سۆزلىرىدىن كېيىن ،ئۈستىگە چېچىلغان سۇدىن ھەممە يېرى ھۆل بولۇپ كەتكەن رەنا ئاستا-ئاستا ھوشىغا كەلدى-سېنى سوزۇلۇپ ياتسۇن دەپ،بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ سېتىۋالمىدىم مەن،ئۈستى-بېشىڭنى تۈزەشتۈر ،مېھمىنىڭ بار.


رەنا قورقۇنىچ ئىچىدە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۈگۈلۈپ ئولتۇردى،ۋە ئۆتكەن ئىشلار بىر ئاز ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ،ئەتراپقا چۆچۈپ قارىدى،گۈلناز ئۇنى باشلاپ كەلگەن ھېلىقى ئايرىمخانا ئاللىقاياقلارغىدۇر غايىب بولۇپ،ئۇنىڭ ئالدىدا،دېرىزىسىمۇ يوق،خېلى ياسىداق بىزەلگەن ،ئىچى ئانچە چوڭ بولمىغان بىرياتاق تۇراتتى،ئۆزى بولسا ئىشىكنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قويۇلغان كارۋاتنىڭ بىر بۇلىڭىدا تامغا يۆلەنگىنىچە تۈگۈلۈپ ئولتۇراتتى.


ئاچا ئۆتۈنۈپ قالاي مېنى قويۇۋېتىڭ،سىزنىڭمۇ مەندەك قىزىڭىز،سىڭلىڭىز باردۇ،ئاتا-ئانام مەندىن قانچىلىك ئەنسىرەپ كېتىۋاتقاندۇ شۇتاپتا ،ئۇلارنى دەپ بولسىمۇ مېنى قويىۋەتكەن بولسىڭىز-دېدى رەنا رەشىدەگە يالۋۇرغىنىچە كارۋاتتىن چۈشۈپ ،ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىپ يامغۇردەك ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ.


ۋاي،ئۆتە نېرى-رەشىدە رەنانىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىپ تۇرغان قوللىرىنى زەردە بېلەن ئىتتىردى-شۇنداق دېسەم مېنى قويۇپ بېرەمدىكىن دەپ قالدىڭما ،ۋۇ بۇزۇق،يىغلاشلىرىڭدىن يۈرىكى ئېزىلىدىغان ئاناڭ ئۆيۈڭدە قالدى،ماڭا نىمىلا دېسەڭ بىكار،ئەڭ ياخشىسى،گەپ ئاڭلاپ دېگىنىمنى قىل،شۇنداق قىلساڭ ،ياخشى يەپ ،ياخشى ئىچىسەن،كۈنۈڭ ھوزۇر-ھالاۋاتتە ئۆتىدۇ،ئۇنداق بولمايدىكەن،سېنى ئىچكىرىگە ئەكىرىپ،سېتىۋىتىمەن،خەنزۇلارنىڭ قوينىدا ياتىسەن.چۈشەندىڭمۇ؟


رەنا رەشىدەنىڭ سۆزلىرىدىن قاتتىق غەزەپكە كەلدى،تەنلىرى شۈركىنىپ،ۋۇجۇدى تىترەپ كەتتى،توغرا قېچىش كېرەك تۇيۇقسىز كاللىسىغا كەلگەن خىيالدىن كېيىن ،رەنا پۈتۈن كۈچى بېلەن ئىشىككە قاراپ ئېتىلدى.


نەگە قاچاتتىڭ ئىززىتىنى قىلغاننى بىلمەيدىغان بۇزۇق-رەشىدە رەنانىڭ دولىغا كاپپىدە ئېسىلدى.رەنا رەشىدەنىڭ قولىنى كۈچەپ چىشلىدى -دە،ئىشىكنى ئېچىپ ئوقتەك يۈگۈرۈپ ھويلىغا چىقتى.


قايسىڭ بار،مابۇزۇق قاچتى،ئۇنى تۇتىۋېلىڭلار-رەشىدە
رەنانىڭ كەينىدىن يۈگۈرگەچ توۋلىدى.
مەن بار ئاچا قېنى ئۇ نەگە قاچتى-رەشىدەنىڭ توۋلىشىدىن كېيىن،سېمىز ئۇسقانلىق بىر ئەر دەرۋازا يېنىدىكى ئۆيدىن يۈگىرەپ چىقتى -دە ،دەرۋازىنىڭ يېنىغا يۈگىرەپ كېلىۋاتقان ئۆڭى ئۆچكەن رەنانى ئامبۇردەك قوللىرى بېلەن چىڭ قىسىپ،تۇتۇپ كۆتۈرىۋالدى.


مېنى قويىۋەت ھايۋان،ۋۇ ئادەم ئەمەس جادۇگەرلەر-رەنا
تىپىرلىغىنىچە قارشىلىق كۆرسىتىشكە باشلىدى.


بۇنى تېز ئاۋۇ ئۆيگە ئەكىر،قولۇمدىن قان چىقىرىۋەتتى بۇ بۇزۇق-رەشىدە ھويلىدا قاتار تۇرغان ئۆيلەردىن بىرنى كۆرسەتتى.
بۇ ھويلىنى راستىنلا بىر قورغان دىيىشكە بولاتتى،تاملىرى تۈرمە تاملىرىغا ئوخشاش ئېگىز سېلىنغان ،ھويلىنى چۆرىدەپ،30-40 ئەتراپىدا كىچىك ھۇجرىلار سېلىنغان ئىدى،ئەر رەنانى دەرۋازىغا يىراقراق بولغان بىر ھۇجرىغا ئەكىردى،

ئاچا ،ئۇنى راسا ساۋاپ قويايمۇ-دېدى ئەر قولىنى شورىغىنىچە ۋايجانلاپ تۇرغان رەشىدەگە قاراپ.

ئۇنى ساۋاپ قويساڭ ،مېھماننى قانداق كۈتىدۇ ،كالۋا-دېدى رەشىدە زەردە بېلەن.


ئەمىسە ئۇنى ئۆزۈملا بىر كۆندۈرۈپ قويايمۇ ،بولمىسا-
ئەر شەھۋەتكە تولغان كۆزلىرى بېلەن ،بار كۈچى بېلەن تىپىرلاۋاتقان رەناغا قاراپ ئۇنىڭغا ئاغزىنى ئۇزاتتى.
ۋۇ ھايۋان مەندىن نېرى تۇر- دېدى رەنا ئەرنىڭ يۈزىگە شالاققىدە بىرنى تۈكۈرۈپ.
-بۇ خىيالىڭدىن يان ئۇنى مەن بىرسىگە دېيىشىپ قويغان قىز دەپ،خېرىدارىنى كۈتۈپ بولغاندىن كېيىن بىرگەپ بولار-دېدى رەشىدە -بۇ بىزگە بوي بېرىدىغاندەك
ئەمەس ،ئاۋال ھېلىقىنىڭدىن ئازراق بېرەيلى بۇنىڭغا،خېرىدارنىڭ ئالدىدىمۇ مۇشۇنداق قىلىپ ئولتۇرمىسۇن يەنە،سەتلەشتۈرۈپ،جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولماس ،دەپتىكەن،بۇنىڭ ساق ۋاقتىدا ئازراق پۇل تېپىۋېلىپ،ئاندىن ئۇنى ئىچكىرگە ئەكىرىپ سېتىۋېتەمىز،ئۇنى تېز ياتقۇز-رەشىدە شۇنداق دېگەچ يانچۇقىدىن بىر بولاق نەرسىنى چىقاردى.
ئەر پۈتۈن كۈچى بىلەن تىپىرلاۋاتقان رەنانى كارۋاتقا بېسىپ ياتقۇزۇپ،پۇت قوللىرىدىن چىڭ قاماللىدى.


-قۇتقۇزۇڭلار،ئاھ ،ئەركىن نەدە سىز ،مېنى
قۇتقۇزىۋېلىڭ-رەنا ئېچىنىشلىق ۋارقىرىدى.،ئاڭغىچە رەشىدە بولاقنى ئېچىپ ئىچىدىكى ئاپپاق نەرسىنى
رەنانىڭ ئاغزىغا تۆكتى ،ئاندىن چاي بىلەن كىرگۈزىۋەتتى،رەنا ھەرقانچى تۈكۈرسىمۇ،ئۇنى چىقىرىۋىتەلمىدى.


ئەمدى ،ھوزۇرلىنىپ قالغانسەن-دېدى رەشىدە ھوشىنى يوقاتقىنىچە،خىيالى دۇنيادا پەرۋاز قىلىۋاتقان رەناغا قاراپ.


مەن دېسەم كىچىككىنە بېرىسەن ،ئۇنىڭغا نېمانچە كۆپ بېرىۋېتىسەن-دېدى
ئەر ئاچكۆزلۈك بېلەن رەشىدەگە قاراپ،ئۇ رەشىدەنىڭ سادىق غالچىسىدىن بىرى بولۇپ ،ئىسمى تۇرسۇن ئېدى،قانچىلىغان گۈل-غۇنچىدەك قىزلار ئۇنىڭ ھايۋانى نەپسى بىلەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ چەيلەنگەن ئېدى.


سەن نېمىنى بىلەتتىڭ،تۇنجى قېتىمدا مۇشۇنچىلىك بەرمىسە كېيىن خۇمارى تۇتامتى ئۇنىڭ-دېدى رەشىدە رانانى كۆرسىتىپ-يۈر ئەمدى،ئۇنىڭ مىھمىنىنى چاقىرايلى،ھېلىمۇ بەك ئۇزاق ساقلاپ كەتتى بىچارىنىڭ نەپسى تاقىلداپ


نەچچە پۇلغا دىيىشتىڭ-تۇرسۇن ئىشىكنى ئاچقاچ رەشىدەدىن سورىدى.
بىر كېچىسىنى 20 مىڭ قانداق-رەشىدەنىڭ كۆزلىرى ئويناپ كەتتى.


بەك يامان جۇمۇ سەن ئاچا-تۇرسۇن شۇنداق دېگەچ رەشىدە بىلەن ئىشىكنى سىرتىدىن قۇلۇپلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
بېشىغا كېلىدىغان كۈنلەردىن قىلچە خەۋىرى يوق رەنا خىيالى دۇنيادا پەرۋاز قىلغىنىچە،كارۋاتتا ياتاتتى،چۈنكى ئەمدى ئۇ ھېچكىمگە قارشىلىق قىلالمايتتى.


ئازاپ


ھاياتلىق سىرلىق بىريول،بۇ يولدا بەزىلەرنى بەخىت ،مۇھەببەت ساقلىسا،بەزىلەرنى ئازاب،ھېجران ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ.ھېجران ئازابى ئېنتايىن دەھشەتلىك،ئۇ ئادەمنى تۈگىمەس دەرت ئەلەملەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ،ھەقىقى ئاشىقلار ئۈچۈن،ئۇنىڭ ئازابى ھەتتا ئۆلگەندىنمۇ ئېغىردۇر .


ئەركىن شۇ كەچتە رەنانى ئىزدەپ،ياتىقىغا كېلىپ،ئۇنى تاپالمىدى.


مەن نىمە بىلەي سىز بىلمىسىڭىز ئۇنى،يۈرگەندۇ ھەقىچان

ئولتۇرۇشلاردا،ئويناپ كۈلۈپ-دېدى گۈلناز ئەركىننىڭ رەنانى سۈرۈشتۈرۈپ سورىغان سوئالىغا سوغاقلا قىلىپ،شۇ تاپتا ئۇنىڭدا نە،ۋىجدان ئازابىدىن،نە ،رەناغا بولغان ئىچ ئاغرىتىشتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى-بولدى ئۇنى ،ئىزدىمەيلا قويۇڭە ئەركىن،كەچتە ئىككىمىز بىرەر يەرگە بېرىپ ،ئويناپ كېلەيلىچۇ،كەچكىچە،رەنا-رەنالا دەيدىكەنسىز. ئۇنىڭ مەندىن ئارتۇق نەرى بار زادى.

بولدى قىلىڭ-ئەركىن گۈلنازغا غەزەپ بىلەن تىكىلدى-شۇ تاپتا رەنادىن ئەنسىرەپ ئاران تۇرسام،نېمە قىلىپ يۈرىسىز.


ھەممە ئىشقا،شۇ رەنا ئۆزى سەۋەبچى-گۈلناز سۆزىنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋەتتى.


نېمە ئىشقا ،گەپنى ئوچۇق قىلىڭ-ئەركىن ئەندىكىپ سورىدى.


ھېچ-ھېچ ئىشقا شۇنداقلا دەپ قويدۇم-گۈلناز دۇدۇقلاپ،چىرايلىرى قىزىرىپ كەتتى.

بولدى سىز بېلەن گەپ تالىشىشقا ۋاقتىم يوق ،ئىشىم بار مېنىڭ-ئەركىن  شۇنداق دېگىنىچە ياتاقتىن چىقىپ كەتتى.

گۈلناز قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن،ئىچىدە رەنانى يەنە بىرمۇنچە تىللاشقا باشلىدى،ھەم قىلغان ئىشلىرىدىن مەمنۇن بولۇپ قاقاقلاپ كۈلدى.


ئەركىن شۇ كۈنى كېچىچە ئىزدەپ رەنانى ھېچ يەردىن تاپالمىدى.ئەتىسى يەنە بىركۈن ئوقۇشنى تاشلاپ ئىزدەپ يەنە تاپالمىدى.ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە تېلىفون بېرىپ ،ئۇ يەردىنمۇ خەۋىرىنى ئالالماي ساقچىغا مەلۇم قىلدى.


شۇ تاپتا ئەركىنلا ئەمەس ،ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ،ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان بارلىق كىشىلەر ئازاپ تارىتماقتا ئېدى.رەنا قانداق،ھادىسىگە يولۇققاندۇ،ئۇ ھاياتمىدۇ،يامان نىيەتلىك بىرەرى ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغانمىدۇ،بۇ خېياللار ئۇلارنى قىيناپ بىر مىنىتمۇ ئاراملىق بەرمەيۋاتاتتى.


بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە يازاي،ئاخىرىنى ئەتە داۋاملىق
يوللايمەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 14:57:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-18 14:35
تاھىرجان ، ئىجادىيىتىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ، مېنىڭچە ، سى ...

توغرا ئېيىتتىڭىز،قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت ،شۇنداق بولۇشقا تىرىشىمەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىغەمزات
تىللا
513
تۆھپە
257
UID
388
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 22:40:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلىۋىلىپ ئالدىرماي ئوقۇي....
تىما ئىگىسىنىڭ ئاخرىىغىچە يوللىشىنى ئۈمد قىلىمەن.


باشقىلار سىنى چوڭ كۆرگەندە، ئۆزەڭنى كەمتەر تۇتۇشنى بىل!
باشقىلار سىنى پەس كۆرگەندە، ئۆزۈڭنىڭ قەدرىنى قىلىشنى بىل!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 11:27:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
BiGhemZat يوللىغان ۋاقتى  2012-9-18 22:40
ساقلىۋىلىپ ئالدىرماي ئوقۇي....
تىما ئىگىسىنىڭ ئاخرىىغى ...

كۈندە،يوللىنىدۇ،ئاخىرى


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىغەمزات
تىللا
513
تۆھپە
257
UID
388
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 12:23:16يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇنكىسى يوللانماپتىغۇﻁ ساقلاۋاتىمىز جۇمۇ~


باشقىلار سىنى چوڭ كۆرگەندە، ئۆزەڭنى كەمتەر تۇتۇشنى بىل!
باشقىلار سىنى پەس كۆرگەندە، ئۆزۈڭنىڭ قەدرىنى قىلىشنى بىل!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
2337
تۆھپە
343
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 12:52:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
BiGhemZat يوللىغان ۋاقتى  2012-9-19 12:23
بۇگۇنكىسى يوللانماپتىغۇﻁ ساقلاۋاتىمىز جۇمۇ~ ...

بۈگۈنكىسى ئازراق ئىش سەۋەبىدىن يوللانمىدى ،ئەتە چوقۇم يوللىنىدۇ.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
226
تۆھپە
92
UID
5621
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 11:49:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرىدەك كۈندە بىرە قىسىم يوللىۋەتمەمسىز؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-27 16:41, Processed in 0.068027 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991