ئىگىسى: تەڭرىتاغ

رادىل ئابلا ‹‹ تەڭرىتاغدا سۆھبەت ›› پىروگراممىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

ئىسىمى
ئىلچىن
تىللا
51
تۆھپە
2
UID
3712
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 00:15:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ....قۇللايمىز.................


بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 2

تىللا
100
تۆھپە
59
UID
2128
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 11:18:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
musapirbala يوللىغان ۋاقتى  2011-12-28 19:21
ئاخىرى قويۇلدى ، بەك تەققازا بولغان ئىدىم . مىنىڭ سۇئال ...


مەنمۇ دىققەت قىلدىم. بۇلارمۇ ئۆزى قويغۇچ ياسىاپ شۇنىڭغا قويغان ئوخشىمامدۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mr.Soda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-31 11:18  



Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1432
تۆھپە
737
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 13:08:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام سىزگە بۈركۈت ئەپەندىم، سىز سۆھبەتنىڭ ماۋزۇسى بىلەنلا قاپسىز.  سۆھبەتنىڭ ماۋزۇسى ‹‹قىيىنچىلىقنى ئات قىلىپ مىنگەن يىگىت››. بۇ مېنىڭچە دەل جايىدا قويۇلغان ماۋزۇ. سىز سۆھبەتنى باشتىن-ئاخىر كۆرۈپ چىقمىغان ئوخشايسىز.  سىز سۆھبەتنى كۆڭۈل قويۇپ كۆرگىنىڭىزدە رادىل ئابلا ئەپەندىنىڭ سۆزىدە باشتىن-ئاخىر ‹‹قىيىنچىلىق ___ ئەڭ زور بايلىق›› دەيدىغان ئۇلۇغ ئىدىيەنىڭ نامايان بولغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.
   ئەمدى مۇنبەرنىڭ تېمىسى سۈپىتىدە قويۇلغان ‹‹رادىل ئابلا ‹تەڭرىتاغدا سۆھبەت› پىروگراممىسىدا›› ناملىق ماۋزۇغا كەلسەك، بۇمۇ تور نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا توغرا. نېمە ئۈچۈن دېسڭىز، ناۋادا مۇنبەرگە تېما سۈپىتىدىكى ماۋزۇنى ‹‹قىيىنچىلىق ___ ئەڭ زور بايلىق›› ياكى ‹‹قىيىنچىلىقنى ئات قىلىپ مىنگەن يىگىت›› دەپ قويساق ئۇ ھالدا بۇ ماۋزۇدىن مەزكۇر مۇنبەردە  رادىل ئابلا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى نامايان بولمايدىكەن، پەقەت بىر ماقالىنىڭ ماۋزۇسىدەكلا تەسىر بېرىپ قويىدىكەن.
   مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ماۋزۇ ئەنە شۇنداق قويۇلدى. توغرا چۈشەنگەيسىز.


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
گۈلمىھرە ئەنۋەر
تىللا
356
تۆھپە
314
UID
123

تەڭرىتاغ گۈزىلىمۇڭلۇق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 16:22:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا ، ھەقىقەتەن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچىنىڭ ئاچچىق ئۆتمۈشى بولىدۇ دەپ رادىل ئاكىمىز فىلىمچىلىقمۇ قىپتىكەندە ...


بىرەر سىنىڭ سىزنى يۆلەپ قويىشىدىن ئۈمىد قىلماڭ ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ۋە ئىش باشلاڭ . جەمىئەتنى كۈزۈتۈڭ ، چوقۇم سىز قىلالايدىغان خىزمەت سىزنى ساقلاۋاتىدۇ . ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ . ئەگەر سىز ئۆزگىرىش ھاسىل قىلماقى بولسىڭىز ھازىردىن باشلاڭ

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1246
تۆھپە
893
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 16:50:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ يوللىغان ۋاقتى  2011-12-30 13:08
مۇكاپاتنى ئۆتۈنۈشكە بولمايدۇ ، چوقۇم سىز ئېلىشىڭىز ك ...


بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ مەنمۇ خۇش بولدۇم   ئاۋۇ پوۋسىتنىڭ  ئاخىرىنى بىر پۇتتۇرۇڭ ئەمدى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mehrim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-31 16:53  



يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .
بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 2

ئىسىمى
مىرشاھ
تىللا
137
تۆھپە
41
UID
3079

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 01:24:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى!
مەن ئالدى بىلەن2011 -يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئۇشبۇ تارىخى مېنۇتلىرىدا سىلەرگە  يېڭى يىللىق ئوتلۇق سالىمىمنى يوللايمەن !    ئۆتكەن بىر يىل ھەممىمىز ئۈچۈن ئۆچمەس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ، بىزگە يەنىمۇ ئىشەنچ، ئىرادە بىلەن يېڭى بىر مەنزىلگە قۇچاق ئېچىشىمىزنى ئۈندىمەكتە.
   يېڭى بىر يىلدا ھەممىمىزنىڭ ھەر بىر قەدىمى ئاسايىشلىققا تولسۇن، ئىشلىرىمىز بەرىكەتلىك بولسۇن، تېنىمىز سالامەت بولسۇن،،خاتىرجەملىك، تەلەي ۋە ئامات يار بولسۇن دەپ تىلەيمەن.
   ئاخىرىدا مېنى تەلەيلىك مۇنبەر ئەزاسى قىلىپ تاللىغىنىڭلارغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.


Rank: 1

تىللا
8
تۆھپە
4
UID
3766
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 02:08:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ تورىدىكى بارلىق دوسلارغا ئوتلۇق سالام .  مەن بۇرۇندىنلا تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر مۇلاھىزىلىرىنى ياختۇرۇپ ئۇقۇيتتۇم كۈندە دىگۈدەك كىرەتىىم .  كۆپ قىتىم تەڭرىتاغ مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنى يىڭىدىن ئېچىلغانلىقىنى كۆرۈپ بىلىپ تۇرساممۇ ئەمما ئەزا بۇلۇپ كىرىشنى پەقەت ئويلاشماپتىكەن .
ئەمما بۈگۈن قىيىنچىلىقنى ئات قىلىپ مىنگەن ھەقىقى بىلىم ئىگىسى ، خەلق ئوغلانى ، ئۇيغۇر خەلقنىڭ پەخىرلىق كارخانچىسى رادىل كامنىڭ تەڭرىتاغ تورىغا ئاتايەن كىلىپ ۋاقىت چىقىرىپ تورداشلار ، شۇنداقلا پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە سۇنغان  نادىر ، ھەقىقى ئەمەلىيەتچىللىك بىلەن قىلىنغان بۇ سۆھبەت خاتىرسىنى كۆرۈپ رادىل كامنىڭ پۈتۈن ئۆيغۇر خەلقىگە سۇنغان بۇ كاتتا سوۋغىسىغا  ئازراق بولسىمىۇ كۆڭلۈمدىكىنى سۆزلىرىمنى ئىپادىلەش مەخسىتىدە بۇ مۇنبەرگە ئەزا بوپ كىردىم . تەڭرىتاغ تورىنىڭ  خەلقنىڭ كۆڭلىدىكى ھەقىقى چولپان پاراسەت ئىگىسى رادىل كام بىلەن بىزنى يۈز كۈرۈشتۇرگىنىگە كۆپ رەھمەت.
ئارمان گوروھىنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتى مىللىتىمىز ئۈچۈن ناھايتىمۇ  مۇھىم ، بىر مىللى كارخانىنىڭ تەرەققى قىلىشى شۇ مىللەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە كىلەچىكىدە ئاساسلىق رول ئوينايدۇ .ئارماننىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ئارماننىڭ بىزنىڭ ئىپتىخارىمىز شۇنداقلا بىزنىڭ مىللى كارخانلىرىمىز ئىچىدىكى خەلقىمىزگە ئارماننى جەمىتىمىزدىكى داڭدار  شىركەت، شۇنداقلا رايۇنىمىزدىكى  مىللى سانائىتىمىزدە كەم بولسا بولمايدىغان ئابىدە خاراكتىرلىك شىركەت   ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى، مەن  ئارماننىڭ مەڭگۇ ساغلام   ياخشى تەرەققى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ،
ئارماننىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى شۇنداقلا بۇندىن كىيىنكى ئىستىراتىگىيەسى مىللىتىمىز ئۈچۈن كۆپ تەرەپتىن ناھايتى مۇھىم دەپ قارساق بۇلىدۇ ، ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش ، سېتىۋېلىش ، مىللىتىمىزنى دۇنياغا تۇنۇتۇش ، مۇسۇلمانچە يىمەكلىككە بولغان ئىھتىياجنى قاندۇرۇش قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن  ئارماننىڭ تەرەققىياتى ياكى ۋەيران بۇلىشىنىڭ  تەسىرى تۇلىمۇ مۇھىم تەسىرگە ئىگە، گەرچە مىللى كارخانلىرىمىز كۆپلەپ  قۇرلىۋاتقان زۆرىيىۋاتقان بولسىمۇ ،  كەسىپلەشتۇرۇش  ، سانائەتلەشتۇرۇش ، يىڭىلىق يارتىش ،مەبلەغ توپلاش مەبلەغ سېلىش جەھەتتە يەنىلا تۈۋەن سەۋىيەدە تۇرماقتا بۇ ھال مىللى كارخانلىرىمىزنى دۆلىتىمىزدە ، دۇنيادا ئاساسەن ئۇرۇنسىز ئەھۋالدا قويماقتا  ئەمما ئارمان شىركىتى بۇ جەھەتتە نۇرغۇن ياخشى ، ھەقىقى  بولغان پىلان ۋە پۇختا ئاساسى بىلەن ھەممىنى ئەمەلىيەتكە ئاشۇرۇپ مەملىكەت شۇنداقلا دۇنياغا تۇنۇلغان مىللى كارخانىمىز بۇلۇپ قالدى ، ئارماننىڭ بۇنداق تەرەققى قىلىشى ئەلۋەتتە سىزدەك رادىل ئاكىمىزنىڭ بولغانلىقىدۇر
ھازىر جەمىيتىمىزدە بۇلۇپمۇ مىللىتىمىزدە ئىىختىساس ئىگىلىرى ھەقىقەتەنمۇ ناھايتى بەك قىس ،كۆپلىگەن كارخانىرىمىز نۇرغۇن ساھالەرگە مەبلەغ سېلىشنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلسىمۇ قىلالمايۋاتىدۇ ، ياكى پەقەتلا قىلالمايدۇ ،بىزدە ئاساسى جەھەتتىن يىڭىلىق يارتالايدىغان ،دۇنياۋى كۈلەمدە شىركەت كارخانا بەرپا قىلالايدىغان ، يىڭىدىن كەسىپ ئېچىپ راۋاجلاندۇرالايدىغانلارنىڭ  يوقلىقىدىن  نۇرغۇن پۇرسەت ۋە ئىقتىسادى كىرىمدىن مەھرۇم قىېلىۋاتىمىز دۇنياۋىلىشىش تەرەققى قىلىشتىن ئاساسلىقى نۇرغۇن نەرسىلەدىن مەھرۇم قىلىۋاتىمىز، سىزمۇ بىزدە ئىختىساس ئىگىلىرى ئاز بۇلىشى سەۋەپلىك نۇرغۇن قىيىنچىلىققا ئۇچراپ ئاھ ئۇرغان بۇلىشىڭىز مۇمكىن ، بۇ ھەممىسى بىزدىكى مائارىپ بىلەن تەربىيلىنىشتىكى ئاجىزلىق بۇنىسى سىزگە تۇلىمۇ ئايان ، شىنجاڭ تۇلىمۇ بايلىققا تولغان ئالتۇن زېمىن ئىختىساسلىقلار قانچە كۆپ بولسا قانچىلىك كەسىپ ئېچىلسا يىڭىلىق يارىتىلسمۇ شارائىت ۋە بايلىق جەھەتتە ھەرگىزمۇ يىتەرسىزلىك قىلمايدۇ، ئەمما ئىختىساسلىقلارنىڭ كەم بۇلىشى ،ئەقىل پاراسەت كىرزىسى سەۋەبىدىن يۇرتىمىزدا پۇرسەت بولسىمۇ نۇرغۇن ساھالەر تېخىچە ئېچىلمايۋاتىدۇ ئېچىلسىمۇ بىخلىنالمايۋاتىدۇ، پارتىيمىز يارىتىپ بەرگەن پۇرسەت ۋە ياخشى سىياسەتلەردىن پايدىلىنالماۋاتىمىز   

سىز مىنىڭچە مىللى سودىمىز شۇنداقلا مىللى سانائىتىمىزنىڭ بۇ ساھەسىىدىكى بۇ ئەجەللىك ئاپەتنىڭ يىلتىزىنى ۋە ئۇ ئاپەتنى يۇقۇتۇشنى بىلىدىغان دانا ئەقىللىق ئۇيغۇر ئۆغلانى  ئەمما مەن سىزگە تۈۋەندىكىدەك تەكلىپ بىرەي
سىز ھەر يىلى 1 مىليۇندىن 2 مىليۇن ئەتراپىدا مەخسۇس پۇل ئاجرىتىپ مائارىپ ساھاسىگە مەبلەغ سالسىڭىز يەنى  بىرقىسمىنى  

1-شىنجاڭ ئىچىدىكى نوختۇلۇق ئالى مەكتەپلەدىن بىرنى ياكى بىر قانچىنى تاللاپ مەخسۇس ئارمان ئۇقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىپ  مۇكاپات تارقىتىش ئارقىلىق سىتۇدېنتلىرىمىزنىڭ ئۇقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرسا
2- ئارمان باغچىسى قۇرۇپ  ئىختىدارلىق  تالانتلىق باللانى تاللاپ  ئۇلارنىڭ ئۇقۇش پۇللىرىنى كۆتۈرۈپ كىچىكىدىن باشلاپ كۈزۈتۈپ باشقۇرۇش ئارقىلىق خەلقئارادىكى داڭلىق مەكتەپلەردە ئۇقۇتسا  ئەلۋەتتە سانى كۆپ بولمىسىمۇ  تالانتلىق بولسىلا
3- بىزدە نۇرغۇن كەسىپكە نىسبەتەن تۇنۇش ۋە چۇشەنچە يوق ، مۇشۇ كەسىپلەگە نىسبەتەن قوزغۇتۇش ئېلىپ بېرىپ مۇشۇنداق  ساھادە ئۇقۇۋاتقان كەڭ سىتۇدېنتلىرىمىزنى چىقىمىنى كۆتۈرش ، ئۇقۇش پۇلىنى كۆتۈرۈش ئارقىلىق  خەلقئارادىكى داڭلىق مەكتەپلەردە ئۇقۇتۇش قاتارلىق جەھەتتە قوللاپ بەرساڭلا  مىنىڭچە  يۇقارقىلارنى كۆڭۈل قۇيۇپ پىلانلاپ ئەمەلىيەت بىلەن ھەقىقى قىلسا سانائىتىمىز تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن كۆپ تەرەپتى پايدىسى تېگىپ گەلگۈسىمىز ئۈچۈن كۆپ پايدىسى يىتەتتى دەپ ئۆيلايمە ، نۇرغۇن سىتۇدېنتلىرىمىزنىڭ ئۇقۇش ئارزۇسى كۆڭلىدى كەسىپنى تاللاپ بىلىم ئېلىش ئارزۇسى بولسىمۇ ئىختىسادى قىيىنچىلىق ئۇلارنى بۇنىڭدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇرلىماقتا  قىسقىسى مەنمۇ شۇلارنىڭ بىرسى بەلكىم مەنمۇ يېڭى كەسىپ ئېچىپ سانائەت قىلالىشىم مۇمكىن ئىدى ئەمما ھازىر ئاددى بىر سودىگەرلىك قىلىۋاتىمە ، ئارماننىڭ مەڭگۇ تەرەققى قىلىپ گۈللىنىشىنى روناق تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن  .ئاخىردا سىزنىڭ تېىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن   


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
admin + 3 + 3ئۆزگىچە پىكىر

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 3 تىللا + 3  باھا خاتىرىسى

Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
2
UID
3783
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 10:17:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ياخشى مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىپتۇ !` تېخىمۇ تىرىشىڭلار !` يارايسەن توختىنىياز ئىسمايىل نىدايى !


Rank: 1

تىللا
15
تۆھپە
2
UID
3800
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 17:01:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىم بۇيرىسا مەن چۇقۇم ئىگلىك تىكلەيمەن ، خۇددى رادىل ئابلا ئاكىمىزدەك،رادىل ئابلا ئاكىمىزنىڭ دۇنياۋى شۆھرەتلەرگە ئىرىشىشىنى تىلەيمەن.


Rank: 1

تىللا
10
تۆھپە
3
UID
3806
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 19:16:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا نىڭ  ھەر قايسى   جايلىردا  ئارمان تاللا بازىرى  دىگەن خەتنى  كۈرۈش نى  بەك ئارزۇ  قىلىمىز


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-30 13:18, Processed in 0.070022 second(s), 18 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991