كۆرۈش: 2075|ئىنكاس: 17

يىتكەن چاقىرىق قەغىزى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5462
تۆھپە
2363
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 15:29:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

(ھېكايە)

سۈن جىڭفېڭ


     چاقىرىق قەغىزى تارقىتىلىدىغان كۈنى قىزىتمام ئۆرلەپ يېتىپ قالدىم. دادام ئۇنى ئەكىلىش ئۈچۈن مەكتىپىمگە كەتتى.
     كەچ كىرىپ ئايمۇ كۆتۈرۈلدى. دادامنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. مەن تىتىلداشقا باشلىدىم. ئەل ياتقۇ بولغاندا دادام ۋېلىسىپىتىنى مۈرىسىگە يۈدۈگىنىچە كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىۋېشى چىلىق – چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. كۆڭلۈمنى بىر خىل ئەنسىزلىك چۇلغۇۋالدى. بىر ئاز سۈكۈتتىن كېيىن دادام دۇدۇقلاپ ئېغىز ئاچتى:
   – بالام، نەتىجەڭ نومۇر چېكىدىن  ئون نومۇر يۇقىرىكەن، قايسى مەكتەپتىن چاقىرىق كەلگەنلىكىنى ئېسىمدە تۇتۇۋالالماپتىمەن. قايتىشىمدا دىققەتسىزلىكىمدىن كۆۋرۈكتىن سۇغا چۈشۈپ كېتىپ، چاقىرىق قەغىزىڭ...
    دادامنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقات قىلالمىدىم. ھېلىلا يىغلىۋېتىدىغاندەك قىلاتتىم. ئاشۇ ئاخشىمىدىن باشلاپ دادامنىڭ چىرايىغا قارىمىدىم.
     ئوقۇش باشلانغاندا باشقا مەكتەپنىڭ قايتا ئوقۇش سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىپ، ‹‹خەپ›› دېگەن بىر خىل ئىرادە بىلەن تىرىشىپ ئوقۇدۇم. بىر يىللىق جاپالىق ئەجرىم مېۋە بەردى. ئاخىر چۈشۈمدىمۇ ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن چاقىرىق قەغىزىنى ئۆز قولۇم بىلەن تاپشۇرۇۋالدىم – دە، ئىلگىرىكى مەكتىپىمگە بېرىپ بۇ خۇش خەۋەرنى ئوقۇتقۇچىلىرىمغا يەتكۈزمەكچى بولدۇم.
    سىنىپ مەسئۇلۇم بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇ مېنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن:
    – سىنىپتا ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىدىڭ، ئەمما بۇلتۇر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگىنىڭگە مەنمۇ ئەپسۇسلاندىم. مانا بۇ يىل غەيرەت قىلىپسەن، ئەمدى داداڭمۇ خاتىرجەم بولىدىغان بولدى،  دېدى.
    – نېمە؟ بۇلتۇر نومۇرۇم توشماپتىكەنما؟  سورىدىم ھەيرانلىق بىلەن.
    – بۇلتۇر داداڭ مەكتەپكە كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشۈپ نەتىجەڭنى ئۇققاندىن كېيىن ماڭا ‹‹بالامنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەسلىكى چوڭ ئىش ئەمەس، مەن ئۇنىڭ روھى چۈشۈپ ئۆزىنى تاشلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن›› دېگەنىدى. داداڭ قانداق ئۇسۇل بىلەن سېنى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشكە رىغبەتلەندۈردىكىن، بىلمىدىم،  دېدى مۇئەللىم.
     ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۆز ئالدىم خىرەلەشتى. ئەينى چاغدا دادامنىڭ مېنى روھىي زەربىگە ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن قەستەن كۆۋرۈكتىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن كۆرۈنۈشى كۆز ئالدىمدا گەۋدىلىنىپ چاناقلىرىم ياشقا تولدى. شۇئان ئۆيگە ئۇچقاندەك يۈگۈردۈم. كاللامدا قولۇمدىكى چاقىرىق قەغىزىنى دادامغا تېزرەك كۆرسىتىش، دادامنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى يالغان سۆزلىرى  ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىشلا بار ئىدى...

      ساتتار غۇپۇر تەرجىمىسى


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5462
تۆھپە
2363
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 14:37:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا - ئانىلار بالىلار ئۈچۈن ئاۋارە جۇمۇ !


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
302
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 10:42:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئاددىي ھەم تەسىرلىك ھىكايىكەن، ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز. ئوبدان چىقىپتۇ .


Rank: 2

ئىسىمى
تۇرسۇنئاي سۇلتان
تىللا
72
تۆھپە
27
UID
246
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 12:15:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسىرلىك ئىكەن. تەرجىمىسىمۇ شۇنداق راۋان بوپتۇ.


Rank: 2

تىللا
104
تۆھپە
6
UID
3599
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 22:29:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تەسىرلىككەن ،ئوقۇپ بولۇپ كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىدى


Rank: 4

تىللا
434
تۆھپە
113
UID
3753
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 23:21:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا ئانىنىڭ بارلىقى شۇ پەرزەنتېلەردە ئەمەسمۇ؟


Rank: 4

تىللا
484
تۆھپە
61
UID
5704
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-15 23:56:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



















بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ئۆزەمنىڭ ئەينى يىللاردىكى چاغلىرىم ئېسىمگە كىلىپ قالدى . مەنمۇ تولۇق ئوتتۇرنى قايتا ئوقۇپ ئاندىن ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكە بارغان ئىدىم .







Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1599
تۆھپە
902
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 13:29:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر بەك تەسىرلىككەن
ئەينى چاغدا مېنىڭ چاقىرىقىمنى دادام بەرمىگەن  ئۇ مېنىڭ ئارتىس بۇلۇشۇمنى خالىمايدىكەن
بىراق كېيىن يەنە ئۆزى رازى بولۇپ مېنى ئۇقۇتتى بىراق مەن دادامدىن  نارازى  بولۇپ باقمىدىم


Rank: 4

تىللا
215
تۆھپە
157
UID
5327
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 20:36:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاراسەتلىك ،كۆيۈمچان ئادەمكەن،


Rank: 4

تىللا
361
تۆھپە
60
UID
2748
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 13:20:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق تەسىرلىك يىزىلىپتۇ. مەن يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدىم.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 02:08, Processed in 0.100567 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991