تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 276|ئىنكاس: 10

ۋىيەي،ئاداش!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

65

تېما

9

ئەگەشكۈچى

1528

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
223
مۇنبەر پۇلى
1026
ئىشەنىچ
223
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىيەي،ئاداش!

مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
     
ياش دوستىغا

ۋىيەي ئاداش، بۇ ئۆتۈكۈڭ مەتوكەن،
يوپكا بىلەن قاملىشىسەن قانداقمۇ؟
ۋىيەي ئاداش،پات-پات يېڭى كىيىپ تۇر،
تاشلىۋەتكەن بارمۇ ئۆزنى شۇنداقمۇ...

ۋىيەي ئاداش،سەھرالىقتەك يۈرگۈچە،
كەستۈر چاچنى، چىپار قىلىپ بويايمىز.
ئوت چىقىرىپ ئەركەكلەرنىڭ كۆزىدىن،
بەلنى ئېتىپ تانسا،دېسكو ئوينايمىز.

ۋىيەي ئاداش،كۈندە كىتاب ئوقۇيسەن،
رېئاللىقتا ياشىمامسەن ئادەمدەك.
ۋىيەي ئاداش،جاھان نەدە،سەن نەدە
ئۆزۈڭنىچۇ، چوڭ تۇتمىغىن ئۇنداق بەك.

ۋىيەي ئاداش،خەققە نېمە بىزگە شۇ،
بىزنىڭ ئەرلەر بەكلا ياۋاش،ياۋايى.
تاتلىق سۆزى يوق پەقەتلا،بەك قوپال،
نامرات بولسا ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھى.

ۋىيەي ئاداش،تېپىش كېرەك پۇللۇقنى،
ھالقا،زەنجىر ئۈزۈكلىرىڭ ئاز ئىكەن.
ۋىيەي ئاداش، تۆنۈگۈنكى ئاق پىشماق،
«شىيۇشەن»①كىيىم كىيگەن بالا ساز ئىكەن.

تۇرمۇش قۇرغان دوستىغا

ۋىيەي ئاداش، ئۆيۈڭلارنىڭ «جاڭشوسى»②،
زەپ سىغمىدى قارىغانچە كۆزۈمگە.
راست،ئاچماپتۇ ئالغان جاھازلىرىڭمۇ،
دوستۇم دېسەڭ كىرگىن مېنىڭ سۆزۈمگە.

توڭلاتقۇغا يەڭگۈشلىگىن چوڭىنى،
ئىچىگە تارت تام ئىشكاپنىڭ تېڭىنى.
ۋىيەي ئاداش،مودا نېمە بىلەمسەن،
يۈزدىن ئاشۇر تېلۋىزۇرنىڭ سۇڭىنى.

زۆھرە ئاپتۇ،سەن نېمىشقا ئالمايسەن،
ئايسەم ئاپتۇ،سەنمۇ چېنىپ قالمايسەن.
ئېرىڭ ئالسا سەن نېمىگە قاخشايتىڭ،
ۋىيەي ئاداش،بېشىڭغا غەم سالمايسەن!

     جۇۋان دوستىغا

ۋىيەي ئاداش،ماكچىيىپلا كېتىپسەن،
ئۆلۈپ بەرمە ئەمدى ئەر دەپ، بالام دەپ.
چاي ئوينىغان گۈلبەھرەملەر،بېرىپ قوي،
بىزنىڭ بويتاق تاپسىلارغا سالام دەپ.

ۋىيەي ئاداش، جان بازارغا كىرەمتى،
بالاڭنى قوي،بىللە ئويناپ كۈلىمىز.
كىم بىلىدۇ ئېرىڭ نەدە سىرتتا،
بىزمۇ چۇ،ھايات پەيزىن سۈرىمىز.

ۋىيەي ئاداش،ۋىيەي سېنىڭ بۇ ھالىڭ،
قارا سېنى! خەت ئۆگىتىپ بالاڭغا.
چوڭ بولىدۇ ئۆلمىسە بۇ ھارمىلار،
چاكارمىدىڭ ئېرىڭ دېگەن ساراڭغا.

ۋىيەي ئاداش،ئىچ-ئىچىمدىن ۋاي،ۋىيەي،
نەرىمىز كام دەيمەن زادى ئەرلەردىن.
خەق ئالقاندا پەپىلەيدۇ،قوللايدۇ،
ئۆگىنەيلى ياتتىن،باشقا ئەللەردىن.

ۋىيەي ئاداش،بىز ئاياللار دۆت خەقتە،
نەۋاققىچە بېقىنىپلا يۈرۈيمىز.
ۋىيەي ئاداش،ئەكەل قولنى بىرلىشىپ،
ئەرنى،يۇرتنى قۇل قىلىمىز، ئۆرۈيمىز...

① راھەت كىيىم.بۇزۇپ ئېيتىلغان تىل ئادىتىنى ۋە چىنلىقنى كۆزدەتۇتۇپ ئەسلىسى بويىچە ئېلىندى.
② بېزىلىشى. بۇزۇپ ئېيتىلغان تىل ئادىتىنى ۋە چىنلىقنى كۆزدەتۇتۇپ ئەسلىسى بويىچە ئېلىندى.
بەخىت_ ئەقلىيلىك ۋە قىزغىنلىقنىڭ قوشۇلۇشىدىن كېلىدۇ.

70

تېما

27

ئەگەشكۈچى

6877

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2470
مۇنبەر پۇلى
2961
ئىشەنىچ
2470
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       شئېرنى ياخشى يېزىپسىز.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

48

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
18
مۇنبەر پۇلى
30
ئىشەنىچ
18
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى جەمىيەتكە ماسكىلىدىكەن. ياخشى يىزىپسىز

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

377

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
70
مۇنبەر پۇلى
307
ئىشەنىچ
70
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن !قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن ،بۇرادەر.

24

تېما

0

ئەگەشكۈچى

348

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
84
مۇنبەر پۇلى
197
ئىشەنىچ
84
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشىڭ ساتىرا ئىجادىيىتىدە نەتىجە يارىتىڭ

2

تېما

13

ئەگەشكۈچى

695

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
مەلىكە مەتتوختى
تۆھپە
182
مۇنبەر پۇلى
377
ئىشەنىچ
182
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز توختاپ قالمىغاي
سۈرەتتىكى دۇنيا ئەڭ گۈزەل دۇنيا...

3

تېما

21

ئەگەشكۈچى

3472

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1092
مۇنبەر پۇلى
1900
ئىشەنىچ
1092
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرۇپ ئويلاپ قالاتتىم ،بەزى كىشلەر قىممەت نەرسىلەرنى ئىھتىياج ئۈچۈن  ئالماي باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچىن ئېلىپ  جېننى قىيناپ نىمە قىلدىغاندۇ دەپ،
كۆڭلىمدىكىنى يېزىپسىز،
تەكبۇر ئەيلىمە ھەرگىز، سىنىڭدەكتىن كۇر مىڭى ئۆتكەن. سىنىڭدەكلە تۆرەلمەيمۇ، پەلەكنىڭ چەرقى چۆگىلەپ ئۆت...

65

تېما

9

ئەگەشكۈچى

1528

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
223
مۇنبەر پۇلى
1026
ئىشەنىچ
223
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيتىمنى قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق تورداشلارغا رەھمەت.
بەخىت_ ئەقلىيلىك ۋە قىزغىنلىقنىڭ قوشۇلۇشىدىن كېلىدۇ.
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا
ياخشى   ېىزىپسىز رەخىىمەت
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا
ياخشى بوپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-12-10 03:56, Processed in 0.139088 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش