تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 361|ئىنكاس: 6

شىنجاڭدكى ئەيدىز ۋە ئۇيغۇرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

0

ئەگەشكۈچى

300

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
102
مۇنبەر پۇلى
184
ئىشەنىچ
102
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئەسسالامۇئەلەيكوم! شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرىگە قەدەم تەشرىپ قىلىۋاتقان ھۆرمەتلىك تورداشلار. شىنجاڭدىكى ئەيدىز ۋە ئۇيغۇرلار دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە-مۇنازىرە قىلىپ، بىز ئۇيغۇرلاردا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ نىسبەتەن كۆپلىكىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ئىزدىنىپ، ھەممىمىزنىڭ ئەيدىزدىن يىراق تۇرىشىمىز ئۈچۈن، بىلگەنلىرىمىزنى، ئويلىغانلىرىمىزنى بايان قىلىشىپ باقايلى.
    تورداش دوستلار ئالدى بىلەن بىز شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ-مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يۇرتلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش سېلىشتۇرما-سىتاتىستىكا ماتىرىياللارنى كۆرۈپ باقايلى.
    ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، ئەيدىزنىڭ شىنجاڭدىكى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى سېلىشتۇرما ئەھۋالى ئەنە شۇنداق.
    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدە ئۆتكەن يىلى (2012-يىلى) 12-ئاينىڭ بېشىدا مۇنداق خەۋەر بېسىلغان.
2012-يلى سىنتەبىرنىڭ ئاخىرغىچە ئاپتونوم رايۇنىمىزغا دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئەيدىز ئاغرىقى 40 مىڭ 110 بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدىكى ئەيدىز ئاغرىقى 8600 ئىكەن، 5929ئەيدىز ئاغرىقى قازا قىلغان. مۆلچەرىنىشىچە ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 60مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئىلى، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋە تۇرپان قاتارلىق رايۇن-ۋىلايەتلەردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار پۈتكۈل ئاپتونوم رايۇنىمىز ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ %83.2 ئىگىلىگەن.  
   دېمەك، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىزدا  ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مىللەتلەر نىسبىتىدە  %80  ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى، ئەمما شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى مىللەتلەر نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگەللەيدىغان نىسبىتىنىڭ %80 ئەمەسلىكى نۇقتىسىدىن چىققاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز ئالدىدىكى تۇنۇشى، پۇزىتسىيەسى ھەم ئەيدىزنىڭ نەدە، قانداق يۇقۇدىغانلىقىدىن خەۋەرسىز، بىغەم، پەرۋاسىز كىشىلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكىدىن ئويلانماي تۇرالمايمىز.
    خوش، ئۇنداقتا نېمىشقا مۇشۇنداق ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ؟ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت كومىتىتى ئىشخانىسى ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت-ئوبلاستلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى  بولسىمۇ، ئەيدىز شىنجاڭدا، شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردا نېمىشقا باشقا رايۇن-مىللەتلەردىن پەرىقلىق ھالدا كۆپىيىپ كېتىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئەخلاقسىزلىقمۇ، قىممەت ئېڭى قالايمىقانلاشقان چۈشكۈنلۈكمۇ، ياكى ئەيدىز توغرىسىدىكى تەشۋىقاتنىڭ ئۇسۇلى، شەكلى، مىقتارى جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكمۇ؟!
  مىللەت-مەدەنىيەت ئارىلاشقان زاماندا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى يىتەرسىزلىك بىلەن ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىلىنىشىمۇ؟
  سەۋەبسىز ئىش بولمايدۇ. ھادىسە ئارقىلىق ماھىيەتنى بىلگىلى، ماھىيەت ئارقىلىق ھادىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
  ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ مىللەت ۋە يۇرتلار بويىچە پەرقنىڭ كىلىپ چىقىشى، شۇ مىللەت، شۇ يۇرتنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەت-پۇزىتسىيەسىنىڭ  قانداقلىقىنىمۇ بىلدۈرۈپ بىرىدۇ.  
  
   جەمىيەتتە باشقىلارنىڭ قەدىر-قىممىتىنى قىلىش ئۈچۈن ئەخلاق كىلىپ چىققان. باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇن كىلىپ چىققان. شۇڭا، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنى ھەرگىزمۇ خالىمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ كۈنسىرى كۆپىيىشى ئەتراپىدىكىلەرگە، جەمىيەتكە بېسىم، خەۋىپ ئېلىپ كەلمەي قالمايدۇ. خەتەرلىك قىلمىشى بولمىسىمۇ، باشقىلار سەۋەبلىك ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار چۈشكۈنلىشىدۇ ھەم ھاياتلىققا، جەمىيەتكە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ.
  "كوزا كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە" دېگەندەك، ھەر بىرىمىزنىڭ ئەيدىزدىن يىراق تۇرىشىمىز ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ كۆپلىكىنىڭ سەۋەبى  توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ باقايلى.  چۈنكى، سەۋەبنى تېپىپ چىققاندا  ئاندىن ئالدىنى ئالغىلى،  تىزگىنلىگىلى، ئازايتقىلى، يوقاتقىلى بولىدۇ.  

2

تېما

1

ئەگەشكۈچى

291

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
116
مۇنبەر پۇلى
163
ئىشەنىچ
116
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاللا بارچىمىزنى توغرا يولغا باشلىغىن..................!

8

تېما

10

ئەگەشكۈچى

5843

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
مەخمۇت سەلەي..
تۆھپە
3540
مۇنبەر پۇلى
2321
ئىشەنىچ
3540
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر مىللەتنى زەھەر تارقىتىپ،ۋابا تارقىتىپ،ئەيدىز تارقىتىپ يوق قىلىش...ئالغا كەتكەن دۆلەتلەردىن قۇرال-ياراق سېتىۋىلىپ ياكى قۇرال ئىشىلتىپ يوق قىلغاندىن كۆپ ئاسانغا توختايدۇ..شۇڭا ۋاختىدا ئالدىنى ئالماسلىقمۇ بىرخىل يوقۇتۇش شۇ مىللەت ئۈچۈن...ئىلگىرى بىر قېتىم چاشقان غولداپ كىتىپ مۈشۈك يوقۇغان،لىكىن ئىچكىرىدىن يۈز مىڭلىغان چاشقان دورىسى ياساپ ساتقۇچىلارنىڭ شىنجاڭغا كىرىپ يەرلىشىشىگە سەۋەپ بولغان..
ئەيدىزنىڭ ئالدى ئېلىنماسلىقى..يەنە نۇرغۇنلىغان چالا دوختۇرلارنىڭ زىمىنىمىزغا كىلىپ يەرلىشىشىنى كۈتمەكتە...

6

تېما

14

ئەگەشكۈچى

2408

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
787
مۇنبەر پۇلى
1442
ئىشەنىچ
787
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1772005701 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-4 16:31
بىر مىللەتنى زەھەر تارقىتىپ،ۋابا تارقىتىپ،ئەيدىز تار ...

ئەيدىزنىڭ ئالدى ئېلىنماسلىقى..يەنە نۇرغۇنلىغان چالا دوختۇرلارنىڭ زىمىنىمىزغا كىلىپ يەرلىشىشىنى كۈتمەكتە...

چالا دوختۇرلار ئىشقا چۈشۈپ بولدى.
قۇملۇقتەك جىمجىت تۇرماي دېڭىزدەك ئۆركەشلەپ تۇرساق بولاتتى.

8

تېما

10

ئەگەشكۈچى

5843

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
مەخمۇت سەلەي..
تۆھپە
3540
مۇنبەر پۇلى
2321
ئىشەنىچ
3540
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاپىتان يوللىغان ۋاقتى  2013-12-4 21:08
ئەيدىزنىڭ ئالدى ئېلىنماسلىقى..يەنە نۇرغۇنلىغان چالا  ...

ئەمسە كىسەل كۆرمەي ئۆلگۈدەكمىز...

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

361

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
131
مۇنبەر پۇلى
197
ئىشەنىچ
131
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مىللىتىمىز  ياشلىرى ئىچىدە زەھەرلىك چىكىملىك  ۋە باشقا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بىلەن ئۆزىنى -ئۆزى ھالەك قىلدىغانلار كۆپيىپ كىتىۋاتىدۇ،ئادەمنىڭ ئىچى ئىچىشىدۇ ئاشۇ تۈرمە ئالدىدا يىغىلاپ ئولتۇرغان ئاتا-ئانىلارغا قاراپ.

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

407

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
55
مۇنبەر پۇلى
349
ئىشەنىچ
55
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان گۈزەل ئەخلاققا ئەنە شۇ نىجاسەت ئەيدىزنى تىگىشىۋاتىمىز ئەمەسمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-12-9 22:55, Processed in 0.113833 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش