چوڭ تىپتىكى ئالتە پەردىلىك ناخشا-ئۇسسۇللۇق تارىخىي ئوپىرا «چىن مودەن» ئۈرۈمچىدە ئوينالدى
چوڭ تىپتىكى ئالتە پەردىلىك ناخشا-ئۇسسۇللۇق تارىخىي ئوپىرا « چىن مودەن » قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ زور تىرىشچانلىقى ھەمدە قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم ، مەمۇرىي مەھكىمە ، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخىسلەرنىڭ ئاكتىپ قوللىشى ۋە ئىشتىراك قىلىشى بىلەن قايتا سەھنىلەشتۈرۈلۈپ ، 29-، 30-نويابىر كەچ ئۈرۈمچى ئاققوۋۇق تىياتىرخانىسىدا كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى . چىن مودەن نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان قومۇل خەلقى ئارىسىدا تەرىپلىنىپ كەلگەن ، قومۇلدىكى ئون ئىككى تاغنىڭ بىرى بولغان باغداشتا تۇغۇلغان ئاقكۆڭۈل ، ساددا دېھقان قىزى . ئۇ كىچىكىدىنلا ئۆزى بىلەن بىر مەھەللىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەردان بىلەن بىللە مال بېقىپ ، ئوۋ ئوۋلاپ ، بارا-بارا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ ، مۇھەببەت سەپىرىنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىنى باسقان بولسىمۇ ، قومۇل ۋاڭىنىڭ چىن مودەننىڭ گۈزەللىكىگە كۆزى چۈشۈشى سەۋەبلىك ، مەردان بىلەن نىكاھ بوسۇغۇسىغا قەدەم بېسىشقا ئۈلگۈرمەيلا يەرلىك بەگ-تۆرىلەرنىڭ قومۇل ۋاڭىغا ياخشىچاق بولۇشتىكى سوۋغات بويۇمىغا ئايلىنىپ قومۇل ۋاڭىغا ‹‹ سوۋغات ›› قىلىنىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەرلىك بەگ-تۆرىلەر يەنە چىن مودەننىڭ مەشۇقى مەرداننىڭ چىن مودەننى دەپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىشىدىن ئەنسىرەپ مەرداننى ئات ئوغرىسى دەپ تۆھمەت ئارتىپ تۇتۇپ كېتىدۇ . ھۆرلۈك ۋە مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولغان چىن مودەن قومۇل ۋاڭىغا مەجبۇرى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىلمەكچى بولغان كۈنلەردە خان ئوردىسىدىكى بىر قىسىم ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر مەردان بىلەن چىن مودەننى ئەپچىللىك بىلەن تەڭلا قاچۇرىۋېتىدۇ . بۇ ئىككى ئاشىق-مەشۇق ئوردىدىن قېچىپ قومۇلدىكى 12 تاغنىڭ بىرى بولغان ئاراتامغا كەلگەندە قوغلاپ كەلگەن ۋاڭ لەشكەرلىرى ئۇلارنى تۇتۇۋېلىپ ، چىن مودەننى ئوردىغا قايتىشقا مەجبۇرلايدۇ ، چىن مودەن بىلەن مەردان ئۆزىنىڭ پاك سۆيگۈسىنى قوغداش ، بىر-بىرىگە بولغان ساداقەتمەنلىكىنى ئىپادىلەش ، چىن مۇھەببەت ، ئەركىنلىك ئۈچۈن ۋاڭ لەشكەرلىرىگە بوي ئەگمەي ئۇلار بىلەن ئېلىشىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا ۋاڭ لەشكەرلىرىنىڭ ئادەم سانىنىڭ كۆپ بولۇشى سەۋەبىدىن جەڭدە قۇربان بولىدۇ . شۇ يەردىكى كىشىلەر چوڭقۇر قايغۇ ۋە ئېچىنىش ئىچىدە بۇ بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنى يەرلىككە قويىدۇ. ئىگىلىنىشىچە ، قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى بۇ ئوپېرانى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى سەھنىگە ئېلىپ چىققان بولۇپ، 2012-يىلى قايتا ئىشلىگەن ھەمدە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان ، ئارتىسلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ رېپىتېتسىيە قىلىشى ئارقىلىق ، << چىن مودەن >> ئوپېراسى بۇ يىل يىل ئاخىرىدا يېڭىچە قىياپەتتە كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن .
|