كۆرۈش: 43180|ئىنكاس: 7

رەھبەرنىڭ بىر سائەتلىك دەرسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5546
تۆھپە
2451
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 15:25:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن ئامېرىكىدىكى ئىنتېرنېتتا DVD ئىجارە بېرىدىغان ئەڭ چوڭ شىركەت ‹‹نافرى ›› نىڭ قۇرغۇچىسى خاتسىن تېخى بىر ياش يىگىت ئىدى ، ئۇ 30 دەك ئادىمى بار بىر يۇمشاق دېتال شىركىتىدە خىزمەت قىلاتتى ، شۇ چاغدا ئۇ شۇنچىلىك بېرىلىپ ئىشلىگەنكى ، دائىم كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ پروگرامما تەرتىپى يازاتتى.
     بۇ چاغلاردا قەھۋە ئۇنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدىغان بىردىنبىر نەرسە بولۇپ قالغان بولۇپ ، ئاخشىمى پاكىز تازىلاپ قويۇلغان كومپيوتېر ئۈستىلى ئەتىسى كەچتە قەھۋە ئىستاكانىغا تولۇپ كېتەتتى ، بىراق مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ، سەھەردە ئۇ ئىشخانىغا كىرگەندە ئۇ يەر – بۇ يەرگە تاشلانغان ئىستاكانلارنىڭ پاكىز يۇيۇلغان ھالدا تىزىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرگەندە كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ ، ‹‹تازىلىق خادىمى ئاخىرى چىداپ تۇرالماپتۇ – دە!›› دەيتتى ئۆزىگە.
     بىر يىلدىن كېيىنكى مەلۇم بىر كۈنى خاستىن سەھەردىلا ئىشخانىسىغا يېتىپ كەلدى ، ئۇ پىكاپىنى ھەيدەپ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا كىرىپلا ، باش مۇدىرنىڭ پىكاپىنى تونۇۋالدى ، بۇ چاغدا تاڭ تېخى يورۇمىغان بولسىمۇ ، باش مۇدىرنىڭ كېلىپ بولغانلىقى ئۇنى ھەيران قالدۇردى ، ئىشخانىسىغا كىرىشتىن بۇرۇن ئۇ سۇخانىغا كىرىپ ئۆتمەك بولدى ، كۆزىگە بىردىنلا سۇخانىدا بىر ئىشلارنى قىلىۋاتقان بىر ئادەم كۆرۈندى ، بۇ ئادەم چاپان كىيمىگەن بولۇپ ، پۇشقىقىنىمۇ خېلى ئېگىز تۈرۈۋەتكەنىدى ، ئالدىدىكى سۇ كۆلچىكىدە بولسا مەينەت قىلىپ تاشلانغان بىر دۆۋە قەھۋە ئىستاكانى تۇراتتى ، ئۇنى يۇيۇۋاتقان بۇ ئادەم دەل باش مۇدىر ئىدى . بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆڭلىدە مۇنداق سوئال پەيدا بولدى : ئۇ يۇيۇۋاتقان ئىستاكان مېنىڭ قەھۋە ئىستاكانىم ئەمەستۇ – ھە؟!
     ئۇ دەرھال ھېس قىلدى : ‹‹ئۆتكەن بىر يىلدا مېنىڭ ئىستاكانىمنى يۇيۇپ قويۇۋاتقان ئادەم تازىلىق خادىمى بولماستىن باش مۇدىر ئىكەن – دە!‹‹ ھە دېگەندىلا بىر خىل ئارىسالدىلىق ، خىجىللىق ، ئىچ پۇشۇقى ۋە ئۆزىگە كايىش تۇيغۇسى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالدى.
     — سىز نېمىشقا مېنىڭ ئىستاكانىمنى يۇيۇپ بېرىسىز؟ – دەپ سورىدى ئۇ كېكەچلەپ .
     — ھەي، سىز شۇنچىلىك بېرىلىپ خىزمەت قىلىسىز ، بىز ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بەردىڭىز ،– دېدى باش مۇدىر ، شۇڭا مەن تولا ئويلاپ ئاخىرى سىزگە مۇشۇ ئىشنى بولسىمۇ قىلىشىپ بېرىشنى قارار قىلدىم ، چۈنكى مەن سىزگە باشقا جەھەتتىن ياردەم بېرەلمەيدىكەنمەن!
     خاستىننىڭ ۋۇجۇدى سىلكىندى ، چۈنكى ئۇ بىر ئەھمىيەتلىك دەرس ئالغانىدى، بىر رەھبەرنىڭ ئادەم ئويلاپ باقمىغان كەمتەرلىكى خىزمەتچىدە ئىنتايىن بۈيۈك ھۆرمەت تۇيغۇسى پەيدا قىلغانلىقى ھەممىگە ئايان بولسا كېرەك ، شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىلدا خاستىن تېخىمۇ بېرىلىپ خىزمەت قىلدى ، شۇ چاغدا ئۇ باشقىلارنىڭ سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەرگەنىدى :  – ئەگەر مۇمكىن بولسا، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوت دېڭىزىغا كىرىشتىنمۇ يانمايمەن!

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
72
تۆھپە
14
UID
156
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-2 14:21:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز ھەمكارلىشقۇچىلىرى ياكى خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى بىلگەن ئادەم چوقۇم غەلبە قىلىدۇ ... ئارماننىڭ باش دېرىكتورى رادىل ئابلا ئەپەندىنىڭمۇ ئىلگىرى ھەر كۈنى چۈشتە ئوخشاش بولمىغان بىر خىزمەتچىسى بىلەن تاماق يەيدىغانلىقى ، شۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ قانداق پىكىر تەكلىپلىرى ، قانداق جاپا - ھاجەتلىرى ، قىيىنچىلىقلىرى بارلىقىنى سوراپ تۇرراتتىكەن ........


تاللىغان يولۇڭ توغرا بولسا ، ئۆمىلەپ بولسىمۇ تۈگىتىۋەت ....

Rank: 2

تىللا
89
تۆھپە
39
UID
851
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 12:15:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلاھىم بىزنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، ئىلمى مۇدىرلىرىمىز، سىياسى مۇدىرلىرىمىز، زۇجاڭلىرىمىزمۇ ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلغان بولسا بىزمۇ ۋاقتىمىزنىڭ ئوقۇتۇشقا كۆپرەق قاراتقان، بىزگە ۋاقىت بەرگىنىگە خۇشال بولۇپ تىرىشىپ ياخشى ئىشلىگەن بۇلاتتۇق ھە!
يۇقىردىن چىققانلارمۇ دەپتەر- قەلەم، پىلان خۇلاسە كۆرگىچە بالىلارنىڭ سەۋىيسىنى تەكشۈرسە، بىزنىڭ ھالىمزىنى سوراپ قويسىدى، بىز ئۇ ۋاقىتتا ئۆزىمىزنى تولىمۇ بەخىتلىك ھىس قىلغان بولاتتۇق، بۇنداق ئىشلار بەلكىم شۇ چەتئەللەردىلا بۇلىشى مۈمكىن ھە!
بىزنىڭ بۇيەردە دەپتەر، قەغەزلەر بۇيالسىلا خىزمەت دىگەن شۇ. خەتنى كىم ئىرىنمەي كۆپ يازسا شۇنىڭ ئۆزى خىزمەت ئىلغارى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   heike007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-24 12:16  



Rank: 4

تىللا
238
تۆھپە
174
UID
5327
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 20:44:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپادا ،ھالاۋەتتە بىرگە بولسا ئاندىن قول  ئاستىدىكىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدۇ،ئۇتۇق قازىنالايدۇ.


Rank: 1

تىللا
6
تۆھپە
4
UID
6104
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 18:34:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەتئەللەرنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۇگۇنۇشكە ئەرزىيدۇ . بىزنىڭ بۇ يەردە  بىر قىسىم باشلىقلىرمىز خىزمەتچىلەرگە كۇپىنچە ھاللاردا بۇيرۇق تەلەپپۇزدا سۆزلەيدۇ . ھالاۋەتتە ئالدىدا ، جاپادا كەينىدە ،


Rank: 4

تىللا
204
تۆھپە
118
UID
10827
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 20:00:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلار باشقۇرۇش رولىنىلا ياخشى ئۆتىمەستىن قول ئاستىدىكىلەرگە ۋاقتى كەلگەندە (خىزمەتمۇ)قىلالىسا ئاندىن ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرشىپ بىرلىكتە ئۇتۇق قازىنالايدۇ.


Rank: 1

ئىسىمى
شىر ئەلى
تىللا
25
تۆھپە
18
UID
14838
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 13:45:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر رەھبەر بولغۇچى قول ئاستىدىكىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىشى كېرەك . مانا بۇ رەھبەر ئادەم ئىشىلتىشنى ھەم ئۆزىنىڭ قەدىر -قىممىتىنى بىلىدىغان ئادەمكەن .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەمتىمىن
تىللا
776
تۆھپە
130
UID
4871
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 17:19:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرىمىز بۇ تېمىنى كۆرگەن بولسىچۇ!!!!!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-30 08:47, Processed in 0.074935 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991