چىن مۇھەببەت قېنى سەن قېنى
خازان بولدى پاك سۆيگۈ بېغى ، يۈرەكلەردە دەرت - ئەلەم دېغى . باستى ھجىران ، ئاھانەت تېغى ، چىن مۇھەببەت قېنى سەن قېنى .
دۇنيا ئىزلەپ روھلار سەرسانە ، مەئىشەت دەپ ئۆيلەر ۋەيرانە ، ياخشىلارغا ياغدى ئەپسانە ، چىن مۇھەببەت قېنى سەن قېنى .
قېرىنداشلار نەپ ئۈچۈن ئازدى ، كۆڭۈللەرنى ۋەسۋەسە ئالدى ، ئاقىللارنى ئەندىشكە سالدى ، چىن مۇھەببەت قېنى سەن قېنى .
ئۇنتۇلماقتا گۈزەللىك ، ئەخلاق ، خۈنۈكلشپ ئۆچمەس ئىز ، پىراق ، مۇڭغا چۈمدى ئالتۇن قوڭغۇراق ، چىن مۇھەببەت قېنى سەن قېنى .
قېنى شېرىن تاغ كەسكەن پەرھاد ، ئانا زىمىن چەكمەكتە پەرياد ، چاڭقاقلىققا چۈمۈلدى ھايات ، چىن مۇھەببەت قېنى سەن قېنى .
ئادىمىيلىك ياتلىشىپ كەتتى ،
ئىنساب يوقاپ تابلىشىپ كەتتى ، ھالال - ھارام ئارلىشىپ كەتتى ، چىن مۇھەببەت قېنى سەن قېنى .
خەسسىسلەرنىڭ كۆزلىرىدە قان ، غېرىبلارنىڭ كۆزلىرىدە نان ، پۇلنى كۆزلەپ سېسىماقتا جان ، چىن مۇھەببەت قېنى سەن قېنى .
ھاياتلىقنىڭ جېنى مۇھەببەت ،
ئۇلۇغلۇقتىن تۆكۈلگەي بەركەت ، ئەھلى قۇچقاي مەنزىلدە نۇسرەت ، چىن مۇھەببەت قېنى سەن قېنى .
مەنبە ؛ قەلەم |