ئىگىسى: تەڭرىتاغ

ئالماشقان بوۋاقلار ( پوۋېست ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 00:35:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    داۋامى ...
    ماھىرە بولسا سائىتىگە پات - پات قاراپ قوياتتى ، گەرچە بۈگۈن ئوينىغىلى ماڭغان بولسىمۇ بىراق << بۈيۈك دۇنيا >> بەزمىخانىسىغا ئاز قالغانسېرى ئۇنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ ، جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتى ...
    ئۇلار بەزمىخانىنىڭ ئالدىغا يىتىپ كەلگەندە جودا ، كامىل ۋە يەنە بىرەيلەن ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغانىدى . قىزلار ماشىنىدىن چۈشتى ، سانىيە جودانى كۆرۈپلا يۈرىكى جىغغىدە قىلدى ، بايا تاكسىغا تۇنجى قېتىم ئولتۇرغاندىكى خۇشاللىقىمۇ نەلەرگىدۇر غايىب بولغانىدى . ئۇنىڭ شۇ تاپتا قىزلار بىلەن بىللە كىرگۈسى كەلمىدى ، كۆڭلى قانداقتۇر بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك تۇرغان ئورنىدا تۇرۇپلا قالدى ، جودا بىلەن تەڭ بەزمىخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقان رەنا بىلەن ماھىرە سانىيەنىڭ ئورنىدا قوزۇقتەك تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ، كەينىگە يېنىپ ئۇنى ئىككى تەرەپتىن قولتۇقلىۋالدى .
    - يۈرە ئاداش ، بىللە كىرىمىز .
    سانىيە ئامالسىز ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى ، قانداقتۇر ئىگىز - پەس پەلەمپەيلەرنى دەسسەپ تۆۋەنگە چۈشتى ، ئۇلار بەزمىخانا ئىچىگە قاراپ ماڭدى ، ناھايىتى يۇقىرى ئاۋازدا قويۇۋېتىلگەن دېسكو مۇزىكىسى بەزمىخانا ئىچىنى بىر ئالغانىدى ، سانىيە بۇنداق يەرگە تۇنجى قېتىم كىرىشى بولغاچقىمىكىن ھەيران قالدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش كېچىسى بولغاچقا ئادەملەر ناھايىتى نۇرغۇن ئىدى . قىزلار ، يىگىتلەر ، ئەرلەر ، چوكانلار ھەتتا يېشى 40 تىن ئاشقان كىشىلەرمۇ بار ئىدى ، سانىيە بۇ بىر توپ كىشىلەرنى كۆرۈپ سەل قورۇندى ، توۋۋا دېدى ئۇ ئىچىدە ، بۇ زادى قانداق يەردۇ ؟ ھەجەپ چوڭ - كىچىك دېمەيلا بىللە ئولتۇرۇپ ، بىر مەيداندا ئويناۋېرىدىكىنا ؟ سانىيە ئويلىغانسېرى كاللىسىدىن ئۆتمەيتتى ، كۇرسقا ماڭغان ۋە قايتقان چاغلىرىدا رەنا بىلەن ماھىرەنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەي ئېيتقان دىبا دېگىنى ئەسلىدە مۇشۇ يەركەندە ؟ ...
    قىزلار جودالارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ، مەيداننىڭ سول تەرىپىگە جايلاشقان ئالتە كىشىلىك ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇردى ، بۇ چاغدا ماھىرەنىڭ يېنىدا كېتىۋاتقان جودا دەرھال ئۆز ئورنىنى ئۆزى بىلەن بىللە كەلگەن سەمەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىپ ، ئۆزى سانىيەنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇۋالدى . ئۇلار ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن جودا سۆز باشلىدى :
    -ھە قېنى قىزلار ، بۈگۈن مەن مېھمان قىلىمەن ، ئەمسە نېمە يەيسىلەر ، نېمە ئىچىسىلەر ئۆزۈڭلار بۇيرۇتۇڭلار .
   - ئەمىسە تارتىنمىدۇق ، جودانىڭ ئورۇن يۆتكىلىۋالغىنىغا باياتىنلا ئاچچىقى كەلگەن ماھىرە چاندۇرماي تۇرۇپ . - قېنى تىزىملاڭ ...

   ماھىرەنىڭ ھەقىقەتەن ئاچچىقى كەلگەنىدى ، ئۇ جودانىڭ ئۆزىگە قارىتىپ قويۇپ ، سانىيەنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇۋالغانلىقىغا ، ئۆزىنى نەدىكى يوق بىرسىگە بېرىۋەتكەنلىكىگە غەزەبلەنمەكتە ئىدى ، لېكىن ئامال قانچە ؟ ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ئويلىغىنى بار بولۇپ ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە جودانى ئۆزى تارتقان مۇشۇ ئازابلارغا دۇچار قىلماقچى ، ئۇنى قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلدۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى .
   - ئاداش ، بولدى قىل ، ھېلىمۇ جىق بۇيرۇتۇۋەتتىڭ ، - رەنا ماھىرەنىڭ توختىماي نەرسە بۇيرۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ شۇنداق دېدى ، ماھىرە بايىقى ئىشلارنى ئويلاپ غەزىپىدىن توختىماي يەيدىغان ، ئىچىدىغان نەرسىلەرنى بۇيرۇتقان ، رەنا بۇنى سېزىپ ماھىرەنى چاقىرغان ئىدى .
    - ئەمسە مۇشۇلار بولسۇن ، - ئۇ قولىدىكى تىزىملىكنى كۈتكۈچىگە بەرگەچ جودانىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ قارىدى .
   - يەنە بۇيرۇتۇڭ ، ئېشىپ قالسا داباۋ قىلىپ بەرمەمدىم ،- دېدى جودامۇ چىرايىنى ئۆزگەرتمىگەن ئاساستا .
    ئىككەيلانلا جىمىپ قالدى ، ئوتتۇرىدىكى جىمجىتلىقنى رەنا بۇزدى :
    - غەيرەت ، سورۇندىكىلەرنى بىرەر قۇر تونۇشتۇرمامسىز ، - ئۇ ئاساسلىق ماھىرەنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان سەمەرنى كۆزدە تۇتقانىدى .
   - ھەئە ، كەچۈرۈڭلار ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، بۇياقنى ھەممىڭلار تونۇيسىلەر ئىسمى كامىل ، بۇ ئاغىنەمنىڭ ئىسمى سەمەر ، بىز ھەممىمىز بىر مەكتەپتە ، ھە قېنى ئەمدى سىلەرگە كەلدى .
    رەنا نايناقشىپ تۇرۇپ سۆز باشلىدى .
   - مېنىڭ ئىسمىم رەنا ، بۇ ئاغىنەمنىڭ ئىسمى ماھىرە ، ئاۋۇ تارتىنىپ ئولتۇرغان ئاغىنىمىز بولسا سانىيە ، بىز ھەممىمىز تىببىي ئۇنۋېرسىتېتتا ئوقۇيمىز .
   ئۇلار بىر - بىرىگە قارىشىپ قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى ، پەقەت سانىيەلا جىم ئولتۇراتتى ، ئۇ ئۆزىنى ئۆزى نېمىشقىمۇ كەلگەنسەن دېگىنىچە ئەيىبلەيتتى .
    تاماقلار تارتىلىپ ، ئىچىملىكلەر كەلتۈرۈلدى ، سورۇندىكىلەر تاماققا ئېغىز تېگىشكە باشلىدى ، بىراق سانىيەنىڭ يېگۈسى كەلمەيتتى ، دەل شۇ چاغدا رەنا سۆز ئاچتى :
    - سانىيە ، ئازراق بىر نەرسە يەۋالغىن ، بولمىسا ھېلى ھاراق ئىچكەندە قىينىلىپ قالىسەن .
   ماھىرەمۇ رەنانىڭ سۆزىنى ماقۇللاپ باش لىڭشىتتى .
   - كەچۈرۈڭلار مەن ھاراق ئىچمەيمەن .
   - نېمە ؟ ھاراق ئىچمەمسەن يا ئىچەلمەمسەن ؟
   - ئىچمەيمەن ھەم ئىچەلمەيمەن ، ئەزەلدىن ئىچىپ باقمىغان ، شۇڭا مېنى زورلىماڭلار ...
   سانىيە پەقەت شۇلارنى دېيەلىدى ، ئۇ شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ خاتا كىلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى . ئىشنىڭ ئەپلەشمەيۋاتقانلىقىنى كۆرگەن جودا ماھىرەگە ئىشارەت قىلدى ، ماھىرە جودانىڭ ئىشارىتىنى كۆرۈپلا :
   - ئاداش ، بۇنداق دېسەڭ قاملاشمايدۇ ، بىزمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئىچىشنى بىلمەيتتۇق ، مانا ھازىر ئۆگەندۇق ، سەنمۇ ئىچىپ باق ، ھېچنىمە بولمايسەن ، ئەكسىچە بارلىق غەم - قايغۇلىرىڭنى ئۇنتۇيسەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن يېڭى يىل كېچىسى ئەمەسمۇ ؟ ھەممەيلەن بىرلىكتە خۇشال خۇرام ئوينايمىز ، سەنمۇ ئۇنداق قىلماي ئازراق بولسىمۇ ئىچىشىپ بەرگىن ...
   ماھىرە بىلەن رەنا سانىيەگە توختىماي خىزمەت ئىشلەۋاتاتتى ، لېكىن سانىيە ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇردى ، ئاخىرى بولماي بەشەيلەن ئىچىشكە باشلىدى ، سانىيە بولسا چاي ئىچىپ ئولتۇردى ، بىر ھازادىن كېيىن مۇزىكا باشلىنىپ ، سورۇندىكىلەر مەيدانغا چۈشۈپ ئۇسسۇلغا ئويناشقا باشلىدى ، كامىل بىلەن رەنا ، سەمەر بىلەن ماھىرە بېقىشىپ - بېقىشىپ ئوينىماقتا ئىدى ، دەل شۇ چاغدا جودا سانىيەنى ئۇسسۇلغا تارتتى :
   - كەچۈرۈڭ ئوينىيالمايمەن ، - سانىيە جودانىڭ تەكلىپىنى چىرايلىقچە رەت قىلدى ، ئەمەلىيەتتە سانىيە ئۇسسۇلغا بەك ئۇستا ئىدى ، كېچىكىدىن مەكتەپ سەنئەت كورژىكىدا ئۇسسۇل ئويناپ كۆزگە كۆرۈنگەنىدى ، بىراق ئۇ بۇنداق شارائىتتا ، يەنە كېلىپ ئۆزى ئەڭ تەشۋىشلىنىدىغان جودا بىلەن ئۇسسۇل ئويناشنى ياقتۇرمىغانىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيداندا ئۆزىدىن كىچىك بالىلارمۇ ، ياشلار ، ئوتتۇرا ياشلىقلارمۇ بولغاچقا ئۇ ھەقىقەتەن ئەيمىنىپ قالغانىدى . جودا سانىيە رەت قىلىۋەتكەندىن كېيىن ھاراقنى بولۇشىغا ئىچىشكە باشلىدى ، ئۇ ئۆزىچە سانىيە مېنى رەت قىلمايدۇ دەپ ئويلىغانىدى ، بىراق ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقمىدى ، جودا ئادەتتە سورۇنلارغا بارسا نى نى قىزلار مېنى تارتسىكەن دېگەن خىيالدا ئولتۇرۇشاتتى ، ئۇ بىرەر قىز بالىنى تانسا ياكى ئۇسسۇلغا تارتسا ھېچقاچان رەت قىلىنىشقا ئۇچراپ باقمىغانىدى . ئەمما بۈگۈن جودا تۇنجى قېتىم باشقىلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغانىدى .
    ئۇسسۇل تۈگەپ باشقىلار قايتىپ كەلدى .
    - سىلەر ئوينىماپسىلەرغۇ ؟ - دېدى ماھىرە .
   ماھىرەنىڭ سوئالى جاۋابسىز قالدى ، جودا رومكىنى ئالدىدە خوشە دەپ قويۇپ ھاراقنى كۆتۈرۈۋەتتى .
    سورۇن شۇ تەرتىپىدە داۋاملىشىۋاتاتتى ، كامىل بىلەن رەنا گىرەلەشمە تانسىغا چۈشۈپ كەتتى ، سەمەرمۇ ماھىرەنىڭ نازۇك بەللىرىنى چىڭ تۇتۇپ ، ناھايىتى ئىشتىياق بىلەن تانسا ئوينىماقتا ئىدى ، پەقەت شۇ جودا بىلەن سانىيە گەپمۇ قىلىشماي ، ئويناۋاتقانلارغا قاراپ ئولتۇرۇشاتتى .
    بىر نەچچە قول ئۇسسۇل ۋە تانسا تۈگىگەندىن كېيىن جودا تۇيۇقسىز ماھىرەنى تانسىغا تارتتى ، ئۇلار مەيدانغا چۈشۈپ تانسا ئوينىغاچ پاراڭلاشتى :
    - سانىيە نېمانداق قىلىدۇ ؟ يا يۈزۈمنى قىلمىدى ، ھۆرمەتلىگەننى بىلمىدى ، قارىغاندا ھۆرمەت شارابى ئىچمەي جازا شارابى ئىچكۈسى بار ئوخشايدۇ ، ئەھۋال قاملاشمايۋاتىدۇ ، كېيىنكى پىلان بويىچە ئىش كۆرىلى .
    ماھىرە ماقۇللىقىنى بىلدۈردى .
    تانسا تۈگەپ جودا بىلەن ماھىرە قايتىپ كەلدى ، قىزلار يۈرۈڭلار بىللە ئوبۇرنىغا چىقىپ كىرەيلى ، رەنامۇ ھاراقنى جىق ئىچكەنلىكتىن ئوبۇرنىغا بارغۇسى كېلىپ تۇراتتى ، سانىيە بۇ ئۈچ ئوغۇل بالىنىڭ ئارىسىدا يالغۇز ئولتۇرۇشنى خالىمىدىمۇ قىزلارغا ئەگەشتى . قىزلار ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن جودا دەرھال يانچۇقىدىن بىر كىچىك بولاقچىنى ئالدىدە ئۇنتۇق بىر نەرسىنى سانىيەنىڭ چېيى ئىچىگە تۆكتى ۋە قوشۇق بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتتى .
    ئالاھەزەل ئۈچ مېنۇتلاردىن كېيىن قىزلار يېتىپ كەلدى ، باياتىن خاپا ئولتۇرغان جودا قىزلار كېلىشىگىلا رومكىنى قولىغا ئېلىپ ھىجىيىپ تۇرۇپ :
    - قېنى دوستلۇقىمىز ئۈچۈن كۆتۈرەيلى !
    بەشەيلەن ھەممىسى رومكىلىرىنى بىر - بىرىگە سوقۇشتۇردى ، پەقەت سانىيەلا جىم ئولتۇراتتى ، ئىشنىڭ يەنە ئەپلەشمەيۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ماھىرە دەرھال :
    - سانىيە ، چاي بولسىمۇ بىز بىلەن چېقىشىپ قويغىن .
    ھەممەيلەننىڭ تەڭلا سالا قىلىشى بىلەن سانىيە ئامالسىز چاي ئىستاكانىنى قولىغا ئېلىپ قالغانلار بىلەن چېقىشىپ قويدى .
    - قېنى ئەمسە ، كۆتۈرەيلى !
    - كۆتۈرەيلى ، خوشە !
    جودا ھاراق ئىچكەچ سانىيەگە كۆزىنىڭ ئۇچىدا قارىدى . لېكىن سانىيە چايغا ئېغىزىنى تەگكۈزۈپ قويۇپلا ئىستاكاننى ئۈستەلگە قويۇپ قويدى . بۇنى كۆرگەن جودانىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كەلدى ، ماھىرە بىلەن جودا ھېساپتا سانىيەگە ئالدىدىكى چاينىمۇ ئىچكۈزەلمەي ئاۋارە ئىدى ، لېكىن سانىيە چاينى پەقەتلا ئىچمەيۋاتاتتى .
    يەنە تانسا باشلاندى ، جودا يەنە بىر قېتىم تەلەي سىناپ سانىيەنى تانسىغا تارتتى ، سانىيە بۇ قېتىممۇ ئۆزىنىڭ ئۇقمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ جودانىڭ تەكلىپىنى چىرايلىقچە رەت قىلدى . جودا ئۆزىنى سانىيەنىڭ ئالدىدا خورلۇق تارتىۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى . لېكىن ھەقىقەتەن شۇنداق تۇرسا ئۇنىڭغا ئامال قانچە ؟ ئۇ يەنە كەينى - كەينىدىن ئۈچ رومكا ئىچىۋەتتى ...
    سانىيەنىڭ قايتقۇسى كەلگەنىدى ، بىراق يېرىم كېچىدە ئۆزى يالغۇز قانداق قايتىشنى بىلەلمەي ئولتۇراتتى ، بايا تاكسىدا كەلگۈچە ھاياجانلىنىپ تاكسىنىڭ قانداق يوللار بىلەن ماڭغانلىقىنىمۇ ئەسلىيەلمەيۋاتاتتى ، تاماقلار يېيىلىپ ، ھاراقلار ئىچىلىپ ، ئويۇنلار ئوينىلىپ بىر يەرگە بارغانىدى ، ئۇلار شۇ چاغدا قايتىشقا تەرەددۇتلاندى . دەل شۇ چاغدا جودا ماھىرەنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى :
    - بۈگۈن ئىش ئەپلەشمىدى ، لېكىن مەن بولدى قىلمايمەن ، كامىلغا دەپ قويدۇم ، رەنانى ئېلىپ كېتىدىغان بولدى ، سەن سانىيە بىلەن سىرتقا ماڭغاچ ئوبۇرنىغا كىرىپ چىقاي دەپلا يان ئىشىكتىن چىقىپ ، تاكسى توسۇپ ئالدىنقى قېتىم بىز بارغان مېھمانخانىدا بىزنى ساقلاپ تۇرغىن ، مەن سەمەر بىلەن ئاۋۇ سانىيە دېگەن پاسكىنىنى ماشىنىغا بېسىۋېلىپلا كەينىڭدىن بارىمىز .
    ماھىرە چۆچۈپ كەتتى :
    - ساراڭ بولدۇڭمۇ ؟ بۇنداق قىلساڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولىسەن ؟
    - خاتىرجەم بول ، سېنى ھەرگىز چېتىۋالمايمەن ، مەن دېگەندەك قىلساڭلا بولدى .
    ئۇلار شۇنداق مەسلىھەتلەشتى ، ئارىدا كامىل بىلەن رەنا غىپپىدە يوقاپ كەتتى ، جودا ، سەمەر ، ماھىرە ، سانىيە تۆتەيلەن پەلەمپەي بىلەن ئۈستىگە قاراپ ماڭدى ، دەل شۇ چاغدا ماھىرە سانىيەگە قاراپ تۇرۇپ :
    - ئاداش ، سىلەر سىرتقا چىقىپ مېنى ساقلاپ تۇرۇڭلار ، مەن كەينىڭلاردىن چىقىمەن ، ئوبۇرنىغا كىرىپ چىقاي .
   سانىيە شۇ تاپتا ماھىرە بىلەن بىللە مېڭىشنى ئويلىدىيۇ لېكىن سىرتقا چىققاندا تېخىمۇ بىخەتەر بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ جودالارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى .
    ئۇلار سىرتقا چىقىپ ماھىرەنى ساقلاشقا باشلىدى ، كەچ بولغاچقىمىكىن كوچىدا ئادەم كۆرۈنمەيتتى ، يولدا ئاندا - ساندا ماشىنىلار ئۇياق - بۇياق ئۆتۈۋاتاتتى ، سانىيە بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ، قورقۇشقا باشلىدى ، ئۇ شۇنچە ساقلىسىمۇ ماھىرەنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتتى ، بەزمىخانىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قايتىپ ، كوچىدا جودا ، سەمەر ، سانىيە ئۈچىلىسى قالغانىدى ، ساقلاپ تاقىتى تاق بولغان سانىيە ئاخىرى بولماي يەنە بەزمىخانا تەرەپكە قاراپ ماڭدى .
    - بولدى ساقلىماڭ ، ئۇ چىقمايدۇ ، - دېدى جودا تاماكىسىنى چەككەچ .
    - نېمىشقا ؟ - دەپ سورىدى سانىيە .
    - سەۋەبىنى سورىماڭ ، بىز بىلەن ماڭسىڭىزلا بولدى .
    - ياق ، مەن سىلەر بىلەن ھەرگىز ماڭمايمەن .
    جودا تاماكىسىنى يەرگە تاشلىۋېتىپ ئايىغى بىلەن قاتتىق مىجىدى ۋە سانىيەگە قاراپ :
    - بۈگۈن بىز بىلەن ماڭساڭمۇ ماڭىسەن ، ماڭمىساڭمۇ ماڭىسەن ، دېدى ۋە سانىيە تەرەپكە قاراپ ماڭدى .
   سانىيە ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ دەرھال بەزمىخانا ئىچىگە قاراپ يۈگۈردى لېكىن ئەمدىلا ئىككى قەدەم ئېلىشىغا جودا ئۇنىڭ ئۇزۇن چېچىدىن كۈچەپ تارتتى .
   - قاچماقچىمۇسەن ؟ قاچقانغا تويە مانا ! - ئۇ شۇنداق دېگىنىچە قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ سانىيەنىڭ كاچىتىغا راسا ئۇرماقچى بولۇپ تەمشىلىشىگە كەينىدىن كەلگەن كۈچلۈك بىر قول ئۇنىڭ بېلىكىدىن كاپلا قىلىپ تۇتتى .
    غەيرەت جودا نېمە ئىش بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارىدىدە ھەيران قالدى ...
    داۋامى ھۇزۇرۇڭلاردا بولغۇسى ...


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 3Rank: 3

تىللا
289
تۆھپە
42
UID
252
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 01:41:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخخو مانا  ساقال كىلىپ قالدىدە   مەن ئەسىرىڭىزنى باشتىن باشلاپ ئۇقۇپ كىلۋاتمەن .قەلىمىڭىز توختاپ قالمىغاي..... كىچىكىنە تەكلىپ، بۇلسا تازا ھالقىلىق يەرگە كەلگەندە ئېلان چىقىۋامىسىكەن دىگەن ئۇمۇدتە ئىدىم،سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىزنى قانچىلىك تەستە يىزىپ بىزگە سۇنۋاتقىنىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن .... ھارمىغاىسىز تەڭرىتاغ  داۋملىق قوللايمىز !!!!!!!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
737
تۆھپە
359
UID
1195
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 15:49:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىزراق يېزىۋېتىڭە


دوسلار ياخشىمۇ سىلەر ،بىرنەچچە كۇن بوپتۇ تۇرغا چىقمىغىلى  

Rank: 4

ئىسىمى
تۇرسۇنجان ياسىن
تىللا
181
تۆھپە
121
UID
687
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 19:46:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ ئەپەندىگە يالۋۇرغان بىلەن بېكار، مۇھىمى ئۇنىڭ ۋاقتى ۋە ئىلھامىغا باغلىق.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 22:40:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
moljar يوللىغان ۋاقتى  2011-12-9 19:46
تەڭرىتاغ ئەپەندىگە يالۋۇرغان بىلەن بېكار، مۇھىمى ئۇنى ...

سەنمۇ بىكار ئولتۇرماي قەلەمنى قايتىدىن راۋۇرۇس قولۇڭغا ئالساڭ بولاتتى ، ئۇزۇن ھېكايە ياكى پوۋېسىتتىن بىرنى يازە سەنمۇ ؟ سېنىڭ مېنىڭدىن ياخشى يازىدىغىنىڭنى بىلىمەن ، لېكىن سەن ھازىر بېشىڭنى ئىچىڭگە تىقىۋالدىڭ ...


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 4

ئىسىمى
تۇرسۇنجان ياسىن
تىللا
181
تۆھپە
121
UID
687
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 19:21:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاداش ، ئۇنداق دېمە،« تۇغقاننى تاشلىساڭ ياتلىشىدۇ، قەلەمنى تاشلىساڭ داتلىشىدۇ» دەپتىكەن. ئالدىراشچىكىقتا ئۇزۇن بولدى بىر نەرسە يازمىغىلى. كاللاممۇ داتلىشىپ كەتكىلى تۇردى. كاللامدىكى غەملەرنى بىر ياقلىق قىلىۋالسام، سەن دېمىسەڭمۇ چوقۇم يازىمەن.


Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
2
UID
2806
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 14:32:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: ئالماشقان بوۋاقلار ( پوۋېست )

moljar يوللىغان ۋاقتى  2011-12-10 19:21
ئاداش ، ئۇنداق دېمە،« تۇغقاننى تاشلىساڭ ياتلىشىدۇ، قە ...

ئالدىنقى شەنبە،يەكشەنبە كۇنلىرى جىقراق يازىمەن دەۋاتاتتىڭىز بۇ شەنبە،يەكشەنبىمۇ ئۇتۇپ بولدىغۇ؟


Rank: 4

تىللا
402
تۆھپە
73
UID
1699
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 15:21:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ئۇ ئادەم ئەسەرنىڭ بېشىدىكى ئەسقەر ......


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 18:12:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   داۋامى ...
   غەيرەت جودا نېمە ئىش بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارىدىدە ھەيران قالدى .
    - ساقال ، سەن بۇ يەردە يۈرۈيسەنغۇ ؟ - دېدى جودا .
    - شۇنداق ئاغىنە ، نېمە ، يۈرسەم بولمامدىكەن ؟
    - ئۇنداق دېمىدىم ، قارا ساڭا دېگەن ماۋۇ پاسكىنىنى ئاخىرى قولغا چۈشۈردۈم .
    - كىمنى پاسكىنا دەۋاتىسەن ؟
    - ماۋۇ سانىيە دېگەننىچۇ ؟ قارا ئاغىنە ، مۇشۇ ۋاقىتتىمۇ بوينى قاتتىقلىق قىلىۋاتقىنىنى ...
    - ئاداش ، ئەڭ ياخشىسى بۇ قىزنى قويۇۋەت ، - دېدى ساقال ئۆزىنى بېسىۋېلىپ تۇرۇپ .
    - قويۇۋەت ؟ - نېمە دەۋاتىسەن ئاداش ، سەل تۇرۇپ بىللە ئوينايمىز بۇ پاسكىنىنى ...
    ساقال جودانىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گەپلەرگە چىداپ تۇرالمىدىدە جوداغا يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى :
    - جودا ، ساڭا يەنە بىر قېتىم دەي ، ئەڭ ياخشىسى سانىيەنى قويۇۋەتكىن ، بولمىسا ...
    دەل شۇ چاغدا ياندا تۇرغان سەمەر ساقالغا ھۈرپەيدى .
    - بولمىسا نېمە قىلاتتىڭ ؟ ئۆزۈڭنى بىلىپ يولۇڭغا ماڭ جۇمۇ ! تولا بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئارىلاشماي ، - ئۇ شۇنداق دەپ بولۇشىغا ساقال يۈگۈرەپ بېرىپ سەمەرنى بىركاللا قويدىكى سەمەر ئۆزىنىڭ نېمە بولغىنىنى بىلمەيلا يەرگە يىقىلدى ، بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرغان جودا مەستلىكىدىن سەل يېشىلدى ، ساقالدىن ئازراق قورقتى ، لېكىن سانىيەنى قولدىن چىقارغۇسى كەلمەيتتى .
    - ساقال ، ئەڭ ياخشىسى مېنىڭ ئىشىمغا ئارىلاشما ، قىزىرىشىپ قالمايلى .
    - بۈگۈن ئارىلاشساممۇ ئارىلىشىمەن ، ئارىلاشمىساممۇ ئارىلىشىمەن .
    جودا ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى سېزىپ بەل تەرىپىنى ئاستا سىلاپ قويدى ، جودا ئادەتتە سورۇنغا بارسىلا يېنىغا پىچاق ئېلىۋالاتتى  ، ئۇ يېنىدا پىچىقىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ كۆڭلى خاتىرجەم بولدى ۋە ساقالغا ھۈرپىيىپ تۇرۇپ :
    - ئەسلىدە مېنىڭ ئىشىمنى بۇزغان سەن ئىكەنسەندە ، خەپ توختاپ تۇر ، سەن بىلەن كېيىن ھېسابلىشىمەن ، - جودا شۇنداق دېگىنىچە سانىيەنىڭ چېچىدىن سۆرەپ ماڭدى .
    - توختا ! - ساقال شۇنداق دېگىنىچە جودانىڭ يېنىغا ئېتىلىپ باردى ، ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىگەن جودامۇ تەييارلىق قىلىپ قويغان بولۇپ ، ئىككەيلەن قارلىق يولدا پومداقلىشىپ كەتتى . ئەمەلىيەتتە جودا ئۆز مەكتىپىدە نوچى بولغان بىلەن ساقالدىن سەل قورقاتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساقال پۇتبول تەپكەن ھەم چېنىققان بولغاچقا جودادىن قورقۇپ كەتمەيتتى ، ئۇلار بىر ھازا پومداقلاشقاندىن كېيىن ساقال ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى ۋە جودانى ئاستىغا بېسىۋېلىپ راسا ئۇرۇشقا باشلىدى . ساقال جودانى ھارغۇچە ئۇرۇپ پۇخادىن چىققاندىن كېيىن سانىيەنى ئېلىپ چوڭ يول تەرەپكە ماڭدى . سانىيە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ ، كۆزلىرى ياش يۇقى كېتىپ باراتتى . ئۇنىڭ قەلبىنى بىر خىل ئەندىشە ، قورقۇنچ چىرمىۋالغانىدى ، تۇيۇقسىز ساقال سانىيەنىڭ قولىنى چىڭ قاماللىدى ، سانىيە بىر خىل قورقۇنۇش ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە ساقالغا قارىدى ، شۇ تاپتا ساقالنىڭ چىرايى تاتىرىپلا كەتكەنىدى ، سانىيە نېمە بولغاندۇ دېگەن گۇمان بىلەن كەينىگە قارىدى ، ئۇنىڭ كەينىدە يۈز - كۆزلىرى قانغا بويالغان جودا پىچاقتىن بىرنى تۇتقىنىچە تۇراتتى ، پىچاق قان يۇقى بولۇپ ، سانىيە ئەھۋالنىڭ تېگىگە يېتىپ ۋارقىرىۋەتتى . تۇيۇقسىز ساقال سانىيەگە يۆلەنگىنىچە تىزلىنىپ قالدى ، ئۇنىڭ قوللىرى سانىيەنىڭ چاپىنىنى چىڭ قاماللىغان بولۇپ ، ئۆزىنى بىلگەندىن تارتىپ باشقىلارغا ئەزەلدىن بوزەك بولمىغان ساقال بۈگۈنكى كۈندە يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ رەقىبى ، ياق ئۆزىنىڭ كۈشەندىسى بولغان جودانىڭ ئالدىدا يىقىلىپ قېلىشنى قەتئىي خالىمايۋاتقاندەك قىلاتتى . لېكىن ئۇنىڭ پۇتلىرىدا جان قالمىغان بولۇپ ، سانىيەنى تۇتۇۋالمىسىلا يەرگە يىقىلاتتى . دەل شۇ چاغدا جودا ساقالغا قاراپ ۋارقىرىدى :
    - ھۇ ئاناڭنى ، سېنى تېخى دوستۇم دەپتىمەن ، مەن جودانىڭ چىشىغا تەگكەن ئادەمنىڭ ياخشى كۈن كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭ ھاراملىق ؟ ...
    ساقال بىر نەرسىلەرنى دېيىشكە ئاغزىنى ئۈمچەيتتىيۇ لېكىن گەپ قىلالمىدى ، شۇ چاغدا جودا پىچاقنى ياندىكى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىپ سانىيەنى سۆرەپ ماڭدى ، سانىيە مېڭىشقا ئۇنىماي شۇنچىلىك قارشىلىق قىلسىمۇ ، لېكىن جوداغا تەڭ كېلەلمىدى ، جودا بىلەن سانىيە ئۆز ئارا تارتىشىپ مېڭىشقا باشلىغاندا ساقال جودانىڭ پۇتىنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى ، ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ دۈمبە تەرىپى قىپقىزىل قانغا بويالغان بولۇپ ، شۇنچە ئارىلىقتىن ئۆمىلەپ كېلىپ ، تارتىشىۋاتقان جودانىڭ پۇتىنى چىڭ قۇچاقلىۋالغانىدى .
    - سانىيە تېز قېچىڭ ، - ساقال كۈچەپ ۋارقىرىدى .
    زادى نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قاتتىق قورقۇپ كەتكەن سانىيەنىڭ كاللىسى ساقالنىڭ گېپى بىلەن ۋاللىدە يورۇپ كەتتى ، ئۇ شۇ تاپتا كۈچىنىڭ بارىچە يۈگۈرۈشكە باشلىدى ، يۈگۈرۈپ كىتىۋېتىپ توساتتىن ساقالنى تاشلاپ قويسا بولمايدىغانلىقىنى ئويلىدىدە قايتىدىن كەينىگە ياندى .
    بۇ چاغدا ساقالنىڭ قۇچىقىدىن پۇتىنى چىقىرالمايۋاتقان جودا سانىيەنىڭ قېچىپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ جىددىيلىشىپ كەتكەنىدى ، لېكىن ھەر قانچە قىلىپمۇ پۇتىنى چىقىرالمىدى ، ئاخىرى بولماي يەنە بىر پۇتى بىلەن ساقالنىڭ كاللىسىغا تېپىشكە باشلىدى ، سانىيە بۇنى كۆرۈپ يەنە ساقال تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى . جودا تېپىۋېرىپ ھېرىپ قالغانمۇ تېپىشتىن توختىدى ، بۇ چاغدا ساقالنىڭ جودانىڭ پۇتىنى چىڭ قۇچاقلىۋالغان قوللىرىمۇ بوشاپ كەتكەنىدى .
    سانىيە يۈگۈرۈپ بېرىپ ساقالنىڭ يېنىغا باردى ۋە ساقالنىڭ بېشىدىن كۆتۈرۈپ ئۇنى قۇچىقىغا ئالدى ، سانىيەنىڭ ياشلىرى مەڭزىنى بويلاپ چۈشمەكتە ، ساقالنىڭ يۈز - كۆزلىرىمۇ قانغا بويالغان بولۇپ ، پىشانىسىدە قان دېغى ئۇيۇپ قالغانىدى ، سانىيە شۇ تاپتا ساقالنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بولۇپ تەمشەلدى ، << ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق >> دېگەندەك جودا سانىيەنى چېچىدىن تارتىپ تۇرغۇزدى .
   - ھۇ پاسكىنا ئەمدى قاچە قېنى ؟ - جودا شۇنداق دېگىنىچە سانىيەنى بىر كاچات سالدى . شۇ ۋاقىتتا سانىيەدىكى قورقۇنچ تۈگەپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدى جوداغا بولغان غەزەپ - نەپرەت ، ئۆچمەنلىك بىلەن تولغانىدى .
   - مەن سېنىڭ ئادەم ئەمەسلىكىڭنى خېلى بۇرۇنلا بىلگەن ، سەن بەك رەزىلكەنسەن .
   - رەزىل ؟ جودا جاۋغىيىدىن چىقىۋاتقان قاننى سۈرتتى ۋە سۆز باشلىدى ، - رەزىل دېسە سېنى دىيىش كېرەك ، ئۆزۈڭنىڭ چىرايىدىن پايدىلىنىپ ، ساقال ئىككەيلەننى ئوينىتىپ يۈرۈپسەندە ...
    سانىيە جوداغا ساقال بىلەن ھېچقانداق ئىشىنىڭ يوقلۇقىنى چۈشەندۈرمەكچى بولدىيۇ ، بۇنداق ئادەم قېلىپىدىن چىققان ھايۋانغا چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنى لايىق كۆرمىدى .
    - ئالدى بىلەن ئەكرەمنى قۇتقۇزايلى ، مەن قاچمايمەن ...
    - نېمە ؟ سەن مېنى دۆت كۆرۈۋاتامسەن ؟ ساقالنى دوختۇرغا ئاپارسام ئۆزۈمنى ئۆزۈم تۇتۇپ بەرگەن بولمامدىمەن ؟
    جودا شۇنداق دېگىنىچە سانىيەنى سۆرەپ ماڭماقچى بولدى ، بىراق سانىيە ساقالنى دوختۇرغا ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇۋالغانىدى . دەل شۇ چاغدا يەنە بىر چەتتە ياتقان سەمەر بۇرنىنى سىلىغىنىچە ئورنىدىن تۇردى .
   - ئاناڭنى ، ماۋۇ گۇينىڭ كاللىسى نېمانداق قاتتىق ؟ كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپلا يىقىلىپ چۈشۈپتىمەن .
   - سەمەر تېز بول ، سەن دەرھال 120 گە تېلېفۇن بېرىپ ، ماۋۇ ھاراملىقنىڭ ئورنىنى مەلۇم قىلغىن ، ئارقىدىن بىر مەزگىل ئۆزۈڭنى دالدىغا ئېلىپ تۇرغىن .
    سەمەر كۆزىنى ئۇۋۇلاپ ، يەردە ياتقان ساقالنى كۆردى ۋە دەرھال تېلېفونىنى ئېلىپ 120 گە تېلېفون قىلغاچ قاراڭغۇ بىر كوچىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى .
    - ئەمدىغۇ يۇۋاشلىق بىلەن ماڭارسەن ؟
    - توختا ، ساقالنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ماڭىمەن .
     سانىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان جودا سانىيەگە قاراپ سوغۇققىنە بىر كۈلدى ۋە ئەمسە مېنىمۇ قاپاقباش كۆرمە دېگىنىچە يولنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ ئادەم كۆرەلمەيدىغان دالدىغا ئۆتتىدە سانىيەنىڭ ئاغزىنى چىڭ قاماللاپ ئولتۇرۇپ ، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ ساقالنى ئېلىپ كېتىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردى ...
   نەچچە كۈندىن بۇيان بەك ئالدىراش بولۇپ قالغاچقا كۆپ يازالمىدىم ، دوستلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .        
   


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 4

تىللا
402
تۆھپە
73
UID
1699
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 15:30:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىشقا شۇنداق ئالدىراش بۇلارسىز ......


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-27 19:00, Processed in 0.069262 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991