ئىگىسى: تەڭرىتاغ

ئالماشقان بوۋاقلار ( پوۋېست ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1316
تۆھپە
918
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-2 11:28:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن مۇشۇنچىلىكما؟ۋاقتىڭىز يار بەرسە  يەنە ئازراق بولسىمۇ يىزىپ  قويغان بولسىڭىچۇ.


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-2 11:29:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mehrim يوللىغان ۋاقتى  2011-12-2 11:28
بۈگۈن مۇشۇنچىلىكما؟ۋاقتىڭىز يار بەرسە  يەنە ئازراق بو ...

يازىمەن ، بەلكىم ئەتە - ئۆگۈن دەم ئېلىشتا جىقراق يېزىشىم مۇمكىن .


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
لالە
تىللا
498
تۆھپە
156
UID
828
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-2 15:24:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قىزىقتىم بۇ ئەسەرگە، ۋاقتىدا ئاخىرىنى يېزىۋېتەرسىز تەڭرىتاغ ئەپەندىم.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
266
تۆھپە
54
UID
2526
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 12:23:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەردەك قىلىدۇ، ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋېلىپ ھەممىسى يېزىلىپ بولغاندا بىراقلا كۆرەي! رەخمەت


Rank: 1

تىللا
49
تۆھپە
15
UID
88
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 16:13:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردا باشلاپ ئىنكاسلارنىڭ تەلەپلىرى ۋە تەسىرلىرى بىلەن پۈتۈپ چىققان ئەسەرلەر ئويلىمىغان يەردىن خېلى يامان ئەمەس ئەسەر بولۇپ قالىدۇ، پۈتكەندىن كېيىن ئەدەبىي تىلىغا قايتا ئىشلىسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ  ھەيران قالىسىز.

مۇۋەپپەقىيىتىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن، ئىجادىيىتىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي!
داۋامى چىققاندا ھەممىنى ئوقۇپ بولۇپ قارىشىمنى يازىمەن.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 14:35:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    داۋامى ...
    - ئېيتە ، قانداق ياردەم قىلىمەن ؟ - ماھىرە غەزەپتىن تىترەپ كەتكەنىدى ...
     - قانداق قىلاتتىڭ ؟ سانىيە بىلەن كۆرۈشۈشۈمگە ياردەم قىلىسەندە .
     - سېنىڭ شۇنداق دەيدىغىنىڭنى بىلەتتىم ، ئېيتقىنە قانداق قىلىمەن .
     - مۇشۇ ھەپتە كۇرستىن قايتقاندا سەن سانىيەنى مەن بىلەن كۆرۈشتۈرگىن .
     - قانداق كۆرۈشتۈرىمەن ؟
    - ئۇنى ئۆزۈڭ بىلىسەن ، ئىشقىلىپ بۇنىڭ بىلەن چاتىقىم يوق .
    ماھىرە تېلېفوننى قويۇۋەتتى ، ئۇ جودانىڭ بۇنچىلىك رەزىل ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى ، لېكىن ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلمايمۇ بولمايتتى ، ئۇ گەرچە كۆڭلىدە سانىيەگە ئۇۋال قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلسىمۇ بىراق ئۆزىنىڭ شۇ سانىيە ئۈچۈن يەمچۈك بولغانلىقىنى ئويلاپ سانىيەگە ئۆچلۈك قىلدى ۋە ياخشى ئامالدىن بىرنى تېپىپ چىقتى .
    شەنبە كۈنى قىزلار ئادەتتىكىدەكلا كۇرسقا باردى ، كۇرستىن چىققاندىن كېيىن ، رەنا ئۆزىنىڭ كامىل بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېتىپ قالدى ، ماھىرە بىلەن سانىيە مەكتەپكە قايتماقچى بولۇپ ئاپتوبۇس ساقلاشقا باشلىدى ، تۇيۇقسىز ماھىرە سانىيەگە ئېيتتى :
    - ئاداش ، بەرىبىر مەكتەپكە قايتساقمۇ ئىشىمىز يوقكەن ، شىنجاڭ داشۆگە كىرىپ ، ئايلىنىپ ، شۇ يەردە تاماق يەپ قايتمايمىزمۇ ؟
    سانىيە ئويلىنىپ قالدى ، ئۇنىڭمۇ شىنجاڭ داشۆ ئىچىدىكى خۇڭخۇ كۆلىنىڭ قار مەنزىرىسىنى ساياھەت قىلىپ ، كۆڭلىنى ئېچىپ قايتقۇسى كەلگەنىدى .
   - ئەمسە شۇنداق قىلايلى ، - ئىككى قىز قولتۇقلىشىپ ، مەكتەپ تەرەپكە قاراپ ماڭدى .
   ئۇلار مەكتەپ ئىچىگە كىرىپلا شوخلاشتى ، بىر - بىرىگە قار ئېتىشىپ ئوينىدى ، بىللە قار تېيىلدى ، ئۇلار بىر - بىرىنى قوغلىشىپ خۇڭخۇ كۆلىگە يېتىپ كەلگىنىنى سەزمەيلا قالدى ، كۆل يۈزى نېپىز بىر قەۋەت مۇز تۇتقان بولۇپ ، كۆل ئەتراپىدىكى دەرەخلەرنى ئاپئاق قار ئۆز قوينىغا ئالغانىدى . ماھىرە سانىيەگە قار ئاتقاچ كەينىچە مېڭىپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز بىرىگە ئۇرۇلۇپ كەتتى .
    - خاپا بولماڭ ، ماھىرە دەرھال بۇرۇلۇپ ئەپۇ سورىدى .
    -ھېچقىسى يوق ، - ھېلىقى كىشىمۇ دەرھال جاۋاب قايتۇردى .
   - غەيرەت ؟
   - ماھىرە ؟
   - ھەئە مەن شۇ ، سەن نېمە بۇ يەردە يۈرۈيسەن ؟
   - مەن مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇيمەن ئەمەسمۇ ؟ سەنچۇ ؟
   - مەن تىببىي ئۇنۋېرسىتېتتا ئوقۇيمەن . خېلى ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى ...
    ماھىرە بىلەن ھېلىقى بالا قىزغىن پاراڭغا چۈشتى ، سانىيە بىر قاراپلا بۇ بالىنىڭ ھېلىقى ۋاقىتتا كۆزىنى توسىغان بالا ئىكەنلىكىنى بىلدى ۋە يۈرەكلىرى ئەنسىز سېلىشقا باشلىدى .
    - سانىيە بۇياققا كېلە ، - ماھىرە سانىيەنى چاقىردى . سانىيە تازا خالىمىغاندەك قىلىپ ماھىرەنىڭ يېنىغا كەلدى ، بۇ مېنىڭ دوستۇم ، ئىسمى سانىيە ، مەن بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇيدۇ . بۇ ياقنىڭ ئىسمى غەيرەت ، مېنىڭ باشلانغۇچتىكى ساۋاقدىشىم . غەيرەت سانىيەگە قاراپ بېشىنى لىڭشىتتى .
    - مەكتىپىمگە كېلىپ قاپسىلەر ، بۈگۈن مەن مېھمان قىلىمەن .
    - راستما ؟ ئەمسە بۈگۈن بىز سېنى خېلى ئوبدان قويۇپ كېتىمىز جۇمۇ .
    - چاتاق يوق ، بۈگۈن نەگە دېسەڭلار مەن شۇ يەرگە ئاپىرىپ مېھمان قىلىمەن .
    ماھىرە سانىيەگە قاراپ :
    - ئاداش ، نېمە يىگۈڭ بار ؟ ئېيتقىنە ؟
    سانىيە ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇشنى خالىمىغانىدى ، ئۆزىنى بۇ يەردە ئارتۇقچە ئادەمدەك ھېس قىلىشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سانىيە غەيرەتنىڭ ھېلىقى كۈنى قىلغان چاقچىقىدىن ھازىرغىچە قورقۇپ تۇراتتى .
    - سىلەر يەۋېرىڭلار ، مەكتەپتە قىلىدىغان يەنە ئازراق ئىشىم بار ئىدى ، مەن ماڭغاچ تۇراي ئەمسە ...
    سانىيە شۇنداق دېگىنىچە كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭدى ، ماھىرە سانىيەنى چاقىرماقچى بولىشىغا غەيرەت ئۇنىڭ ئاغزىدىن تۇتۇۋالدى .
   - بولدى كەتسە كەتسۇن ، بۈگۈن مۇشۇنچىلىك بولغىنىمۇ ياخشى بولدى .
   ماھىرە غەيرەتكە ئالىيىپ قويدى ۋە ئۇمۇ مەكتەپكە مېڭىشقا تەمشەلدى .
   - تاماق يەپ قايتمامسەن ؟ بەرىبىر ئىشىڭ بولمىغاندىكىن .
    ماھىرە ئىككىلىنىپ قالدى ، ئۇ بۇنى غەيرەت جودادىن ئۆچ ئېلىشنىڭ دەسلەپكى قەدىمى دەپ بىلەتتى ، شۇڭا ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپمۇ كەتمىدى ، لېكىن ئۇنىڭ قەلبىدە غەيرەتكە بولغان ئۆچمەنلىك ئۇچقۇنلىرى يالقۇنجايتتى .
    ئەمدى گەپنى ساقالدىن ئاڭلاڭلار .
    ساقال ئۆيىدە يېتىۋېرىپ ئىچى بەك پۇشۇپ كەتتى ، ئۆيدىكىلىرى ئۇنى سىرتقا بەك كۆپ چىقارغۇزمايۋاتاتتى ، مەۋسۈم ئاخىرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ، ساقال ئانىسىنى ئىندەككە كەلتۈرۈشكە باشلىدى .
    - ئاپا ، دادامغا بىر دەپ بېقىڭە ، مەۋسۈم ئاخىرى بولۇپ قالدى ، شۇڭا مەكتەپتە يېتىپ ئۆگىنىش قىلايمىكىن دېگەن ، ئۆيدە ئۆگىنىش قىلسام ، بىلمىگەن يەرلىرىمنى باشقىلاردىن سورىيالمايدىكەنمەن ...
    ئاخىرى بىچارە ئانا يەنە ئوغلىنىڭ دەردىگە چىدىماي يولدىشىنى ماقۇل كەلتۈردى . ساقال ئاپىسىدىن ناھايىتى رازى بولۇپ ، مەكتىپىگە خۇشال ھالدا ماڭدى . ئۇ ئەمدى قايتىدىن سانىيەنى كۆپرەك كۆرۈۋالالايتتى ، سانىيەنىڭ ئاتالمىش مۇھەببىتىنى تېپىپ ، ئۆز رەقىبىنى يوقۇتالايتتى ، ئۇ شۇ تاپتا ئۆزىنى كۆك ئاسماندا ئەركىن ئۇچۇۋاتقان ساغا ئوخشىتاتتى .
    كۈنلەر يەنە شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى ، جودا بىلەن ماھىرە يەنە قانداق پىلانلارنى قىلىۋاتاتتى بۇنى بىلگىلى بولمايتتى ، ساقال بولسا سانىيە بىلەن بىللە دەرس ئاڭلايتتى ، دەرستىن چۈشكەندە سانىيەنى مەخپىي كۆزىتەتتى ، كۈندە توپ ئوينايدىغان ساقال ھازىر توپقىمۇ قىززىقماس بولۇپ كەتكەنىدى .
    بۈگۈن 31 - دېكابىر شەنبە بولدى . ھەممەيلەن كېلىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى يىلنى قانداق كۈتۈۋېلىش ، بۈگۈن كەچ قەيەرگە بېرىپ ئويناش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىۋاتاتتى ، شۇ كۈنى جودا ماھىرەگە تېلېفۇن قىلدى :
    - ئەمسە ھەممە ئىشلار مەن دېگەندەك بولسۇن ، كەچتە بارغاندا قالغان ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرامىز .
    ماھىرە ھە دېگىنىچە تېلېفوننى قويۇۋەتتى ، ئۇ بۈگۈن كەچ بولىدىغان ئىشلارنى ئويلاپ بىر تەرەپتىن سەل ھودۇقسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى تارتقان دەردلەرنىڭ ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەيدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆڭلى تەسەللىي تاپماقتا ئىدى ... ئۇ شۇ خىياللارنى قىلىپ بولدىدە سانىيەنىڭ ياتىقى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى ...
    داۋامى يەنە ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ ...           
              


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1316
تۆھپە
918
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 17:31:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي بۇ تېمىنىڭ ئاخىرقى بەتلىرى قىنى؟


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 3Rank: 3

تىللا
266
تۆھپە
54
UID
2526
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 02:09:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى ساقلاۋاتىمەن


Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
3
UID
2604
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 13:38:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى تولىمۇ قېتىرقىنىپ ئوقۇدۇم. ۋەقەلىك نەچچىگە بۆلىنىپ كەتى، خۇددىي بېشىمنى بەكرەك سىلكىسەملا مەزمۇنلار ئاستى-ئۈستى بولۇپ ئالمىشىپ كېتىدىغاندەكلا. بىزنى تەقەززا قىلماي تېزراق يوللىغايسىز قېرىندىشىم. ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ياغقاي!


Rank: 4

تىللا
402
تۆھپە
73
UID
1699
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 14:11:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازىمەن،يازىمەن دەپ يا يازمايدىكەنسىز........


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-27 19:02, Processed in 0.066864 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991