ئىگىسى: تەڭرىتاغ

ئالماشقان بوۋاقلار ( پوۋېست ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
تۇرسۇنجان ياسىن
تىللا
181
تۆھپە
121
UID
687
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 14:33:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىگەن بىلەن ئاخىرى چىقىپ بولغىچە رومان بولىدىغان بولدى بۇ.  كۈندە بىر قىسىمدىن رادىئو دىراممىسى ئاڭلىغاندەك ئوقۇيدىغان بولدۇق.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 14:42:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
moljar يوللىغان ۋاقتى  2011-12-1 14:33
دېمىگەن بىلەن ئاخىرى چىقىپ بولغىچە رومان بولىدىغان بو ...

مېنىڭ قانچىلىك ئالدىراشلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ ، يەنە مېنى ئالدىرىتىۋاتامسەن دوستۇم ؟؟؟


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 17:07:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    داۋامى ...
    - قېنى قاراپ باقايلى ... قىزلار كېتىپ قالدى ، جودا تۇنجى قەدەمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باسقانىدى . ئۇ ئەمدى ئىككىنچى قەدەمنى قانداق بېسىش ، قانداق قىلىپ بۇ ئىككى نايناقنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ ، ئۆزىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىش ، سانىيە بىلەن قانداق تونۇشۇش ئۈستىدە باش قاتۇرۇۋاتاتتى .
    ئىككىنچى كۈنى جودا ماھىرەگە تېلېفۇن قىلدى .
    - ياخشىمۇسىز خان ؟ - مېنى تونىدىڭىزمۇ ؟
    - ياخشىغۇ ، مېنى تونىدىڭىزمۇ دەپ چىرايىڭىز بىلەن گەپ قىلىۋاتقانمىتىڭىز ؟
    ماھىرەنىڭ گېپىدىن جودا ئۇجۇقۇپ كەتتى ۋە چاندۇرماي :
   - ھە ، مەن شۇ تۆنۈگۈن سىلەر كۈتۈپخانا بىناسىنى كۆرسىتىپ قويغان بالا شۇ .
    ماھىرەنىڭ يۈرىكى ئويناپ كەتتى ، ئۇ جودانىڭ چوقۇم ئۆزلىرىگە تېلېفۇن قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى ، لېكىن بۇنچە تېز تېلېفۇن قىلىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدى ، ماھىرە دەرھال گېپىنى سىلىقلاتتى :
    - ۋىيەي ، كىمكىن دېسەم ئەسلى ، قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ ؟
    - ھە ياخشى ، شۇ تۆنۈگۈن ئالدىراشچىلىقتا ئىسمىڭىزنى سوراشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن ، شۇڭا بۈگۈن كەچ كۆرۈشۈپ ، تونۇشقاچ بىللە ئويناپ كەلسەك دېگەن خىيالدا سىلەرگە تېلېفۇن قىلغان .
    ماھىرەنىڭ ئوتتەك ماقۇل دېگۈسى كەلسىمۇ ، بىراق جوداغا خاتا تەسىر بېرىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ، ئويلىشىپ بېقىپ چۈشتىن كېيىنگىچە خەۋىرىنى بېرەي دەپ تېلېفۇننى قويۇۋەتتى ۋە رەنانىڭ ياتىقىغا قاراپ يۈگۈردى .
    - ئاداش ، تۆنۈگۈنكى ھېلىقى بالا تېلېفۇن قىپتۇ .
    - ۋاي قايسى بالا ، ئېنىق دېمەمسەن .
   - ھېلىقى بىز كۈتۈپخانىنى كۆرسىتىپ قويغان چىرايلىق ، قاملاشقان بالىچۇ ؟
   - ھە ، ئېسىمگە كەلدى ، تېلېفۇن قىلدىما راست ؟
   - ھە ، قىلدى ، تېخى بۈگۈن بىزنى كەچتە ۋاقتىڭلار بولسا ئوينىتىپ كېلەي دەيدۇ .
   - سەن نېمە دېدىڭ ؟
   - مەن ئويلىشىپ بولۇپ جاۋابىنى بېرەي دېدىم .
   - ياخشى قىپسەن ئاداش ، بىز چۈشتىن كېيىن ئۇ بالىغا تېلېفۇن قىلىپ ، ئەتە ۋاقتىمىز بارلىقىنى ئېيتايلى ، ئەتە جۈمە ئەمەسمۇ ؟ مەكتەپتىن بالدۇرلا قويۇپ بېرىدۇ ، ئەتە كەچ راسا ئويناپ ، شەنبە كۈنى ياتاقتا ئۇخلىمامدۇق ؟
    بۇ ئىككى قىز ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن پىلان تۈزدى ۋە جوداغا تېلېفۇن قىلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ ئەتە كەچ ۋاقتى بارلىقىنى ئېيتتى ، جودامۇ ئۇلارنىڭ تەكلىپىگە خۇشاللىق بىلەن قوشۇلدى ۋە جۈمە كەچنىڭ كېلىشىنى ساقلىدى .
    ئەتىسى كەچتە جودا ئاغىنىسى كامىلنى باشلاپ بۇ قىزلار بىلەن دۆڭكۆۋرۈكتە كۆرۈشتى ، دىبالارنى ئاچىدىغانغا خېلى ۋاقىت بار بولغاچقا ، ئالدى بىلەن بىر ئايرىمخانىنى تېپىپ قورسىقىنى ئاز تولا ئەستەرلىۋېلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى ، خىلمۇ خىل قورۇمىلار ئۈستەل ئۈستىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، جودانىڭ ئاغىنىسى كامىل جودانىڭ ئىشارىتى بويىچە سىرتقا چىقىپ كېتىپ بىر ھازادىن كېيىن نەچچە بوتۇلكا پىۋىنى كۆتۈرۈپ كىردى . دەل شۇ چاغدا جودا كۈتكۈچى قىزنى چاقىرىپ ئۆزلىرىگە تۆت ئىستاكان ئەكىرىپ بېرىشنى ئېيتتى .
    - غەيرەت ( جودا ) ، بىز ئىچمەيمىز جۇمۇ ، بىزنى زورلىماڭ .
    - ھېچقىسى يوق قىزلار ، بۇنداق سورۇندا ئاز - تولا ئىچىپ قويمىساق سەل تۇرۇپ ئەركىن - ئازادە ئوينىيالمايمىز ، مۇنداق بولسۇن ، بىز پۈتۈن ئىستاكان ، سىلەر يېرىم ئىستاكاندىن ئىچىڭلار ، قانداق دېدىم ؟
   - بولمايدۇ ، بولمايدۇ ... غەيرەت جودا قىزلارنىڭ ئۇنمىغىنىغا ئۇنىماي ئىستاكانغا پىۋا قۇيۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى .
   - ھە ، ئەمسە بۈگۈن ياخشى ئولتۇرۇپ قاپتۇق ، بۇندىن كېيىنكى دوستلۇقىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشى ئۈچۈن كۆتۈرەيلى ، - ئۇ شۇنداق دېدىدە قىزلارنىڭ ئالدىدىكى ئىستاكاننى قىزلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى .
   - ھە قېنى ئەمىسە ، كۆتۈرەيلى ، - بىر تەرەپتىن كامىل پاس چىقارغىلى تۇردى ، ماھىرە بىلەن رەنا بۇرۇن پىۋا ئىچىپ باققان بولسىمۇ بىراق غەيرەت جودا بىلەن تۇنجى كۆرۈشۈپلا ھاراق ئىچىشنى تازا ياقتۇرمىغانىدى . بىراق جودا بىلەن كامىلنىڭ قىزلارنى زورلىشى نەتىجىسىدە بۇ ئىككى نادان قىز ئىستاكانغا ئاغزىنى تەگكۈزدى . شۇنىڭ بىلەن يېيىش ، ئىچىش ، چىكىش باشلىنىپ كەتتى ، ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بوتۇلكىلار قۇرۇقدىلىنىپ ، تۆتەيلەنمۇ خېلى تەڭشىلىپ قالغانىدى ، ئۇلار ئايرىمخانىدىن چىقىپ ، بىر تاكسىنى توسىدىدە ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ ئاۋات دىبالارنىڭ بىرىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
   ئۇلار دىبادا يەنە ھاراق ئىچتى ، قانغۇچە ئوينىدى ، ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە بۇزۇپ ئويناۋاتقان جودا بىلەن كامىل ئۇسسۇل ئوينىغاچ پاراڭغا چۈشكەنىدى :
    - ئاداش ، كەچتە ئەمسە ئاۋۇ رەنا دېگىنى ساڭا قالدى .
    - خاتىرجەم بول ، ماڭا قويۇپ بەرگىن ، - ئىككەيلەن كۆزلىرىنى مەقسەتلىك قىسىشىپ قويدى ۋە قوڭڭىنى تېخىمۇ ئۇچلاپ ، بىلىنى ئالدىغا بولۇشىغا ئىگىپ ، قولتۇقىغا نەرسە قىستۇرۇۋالغاندەك قولىنى كۆتۈرمەي ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتى .
    ئۇلار دىبادىن چىققاندا كەچ سائەت 12 دىن ئاشقان بولۇپ ، ماھىرە بىلەن رەنا ھاراقنىڭ تەسىرىدە دەلدەڭشىپ قالغانىدى ، كامىل دەرھال تاكسىدىن بىرنى توسىدىدە ، شوپۇرنى ئۈرۈمچىدىكى خىلۋەترەك جايغا جايلاشقان مېھمانخانىدىن بىرىگە ئاپىرىپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى ، ئۇلار مېھمانخانىغا بېرىپلا ياتاقتىن ئىككىنى ئالدى ، جودا بولسا ماھىرەنى ، كامىل رەنانى يۆلىگىنىچە ياتاقلارغا كىرىپ كەتتى ، شۇ كېچىسى ماھىرە بىلەن رەنا مېھمانخانىدا قونۇپ قالدى ...
    دەرىزىدىن چۈشكەن كۈن نۇرى ماھىرەنى ئۇيقۇدىن ئويغاتتى ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ياتقانلىقىنى كۆرۈپ ، چۆچۈپ كەتتى ، ئۇنىڭ يېنىدا جودا ئۇخلاۋاتاتتى ، ماھىرە تۆنۈگۈن ئاخشام يۈز بەرگەن ئىشلارنى غۇۋا ئەسلىدى ۋە ئىشنىڭ تېگىگە يەتتى . ئورنىدىن تۇرۇپ ، مۇنچىغا كىرىپ راسا بىر يۇيۇندى ۋە كىيىملىرىنى كىيىپ ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈشكە باشلىدى ، بىر ھازادىن كېيىن جودا ئورنىدىن تۇردى ، ۋە ماھىرەگە ئاددىيغىنە سالام قىلىپ قويۇپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ يۇيۇنۇپ چىقتى ۋە كىيىملىرىنى كېيىپ بولۇپ ، تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇردى :
    - جۈرۈڭ ، چىقىپ تاماق يەيلى .
    - ماھىرە ئۈندىمەستىن سومكىسىنى ئېلىپ جودانىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى . ئۇلار مېھمانخانىنىڭ پۇل يىغىش ئورنىدا كامىل بىلەن رەنانى ساقلاشقا باشلىدى ، ئالاھەزەل 5 مېنۇتلاردىن كېيىن بۇ ئىككەيلەنمۇ يىتىپ چۈشتى .
    - جۈرۈڭلار ، تاماق يەيمىز ، - جودا تاماكىنى قىڭغىر چىشلىگەچ سىرتقا قاراپ ماڭدى ، ئارقىدىن كامىل ئۇنىڭغا يىتىشىۋېلىپ :
    - ئاداش ، ئاۋۇ رەنا دېگىنىنى قىزمىكىن دەپتىكەنمەن قارا ، - دېيىشىگە جودا سۆز ئاچتى :
   - بولدى سۆزلىمە ، ئۇلار بىلەن پەقەت ئويناپ كۆڭۈل ئاچساڭلا بولىدۇ ، يولىمىزغا ماڭايلى ...
    ماھىرە بىلەن رەنا بىر - بىرىدىن خىجىل بولۇشۇپ كېتىپ باراتتى ، ئارىدىكى جىمجىتلىقنى ماھىرە بۇزدى :
    - ئاداش ، ئەمدى بۇ ئىككىسىنىڭ پېشىنى چىڭ تۇتايلى جۇمۇ .
    - توغرا ئېيتىسەن ، ئەمدى چاپلاشقىنىمىز چاپلاشقان .
    ئىككى قىز بۇ گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە قەدەملىرىنى ئىتتىكلىتىپ جودا بىلەن كامىلغا يىتىشىۋالدى ۋە ماھىرە جودانىڭ ، رەنا كامىلنىڭ قولىدىن قولتۇقلىۋالدى . جودانىڭ ماھىرەنىڭ بۇ قىلىقىغا ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ بىراق سانىيەنى كەلتۈرۈشتە يەنىلا بۇ ئىككى يەمچۈككە تايىنىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۆز يولىغا مېڭىۋەردى ...
    داۋامىنى كەچتە يازىمەن ...        
   


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1316
تۆھپە
918
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 17:45:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ قىزلارنىڭ قىلىپ يۈرگەن قىلىقلىرنى . ئاخىرنى ............


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 17:46:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mehrim يوللىغان ۋاقتى  2011-12-1 17:45
ئاۋۇ قىزلارنىڭ قىلىپ يۈرگەن قىلىقلىرنى . ئاخىرنى .......... ...

خېلى بولۇۋاتقاندەكمۇ يا ؟؟؟


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1316
تۆھپە
918
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 18:01:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ يوللىغان ۋاقتى  2011-12-1 17:46
خېلى بولۇۋاتقاندەكمۇ يا ؟؟؟


شۇ ياخشى  بولغاچقا  تېمىڭىزنى  تولا ئۆرۈپ چۆرۈپ بولدۇق مانا . ئاۋۇ بوۋاقلار  نەدە قالدى شۇ تاپتا سانىيەخاننىڭ پاراڭلىرنىڭ ئېچىگە غەرىق بوپ كەتتۇق .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 18:02:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mehrim يوللىغان ۋاقتى  2011-12-1 18:01
شۇ ياخشى  بولغاچقا  تېمىنىڭىزنى  تولا ئۆرۈپ چۆرۈپ ئولد ...

بوۋاقلارنىڭ پارىڭى كېيىن چىقىدۇ ، ئالدى بىلەن سانىيەنىڭكىنى ئاڭلاپ تۇرۇڭلار .


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 3Rank: 3

تىللا
289
تۆھپە
42
UID
252
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 19:30:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنىڭ ياخشى يەلىرىگە كەپ قالدى .... كەچكىچە تەخىر قىلىپ تۇراي ....ھارمىغايسىز !!!!


Rank: 4

تىللا
171
تۆھپە
116
UID
1072
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 20:37:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ قىزلارنىڭ ھىچبىر ئىشلار خىيالىدا يوقتەكلا ئۇلارغا ئەگشىپ كىتىپ قالدىيا  كۆرىدىغان كۈنى باركەن ئۇ قىزلارنىڭ تېخى ، مۇشۇ تېمىلىرىنى دەپمۇ كىرىمەن  ئالدىراش ئىشلىرىمنى قويۇپ تېزراق يازىلى .


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 22:18:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    داۋامى ...
    ئىككى قىز بۇ گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە قەدەملىرىنى ئىتتىكلىتىپ جودا بىلەن كامىلغا يىتىشىۋالدى ۋە ماھىرە جودانىڭ ، رەنا كامىلنىڭ قولىدىن قولتۇقلىۋالدى . جودانىڭ ماھىرەنىڭ بۇ قىلىقىغا ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ بىراق سانىيەنى كەلتۈرۈشتە يەنىلا بۇ ئىككى يەمچۈككە تايىنىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۆز يولىغا مېڭىۋەردى .
    شۇ كۈندىن باشلاپ جودا بىلەن بۇ قىزلارنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يېقىنلىشىپ كەتتى ، ئۇلار كۈندە بولمىسىمۇ ئىككى - ئۈچ كۈندە بىر ئۆز - ئارا كۆرۈشۈپ تۇراتتى ، بىللە تاماق يەيتتى ، بىللە كىنو كۆرەتتى . ئەلۋەتتە ، ماھىرە شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى جودا بىلەن بىللە قونۇپمۇ قالاتتى . ئالاھەزەل بىر ئايدىن كېيىن ، ماھىرە ئۆزىدە غەلىتە سېزىملارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى ، ئۇنىڭ تۇرۇپ - تۇرۇپلا قۇسقۇسى كېلەتتى ، لېكىن قۇسالمايتتى ، بۇ ئەھۋال كۆرۈلۈپ ئۈچىنچى كۈنى ماھىرە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرەتتى ، نەتىجىدە ئۇنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقى بايقالدى ، ماھىرە بۇ نەتىجىنى ئاڭلاپ ، ھوشىدىن كەتكىلى تاس قالدى ، ئۇ شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىشىنى بىلمەيتتى ، سەل ھازادىن كېيىن ئۇ ئەسلىگە كېلىپ دەرھال جوداغا تېلېفۇن قىلدى ، جودا ئۇنىڭ بىلەن تىببىي ئۇنۋېرسىتېتنىڭ ئالدىدىكى بالىلار باغچىسىدا كۆرۈشتى .
    - نېمە دېدىڭ ؟ بويۇڭدا قاپتىما ؟ - ئۇ شۇ گەپلەرنى ئېيتىپ ئۇياقتىن - بۇياققا ماڭاتتى ، ماھىرە گەپ قىلماستىن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يىغلاپ ئولتۇراتتى .
    - ماڭا تولا يىغلاپ بەرمە ، مەن يىغلىغانلارغا بەك ئۆچ ، ئېيتە قانداق قىلىمىز ؟
    - ئەلۋەتتە ئالغۇزىۋېتىمىزدە ، - ماھىرە مىشىلداپ يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتتى .
    - ئەمىسە ئالدۇرۇۋەتكىن ، - دېدى جودا .
    - بىراق مەندە ئالغۇزۇۋەتكۈدەك پۇل يوق ، - ماھىرەنىڭ يىغا ئاۋازى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى .
    - ھېي پاسكىنا ، مەن سېنى يىغلىما دېدىم ، - جودا بىراقلا ئەپت - بەشرىسىنى ئاشكارىلاۋاتاتتى ، - ئەمسە مۇنداق بولسۇن ، سەن مېنىڭ سېنىڭ ھېلىقى چىرايلىق دوستۇڭ بىلەن تونۇشۇشۇمغا ياردەم قىلىسەن ، شۇندىلا بالاڭنى چۈشۈرۈشكە مەن ياردەم قىلىمەن . بۇ گەپنى ئاڭلىغان ماھىرە چۆچۈپ كەتتى .
    - نېمە ؟ - سەن سانىيەنى دېمەكچىمۇ ؟
    - ئىسمىنى تازا بىلمەيمەن ، ئىشقىلىپ سىلەر بىلەن بىللە كۇرسقا بارىدىغۇ ؟
    ماھىرە شۇ چاغدىلا جودانىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى چۈشەندى ، ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىغا ، جوداغا ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتكەنلىكىگە ئىچ - ئىچىدىن پۇچۇلىناتتى ، قەلبى چەكسىز ئازابلىناتتى ، لېكىن ئامال قانچە ؟ ئەمدى بولغۇلۇق بولۇپ بولغانىدى ، ئۇنىڭ ياشلىرى ئۇنىڭ ئىككى مەڭزىنى سىرغىپ تۆۋەنگە چۈشىۋاتاتتى ، ئۇ خىيالىدا جودا بىلەن چىن مۇھەببەت باغلاشنى ئويلىغانىدى ، بىراق ئۆزىنىڭ جودانىڭ قولىدىكى يەمچۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىنىدا ئۇنىڭغا قاتتىق نەپرەتلەندى ، لېكىن ھازىر جودا ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇۋاتاتتى ، ئۇنىڭ شۇ تاپتا جودانى قانغۇچە ئۇرۇۋالغۇسى ، تىللىۋالغۇسى كېلەتتى ، لېكىن جۈرئەت قىلالمايتتى ، جۈرئەت قىلسىمۇ پۇت - قولىدا جان قالمىغان بولۇپ ، ئولتۇرغان جايىدا ئولتۇرۇپلا قالغانىدى .
    - ئەمسە ئوبدان ئويلىنىپ جاۋابىنى بېرەسەن ؟ - جودا شۇنداق دېگىنىچە تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرغاچ كېتىپ قالدى . ماھىرە جودا كەتكەندىن كېيىن ئۆزىنى قويۇۋېتىپ ھۆڭرەپ يىغلىدى ، ئۆزىگە - ئۆزى نەپرەتلىنەتتى ، بىراق يەنە تۇيۇقسىزلا يىغىدىن توختاپ يېشىنى سۈرتتى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ مەكتەپ تەرەپكە قاراپ ماڭدى .
    ماھىرە ياتاققا يىتىپ كىرىشىگە ئۆزىنى ساقلاۋاتقان رەنانى كۆردى .
    - ئاداش ، يىغلىدىڭمۇ نېمە ؟ نېمە بولدى ساڭا ؟
    - ھېچنىمە بولمىدى ئاداش ، مىجەزىم يوق شۇ .
    - ئىشەنمەيمەن ، سەن راست گېپىڭنى ئېيتقىن ، زادى نېمە بولدۇڭ ؟
    ماھىرە بولغان ئىشلارنى رەناغا ئېيتماقچى بولدىيۇ ، لېكىن ئىچىگە يۇتۇۋەتتى .
    - ھە بىلدىم ، قارىغاندا غەيرەت بىلەن تاكاللىشىپ قاپسەندە ، مەنچۇ قارا ، كامىل بىلەن نەچچە قېتىم دىيىشىپ بولدۇم ، بىراق دېيىشىپ بولۇپ ، بىر كۈندىن كېيىنلا يەنە ياخشىلىشىپ قالىمىز ...
   رەنانىڭ گەپلىرى ماھىرەگە خۇشياقمايتتى شۇنداقلا ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرىپمۇ قويمايتتى ، ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە پەقەت جودانىڭ بايا قىلغان گەپلىرى جاراڭلايتتى .
    - ئاداش ، مىجەزىم يوق ، ئارام ئالايمىكىن دېگەن ، خاپا بولمىساڭ ئەتە كۆرۈشسەك ...
    رەنا ماقۇل دېگەن قىياپەتتە بېشىنى لىڭشىتقاچ سىرتقا قاراپ ماڭدى .
    ماھىرە كىيىملىرى بىلەنلا كارىۋاتقا چىقىپ يوتقاننى بېشىغىچە چۈمكەپ كۆزىنى چىڭ يۇمدى ، ئۇنىڭ بايا تارتقان خورلۇقى كاللىسىدىن زادى ئۆتمەيتتى ، ئۆزىنىڭ ئالدىراپلا جوداغا ئىشىنىپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا بارلىقىنى بېغىشلىۋەتكەنلىكىدىن پۇشايمان قىلاتتى ، ئەمدىكى قەدەمنى قانداق بېسىش كېرەك ؟ ھامىلىنى ئۆزى ئالدۇرۇۋېتىپ ، جودا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بىراقلا ئۈزەي دېسە ئۇنىڭدا ئۇنچىلىك كۆپ پۇل يوق ئىدى ، جودانىڭ گېپىگە كىرىپ ، سانىيەنى ئۇنىڭ بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويۇشقا كۆڭلى تېخىمۇ ئۇنىمايتتى . ئۇ ئۇيان ئويلاپ ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى جودانىڭ شەرتىگە قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولدى ، لېكىن ئۇنىڭ قەلبىدە جوداغا بولغان ئۆچمەنلىك يالقۇنجىغان بولۇپ ، جودادىن ئۆچىنى ئېلىش ئىستىكى قوزغالدى .
    ئەتىسى ئىككەيلەن يەنە بالىلار باغچىسىدا ئۇچراشتى .
    - قانداق ، ئويلىنىپ بولدۇڭمۇ ؟
    - ئويلىنىپ بولدۇم .
    - قانداق قىلماقچىسەن ؟
    - سېنىڭ دېگىنىڭ بويىچە بولسۇن .
    - ئەمسە ماڭا ھۆججەت يېزىپ بەر .
   ماھىرە جودانى بۇنداق قىلار دەپ ئويلاپمۇ باقمىغانىدى ، ئۇنىڭ شۇنچىلىك رەزىل ، قارانىيەت ئىكەنلىكىنى بىلگەن ماھىرە جوداغا چىش - تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەنىدى .
   شۇنداق قىلىپ جودا ماھىرەگە قول قويغۇزۇپ ئىسپات يازغۇزۇۋالغاندىن كېيىن ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ، قورسىقىدىكى بالىنى چۈشۈرگۈزۈۋەتتى ھەمدە بالىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ھەپتىگىچە يوقاپ كەتتى ، ماھىرە بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە دەرسكىمۇ چىقالمىدى ، پەقەت ياتاقتا بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە ياتاتتى ، ئۇنىڭغا يۈز بەرگەن ئىشلار خۇددى بىر قاباھەتلىك چۈشتەك بىلىنەتتى . ماھىرە ياتاقتا ياتقاندا رەنا بىلەن سانىيە ئۇنى يوقلاپ كىردى ، بىراق ئۇلار ماھىرەگە نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيتتى .
    كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى ، ساقال ئەينى چاغدا ئوقۇتقۇچىنى ئۇرۇپ قويۇپ ، بىر مەزگىل ئۆيىدىكىلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئۆيىدىن قاتناپ ئوقۇدى ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ سانىيە بىلەن كۆرۈشۈش ۋاقتى ئازلاپ كەتكەنىدى ، بىراق خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاچقا دادىسىدىن قورقۇپ تۈزۈكرەك سىرتقىمۇ چىقالماي يۈردى ، لېكىن ئۇ بۇ مەۋسۈمنىڭ ئاخىرلىشىشغا ئاز قالغانلىقىنى ، مەكتەپتە يېتىپ تەكرار قىلىمەن دەپ ئۆيدىكىلىرىنى ئالداپ مەكتەپكە كېتەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۈمىدلىنىپمۇ قالاتتى .
    نېمىشقىدۇر بۇ يىل قىش كېچىكىپ كەلدى ، نويابىر ئايلىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئۈرۈمچىدە قار ياغمايۋاتاتتى ، توساتتىن بىر كېچىسى خاسىيەتلىك قار پۈتۈن ئۈرۈمچى شەھىرىنى ئاپئاق لىباسقا ئورىغانىدى . ئەتىسى مەكتەپ ئىچى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى ، مەكتەپ ھويلىسىدا ئوقۇغۇچىلار ئۆز - ئارا قار ئېتىشىپ ئويناۋاتاتتى ، سانىيەمۇ ياتاقداشلىرى بىلەن بىللە مەكتەپ ھويلىسىدا قانغۇچە قار ئېتىشىپ ئوينىدى ، بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۆز - ئارا قارلىق تاشلاپ ئويناشقا ، يەنە بەزىلەر قار مەنزىرىسىدە خاتىرە سۈرەت چۈشۈۋاتاتتى ، ئالىي مەكتەپ ھاياتى نېمىدىگەن گۈزەل ھە !
    قار ياغقان كۈننىڭ ئەتىسى جودا ماھىرەگە تېلېفۇن قىلدى .
    - قانداقراق تۇرىسەن جېنىم .
    - مېنى جېنىم دېمە ، مەن سېنىڭ جېنىڭ ئەمەس .
    - ئۇنداق دەپ كەتمە ، نېمىلا بولمىسۇن بىزنىڭ خۇشال ئۆتكەن چاغلىرىمىز بولغانغۇ ؟
    - ئۇنداق يالغان گەپلىرىڭگە مەن ئىشەنمەيمەن .
    - ئەمسە مەيلى ، ئىززىتىنى بىلمەيدىغان ، - ئەمدى ماڭا ياردەم قىلىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى .
    قانداق ياردەم قىلىمەن ؟ - ماھىرە يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىدى .
    - ۋارقىرىما دەيمەن ، ھېلى بىكار ، - جودامۇ ماھىرەگە ھۈرپەيدى .
    -ھەئە ، نېمە قىلماقچىسەن ؟
    - ھېلى بىكار چاۋاڭنى چىتقا يايىمەن ، مېنى قىلمايدۇ دەپ ئويلىما ، - ماھىرە بالىنى ئالدۇرغان كۈنى جودا دوختۇرخانىنىڭ بارلىق تالون - ھۆججەتلىرىنى ئېلىۋالغانىدى .
    - ئېيتە ، قانداق ياردەم قىلىمەن ؟ - ماھىرە غەزەپتىن تىترەپ كەتكەنىدى ...
داۋامىنى ئەتە يازاي ...     


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-27 18:59, Processed in 0.090674 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991