ئىگىسى: تەڭرىتاغ

ئالماشقان بوۋاقلار ( پوۋېست ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1316
تۆھپە
918
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 16:20:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىيەي شەنبە يەكشەنبىدە  يازمىسام دەپ يۈرەتتىڭىز قىنى بىر  پارچىمۇ يوقيا  تېمىنىڭ داۋامى  ھازىرغىچە  .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1316
تۆھپە
918
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 16:26:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماھىرە بىلەن جودا  قانداق ئىپلاس پىلانلارنى تۇزۋاتقاندۇ؟ بەك بىلگۈم كىلىپ كەتتى مېنىڭ .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2720
تۆھپە
1484
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 17:15:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك تەڭرىتاغ ئەپەندى ئىجادىيىتىڭىزگە زور ئۇتۇق تېلەيمەن. پوۋېسېتنىڭ تېمىسى بەكلا جايىدا قۇيۇلۇپتۇ، بۇنىمۇ بىر ئۇتۇق دىيىشكە بۇلىدۇ. ئاخىرىنى قاچان ئېلان قىلىسز؟ تىزراق بولسىڭىز بۇلاتتى.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 17:17:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىكنىڭ تەقەززا بولىۋاتقانلىقىنى ئۇقىۋاتىمەن ، لېكىن ماڭىمۇ ئازراق ۋاقىت بېرىڭلار ، ئەسەرنى تېخىمۇ قىزىقارلىق قىلىپ يېزىپ چىقىشقا تىرىشىمەن .


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 12:55:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    داۋامى ...
    ماھىرە ھە دېگىنىچە تېلېفوننى قويۇۋەتتى ، ئۇ بۈگۈن كەچ بولىدىغان ئىشلارنى ئويلاپ بىر تەرەپتىن سەل ھودۇقسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى تارتقان دەردلەرنىڭ ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەيدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆڭلى تەسەللىي تاپماقتا ئىدى ... ئۇ شۇ خىياللارنى قىلىپ بولدىدە سانىيەنىڭ ياتىقى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
    ئۇ ئالدى بىلەن رەنانى ئىندەككە كەلتۈرمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى ۋە رەنانىڭ ياتىقىغا كىردى ، ئۇ ياتاققا كىرگەندە رەنا يوتقاندىن چىقماي ئۇخلاۋاتاتتى .
    - ئاداش ، ھېلىغىچە ئۇخلاۋاتامسەن ؟
    رەنا ئېرىنچەكلىك بىلەن كۆزىنى ئاچتى .
    - ھەئە ئاداش ، ئاخشام كامىللار بىلەن بىللە دىباغا بېرىپ ئوينىغان ، شۇڭا بۈگۈن قوپماي ئۇخلىدىمغۇ ...
   - ھەي ، تېز تۇر ، بۈگۈن كەچ غەيرەت ئۆزى سورۇن تەييارلاپتىكەن ، مەن ، سەن ۋە سانىيە ئۈچەيلەننى مېھمان قىلىدىكەن .
   - راستما ؟ رەنانىڭ خامۇش كۆزلىرى يوغان ئېچىلدى .
   - ھەئە ، ئورنۇڭدىن تۇرە ، سانىيەگە بۇ خەۋەرنى دەيلى .
   - ئاداش ، غەيرەت ئىلگىرى بىز ئىككەيلەننىلا چاقىراتتى ، بۇ قېتىم ھەجەپ سانىيەنىمۇ چاقىرىپ قاپتۇغۇ ؟؟
   - ھەئە ، شۇ غەيرەتنىڭ بىر دوستى باركەنتۇق ، ھېلىغىچە مۇھەببىتى يوقكەن ، شۇڭا ئۇنىڭ دوستىنى سانىيەگە تونۇشتۇرۇپ قويغۇسى باركەن ...
   - ھەئە ، - رەنا يەنە ئۇخلاش ئۈچۈن تەمشەلدى .
   - قوپە ئاداش ، ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن ، سانىيە ئۆزى سەل جاھىل دېگىنە ، شۇڭا سەنمۇ ھە - پە دېيىشىپ بەرمىسەڭ ئۇ ئۇنىماي تۇرۇۋالامىكىن .
   - ئۇنىمىسا بارمايلا قويسۇن بولدى ، ئۇنىڭسىز سورۇن قىززىمامتى ؟
   - بولە جېنىم ئاداش ، غەيرەتكە چوقۇم ئېلىپ بارىمەن دەپ ۋەدە بېرىپ قويۇپتىكەنمەن ، ياردەم قىلغىنە ئۇنداق قىلماي ...
    رەنا كۆزلىرىنى يىرتىپ ئېچىپ ئورنىدىن تۇردى ۋە ماھىرە بىلەن بىرلىكتە سانىيەنىڭ ياتىقىغا قاراپ ماڭدى . ئۇلار سانىيەنىڭ ياتىقىغا كىرگەندە سانىيە ئۆگۈنۈش قىلىپ ئولتۇراتتى .
    - ۋاي ئاداش ، بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولسىمۇ ئارام ئالماي ئۆگۈنۈش قىلىپ كېتىپسىلىغۇ ؟ - ماھىرە مەنسىتمىگەندەك سۆز باشلىدى .
   - مەۋسۇم ئاخىرىغا يېقىنلىشىپ قالدى ئەمەسمۇ ، شۇڭا تەكرار قىلىۋاتاتتىم ، - سانىيە بېشىنى كۆتۈرمەيلا جاۋاب بەردى .
   - ئاداش بۈگۈن بولدى قىل ، ماھىرەچۇ قارا ، بۈگۈن كەچ بىزنى ئوينىتىپ كېلىدىكەن ، - دېدى رەنا نايناقشىپ تۇرۇپ .
   - بولدى سىلەر بېرىۋېرىڭلار ، مەن بارماي ئۆگىنىش قىلاي .
   - سانىيە ، بىز دوستقۇ ؟ - ماھىرە سۆز باشلىدى ، ھېلىمۇ خېلى بولدى ، سەن بىز بىلەن پەقەت كۇرسقا بىللە بېرىپلا قايتىسەن ، باشقا ۋاقىتلاردا بىزگە ئارىلاشمايسەن ، لېكىن بىز سېنى دوست دەپ يۈرۈيمىز ، ئەمدى بۈگۈن بىللە ئويناپ كېلەيلى دېسەكمۇ ماقۇل بولمامسەن ؟ - ماھىرە سەل قاتتىق تېگىشكە باشلىدى .
  - خاپا بولمىغىن ، مەن شۇ ئۆگىنىشىمنى قىلاي دېگەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچتە ئادەتتە مەكتەپ سىرتىغا چىقىشنى بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن ، كېيىنچە پۇرسەت بولسا بىللە ئويناپ كېلەمىز ، ياخشى كۆڭلۈڭگە رەھمەت .
   - ئاداش بىللە بارايلىچۇ ؟ - رەنا سانىيەگە يالۋۇرغان قىياپەتتە ...
   - ئاداش مېنى مەجبۇرلىماڭلار ، مەن راستلا بارالمايمەن .
   ئىشنىڭ ئەپلەشمەيۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ماھىرە سۆز ئاچتى :
   - بولدى قىلە ئاداش ، بىز تېخى سانىيەنى بىز بىلەن دوست دەپ يۈرۈپتۇق ، لېكىن سانىيە بىز بىلەن ئارىلىشىشنى خالىمايدىكەن ، يۈرە بولدى ، چىقىپ كېتەيلى ، - ماھىرە شۇنداق دېگىنىچە سىرتقا قاراپ ماڭدى ، رەنامۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى ، ماھىرە كۆڭلىدە سانىيەنى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىقىدۇ دەپ ئويلىغانىدى ، ئەمەلىيەتتە سانىيە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن چىقمىدى .
    ماھىرە بىلەن رەنا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ، سانىيەنىڭ كاللىسى ئېلىشىپ كەتتى ، كىتابقا شۇنچە قاراپ ئولتۇرغان بولسىمۇ ، كاللىسىغا ھېچنىمە چۈشمىدى ، دەل شۇ چاغدا سانىيەنىڭ ياتاقدىشى گۈلنۇر سۆز ئاچتى :
   - ئاداش ، بايا سەل ئاشۇرۇۋەتتىڭمۇ قانداق ؟
   - قانداق دەيسەن ؟ - دېدى سانىيە .
   - ئۇلار ياخشى كۆڭلى بىلەن سېنى بىللە ئويناپ كېلىشكە چاقىرىپ كىرسە ، سەن ئۇلارنى رەت قىلىۋەتتىڭ ئەمەسمۇ ؟
   - جېنىم ئاداش ، لېكىن مېنىڭ كەچتە سىرتقا چىققۇم ، ئۇلار بىلەن بىللە ئويناپ كەلگۈم قەتئىيلا يوق .
   -مەن بىلىمەن ، لېكىن مەكتەپتە ھەممىمىز بىر - بىرىمىز بىلەن ئارىلىشىپ ، ھەمكارلىىشپ ، ئۆز - ئارا ياردەملىشىپ ئوقۇيمىز ئەمەسمۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىدىن - كەچكىچە ئۆگىنىش قىلغاندىن سىرتلارغا چىقىپ ئانچە - مۇنچە كاللاڭنى ئېچىپ كەلگىنىڭمۇ ياخشى ئەمەسمۇ ؟ ئەڭ مۇھىمى ماھىرە بىلەن رەنا سەندىن خاپىلاپ قالدىغۇ دەيمەن ؟
    سانىيە گۈلنۇرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدى ، ئۇ ئۆزىنى بىلگەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بىرەرى بىلەن تاكاللىشىپ باققان ، بىرەرىنى رەنجىتىپ قويغان ئادەم ئەمەستى ، لېكىن بۈگۈنكى ئىش سانىيەنىڭ كاللىسىغا كىرىۋېلىپ ، ئۇنى بىر قىسمىلا قىلىپ قويغانىدى .
    ئۇ بىر ھازا ئويلاندىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ماھىرەنىڭ ياتىقى تەرەپكە قاراپ ماڭدى .
    ماھىرە ياتاققا قايتىپ چىققاندىن كېيىن سانىيەگە ئىچ - ئىچىدىن غەزەبلەندى ، لېكىن ئامال يوقتە ؟ ماھىرە سانىيەنىڭ بارمايدىغانلىقىنى غەيرەتكە بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن قولىغا ئەمدى تېلېفوننى ئېلىشىغا سانىيە كىرىپ كەلدى .
    - ئاداش ، بايا خاپا بولمىغىن ، بوپتۇ ، سىلەر بىلەن بارسام باراي .
    - راستما ؟ - ماھىرە خۇشاللىقىدا سانىيەنىڭ ئىككى قولىدىن چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ .
    - ھەئە ، لېكىن ئۇزۇن ئولتۇرمايمەن .
    - رەھمەت سانىيە يۈزۈمنى قىلغىنىڭغا .
    - ھېچقىسى يوق ، ئەمسە مەن چىقىپ كەتتىم ، ماڭار چېغىڭلاردا چاقىرىۋالاسىلەر .
   ماھىرە تەكەللۇپ بىلەن سانىيەنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ ، جوداغا تېلېفۇن قىلدى .
   - ئىش پۈتتى .
   - ھە ياخشى ، ئەمدى ئىككىنچى قەدەمنى ياخشى بېسىشقا تەييارلىق قىلغىن .
   ئۇلار قىسقىغىنىلا پاراڭلاشتى ، ماھىرەنىڭ چىرايىدا يەنىلا بىر خىل ئەندىكىش ۋە خۇشاللىق ئەكس ئېتەتتى .
    ماھىرە بىلەن رەنا چۈشتىن كېيىن تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ياتاققا كىرىۋېلىپ ، قايسى كىيىمنى كېيىدىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى ، ئارقىدىن ئولتۇرۇپ نەچچە سائەتلىك گىرىمنى باشلىۋەتتى ، ئۇلار گىرىملىرىنى قىلىشىپ ئۆزىگە ياراشقاندا ، ئاللىبۇرۇن قاش قارايغان بولۇپ ، تەييارلىقلىرىنى تولۇق پۈتتۈرۈشكەن ئىككى قىز ئىگىز پاشىنىلىق ئاياغلىرىنىڭ ئاۋازىنى بولۇشىغا چىقىرىپ سانىيەنىڭ ياتىقى تەرەپكە قاراپ ماڭدى .
    ئۇلار سانىيەنىڭ ياتىقىغا كىرگەندە سانىيە ئۆگىنىش قىلىپ ئولتۇرغان بولۇپ ، ئىككى قىز بۇنى كۆرۈپ سۆز باشلىدى :
   - ۋاي ئاداش ، بولدى قىلغىن ، ئەمدى كۆرمە ، يۈرە ماڭىمىز .
   -ھە ، توختاڭلار چاپىنىمنى كىيىۋالاي .
   ئۈچ قىز ياتاقتىن چىقىپ پەلەمپەي تەرەپكە قاراپ ماڭدى . دەل شۇ چاغدا سانىيەلەرنىڭ ياتىقىدىكى تېلېفون ئەنسىز جىرىڭلاپ كەتتى . بىر ھازادىن كېيىن گۈلنۇر ياتاقتىن بېشىنى چىقىرىپ كېتىپ بارغان ئۈچ قىزغا قاراپ ۋارقىدىرى .
   - سانىيە ، تېلېفون ...
   - ھە مانا ، سانىيە يۈگۈرگىنىچە ياتاققا كىرىپ تېلېفوننى ئالدى .
   - جېنىم بالام ، مەن ئاپاڭ .
   - ھە ئاپا ، قانداق ئەھۋالىڭىز ، ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟ مەن تېخى ئەتە بىراقلا يېڭى يىلىڭىزنى مۇبارەكلەپ سىزگە تېلېفون قىلاي دېگەنىدىم ، مەن تېلېفون قىلغۇچە مانا ئۆزىڭىز قىپسىز .
   - جېنىم بالام ، مەن ئەزەلدىن نامازشام ۋاقتىدا ئۇخلىمايتتىم ، بۈگۈن نېمە بولدى ، كۆزۈم ئۇيقۇغا بېرىپ مۈگدەپ قاپتىمەن ۋە كىچىككىنە چۈش كۆرۈپتىمەن ، چۈشۈمدە سەن ئىگىز بىر تاغنىڭ ئۈستىدە ئۆزۈڭ يالغۇر يۈرگۈدەكسەن ، يا تاغدىن چۈشەلمىگۈدەكسەن ، يا ئاۋازىڭنى چىقىرىپ ۋارقىرىيالمىغۇدەكسەن ، تۇيۇقسىز چۆچۈپ ئويغىنىپلا مەھەللىمىزدىكى تېلېفونخانىغا چىقىپ ساڭا تېلېفون قىلىۋاتىمەن ، سەن ئۆزۈڭ تېنچ - ئامان تۇرۇۋاتقانسەن ؟
   - جېنىم ئاپا ، خاتىرجەم بولۇڭ ، مەن ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتىمەن ، مېنىڭدىن ئەنسىرىمەڭ ، سىزنى قارا بېسىپ قاپتۇ ، ھى ھى ھى ...
   - شۇنداق ئوخشايدۇ بالام ، لېكىن ئۆزۈڭگە بەك دىققەت قىلغىن ، كوچىغا چىقىپ قالساڭ سەدىقە بېرىۋەتكىن ، خۇدايىم سېنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن ، ئەمسە يەنە كۆرۈشەرمىز بالام ...
   - خاتىرجەم بولۇڭ ئاپا ، مەن چوقۇم سىز دېگەندەك قىلىمەن ، ئەتە يېڭى يىل كۈنى سىزگە ، دادامغا قايتىدىن تېلېفون قىلاي ھە ، ئەمسە خوش ، ئاللاغا ئامانەت . - سانىيە شۇنداق دېگىنىچە تېلېفوننى قويدى ۋە تېلېفونغا چاقىرىپ قويغان گۈلنۇرغا رەھمەت دەپ قويۇپ سىرتقا قاراپ ماڭدى .
    - بولە ئاداش ، ئادەمنى بەك ساقلاتتىڭ ،- دېدى ساقلاپ تاقىتى تاق بولغان رەنا .
    - مانا ، مانا ، ئۆيدىن تېلېفون كەپتىكەن ، شۇڭا سەل ھايا بولۇپ قالدىم .
    ئۈچ قىز ياتاقتىن چىقىپ مەكتەپ دەرۋازىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى ، ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق باسقان بولۇپ ، ئاسماندا ئايمۇ كۆرۈنمەيتتى ، سانىيە كېتىۋېتىپ ئاپىسىنىڭ كۆرگەن چۈشىنى ئېسىگە ئېلىپ قالدى ، ئۇ گەرچە خۇراپىي ئىشلارغا ئۇنچە بەك ئىشىنىپ كەتمىسىمۇ لېكىن كۆڭلىگە ئازراق غەم چۈشۈپ قالغانىدى . دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ قىزلار بىلەن بارغۇسى قەتئىي كەلمىدى ، بىراق ئامال قانچە ؟ ئۆزى چۈشتىن بۇرۇن ئاتايىتەن ماھىرەنىڭ يېنىغا كىرىپ ماھىرەگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئەمەسمۇ ؟ سانىيە ئاخىرى قىزلار بىلەن بىللە بېرىش ، ۋە يېرىم سائەتلەر ئولتۇرۇپ قايتىپ كېتىشنى كۆڭلىگە پۈكتى . قىزلار مەكتەپ دەرۋازىسىغا يېقىنلاشقاندا سانىيە تۇيۇقسىز :
    - توختاپ تۇرۇڭلار ، پارچە پۇل بارمۇ ؟
   - نېمە قىلىسەن ؟ - دەپ سورىدى ئىككى قىز تەڭلا .
   - ئاپتوبۇسقا ئولتۇرىدىغان پارچە پۇل تەييارلىۋالماپتىكەنمەن ، ساقلاپ تۇرساڭلار پۇلۇمنى پارچىلىۋالاي ...
   - ئوھۇش ، نېمە دەيدىكىن دەپتىمەن ، مۇشۇنداق كۈندىمۇ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرامدۇق ؟ بولدى بۈگۈن سېنى ئۆزۈم ئاپىرىمەن دېگەندىكىن ، سېنى تاكسىغا سېلىپ ئاپىرىمەن . خاتىرجەم بولۇپ كەينىمىزدىن ماڭساڭلا بولدى .
    سانىيە ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ جىم بولدىدە قىزلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى ، قىزلار مەكتەپ ئالدىغا چىقىپ تاكسىدىن بىرنى توسىدى ، ماھىرە ئالدىغا ، رەنا بىلەن سانىيە كەينىگە چىقتى ، ماھىرە شوپۇرغا دېدى :
   - << بۈيۈك دۇنيا >> بەزمىخانىسىغا ھەيدەڭ .
    سانىيە ماھىرەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ سەل چۆچۈدى ، لېكىن ئىككى دوستىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ جىم بولدى ، يەنە كېلىپ بۇ ئۇنىڭ بىرىنچى قېتىم تاكسىغا ئولتۇرۇشى ئىدى ، مەكتەپكە يېڭى كەلگەن چاغلاردا ، ئۇ يوللاردا كېتىۋاتقان تاكسىلارنى كۆرۈپ ، شۇ تاكسىلارغا ئولتۇرغان كىشىلەرگە ھەۋەس قىلغان ۋە ئولتۇرۇپ باققۇسى كەلگەنىدى ، مانا بۈگۈن ئۇ تاكسىغا ئولتۇردى ، قەلبى شادلىققا تولغانىدى .
    رەنا بولسا تاكسىدا ئولتۇرۇپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىنىڭ بۇنچىلىك كۆڭۈللۈك ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى ، تېخى تۆنۈگۈنلا كامىللار بىلەن ئويناپ كەلگەن رەنا بۈگۈن يەنە ئوينىغىلى چىققانلىقىدىن چەكسىز خۇشال ئىدى .
    ماھىرە بولسا سائىتىگە پات - پات قاراپ قوياتتى ، گەرچە بۈگۈن ئوينىغىلى ماڭغان بولسىمۇ بىراق << بۈيۈك دۇنيا >> بەزمىخانىسىغا ئاز قالغانسېرى ئۇنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ ، جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتى ...

    داۋامى ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ ...   


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 1

تىللا
18
تۆھپە
14
UID
2655
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 13:36:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىڭىز بەك ياخشى چىقپتۇ، ئاخىرىنى تېزراق يازغان بولسىڭىز.  
ھارمىغايسىز.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
ھايات
تىللا
373
تۆھپە
56
UID
9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 15:33:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى ھە تېز-تېز...


ماڭا نېمە تىلىسەڭ، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىككىسىنى ساڭا بەرسۇن

Rank: 2

ئىسىمى
تۇرسۇنئاي سۇلتان
تىللا
73
تۆھپە
27
UID
246
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 16:37:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ  جىددىيلىشىپ كېتىۋاتىمەن. ۋاقتىڭىزنىڭ قىسلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا ئاخىرىغا قىزىققاچقا ئالدىرىتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1316
تۆھپە
918
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 16:40:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سانىيەنى قايسى قىسمەتلەر  كۈتۈپ تۇرۋاتقاندۇ ؟


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 8Rank: 8

تىللا
504
تۆھپە
224
UID
50

تەڭرىتاغ گۈزىلىمېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 17:23:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېز!!


قەلبلەر مۇھەببەتكە  تولسۇن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-27 19:01, Processed in 0.067803 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991